ئوكيان تورىنىڭ مەقسىدى ھەققىدە ئىككە ئېغىز سۆز

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-19 15:59:51

تونۇشلار دائىم دىگۈدەك مەندىن: ئوكيان تورىدا نىمە ئۈچۈن شەخسلەرنىڭ، يەنە كېلىپ چەتئەل شەخسلىرىنىڭ تەرجىمىھالى كۆپرەك دەپ سوراش بىلەن بىللە «شەخسلەر تەرجىمىھالى بەك زېرىكەرلىك، ئۆتۈپ بولغان...

       تونۇشلار دائىم دىگۈدەك مەندىن: ئوكيان تورىدا نىمە ئۈچۈن شەخسلەرنىڭ، يەنە كېلىپ چەتئەل شەخسلىرىنىڭ تەرجىمىھالى كۆپرەك دەپ سوراش بىلەن بىللە «شەخسلەر تەرجىمىھالى بەك زېرىكەرلىك، ئۆتۈپ بولغان ئادەملەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ بۇ تەرجىمىھال ۋە تارىخلار يەنىلا بۈگۈن نەق ئەسقاتىدىغان بەزەن مۇنازىرىلەردەك ئادەم جەلپ قىلمايدۇ» دىيىشتى.
      ئىلىم-پەن تارىخچىسى سارتون مۇنداق دەيدۇ : بىر پادىچى كولورادو جىلغىسىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ھەيۋەتلىك يەر شەكىللىرى ۋە يارداڭلىقلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ھالدا « بۇ يەردە نىمە ئىش يۈز بەردى؟!» دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ... ئەمەلىيەتتە تارىخقا قىزىقمايدىغانلار ئۈچۈن بۇ يەردە ھىچ ئىش بولغىنى يوق. شۇ تاپتا ھەممە نەرسە جىمجىت. بۇ يەرنىڭ گىئولوگىيىلىك تارىخى دەل كولورادو جىلغىسىدا نىمە ئىش بولغانلىقىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى. خۇددى شۇنىڭدەك پەن تارىخى دەل ئەتراپىمىزدىكى يېڭىلىقلار ، دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى قاتارلىق ھەل قىلغۇچ مۇھىم مەسىلىلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى.
      دەل شۇنداق. بىزدە يەنە نۇرغۇن ئادەملەر يېڭى نەرسىنى كۆرسە ھەيران بولىدۇ ۋە ئوخشاشلا بۇ يېڭى نەرسىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى مەۋجۇت بولۇش پىرىنسىپى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ... مۇنازىرە ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش ئادىل سوتچى ئالدىدىكى سوت مەيدانىدا بولىدىغان ئىش. ئوكيان تورىدا شەخسلەر ۋە تارىخ-جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىنى كۆپرەك بېرىشتىكى مەقسەت- كىشىلىرىمىزنى ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرۈپ گۇۋاھ بولۇشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە چاقىرىش ئۈچۈن ئىگىزگە چىقىرىپ پەستە نىمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشتىنلا ئىبارەت. كۆزى ۋە ئەقلى بار ئادەم كۆرسىلا بولدى، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. كۆرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىپ گەپ تالىشىشقا ئامراق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشتىن باشقا چارە يوق. يەنە باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ شەخسلەر ۋە تارىخى نەرسىلەرنى سۆزلەشتىن مەقسەت- جەمىيەتتە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەن تارىخىغا قارىتا بىلىش پەيدا قىلىپ ھىچ بولمىغاندا ئىزدەنگۈچىلەرگە قارىتا ئۇيغۇر تىلىدا كىچىككىنە پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
      شەخسلەر ھەققىدە ھىكايە سۆزلەنسىلا مېنىڭ ئويلايدىغىنىم بىز ئات مىنىپ ھۇن يايلاقلىرىنىڭ قوشنىلىرىنى پاراكەندە قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا ئالەمنىڭ يۇمىلاقلىغى ئۈستىدە ئىسپاتلاش ئېلىپ بارغان ئارىستوتىل، بىز ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇشۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ بېشىدا مۇنار ياسىشىپ يۈرگەندە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ۋە ۋە بىر نەچچە ھەركەت قانۇنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان نىيۇتون ئېسىمگە كېلىدۇ. ھازىرغۇ بىرەرسى بىزدىن ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن كومپىيۇتېر ياسىيالمايدۇ دىسە بىز ھەر خىل تارىخى، ئىقتىسادى سەۋەپلەرنى كۆرسىتىمىز، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ئارىستوتىل ياشاپ يۈرگەن چاغلاردا بىزنىڭ كەيپىياتىمىز، تارىخى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز يۇناننىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. ئارىستوتىل يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىغىنى ئىسپاتلاشتا بىز ھازىر قىلالمايدىغان ئۈسكۈنە ياكى ئىقتىسادقا ۋە ياكى مۇرەككەپ فورمۇلالارغا ئېھتىياجلىق بولمىغان، پەقەت« ناۋادا يەر شارى يۇمىلاق بولمىسا غەرپتىكى ئادەم ۋە شەرقتىكى ئادەم قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ پاتقانلىقىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلىگەن بولاتتى. ياكى بولمىسا قۇياش ۋە ئاينىڭ يەر شارى بىلەن ئارىلىقى ئاساسەن مۇقىم بولمايدىغان بولسا قۇياش شەرقتىكىلەرگە نىسبەتەن روشەن ھالدا ئەتىگەندە چوڭ، چۈشتە كىچىك بولۇپ كۆرۈنگەن بولاتتى» دىگەن پىكىرنىلا ئاساس قىلغان ئىدى. ئوخشاشلا نىيۇتۇنمۇ ئالمىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي يەرگە چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ يەرنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقىغاندىمۇ ھىچقانداق ئىقتىساد ياكى مۇرەككەپ تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ساناقسىز فورمۇلالارغا ئېھتىياجلىق بولغان ئەمەس....
