ئەدەبىيات بىزگە قانچىلىك زۆرۈر؟

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-21 08:45:30

ئەدەبىيات-سەنئەت بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس، بايلىقىمىز، دىگەندەك سۆزلەر مەتبۇئاتلاردا مودا بولۇپ ئەسلىدىنلا كىتاپ ئوقۇماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتقانلارغا تېپىلغۇسىز ھىكمەتلىك سۆزگە ئايلانغانلىق...

         ئەدەبىيات-سەنئەت بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس، بايلىقىمىز، دىگەندەك سۆزلەر مەتبۇئاتلاردا مودا بولۇپ ئەسلىدىنلا كىتاپ ئوقۇماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتقانلارغا تېپىلغۇسىز ھىكمەتلىك سۆزگە ئايلانغانلىقتىن، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم ئەدەبىيات ھەققىدىكى تېمىلاردىن قىلچە زوق تاپالماي ئەدەبىيات زادى بىزگە كېرەك ئەمەس ئوخشىمامدۇ دەپ قېلىۋاتقانلىقتىن بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئەدەبىيات بىر ئادەمنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدار ، ياخشى-يامانلىق قارىشى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان ۋە نامايەن قىلىدىغان، يەنىمۇ مۇھىمى شۇ ئادەمنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى لوگىكىلىق ئىقتىدارىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان ، شۇنداقلا ئىلىم-مەرىپەتنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئاساسى ھىساپلىنىدىغان مۇھىم ساھەدۇر.
        بىلىمنىڭ كىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس نېمەت ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بىلىمى يوق ئادەم قوپال، بىچارە ھەم بەختسىز بولىدۇ . ئەدەبىيات بولسا بىلىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائى ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ بىلىمنى چۈشىنىش ئىقتىدارى، بايان قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن سىرت مەنىۋى ھىس -تۇيغۇلارنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. دەسلەپكى ئىپتىدائى ئەدەبىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى، يېزىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئىنسانىيەت مەرىپىتىنىڭ -بىلىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. قەدىمقىلەر ئىپتىدائى ئەدەبىيات بولغان چۆچەك شەكلى ئارقىلىق بالىلارغا باتۇرلۇقنى، ئالۋاستىلارغا قارشى تۇرۇشنى ئۆگىتەتتى. ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا چۆچەك ئوقۇپ بەرمەيدۇ، نەتىجىدە بالىلارنىڭ ھەق-ناھەق قارىشىنىڭ يېتىلىشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراپلا قالماي ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى تولۇق يېتىلمەيدۇ. ئەلبەتتە، ئادەمنى بالا ۋاقتىدا بىلىملىك قىلىدىغان نەرسە ھازىر مەكتەپكە ئايلاندى، ئەمما بالىلار مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن يەنە ئۇنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان نەرسە -ئەدەبىياتنى ئۆزىنىڭ رەھبىرى قىلىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغىنىدا ئۇلاردىكى جانلىق ھېسسىيات، ئوتلۇق مۇھەببەت، ئۆز ھاياتىنى جۇلالىتىشقا بولغان ئىشتىياق تولۇق يېتىلمەيدۇ، مەكتەپتە ئون نەچچە يىل زۆرۈرىيەت بىلەن ئۆگەتكەن نەرسىلەر نۇر چاچماي تۇرۇپلا خىرەلىشىدۇ ھەتتا شۇ مەكتەپتەكە ئۆگىنىش ھاياتى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەرىپەت ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ-دە ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئىلگىرلەش ھاياتىنى شۇ ئىزدا توختىتىدۇ.
        بىزگە تونۇش بولغان يەنە بىر مىسالنى ئالايلى، روسىيە ھازىر قۇدرەتلىك ۋە باي دۆلەت. ئەمما چار پادىشاھ پىتىرنىڭ ئەۋۋىلىدە رۇسلار شۇ قەدەر زۇلمەتلىك كۈن كۆرگەنكى ، ئۇلار ئانچە بىلىملىك ۋە ئاڭلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن موڭغۇللارنىڭ مەسخىرىسىگە دۇچ بولغان، شۇ دەۋردە رۇسلاردىن بىرئاز مەرىپەتلىك بولغان تاتارلار بولسا قازاندىن تارتىپ موسكۋا چېگرىسىغا قەدەر ئارىلىقتا رۇسلارغا نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە رۇسلارنى خالىغانچە تۇتۇپ ئاپىرىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ساياھەتچى ئەرەپلەرگە قۇل قىلىپ ساتقان ئىدى. بىراق پىتىردىن كېيىن باشلانغان مەرىپەت ھەرىكىتى ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى رۇسلارنى ئۆزگەرتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تاتارلارنى مەڭگۈلۈك بويسۇندۇردى. دۇنيادىكى كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
       مەرىپەتنىڭ پەزىلىتى يالغۇز خەلقنى پاراۋان ۋە قۇدرەتلىك قىلىشلا ئەمەس. بىلىم كىشىگە شۇ قەدەر بىر لەززەتلىك تۇيغۇ ۋە ئىشەنچ بېرىدۇكى بۇنى ھەر بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم سېزىدۇ. بەزىلەر «بۈگۈنكىدەك كۈندە بىلىم ئىگەللىگەننىڭ نىمىگە پايدىسى ياكى بىلىم ئىگەللەشكە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە پۇل مەندە يوق . بىلىم ئىگەللىگەن تەقدىردىمۇ ئەھۋالىمدا كۆپ ئۆزگىرىش بولۇشى ناتايىن» دەپ قارايدۇ.
