«سېھرلىك ئېنگىلىز تىلى» غا يېزىلغان ئىلاۋە

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-02-25 03:38:00

بۈگۈنكى دۇنيادا 6000خىلدىن ئارتۇق تىل بار، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى مەتبۇئات ۋە مائارىپتا قوللىنىلىۋاتقان تىل200گىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن...

        بۈگۈنكى دۇنيادا 6000خىلدىن ئارتۇق تىل بار، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى مەتبۇئات ۋە مائارىپتا قوللىنىلىۋاتقان تىل200گىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادى كۈچى، ئۇنۋېرسال ساپاسى ۋە نوپۇسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، ئۇچۇر ۋە ئىقتىسادى ساھەدىكى ئورنى تۈپەيلى كېڭىيىپ تارىيىدىغان بولغاچقا دۇنيادا ئالى مائارىپ ۋە يۇقىرى پەن–تەتقىقات تىلى بولۇۋاتقان تىللاردىن بىر نەچچىسىلا بار.
       دۇنيا سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق ئىنگىلىز تىلى قوللىنىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە پەن –تېخنىكا ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم ئىلگىرىلەش ھالىتىدە تۇرغانلىقى تۈپەيلى ئىنگىلىز تىلى دۇنيادىكى ئىقتىساد، ئۇچۇر ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى مونوپول قىلىۋالغان، باراۋەر رىقابەتچىسى يوق تىل بولۇپ قالدى.
    ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش شەرقتىكى ئىقتىسادى چوڭ دۆلەت ياپونىيىدىن تارتىپ، غەربتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ%25ىنى ئىگەللەيدىغان ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگىچە، شىمالدىكى ئىسكىموسلاردىن تارتىپ، جەنۇبى ئافرىقىدىكى زولولارغىچە ئەڭ ئەقەللى مائارىپ بوسۇغىسىغا ئايلاندى.
     بۈگۈنكى دۇنيادا گەرچە ئىنگىلىز تىلىنى ئانا تىل قىلغانلارنىڭ نوپۇسى خەنزۇ ۋە ئەرەب تىلىدىن كېيىن 3-ئورۇندا تۇرسىمۇ ئەمما ئىنگىلىز تىلىنى ئانا تىل قىلغان دۆلەت رايونلارنىڭ ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.
    دۇنيادىكى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ %80ى، ب ب د ت قاتارلىق خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئېنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ %90ى، خەلقارا نوپۇزلۇق پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ %85 نەشىر بۇيۇملىرى ئىنگىلىز تىلىدا ئىپادىلەنگەندىن سىرت، دۇنيادىكى بارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەسلى كودى %100 ئەنگىلىزچە يېزىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرقايسى قىتئەلەردىكى ئىنگىلىز تىلى ئانا تىل بولمىغان 78دۆلەت ۋە رايون ئىنگىلىز تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان، دۇنيادىكى ھەممىلا دۆلەت دىگۈدەك ئىنگىلىز تىلىنى ئىككىنچى تىل ياكى ئالدىن ئوقۇتۇلىدىغان تىل قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردە 300مىليون ئادەم ئىنگىلىز تىلىدىن ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان، 100مىليون ئادەم ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقا ئىنگىلىز تىلى بىلەن ئورۇن تالىشىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر فرانسۇز تىلىمۇ خۇددى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى شىراك ئۇھسىنىپ ئېيتقاندەك فرانسۇزلار بىلەن گېرمانىيىلىكلەر بىر يەرگە كەلسە ئىنگىلىزچە سۆزلىشىشكە مەجبۇر بولىدىغان دەۋر بولۇپ قالدى، ئامېركىلىقلارمۇ 2050يىلغا بارغاندا يەر شارى نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ.
    ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىنگىلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىۋاتقان ، ئەمما يەر شارىلاشقان،كۈنسېرى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان قۇدرەتلىك ئىنگىلىز تىلى ئىمپېرىيىسىگە قانداق كىرىشنى بىلەلمەيۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئەلۋەتتە يەنە 20يىلدىن كېيىن ئىنگىلىز تىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ... ئەمما ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئىنگىلىز تىلى مۇھىم دەرسلىك قىلىنغىنى يوق، تىل ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى زايە قىلىۋەتكەن پەرزەنتلىرىمىز كەلگۈسى رىقابەتكە قانداق يۈزلىنەر؟
    ئىنگىلىز تىلىنى ئۆلچەملىك ئۆگىنىش ئۇنى ئانا تىلى قىلمىغان مىللەتلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئېغىر ئۆتكەل بولۇپ قالدى.
    تولۇق يېتىلمىگەن، تىل ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلمىغان بىر ياشلىق كىچىك بالا  تۆت ياشلارغا كىرگۈچە ئەجىر قىلمايلا ئۆز تىلىدا ئاساس سالىدۇ. ئەمما تولۇق يېتىلگەن، تىل ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان چوڭلار شۇنچە ئەجىر سىڭدۈرۈپمۇ نىمە ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشى تەس بولىدۇ؟ ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىپ ئەجىر قىلمايلا بالىلار ئانا تىلىنى ئىگەللىگەندەك ئاسانلىق بىلەن ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟
    مەدەنىيەت زومىگىرى دەپ نام ئالغان ئامېرىكا دېسنى شىركىتى، ئامېرىكا مائارىپشۇناسلىرىغا بالىلار پىسخولوگىيىسى ۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن دەرسلىك يازغۇزۇپ،  ئۆزىنىڭ نادىر ئوبراز بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بازارغا سالغان «سېھرلىك ئىنگىلىز تىلى»، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ئارقىلىق ئىنگىلىز تىلىنى ئەڭ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك ئۇسۇلدا ئۆگىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
    ئاساسەن پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئۈنۈمسىز كۇرسلار بالىلارنىڭ ئارام ۋاقتىنى ئىگەللىۋېلىش بەدىلىگە پەرزەنتىڭىزنى ئۆگىنىشتىن بەزدۈرىۋەتتى، ئەمدى ئۇلارنى ئويناپ يۈرۈپ ئۆگىنىش قىلىدىغان ھالەتكە، ئۆگىنىش قىلغانسېرى خوشال بولىدىغان ھالەتكە «سېھرلىك ئىنگىلىز تىلى» دىن باشقا قانداق دەرسلىك ياردەم قىلالىسۇن؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېنگىلىز تىلى