قانداق قىلغاندا ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

يوللىغۇچى : Hellolife يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-23 15:44:28

قانداق قىلغاندا ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ مەمتىمىن ئەلا (مەزكۇر ماقالە ئەسلى ئىزدىنىش تورىدىكىسۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ مەن قىممىتى بار دەپ قارىغاچقا بۇ يەرگە يول...

      قانداق قىلغاندا ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟
    مەمتىمىن ئەلا
    (مەزكۇر ماقالە ئەسلى ئىزدىنىش تورىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ مەن قىممىتى بار دەپ قارىغاچقا بۇ يەرگە يوللىدىم )


     

      ئالدى بىلەن مۇشۇ "ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ!" دېگەن چاقىرىقتىكى "دۇنيا" دېگەن ئاتالغۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتەيلى. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز، يەنى خۇددى ئەتراپىمىزدا تولۇپ ياتقان نۇرغۇن ئابستراكت ۋە قۇپقۇرۇق شوئارلارنىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكىگە كەمدىنكەم سوئال قويۇپ باققۇچىلار، ئوخشاشلا بۇ شوئارنىڭمۇ مەنىسى ھەققىدە كەمدىنكەم ئويلىنىپ باقتۇق. بۇنىڭدىكى "دۇنيا" نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ يەردىكى "دۇنيا" دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى دۆلەتلەرنى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىلا كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ بۇ قارىشىمنىڭ ئەنئەنىچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن، بۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلايلۇقكى، پەقەت غەربتە ئېتىراپ قىلىنغان ئەدەبىياتلا "دۇنياغا" يۈزلەنگەن بولىدۇ. غەربتىكى غايەت زور تەتقىقات مەئەسسەسىلىرى، ئەدەبىياتتا يۇقىرى تەربىيە كۆرگەن كىتابخانلار ۋە نەشرىيات سودىگەرلىرى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن ئەسەرلەرلا ئاندىن دۇنياغا تونۇلالايدۇ.
        بىرەر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ غەربتىكى بىرەر مۇھىم تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ "دۇنياغا يۈزلىنىشى" نىڭ باشلىنىشى خالاس. ئۇ يەنە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشى، ئۇ ھەقتە ماقالىلەر يېزىلىشى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. "دۇنياغا يۈزلىنىش" نىڭ ئاخىرقى يولى يەنە بىرەر خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتۇر.
    ئەلۋەتتە مەن شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەنكى، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قىممىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان بولىدۇ. مانا مۇشۇ قىممەت ۋاقىتتىن، تىلدىن ھالقىغان ۋە ھەتتاكى باشقىلارنىڭ باھالىرىغا پەرۋاسىز قارىيالايدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى باشقىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ئارتقۇرۇلىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپىدۇر. ئېھتىمال ھېچقانداق بىر يازغۇچى ئەسىرىنى ئۆزى ئوقۇش ئۈچۈنلا يازمىسا كېرەك، شۇنداقلا ئۇ ئۇنى بىرەر ئالاھىدە كىتابخانىڭلا ئوقۇشى ئۈچۈن يازمايدۇ. يازغۇچى ئەسەرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاخىرلىشىدۇ: يازغۇچى ئۆز ئەسىرىگە "ئىگە" بولالماي قالىدۇ. دەل مۇشۇ ئايرىلىش يازغۇچىنى ئەسىرىنىڭ قانداق قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلالمايدىغان ئورۇندا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا ئۇ ئۆز ئەسىرى ھەققىدە ئاپتورلۇق سۈپىتىدە سۆزلەش ئەركىنلىكىنى ساقلاپ قالالىسىمۇ ھەمدە ئۇنىڭ سۆزلىرى مەزكۈر ئەسەر ھەققىدىكى نوپۇزلۇق شەرھ دەپ قارالسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز ئەسىرى ھەققىدە خۇددى باشقىلار شۇ ئەسەر ھەققىدە توختالغاندەك توختىلىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەسەر ھەققىدە سۆزلەيدىغانلارنىڭ قايسى نۇقتىدىن چىقىشى ۋە ئەسەردىن نېمىلەرنى بايقىشى ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ئاپتورى بولغان مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ ئەسەرنى يىراق-يىراقلارغا يۈزلەندۈرىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ "دۇنياغا يۈزلىنىشى" نىڭ ئوخشاشمىغان كىتابخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ قوبۇل قىلىش ئېستېتىكىسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدۇر.