       مەرىپەتلىك بولۇشتا، كىشىلەرنى بىلىمگە ئىنتىلىدىغان روھقا ئىگە قىلىشتا ئەڭ كۈچلۈك نەرسە يەنىلا ئەدەبىيات . چۈنكى تانكىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، لېكن شۇ تانكىنى ياساش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئىرادە ، كەسپچانلىق ۋە مىقتەك ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش روھىنى ھەتتاكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش روھىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، بۇلارنى خەلققە پەقەت ئەدەبىياتلا بېرەلەيدۇ. ئەدەبىياتى يوق خەلق قوپال-جاھىل كېلىدۇ. ئەدەبىيات قانچىكى كۈچىيىپ كامالەتكە يەتسە خەلقمۇ شۇنچىلىك ئاڭلىق بولىدۇ. بىز ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ دۇنيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، ياۋروپادا قايسى دۆلەتنىڭ ئەدەبىياتى كۈچلەنسە ئۇزۇن قالمايلا شۇ مىللەتتە پەلسەپە ۋە تەبىئى-ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا كامالەتكە يېتىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭمۇ تېز تەرەققى قىلىپ خەلقنىڭ مەرىپەتلىك جەمىيەتكە- باياشاتلىققا ئۆتىدىغانلىقى دانتىدىن كېيىنكى ئىتالىيە، شىكىسپېردىن كېيىنكى ئەنگىلىيە، گىيۇتىدىن كېيىنكى گېرمانىيە، پوشكىندىن كېىيىنكى روسىيە ۋە لۇشۇندىن كېيىنكى جۇڭگۇدا كۆرەلەيمىز. بىزدە ئابدۇخالىق ۋە لۇتپۇللادىن كېيىنكى ، زۇنۇن قادىردىن كېيىنكى ئەدەبى ئويغىنىشمۇ مۇشۇنداق بولغان ئىدى. ئەمما تۈرلۈك ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋايىغا يېتەلمىدى، ھەممە سۇنۇپ-سۇنۇپ توختىدى. شۇنداقتىمۇ بىز ئەدەبىياتقا بولغان دىققەتنى تاشلىساق بولمايدۇ. دۇنيادا بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى بولمىسا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى بولمايدۇ.
       كۆپىنچە كىشىلەر تەبىئى پەن ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئىلىم ئىگىسى دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەرمۇ ئەدەبىياتنى كارغا يارىماس نەرسە دەپ قاراپ تەبىئى پەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ بىراق ئۆزلىرىمۇ تەبىئى پەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايدۇ ياكى يازمايدۇ. ئەمەلىيەتتە تەبىئى پەن ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىيات، ھەركەت بىلەن تۇيغۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ يەنى ئىلمى ئەسەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ياكى جىسىم تەسۋىرلىنىدۇ ياكى ئەسلى بار نەرسىلەرنىڭ پىرىنسىپى ۋە قوللىنىش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ، بىراق ئەدەبىياتتا قانداق ھېسسىيات، قانداق تۇيغۇ ئاستىدا، قانداق قىلش ۋە قانداق ھىس قىلىش، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشلار ئەمەلى مىسال ئارقىلىق ، قىزىقارلىق بەدىئى ئوبرازلار ئارقىلىق جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك ئەدەبىيات ئەڭ ئاۋال ياخشى-ياماننى ، ھەق-ناھەقنى گۈزەللىكنى توغرا بايقاپ ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، پىكىر قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن كىشى كۆپ ھاللاردا ياخشىلىققا ۋە گۈزەللىككە مېھىر باغلىغان، ھىسىياتقا ۋە ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ.
       ئەدەبىياتنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇ قەدەركى ئىنسان ئەسلىدە ھورۇن بولىدۇ، بىلىم ئىگەللەشنى خالىمايدۇ، ئەدەبىيات ئۇلارنى روھلاندۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەتكە كۆندۈرىدۇ، كىشىلەر ئەدەبىياتتىن ھالقىغاندىن كېيىنلا ئاندىن باشقا پەنلەردىكى ، مۇرەككەپ تەبىئى پەن بىلىملىرىگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ئادەتلىنەلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىزگە ئەدەبىيات-سەنئەت كېرەك ئەمەس، تەبىئى پەن كېرەك دىيىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى شۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئىقتىدارنى ئەدەبىياتتىن ئالغانلىقىنى يۈزسىزلىك بىلەن ئۇنتۇيدۇ، ھەقىقەت شۇكى بىزدىكى ئەدەبىيات تەبىئى پەنلىرىمىزدىنمۇ بەتتەر بىچارە...بىزدە ھەقىقى ئەدەبىياتچىلار بەك ئاز، ئەدەبىياتچىلار ماددى جەھەتتىن تەبىئى پەنچىلەر بەھرىمەن بولغاندىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلىدىنلا تاياق-توقماققا يېقىن ئەدەبىيات سەنئەتنى ئۆز ئىچىمىزدىن تاياق توقماققا قويۇش ئۆز پۇتىغا كەكە چېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قېنى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز شۇ قەدەر تەرەققى قىلىپ تويۇنۇش باسقۇچىغا يەتتىمۇ؟ بىزنىڭ تەبىئى پەن ساھەسىدە ناھايىتى ئاز بولسىمۇ چەتئەلدە نەتىجە يارىتىۋاتقان دوكتۇرلىرىمىز بار، بىراق قېنى قايسى بىرى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ياۋروپا ئامېرىكىدىكى بىرەر نوپۇزلۇق مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق ئېلىپ باقتى؟ قېنى كىم ياۋروپا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا بىرەر رومان ياكى ھىكايە ئېلان قىلىپ باقتى؟
        بىر مىسال: ئويلاڭچۇ ، نىمە ئۈچۈن قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇستەبىتلەر مۇستەملىكىلەرنى بويسۇندۇرغىنىدا ئەڭ ئاۋال ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى دۈشمەن بىلىپ يوقىتىدۇ؟
        كىشىلەرنى ئەڭ ئاۋال ھەققانىيەتكە ئۈندەيدىغىنىمۇ ئەدىپلەر بولىدۇ، ھەقىقى ئەدىپلەر يول ئاچقۇچىلارغا ئوخشاش ئىدىيە تارقىتىدۇ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار نامراتلىق ھەتتا تاياق توقماق ئاستىدا ياشايدۇ، تەبىئى پەنچىلەر بولسا ھەر قانداق دۆلەت ۋە سىياسەت ئاستىدا ھۈنەرۋەن سۈپىتىدە بايلىققا ئوخشاش ئەتىۋارلىنىدۇ. روھى ئويغانمىغان، تەپەككۈرى ۋە ھەق ناھەق قارىشى يېتىلمىگەن ئەلدە تەبىئى پەننىڭ تەرەققى قىلىشى ئەسلا مۈمكىن بولمايدۇ، بولغاندىمۇ ئۇ پەقەت چولتا، ياكى پىسخىك بىنورماللىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا ۋە تېيىز تەبىئى پەن بولىدۇ.
        بىزدە تەبىئى پەن ساھەسىدىكى بىر نەچچە ئالىم بارلىققا كەلدى، پەن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى بولغاچقا ئۇلار ھازىر باشقا ئەللەردە باشقا خەلقلەر ئۈچۈن تەر تۆكمەكتە، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا بىز دۇنيادىكى ھەرقانداق ئەلدىن بەكرەك ئىلىم-پەنگە تەشنامىز، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئەدەبىيات ئەڭ ئاۋال پەقەت ۋە پەقەت بىز ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە. بىزگە ئاشۇنداق ئالىملارنى تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنى قايتىدىن كىتاپ ئوقۇشقا يېتەكلىيەلەيدىغان، خەلقنى قايتىدىن قولىدىن كىتاپ چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان قىلالايدىغان، راۋان تىل ئارقىلىق تەسىر قىلىش ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەدەبىيات لازىم.