       پەن تارىخچىلىرى ئالەم يارالغاندىن ئارىستوتىلغىچە دەۋرنى بىرىنچى دەۋر، ئارىستوتىلدىن نىيۇتونغىچە بولغان دەۋرنى ئىككىنچى دەۋر، نىيۇتوندىن ئېينىشتېينغىچە بولغان دەۋرنى ئۈچىنچى دەۋر دەپ قاراپ ھازىرقى بارلىق تېخنىكا ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئېينىشتېيندىن باشلايدۇ. ئەمما قورقۇنچلۇق بولغىنى ئېينىشتېيىنغىمۇ يۈز يىل بولۇپ قالدى. يۈز يىل ئاۋالقى ئەجدادلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ غايەت زور پەرق بار ، بىراق بىز تېخى ئېينىشتېيىننىڭ يېڭى بىر دەۋرنىڭ-ئاتوم بومبىسى ۋە ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساس بولۇپ قالغان نىسپىلىك نەزەرىيىسىنى كۆرىدىغان بولساق بىز نىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ، كۈزىتىش ئۇسۇلىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ زو پەرق بارلىقىنى بىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى تەرەققى تاپقان ئەللەردىن يۈز يىل ئەمەس 500يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئارقىدا قالغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.
      ئۇيغۇرلاردا ساۋاتلىقلار نىسبىتىمۇ نىيۇتۇن دەۋرىدىكىدىن قېلىشمايدۇ. دۇنياۋى دوكتۇرلار ئاز بولسىمۇ ھەر ھالدا يوق ئەمەس. بىراق گەپ بىلىم ئىگەللەشتىلا ئەمەس، بىز بالىلارغا ئەينى دەۋردىكى ئوكىسفورد ۋە كامبىرىجدا ئۆگىتىلىدىغان بىلىملەرنى ھازىر تولۇقسىز ئوتتتۇرا مەكتەپتىلا تامام قىلىپ بەرگىنىمىز بىلەن ئەشۇلار بەرگەن پەن ئىشتىياقى ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىنى بېرەلىدۇقمۇ؟ كىتاپتا كۆرگىنى بويىچە ئەمەس، 500يىل بۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان نۇرغۇن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى يېنىك تەپەككۈرىگە تايىنىپ يېشىپ بېرەلىگۈدەك، تەپەككۈر قىلالايدىغان، تەپەككۈر قىلىشنى بىھۇدە ئىش دەپ قارىمايدىغان ئادەمدىن بىزدە قانچىلىكى بار؟ نوپۇس، ئېتنىك ئامىل، ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە ھەر ھالدا بىر مۇستەقىل ناتۇرال ئىگىلىكى بار ئېتنىك مىللەتلىك شەرتىمىز تولۇپ تېشىپ تۇرۇپتۇ، بىراق ياۋروپانىڭ ئەدەبىيات سەنئەت دەۋرىدىكى ئويغىنىش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش پۈتۈن خەلققە دىگۈدەك ئۇمۇملاشقان بىر پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەركىتى تېخى بىزدىن نۇرغۇن يىللار يىراقتا تۇرماقتا... بىر مىللەتتە بىرەر يۈز دوكتۇرنىڭ بارلىققا كېلىشى، بىرەر يۈز شائىر ياكى مۇتەپەككۈرنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەرگىز ئۇ مىللەتنىڭ قاشاقلىق بىلەن خوشلاشقىنى ئەمەس، ئادەم تەپەككۈر قىلىش جەريانىدا مۇھىت ۋە جەمىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى يۈزلىنىشى بىۋاستە بىر بۈيۈك شەخسنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. دىمەك پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يۈز ياكى مىڭ ئادەمنىڭ ئويغىنىشى بىلەن ئەمەس بەلكى يۈزمىڭلىغان ھەتتا مىليۇنلىغان پىكىر قىلالايدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىققا كېلىش ھەركىتى. يۈز ئادەم ياكى مىڭ ئادەم ئويغانسا دەۋر ئۇلارنى «قىزىغان داشقازانغا چۈشكەن تامچە ياغدەك» بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ، بىراق مىليۇن ئادەم ئويغانغاندا بولسا دەۋرنىڭ چاقى شۇلارنىڭ قولىدا چۈگىلەشكە، ھىچ بولمىغاندا توختاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق دۇنيادا سىياسى ۋە ھەربى ئىشلار تارىخىنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ سىياسى تارىىخنىڭ كەينىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى، ۋاقىت ۋە ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولمايدىغان ئىقتىساد، ئەدەبىيات، سەنئەت، دىن ۋە پەن تېخنىكا تارىخىنىڭ جەمىيەت تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە بىۋاستە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئۇنچىلا تەس ئەمەس. بىر مۇھىم ئۇرۇشنىڭ نەدە، نىمە سەۋەپتىن يۈز بەرگەنلىكىگە، ھەتتاكى بىزنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقىمىزغا قارىغاندىمۇ ئىنسانىيەت تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى، بىزنى بىرىنچى قول پايدىلىق ئىلگىرلەشلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا پەن تارىخچىسى سارتون« پەن-تارىخىلا ئىنسانىيەت تارىخىنى ھەقىقى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۈگۈنكى ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىماسلىقى -تەبىئەتكە ۋە ئۆزىگە بولغان تونۇشى چوڭقۇرراق بولغان بىر بۆلۈك بىلىملىك، قانداق تەپەككۈر قىلىشنى بىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان» دەپ قارايدۇ. پەن تارىخى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىدىن ئىبارەت. پەن تارىخىنى بىرەر مىللەت يالغۇز ياراتقانمۇ ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن پەن-ئىنسانلارنڭ ئورتاق بايلىقى. پەن تارىخى بولسا بۇ بايلىق دەرىخىنىڭ يىلتىزى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى پەن تارىخىغا پەقەتلا قاتنىشىپ باقمىغان بىر بۆلۈك مىللەتلەرمۇ بار. بىز مۇشۇ مىللەتلەر قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك!