    ئەدەبىياتنىڭ غەربنى ئاساس قىلغان "دۇنياغا يۈزلىنىشى" نىڭ يۇقىرىقىنىڭ ئەكسى بولغان يۈزلىنىشىمۇ بار: غەربكە تونۇلۇش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن غەربنىڭ ۋە باشقا ئەل ئەدەبىياتلىرىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆزىمىزگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئىككى جەريان بىر بىرىنى شەرت قىلىدۇ، شۇڭا دېئالېكتىكىلىق باغلىنىشقا ئىگە. شۇنى ئالدى بىلەن ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بىزدە غەربنىڭكى دېسە كۆپ قىسمىمىز دەرھال قارشى تۇرۇپ، ئۇنى چىرىك ئىدىيىلەر، ئادەم چۈشەنمەيدىغان نەزىرىيىلەر ۋە ئاجايىپ غارايىپ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تولغان دەپ قارايمىز ھەمدە تۈپتىن رەت قىلىش تەرەپدارى بولىمىز. لېكىن ئۆزىمىزنى ئېپ قاچقۇسىز سوئال شۇكى، غەربنىڭ سەنئەت ئىدىيىلىرى راستىنلا شۇ قەدەر پاسسىپ ۋە زىيانلىقمۇ؟ بىز غەربنىڭكىنى قانچىلىك چۈشىنىپ بېقىپ مۇشۇ باھانى بېرىۋاتىمىز؟
    بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش زۆرۈردۇر: ئۇيغۇرلار غەرب ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ كېلىدىغان غەرب پەلسەپىسى بىلەن قاچان قانداق تونۇشتى؟ بۇنىڭ باشلىنىشىنى 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان يېڭىچە شېئىرىيەت ھەرىكىتىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى بۇ ھەرىكەت داۋامىدا بىر قىسىم شائىرلار ھەقىقەتەن غەرب سىمۋولىزملىق شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولمىش بودلېر، ۋالېرى ۋە ماللارمې قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئاز-تولا تونۇشتى. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، شېئىردىكى سىمۋول بىزگە ھەرگىزمۇ ئالدى بىلەن غەربتىن كىرگىنى يوق، چۈنكى سىمۋوللۇق ئىپادىلەش ئۆزىنىڭ پەللىسىنى كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدە ئاللىبۇرۇن يارىتىپ بولغان. ناۋايىنىڭ شېئىرلىرى بۇ جەھەتتە ئۆلمەس ئابىدىدۇر. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى سىمۋوللار تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنىمۇ بىزگە ئاشكارا قىلدى. سوفىزم ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراش داۋامىدا شېئىر ئىنساننىڭ چوڭقۇر دىنىي ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشتىكى بىر ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قېلىش تەقدىرىگە دۇچار بولدى. بۇنى سىمۋولنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەش مۇمكىن. سىمۋول ئادەتتە بەلگە سۈپىتىدىكى فۇنكسىيىگە ئىگە بولۇپ، ناھايىتى كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزىدىن باشقا نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، ئىشارىلەيدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىمۋوللنىڭ شېئىردا مەۋجۇتلۇقى ۋە ئايان بولۇشى ئەنە شۇ كونتېكىستتە بىۋاسىتە ئايان بولمىغان باشقا بىر شەيئىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يولدۇر. سىمۋولنىڭ مانا مۇشۇ تۈپكى ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئىنساننىڭ خۇداغا بولغان چەكسىز ئىستىكى بىلەن خۇدانىڭ پانىيلىقتا مۇتلەق مەۋجۇت بولماسلىقىنى "كېلىشتۈرۈشتىكى" ياكى ئۇنىڭغا ۋاسىتىلىق "يېقىنلىشىشتىكى" ۋاسىتىدۇر. يەنى پانىي ئىنسان پانىيلىقتىن ئۆز چەكسىزلىكى بىلەن مۇتلەق ھالقىغان خۇداغا سەنئەتتە پەقەت سىمۋول بىلەنلا يېقىنلىشالايتتى. ئەلۋەتتە، روھنىڭ پاكلىنىپ ۋە پانىيلىقتىن ھالقىشنى ئىستىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇرەككەپ ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ھالقىمىلىقى (سوفىستىك شېئىرلاردا ئىپادە قىلىنغان ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن قوشۇلۇشنى ئىستەش جەريانىدىكى ئۆزلۈكنىڭ تەدرىجىي يوقاپ، خۇدانىڭ ساپ ۋە مۇتلەق مەۋجۇتلۇقىغا يېقىنلىشىش يۈزلىنىشى) ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان بىر يۈرۈش