ئەدەبىياتىمىزغا تەرجىمان كېرەك(مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 09:25:21

ئەدەبىياتىمىزغا تەرجىمان كېرەكمۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان كۆپ قىسىم گۈللىنىش ۋە خاراپ بولۇشتىن ئىبارەت تۈرلۈك قىسمەتلەرنى بىشىدىن كۆچۈ...

    ئەدەبىياتىمىزغا تەرجىمان كېرەك
    مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن



       ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان كۆپ قىسىم گۈللىنىش ۋە خاراپ بولۇشتىن ئىبارەت تۈرلۈك قىسمەتلەرنى بىشىدىن كۆچۈرۈپ خورىماس بۇلاقتەك ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ئۇلىشىپ كەلدى. كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك نادىر ئەسەرلەر يېزىلدى. شائىر، ئەدىبلەر تارىخ بىتىدىن ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئەدەبىياتىمىزدا مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللىنىش بارلىققا كەلدى.

        بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇ ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق مەيلى پوئىزىيە بولسۇن مەيلى پروزا بولسۇن مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا، ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ  ئادىتى پسىخىكىسى، تەپەككۇرى، ئىنتىلىشى، ئىتىقادى، كىيىم - كېچەك، يىمەك - ئىچمەك، جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئارزۇ - ئارمانلىرى، قايغۇ - ھەسرىتىنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇن ئۆلمەس تىپلار يارىتىلدى. مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە بەزى ئەسەرلەر دۇنياۋى سەۋىيىگە يېقىنلاشتى. بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان 100 دىن ئارتۇقراق رومان، 500 گە يېقىن پوۋېست ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان، لەرزىگە سالىدىغان ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئابدىرىھىم ئۆتكۈرنىڭ  «ئىز، «ئويغانغان زىمىن»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانلىرى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»، «قىيامەتتە قالغان سەھرا»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» «ئوربېتا»، نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «شەھلا كۆز» قاتارلىق پوۋېستلىرى، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «تاڭ لېرىكىلىرى»، ئىمىن ئەخمىدىنىڭ «سۆيۈنگەن يىللار» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان تىپىك ئەسەرلەردۇر. ناۋادا بۇ ئەسەرلەر ئېنگلىز، نىمىس، روس ياكى باشقا تىللارغا تەرجىما قىلىنسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى تامامەن باشقىچە بولغان بولاتتى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ دۆلەت، مىللەت چىگرىسىدىن ھالقىيالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى تىل مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ھازىرقى شارائىتتا ئىقتىدارلىق ئاشۇ بىر ئەۋلاد يازغۇچى، شائىرلىرىمىزغا ئاۋال تىل ئۆگىنىپ، دۇنيادا ئاساسلىق تىلدا بىۋاسىتە ئەسەر يېزىش تەلىپىنى قويغىلى بولمايدۇ. ئەمما بىزدە ناھايىتى ئىقتىدارلىق تەرجىمانلار بار.

     

        ناۋادا بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتىمىز دەيدىكەنمىز ئىقتىدارلىق ئاپتورلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قابىلىيەتلىك، تالانتلىق تەرجىمانلار قوشۇنىنىمۇ يىتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئادەتتە  قىرغىزلارنىڭ سانى بىزدىن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن بىرلا چىڭغىز ئايتماتوپ قىرغىزلارنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. چىڭغىز  ئايتماتوپ ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولۇشىدا ئاساسلىقى ئايتماتوپ ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە روس تىلىدا يازغانلىقى، شۇنداقلا تەرجىمانلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا ئايتماتوپ ئۆز ئەسەرلىرىنى قىرغىز تىلىدا يازغان ھەم باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىغان بولسا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ ھازىرقىدەك شۆھرەتكە ئىرىشەلمىگەن بولاتتى.