        ئاخىرىدا پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش تارىخىدىكى شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش بىلەن بىللە باشقىلارنى ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشنى تەشەببۇس قىلىمەن ۋە يەنە شۇ سارتوننىڭ 1912-يىلىدىكى بىر ئېغىز سۆزى بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. « پەن خەلقارالىق بولۇپ مەڭگۈ ئىنسانىيەتكە مەنسۈپ. پەن يەتمەكچى بولغان ھەقىقەت نۇرى ئىنسانىيەتنى بىرلىشىشكە ۋە ياخشىراق ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پەن پۈتكۈل مەدەنىيەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ ئىجتىمائى مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بىر تۈپ دەرەختۇر. پەن دەرىخىنى ساغلام ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىكىر ئېقىمى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى يارىتىشىمىز كېرەك. دەرەخ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزىنى ئۆستۈرگەن ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە تۇپراققا جاۋاپ قايتۇرۇپ مۇھىت ۋە تۇپراقنى ياخشىلاپ، يىلتىزى تەرەققى قىلغانغا ئوخشاش پەن دەرىخىمۇ ئۆسۈش جەيانىدا مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ. (پەن تارىخى دەل پەن دەرىخىنىڭ يىلتىزىنىڭ ئۆسۈش جەريانىدۇر) پەن تارىخى ئىنسانىيەتكە خۇراپاتلىق ۋە بىخۇتلۇقنى باتۇرلۇق بىلەن تۈگىتىش، پىكىر قىلىش ۋە پەن تارىخىدىكى شەخسلەرنى بىلىش-چۈشىنىشكە ئىنتىلىش، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ھورۇنلۇق ۋە جاھىللىقتىن باشقا بارلىق ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە يول قويۇش لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ. بىز ھەرقاچان پەننىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئۇمۇملاشقان ، پەن تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر توپىدىلا تەرەققى قىلالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك».

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.