سىمۋوللارنى تەلەپ قىلاتتى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئەھۋالدا شېئىر تەبىئىي ھالدىلا بىر خىل مۇرەككەپ ئىبادەت شەكلىگىمۇ ئايلىنىپ كېتەتتى. ئىبادەت بىلەن شېئىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە پەرققە سەل قارىلىش دەل شېئىرنىڭمۇ، شۇنداقلا شېئىردىكى سىمۋوللارنىڭمۇ ئىبادەتكە ئوخشاش تەكرارلىق ۋە قېلىپلىشىش ئالاھىدىلىكىىنى ئېلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. يەنى شېئىردىكى سىمۋوللار شائىرلار تەرىپىدىن خۇدا بىلەن بولغان تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز مۇناسىۋەت ۋە باشلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىناتتى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كلاسسىك شېئىرلارنىڭ بەزىلىرى سىمۋوللارنىڭ زىيادە دەستىلىنىشى ۋە تەكرارلىنىشى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئېستېتىك خىزمەت بوپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىرنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشى ئېلىپ كەلگەن ئالاھىدە ئېستېتىك تەلەپ ئۇنى ئادەتتىكىلىك ۋە پەسلىكتىن ھەر زامان ئايرىپ تۇردى. سىمۋوللارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئۆزگچە تىل شېئىرنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىقلار تەرىپىدىن يېزىلىدىغان ۋە ھوزۇرلىنىدىغان ئېستېتىكىلىق قوبۇل قىلىنىش جەريانىنى بەرپا قىلغاچقا، شېئىر ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىدىن ھالقىغان تەرىزدە قارالدى. چۈنكى شېئىر يېزىشتىكى مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز نىيەت بىر خىل مۇقەددەسلىك ھەققىدىكى ئەڭ چىن ۋە بىۋاسىتە تەجرىبە دەپ قارالغاچقا، شېئىرنىڭ ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى ئۇنىڭ ئېستېتىك قىممىتىدە مۇناسىۋەتسىز ئامىل دەپ قارالدى.
    ئەمدى يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىغا قايتايلى. كىشىلەر كۆپ ھاللاردا بۇ ئېقىم بىلەن كلاسسىك شېئىرىيەت ئېقىمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قارىمۇ قارشى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ چۈشىنىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ چۈشەنجىسىدە يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمى كلاسسىك شېئىرىيەت ئېقىمىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆز ئاۋانگارتلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. لېكىن، مېنىڭ قارىشىمچە بۇ ئىككى شېئىرىيەت پائالىيىتى كۆپ ھاللاردا مۇنداق يوشۇرۇن ھەم ئىچكى ئورتاقلىققا ئىگە: شېئىرىي سىمۋوللارغا بېرىلىش. يېڭىچە شېئىرىيەت دەرۋەقە شېئىرىيەتتىكى سىمۋوللۇق ئىماگلار جەھەتتە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى بەزى چەكلىمىلىكلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن مۇناسىۋەتلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆزگىچە مەنە قاتلىمى ھاسىل قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قارىدى. لېكىن، نېگىزلىك مەسىلە شۇ بولدىكى، ئەگەر كلاسسىك شېئىرىيەتتە شېئىرىي ئىماگلارنىڭ سىمۋولۇق قاتلىمى ئالاھىدە كونترول قىلىنسا، يېڭىچە شېئىرلاردا ئىماگلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆزگىرىشچان قوللىنىلىشى ئۇلارنى شائىرنىڭ كونتروللۇقىدىن ئاجرىتىپ تاشلىدى. ئالدىنقىسىدا شېئىرنىڭ يوشۇرۇن قاتلىمى سىمۋوللۇق ئىماگلارنىڭ چەكلىك دائىرىدىكى چەكسىزلىككە ئىنتىلىشى بىلەن موللۇققا ئېرىشسە، كېيىنكىسىدە ئىماگلارنىڭ چەكلىمىسىز ئىپادىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قالغان تىلنىڭ شائىرنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقتى. ئالدىقىسىدا شائىر شېئىرىي مەنىنىڭ ئەڭ تېرەنلىرىدە ئۆز شەخسىيىتىنى يوقىتىپ خۇدا بىلەن بىرلىشىش ئىستىكىنى ئاڭسىز ئىپادىلىسە، كېيىنكىسىدە شائىر ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان تىلنىڭ ئىچىدە ئۈن تىنسىز غايىپ بولدى.