        بىلىشنىڭ ھىچقايسى تۈرى بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بىزدە ھەممىلا پەن ئارقىدا قېلىۋاتقان شارائىتتا بىز ھەممىلا پەننىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە ئەدەبىياتنىڭ بارلىق پەنلەرنىڭ دەسلىپى ۋە جەمىيەت ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەينىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى توختاتماسلىقىمىز لازىمكى ھەرگىز ئەدەبىياتنى چەتكە قېقىپ كىشىلەرنى ئەدەبى كىتاپ ئوقۇماسلىققا دەۋەت قىلىدىغان، ئەدەبىيات ھەققىدە پىكىر قىلىش ۋە سۆزلەشتىن توسۇش ئارقىلىق تەبىئى پەن ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشتەك نادان ۋە ئەخمىقانە تەشەببۇستا بولماسلىقىمىز لازىم. پەننىڭ ھەر بىر تۈرى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا ئوخشاش، بىرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يەنە بىر تۈرنى كېرەكسىزگە چىقىرىۋېتىش ئۇچىغا چىققان نادانلىق. مۇكەممەل تەن ئۈچۈن بىرمۇ ئەزا كام بولسا بولمىغىنىدەك مۇكەممەل ئەل ئۈچۈن پەننىڭ ھىچبىر تۈرى كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمما ئەزالارنىڭ رولىدا پەرق بار. روھ ساغلام بولمىسا بەدەن ساغلاملىقىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
       مېنىڭچە بىزدىكى تەبىئى پەننى ئىجتىمائى پەنگە دۈشمەن قىلىپ قويۇش، پەقەتلا پەننىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدىغان نادان كىشىلەرنىڭ بىردەملىك خاتا خۇلاسىسى ياكى باشقىلار ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ مېنىڭ نېنىمنى تارتىۋالمىسۇن دەپ قىزغىنىپ مەن بولسام يېتىدۇ، باشقىڭلار باشقا ئىش قىلىڭلار دىگەندىكى قورۇقچىلىق قىلىش نەيرىڭى. بىز كىشىلەرنى ئەدەبىياتقا يېتەكلىشىمىز، گىراماتكىسى قوپال، تىلى مۇرەككەپ،ۋە تېمىسى ناچار، كىشىلەرنى ئەدەبىياتتىن بەزدۈرىدىغان، شۇئارۋازلىق خاراكتىرىدىكى ساختا ئاتالمىش ئەدەبىيات ئەمەس بەلكى ئىنتايىن ئەمەلى بولغان، رىيال تەسۋىردىكى گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرگە قاتتىق مېھرى باغلاشنى ئۆگىتىدىغان، كىشىلەرنى كىتاپ ئوقۇشقا قايتىدىن يېتەكلىيەلەيدىغان، ئەدەبىياتنىڭ راۋان ۋە سەمىمى ، ئاددى ۋە تەسەۋۋۇرغا باي روھىنى داۋاملاشتۇرغان، دۇنيادا ئۇمۇىلاشقان ئەدەبىياتقا يېتەكلىشىمىز لازىم. مەدرىس ئەدەبىياتى ياكى ئوردا ئەدەبىياتى ئەمەس، ھەر بىر ياخشى ئەدەبى كىتاپ مانا مۇشۇ شەرتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئورۇنلايدۇ. ئەدەبىيات كىشىلەرنىڭ پىكرىگە ۋە قەلبىگە تەسىر قىلىشتىن ئىرادىسىگە ئايلىنىشقا قەدەر جەرياننى بېسىپ نىمىنىڭ ھەقىقەت ۋە نىمىنىڭ گۈزەل، نىمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تارىخ ۋە تەبىئى پەن كىتاپلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغاندا ، ئۇلارنى خۇددى تەرتىپلىك ئەدەبى جۈملىلەرنى ئوقۇغاندەك تەرتىپلىك ئىش قىلىدىغان، تەرتىپلىك باشقۇرىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان قىلىدۇ. پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاخىرقى مەقسەت ھاسىل بولىدۇ. شۇئارۋازلىقتىن خالى بولغان، نەزىرى كەڭ يازغۇچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئەدەبىيات كىتاپخاننىڭ قەلبىگىلا تەسىر قىلىپ قالماي ھەتتا ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىدۇ، سەگەك قىلىۋېتىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئىنسان ھاياتى ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىرادىگە يېتەكلەيدۇ. كىتاپخاندا ئالىجاناپ چۈشەنچە ۋە تۇيغۇ قوزغايدۇ. نۆۋەتتە بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغىنى قايتىدىن چەتئەلنىڭ نادىر ئەدەبى ئەسەرلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ تەپەككۈر ئۇسۇلىمىزنى يېڭىلاش ، بىزنى كىتاپقا مۇھەببەت باغلايدىغان، بىلىشنىڭ ۋە ھىسىياتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، پىكىر قىلىشنىڭ نىمە پايدىسى دەپ قارىمايدىغان قىلالايدىغان، ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى قايتا ئويغانغۇچىلار. بىزگە زۆرۈر بولۇۋاتقىنى ئەدەبىيات ۋە ساۋات خاراكتىرلىك نەزىرىيەلەر ئارقىلىق، بىزنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىدىغان، بىزگە روھ ۋە ئەقىل بېغىشلايدىغان ئونمىڭلىغان پەننى ئۇمۇملاشتۇرغۇچىلار.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.