ناخشىچىلىق سەنئىتىمىزدە زادى نىمە كام؟

يوللىغۇچى : turgun2005 يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-17 22:15:54

ناخشىچىلىق سەنئىتىمىزدە زادى نىمە كام؟ بىزلەر ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۈسلۇبىىدىكى ناخشىچىلىق سەنئىتىمىز ۋەناخشچىلىرمىز رايۇنىمىزدا ياخشى تەرەققى قىلىش ۋ...

     ناخشىچىلىق سەنئىتىمىزدە زادى نىمە كام؟  

     

            بىزلەر ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۈسلۇبىىدىكى ناخشىچىلىق سەنئىتىمىز ۋە   ناخشچىلىرمىز رايۇنىمىزدا ياخشى تەرەققى قىلىش ۋەزىيىتگە ئىرشەلمەيدۇ  ؟ئابدۇللا ئابدىرېھىم نىمە ئۈچۈن چەتئەلدە داڭلىق ناخشا كونسىرىتلىرنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ؟تاركاننىڭ پىلاستىنكىلىرى نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسيادا ۋە رايۇنىمىزدا  كەڭ تارقىلىش مۇھىتىغا ئىرشەلەيدۇ؟ يۇلتۇز ئوسمانىۋا نىمە ئۈچۈن تۇركىيە يۋرۇپالاردا شۇنداق قارشى ئېلىندۇ؟---مىنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن! يېقىندا تاركانننىڭ ، يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ ۋە قازاقىستاندىكى قازاق قاتارلىق باشقا قېرىنداش مىللەت ناخشىچىلىرىنىڭ  ئىشلىگەن پىلاستىنكىسى سۈپەت ،تېخنىكا جەھەتتىن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ! ئەلۋەتتە بىزدىمۇ بار لىكىن بۇ ئىنتايىن ئاز !بۇ يەردە مەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  ناخشىچىلىق كەسپىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى چىقىش قىلىپ ئازراق مۇلاھىزە يۈرگۈزگۈم كىلىپ قالدى.ھەممىگە مەلۇمكى يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ بەزى ناخشىچىلىرمىز  دۆلەت ئىچىگە يۈزلەنگەن بولسىمۇ ،ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى.مەدىنيەت جەھەتتە بىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىىك(ئىچىكىرى ئۆلكىلەرنىڭ) مەدىنيىتىدىن  يىراق بولغاچقا ،بۇ خىل بازارنى كۆزلەپ ناخشا ئېيىتساق ،تەبىئى ھالدا خەنزۇچە ئېيىتقان ناخشىلىرمىزنىڭ كۆپ قىسمى كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتەلمىدى.بىزنىڭ ناخشىچىلىرمىزنىڭ ئاز بىر قىسىم ناخشىلىردىن باشقا  كۆپ قىسىم ناخشىلىرى ناخشا تۈسى،ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئاسمىلاتسىيە بولدى،يەنى ئىچكىردىكى بازارنى كۆزلەپ ئېيىتقان ناخشىلىرمىز ۋە ياخشى كۆرگەن ناخشىچىلىرمىز يۇرتىمىزدا كەڭ دائىرىلىك ئىتراپ قىلىشقا ئىرشەلمىدى.  مەسلەن :ئەسقەر،ئەركىن قاتارلىقلار.ئەكىسچە يۇرتىمىزدا قارشى ئېلىشقا ئىرىشكەن ناخشىلىرمىز ھازىرقى زامان خەنزۇ ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېتىپ بېقىۋىدى ئىچكىردىكىلەر ياراتمىدى ياكى ئۈنۈمى كۈڭۈلدىكىدەك بولمىدى.مەسلەن :ئابدۇللا،ئىززەتلەر !  ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە بۇ ناخشىچىلىرمىزنىڭ مىللى ناخشا تەرەققىياتچىلىقىمىزغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلمايمەن،ئۇلار ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ سۈيۇملۈك ناخشىچىلىرى!   ئەمما تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئويلۇنۇپ،ئەمىليەتكە نەزەر سېلىپ باقايلى!

     

    ناخشىچىلىرمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىسى خەلىقىمىزنىڭ مەنۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش! خوش،ئۇنداقتا خەلقىمىزنىڭ مەنۋى ئىھتىياجى نىمە؟----ئالدىنقى يىللاردا نىمە ئۈچۈن ھىندىستان سەنئىتى قارشى ئېلىندۇ؟ھازىرمۇ نىمە ئۈچۈن خەلىقىمىز ئارسىدىكى تەسىرى يوقالمايدۇ؟ئوخشاشلا ئۆزبەكلەرمۇ ھىندىستان ناخشىلىرنى ياخشى كۆردۇ؟----نىمە ئۈچۈن ئىزچىل تۈرۈك، ئۆزبەك ناخشىلىرغا بىز ئامراق؟ بۇھەرگىز «شارۇلخان»ننىڭ چىرايلىق ،قاملاشقان بۇلشى ياكى كىنودىكى رول ئېلىش تالانتى يۇقىرى بولغانلىقىدىن بولمىسا كېرەك؟ يەنە بىر نوقتا شۇكى ھازىر غا قادەر ھوللىۋەدنىڭ تېخنىكىلك ،يۇقىرى بېلەت كېرىمى يارتىۋاتقان كىنولىرى ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنالمىدى؟----شۇنىسى ئېنىقكى ئەكىسچە بىزدە  مەدىنيەت جەھەتتە ئوخشاشلىقى بولغان تۈرۈك كىنولىرى يۇقىرى دەرجىدە قارشى ئېلىنماقتا.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى مەيلى ھىندى كىنولىرى ،ياكى ئۆزبەك ،ياكى تۈرۈك كىنولىرى بولسۇن ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن قىممەت قارشى  ،پىرسۇناژلارنىڭ ھىسياتى،ئۆرۈپ-ئادىتى،دىنى ئىتقادى،ھەتتا مەسىلللەرگە بولغان قارشىسىدا  بىز ،يەنى بىزنىڭ تاماشىبىنلىرمىز ،خەلقىمىز  بىلەن زور ئوخشاشلىقلار  مەۋجۇت.ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى بىز ياخشى كۆردىغان ئاھاڭلارغا يېقىن.ناخشىلىردا ئەكىس ئەتكەن مۇزىكىلق تىلنى بىز چۈشنەلەيمىز ،زورئىستىتىك زوخ ئالالايمىز!بەزىلەر قارسىغىلا ياشلىرمىزنى ئەيىپلەشتى،يەنەبەزىلەر «شارىلخان»نى تىللاشتى،بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ،چۇنكى بىزنىڭ ياشلىرمىز،بىزنىڭ چۆچەكلىرمىزنى،داستانلىرمىزنى،مۇقاملارمىزنى بىلىدۇ،ئۇنىڭ روھىدا تەربىيلەنگەن،ئۇلارنىڭ كاللىسدىكى ئىنتىلدىغان قەھىرمانلارنىڭ خارەكتىرى،ئاڭلاشنى خالايدىغان ناخشىلار ئۇلارنڭ دۆتلىكى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىققان ئىھتىياج!  بىزنىڭ ھازىر شارائىتىمىز چەكلىك ،ئەمما بىزدە ئەۋزەل شارائىتلار بار،يەنە مەدىنيەت تىل جەھەتتە ئورتاقلىق بولغان ، سەنئەت مەدىنيىتى جەھەتتە ئوخشاشلىقى بولغان، ئاسان ئاچقىلى بولدىغان بازارلارنى ۋە ئۆز خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسنى چۈشنۈپ ناخشا ئېيىتساق ،خەلقىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە،يۇقىردا دىيىلگەن ئوتتۇرا ئاسيا، جەنۇبى ئاسيا، غەربى ئاسيادىكى بازارلارنى ئاچالايمىز !مەن بۇيەردە شۇنداق بىر فاكىتنى ئوتتۇرغا قويماقچى،80-يىللاردا كىنوچىلىقىمىز نىمە ئۈچۇن ئۆزبەكىستاندا زور ئالقىشقا ئىرشەلەيدۇ؟«ئارتىس بۇلۇشنى خالىمايدىغان قىز»نىمە ئۈچۈن تۇركىيدە داڭلىق مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولالايدۇ؟----بىز فاكىتىنى ئىتراپ قىلىشمىز كېرەك.ھەم سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىدىكى توغرا يۆنىلىشنى ئېگەللىشمىز لازىم.خەلىقنىڭ سەنئەت پىسخىكىسنى چۈشنۈپ،ئۆزئىھتىياجىمىزنى بىكىنمىچىلىك ئىچىدە قاندۇرۇش ئىچىدە ئەمەس بەلكى تەرەقىيات ،يۇقىرى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،ئاچقىلى بولغانلىكى بازارنى ئېچىپ ئىقتىسادى ئۈنۈمنىمۇ ،ئىجىتمائى ئۈنۈمنىمۇ قولغا كەلتۈرشىمىز لازىم!


      مەن ئويلايمەن،بىزنىڭ ناخشىچىلىق سەنئىتىمىز تېخىمۇ كۆپ ئويلۇنۇشقا ۋە ساقلانغان مەسىللەرنى كۆپ نوختىدىن تەتقىق قىلىشقا مۇھتاج! بۇلۇپمۇ ئىقتىساد شۇناسلىق،جەميەتشۇناسلىق ،مەدىنيەتشۇناسلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەنئەتنىڭ ھەرقايسى نوقتىسدىن تەتقىق قىلىشقا ، زۆرۈر تېپىلغان ئىجىتمائى كۈچلەر ،ھۈكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە ئىزدىنىشكە تېخىمۇ مۇھتاج! ئېنىقكى بۇيەردىكى ئىزدىنىش ئۇنداق ئاددى ئىزدىنىش ئەمەس ـــــ ئەلۋەتتە!

      

      ئاپتۇر:نەنجىڭ تەبىئى-پەن سانەئەت پەنلىرى ئۈنۈۋېرسىتى  تۇرغۇنجان ئېلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.