    يۇقىرىقى نۇقتىدىن قارىغاندا شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ شېئىرىيىتىمىزگە ئېلىپ كەلگىنى پەقەت كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى سىمۋولغا بولغان ئالاھىدە سەزگۈرچانلىقنى يېڭىۋاشتىن تەكىتلەش بولدى. ئۇلار غەرب سىمۋولىزم شېئىرىيىتى تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ناھايىتى كەڭرى ۋە چوڭقۇر شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە سەل قارىدى ياكى بۇ ھەقتە ئويلاپ قويمىدى. بۇ شېئىرىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ غەرب ئەدەبىياتى بىلەن ئىنتايىن تار دائىرىدە ئۇچرىشىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ يېڭىلىق ياراتقانلىقتەك تۇيغۇدا بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۇلار تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئوتتۇرىلىقتا تېڭىرقاپ قالغۇچىلار ئىدى: ئۇلار ئاۋانگارتچىلارنىڭ رولىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى شېئىرىيەت "تىلىنى" ئۇنتۇپ قالغۇچىلار بىلەن چەتئەلنىڭ شېئىرىيىتىىڭ "تىلىنى" ھەقىقىي چۈشەنمىگۈچىلەرنىڭ غەلىتە قوشۇلمىسى ئىدى. يەنە بىر قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ غەرب ئەدەبىياتى قوللايدىغان تىللارنىڭ ھېچقايسىسىنى بىلمەسلىكى ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ ئەدەبىيات بىلەن ئەڭ تەگ قاتلاملىرىغىچە تونۇشۇش ئىمكانىيىتىنى ئۇلار سېزەلمىگەن دەرىجىدە مەھرۇم قالدۇردى؛ شۇنىڭدەك ئۇلاردا ناۋايى شېئىرلىرىدىنمۇ ئەڭ ئىنچىكە تىل پاساھىتىگىچە ھۇزۇرلانغۇدەك ئېستېتىك قابىلىيەت تېخى ھازىرلانمىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىلىقتا تۇرۇپ قالغان ئاشۇ ھالىتىدە پەقەت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تۈپتىن يېڭىلاشتىن ئىبارەت تۇتۇق بىر غايىلا بار ئىدى، خالاس. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى، يەنى بۇ شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى بىلمەيتتى. شۇ سەۋەب ئۇلارنىڭ ئۆز تەنقىدچىلىرىگە بېرەلەيدىغان بىردىنبىر جاۋابى بەكمۇ ئاددىي بولدى: "شېئىردىكى مەنە ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەنگىنىدىن يوشۇرۇنراق ئىپادىلەنگىنى ئەۋزەل." ئەنە شۇ يوشۇرۇنلۇققا ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ (يوشۇرۇن) ئېڭىدا شېئىردىكى مەۋھۇملۇققا بولغان چەكلىمىسىز قوغلىشىش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شېئىرلىرىنى قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇش ۋە مەۋھۇملاشتۇرۇشقا بېرىلىش يەنە بىر جەھەتتىن دەل ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش غايىسىنىڭ باشقىلار ئالدىغا ***ۈرۈپ چىقىشتىكى ئىسپاتىمۇ بولالايتتى. دېمەك ئۇلار يۇقىرىقى بىر قاتار رومانتىك ۋە تەرتىپسىز ئۇرۇنۇشلىرى داۋامىدا ئۆز مەغلۇبىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل ئۇلارنىڭ غەرب شېئىرىيىتىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنى تولىمۇ يۈزە چۈشەنگەنلىكى، بولۇپمۇ دىققىتىنى پەقەت بىر قانچىلا شائىرغا ھەم شېئىرىيەت ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويغانلىقىدا ئىدى (ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە كۆپ خىل سەۋەبلىرى بار. لېكىن ئۇلار ھەققىدە جاۋابىمنىڭ غول مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىش سەۋەبلىك توختالمايمەن).
    ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ غەرب ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇشى شېئىرىيەتنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا ئۇتۇقلۇق بولدى. بۇنىڭ ئوبدان مىسالى ئاكا-ئۇكا ئەركىنجان ئەمەت ۋە ئەسئەت ئەمەتلەردۇر. يەنە مەن بىلىدىغانلاردىن پەرھات تۇرسۇنمۇ غەرب پەلسەپىسى، سەنئەت تارىخى ۋە پسىخىك ئانالىزى بىلەن خېلى چوڭقۇر تونۇشلۇقى بار ئىدى. يۇقىرىدىكى يازغۇچىلار غەرب ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرىدا ئۆز دەۋرىدە كەم ئۇچرايدىغان ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك روھىدا تونۇشۇپلا قالماي، يەنە غەربنىڭ ئىلغار ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىپادىلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىغا، مەسىلەن چۆچەكلىرى ۋە ھېكاياتلىرىغا، سەل قارىمىغانىدى. مەرھۇم ئەركىنجان ئەمەت بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭ غەرب ئەدەبىياتى بىلەن ئىنتايىن پىششىق تونۇشۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى بايقىغانىدىم. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە كافكاچە كەيپىيات، بەدىئىي ئىپادىلەشتە فلوبېرچە ئاددىيلىق ۋە يەڭگىللىك، ھاياتتىكى بىمەنىلىككە بولغان ئالبېخ كەميۇچە چوڭقۇر سېزىم، خەلقىمىزنىڭ ئىنتايىن باي ھەزىل كۇلتۇرى ۋە زۇنۇن قادىرىچە تىل ئىشلىتىش ئۇنىڭ "***ار چاشقىنى"، "ئۇ خەلقلەر"، "باقىنىڭ كۈنلىرى" ۋە "قۇيۇن دۆڭ" قاتارلىق بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى. يەنە شۇ ئامىللار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېستېتىك قوبۇل قىلىش سەۋىيىسىدىن خېلىلا ھالقىتىۋەتكەنىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ غەربنىڭ ئەدەبىيات كۇلتۇرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەنلىكىنىلا ياكى ئۇنىڭ غەربنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن رېئاللىقىمىزنى يازغانلىقىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزى يازماقچى بولغىنىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۇتۇقلۇق يازغىلى بولىدىغانلىقى ئېلىپ كەلگەن، سەنئەتنىڭ ئىچكى تەلىپىنى چۈشەنگەنلىكىدىن ئىدى. يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئەسىرىنىڭ ئىچكى تەلىپىنى چۈشەنگەندە، ئۆزىنىڭ ئۆزى يېزىشقا قۇربى يەتمەيدىغاننى يېزىشقا قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ئۆزىنى ئەسەرنىڭ ئىچ-ئىچىدىن كېلىدىغان تەلەپنىڭ ئىسكەنجسىدە كۆرىدۇ. دەل ئەنە ئاشۇ تەلەپ، ئورۇندىماق ئىنتايىن قىيىن بولغان تەلەپ، پەقەت يازغۇچىلا مەسئۇل بولۇشقا قالغان تەلەپ ئەنە شۇ يازغۇچى تەرەپىدىن ئادا بولۇنۇشنى ئىستەيدۇ. بىز نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ مانا مۇشۇ تەلەپنى ئورۇندىماي ياكى چالا ئورۇنداپلا بولدى قىلغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى ئۇلار ئەسەر تەلەپ قىلغان ئاشۇ تىرەنلىككە كىرىشتىن ياكى قورقىدۇ ياكى ئۇنىڭغا يۈزلىنەلمەيدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي قۇربى يەتمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئىچكىرىلەش ۋە مەركىزىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇش ھەقىقىي يازغۇچى ئۈچۈن يېڭىۋاشتىن تۇغۇلۇشتۇر. لېكىن بۇ تۇغۇلۇش مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەركىنجان ئەمەت دەل مانا ئەسەرنىڭ مانا مۇشۇ تەلىپىنى ئەڭ چۈشەنگۈچىدۇر. ئۇنىڭ يېزىقچىلىقى ئەسەرنىڭ ئەسلىلىك سۈپىتىدىكى مەركىزىگە يېقىنلىشىشتۇر.
    ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىدىن بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز بىر يازغۇچىنىڭ غەرب ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاددىي ھالدىلا تەدبىقلىشى ئەمەس-مەن بۇ نۇقتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكچى. چۈنكى بىرى بەزى ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە مانا مۇشۇ خاتا ئىدىيىنى نىشان قىلىۋالغاچقا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ يا غەربنىڭكىگە يا ئۇيغۇرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان سۈنئىي ئەسەرلەرنى يېزىپ يۈرىۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ؛ يەنە بىرى دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى بەزىلەر ئاددىيلا ھالدا غەرب ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى، بايانچىلىق ئادىتىنى ۋە بەزى ئەدەبىيات-سەنئەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئۇيغۇر مەدەبىياتىنى شالغۇتلاشتۇرۇۋېتىش دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئۇنىڭغا چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. ئەركىنجان ئەمەت ئۆز ھېكايە ئىجادىيىتىدە، مېنىڭ قارىشىمچە، ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئادەمنى قانداق يېزىشتىن ئىبارەت ئەڭ ماھىيەتلىك پائالىيىتىگە ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ئىزچىل بېرىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ مانا مۇمكىنچىلىكنى مىللىيلىك بىلەن دۇنياۋىلىقنىڭ، يەرلىك كۇلتۇر بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ روھىي مەدەنىيىتىنىڭ، يەككىلىك بىلەن ئىنسانىيلىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىدى ۋە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىجادىيەت ھاياتىدا ئۆزىگە مىزان قىلغىنى نېمىنى يېزىش ئەمەس بەلكى نېمىنى قانداق يېزىش بولدى. يەنى ئۇ ئۆزىنى، ئۆزى كۆزىتىۋاتقان ۋە ئارىلىشىۋاتقان تىرىك ئادەمنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ سىپتا، ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھەققىدە ئەڭ كەڭ مۇمكىنچىلىكتە ئىزدەنگەچكە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپادىلەش سەنئىتىدىكى بارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى، مەيلى ئۇ غەربنىڭ ياكى شەرقنىڭ بولسۇن، ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ تۇردى. ئۆزىنىڭ مىللىيلىكىدىن ھالقىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئازاب ئوقۇبەتلىرى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ۋە ھېس تۇيغۇلىرىنى سېزەلمىگەن يازغۇچى دۇنياغا يۈزلىنەلمەيلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئۆزىگىمۇ يۈزلىنەلمەيدۇ. ئۆزىدىن ھالقىپ ئىنسانىيلىق بىلەن، دۇنياۋى ئەدەبىيات بىلەن ئۇچرىشالىغان يازغۇچىلا ئۆزى بىلەن، ئۆزىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ روھىيىتى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ. (مانا مۇشۇ پەللىگە يېتەلىگەن يازغۇچىلا ئۆز پېرسۇنازلىرىنى ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈش، ناخشا ئېيتقۇزۇش ياكى مىللەت ھەققىدە بىر نەچچە جۈملە دەبدەبىلىك سۆزنى سۆزلىتىش ئارقىلىقىلا ۋە ياكى ئۇلارغا ئاغزىغا قۇرئان كەرىمدىن ئېلىنغان ۋە ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر نەچچە سۈرىنى يادلىتىپلا مىللەتنىڭ روھىنى ياراتتىم دېيىشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ياكى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ھازىر يامراپ كەتكەن بۇنداق پۇرسەتپەرەسلىك، كاززاپلىق ۋە سەنئەتكە بولغان ئاسىيلىقتىن ئۆزىنى نېرى تۇتىدۇ.) ئەركىنجان ئەمەتنىڭ "قۇيۇن دۆڭ" دېگەن ھېكايىسىدە بىر مىللەتنىڭ روھىي ھالىتى باش قەھرىماننىڭ خۇددى ۋەھىمىگە تولغان سەرسانلىقىدا، لەيلەپ يۈرۈشىدە ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ پېتراپ كەتكەن ئالامان ئىچىدە، پاراكەندىچىلىك ۋە ئارامسىزلىق ئىچىدە يۈرۈشى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كرىزىسكە تولغان ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ. بىز بۇ ھېكايىدىن ئەركىنجان ئەمەت قوبۇل قىلغان غەربنىڭ بىزگە ئاجايىپ-غارايىپ بىلىنىدىغان ۋە چۈشىنىكسىز رېئاللىقىنى شۇنچە قىلىپمۇ تاپالمايمىز. بەلكى تاپىدىغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادە قىلىنغان ھەقىقىي رېئاللىقىمىزدۇر-ياكى بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى تۈپكى رېئاللىقىدۇر.