         نەچچە يىل ئالدىدا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى باش بولۇپ تۈزۈپ چىققان ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان «سالغا تېشى» ناملىق توپلام نەشردىن چىققاندىن كېيىن خەنزۇ كىتابخانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. داڭلىق شائىر جۇتاۋ يازغان كىرىش سۆزدىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە تالانتلىق شائىرلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەيران قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەگەر بۇ توپلام خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان بولسا، خەنزۇ كىتابخانلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىقتىدارلىق شائىرلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرگەن بولاتتى. ياش شائىر ۋە ئەدەبى تەرجىمان جاسارەت تاش تەرجىمە قىلغان شېكىسپىر سونىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا شۇنچە جەزبىدار، ھېسسىياتقا شۇنچە تويۇنغان ھالدا تەرجىمە قىلىنىشىمۇ تەرجىمانلىرىمىزنىڭ زور بەدىئىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

     

        ھازىر بىرقىسىم تەرجىمانلىرىمىز دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بەزى ئەسەرلەرنى ئېنگلىز تىلىدىن بىۋاسىتە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىمىزنى ئېنگلىز ياكى باشقا دۇنياۋى تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىرىدىن قانچىلىك. بۇ بىزگە ئايان، ئېنگلىز تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەسەر تەرجىمە قىلغىلى بولغانئىكەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىمۇ ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىلار جەمئىيىتى، تەرجىمانلار جەمئىيىتى باش بولۇپ تەرجىمانلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مىللەت، دۆلەت چىگرىسىدىن ھالقىتىشنىڭ ئاساسىنى تىكلىشى كېرەك. ئۆز ئەسەرلىرىمىزنى بىر ئادەم ئۆز خاھىشى بويىچە مەشھۇر ئەسەر دەپ رەتكە تىزىپ ماختىنىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ يۈرگەن بىلەن مۇشۇ ماكان، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلمىسە بۇ بىز ئۈچۈن ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس. دەرۋەقە بۇنىڭدا دەسلىپىدە بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار بولۇشى مۇمكىن. بىراق يىقىن كەلگۈسىدە ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز كۈچلۈك بولغان تەرجىمانلار قوشۇنىغا تايانماي مۇمكىن ئەمەس. ھازىر بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ياخشى ئەسەر يوق دەپ ئاغرىنىۋاتىمىز. مېنىڭچە بۇنداق ئاغرىنىشنىڭ ئانچە ئاساسى يوق. بىزدە ھازىر ياخشى ئەسەرلەر بار. بىراق ياخشى ئەسەرلەرنى مىللەت، دۆلەت چىگرىسىدىن ھالقىتىدىغان ئىقتىدارلىق تەرجىمانلىرىمىز كەم. بىز دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقساق ئۇلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنىڭ بىزنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسىگە يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ بەلكى بىزدىكى خاتا تۇيغۇ ياكى راستىنلا يەتمەيدىغاندۇ. راستىنى ئېيتقاندا بىزدىمۇ نادىر ئەسەرلەر ئاز ئەمەس. ناۋادا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاشۇ بىرقىسىم ئەسەرلىرىمىز دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنسا ئىدى دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغان بولاتتى. ئەپسۇسكى بۇ پۇرسەت بىزگە تېخى نىسىپ بولمىدى.

          يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر نەچچە يىل ئالدىدا پەرھات جامال بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىدە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئاۋال ئۆز مىللىتىمىزگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى. مەمتىمىن ھوشۇر بۇ سۆزىدە ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تەپەككۇرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەدەبىياتنى ئۆز مىللىتىمىزگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ ئۆزى دەل دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى بولدى. چۈنكى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئەسەردە ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتمىسە بۇنداق ئەسەرنىڭ ئانچە زور تەسىرى بولمايدۇ. دۇنياغا يۈزلەنگەن ئەسەرلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەر بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلە ئەلۋەتتە تەرجىمانلىرىمىزغا  ئايان. تەرجىمانلىقمۇ ئوخشاشلا ئىجادىيەت. پەقەت ئىجادىيەت قوشۇنى بىلەن تەرجىمە قوشۇنى بىر مەقسەت ئۈچۈن ئۇيۇشقاندىلا ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.