    غەربنىڭ ئىدىيىسى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە پەلسەپىسىنى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب بىزنىڭ بەزى "يۈزلۈك" زىيالىيلىرىمىزدىكى روھىي بۆلۈنۈش پسىخكىسىدۇر. مانا مۇشۇ بىر تۈركۈم زىيالىيلار بۇ كۇلتۇرنى قارىقويۇق ئەيىبلەش ئارقىلىق خەلقتە بۇ كۇلتۇرغا نىسبەتەن ئۆچ كۆرۈش پسىخكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈردى. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، بۇ زىيالىيلار غەرب كۇلتۇرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر چىرىك ئىدىيە ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىدۇ-يۇ، ئۆزلىرى ئاسترىتتىن غەربلىكلەرنىڭ كىتابلىرىدىن نېرى بولالمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە غەربلىكلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەيلى ئۆزى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن نەقىل ئېلىپ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ-يۇ، باشقا بىرى غەربنىڭ گېپىنى قىلىپ قالسا شۇ ھامان ئۇنىڭغا "غەربنىڭكىگە چوقۇنىدىغان مۇناپىق" دېگەن قالپاقنى كىيدۈرىدۇ. نەتىجىدە، بۇلارغا ئىشىنىپ كەلگەن خەلق بۇلار تىللاۋاتقان كۇلتۇرغا ۋە ئادەمگە تەبىئىي ھالدىلا ئىشەنمەيدىغان بولىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارغا ئۆچ بولىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، كىتابخانلار مانا مۇشۇ بىر تۈركۈم سەمىمىيەتسىز ۋە ئىككى يۈزلىمىچى زىيالىيلىرىمىز سەۋەبىدىن غەربنىڭ ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىسى توغرىسىدا تا ھازىرغىچە توغرا بىلىشتىن مەھرۇم بولىۋاتىدۇ-ئۇلار غەربنىڭكىنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە چۈشىنىپ بېقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ.
    بۇ زىيالىيلارنىڭ غەربنىڭ ئىدىيىسىنى، ئەدەبىياتىنى ۋە پەلسەپىسىنى قارىقويۇق ئىنكار قىلىشى ھەرگىز بۇ زىيالىيلارنىڭ ئۇلارنى ئۇزاق يىل تەتقىق قىلىپ چىقارغان يەكۈنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى چۈشىنەلمىگەندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. ئادەم ئۆزى بىلەلمىگەن، پەرەز قىلالمىغان ئوبيېكىتتىن ۋەھىمە ھېس قىلىدۇ. بىلىنمەسلىك، سىرلىقلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئادەمدە ئىزتىراپلىققا تولغان پسىخىك ئىنكاسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋەھىمىنى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دەل ۋەھىمىنىڭ ئوبيېكتى بولغان نەرسىدىن ياكى ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ياكى ئۇنى كۈچەپ ئىنكار قىلىشتۇر. بۇ زىيالىيلارنىڭ غەرب ئىدىيە كۇلتۇرىغا قايتۇرغان ئىنكاسى دەل ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن پسىخىك بېسىمنى تۆۋەنلىتىشتۇر. ئۆزلىرىنىڭ غەربنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر.
    مېنى ئىلگىرى بۇ زىيالىيلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر سىگمۇند فرېئۇدنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچراپ كەتكەن-"فرېئۇدچى"-دەپ قارايتتى. باشتا مەن ئۇلارنى ئېھتىمال غەربتىكى باشقا بىر تۈركۈم زىيالىيلارغا ئوخشاش فرېئۇدنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسە كېرەك دەپ ئاددىيلا قارىغانىدىم. شۇڭا ئۇلار فرېئۇدنى ياقتۇرۇپ كەتمىگەچكە مېنىڭ بەزى پىكىرلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا باغلىۋېلىپ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسە كېرەك دەپ چۈشەنگەنىدىم. كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر بىلەن روھ ئانالىز ئىلمى ھەققىدە سۆزلىشىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ فرېئۇدنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ۋە ھەتتا ئۇ توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ ھەم ھەيران قالغان ھەم چۆچۈگەنىدىم. ئۇلارنىڭ بىر ئىلىمگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇلارنىڭ شۇ ئىلىمنى چۈشىنىشى بىلەن بەلگىلىنەتتى. ئەگەر ئۇلار چۈشەنمىگۈدەك ئىلىم بولسا، ئۇلار ئۇنى تۈپتىن ئىنكار قىلاتتى ۋە تېخىمۇ يامىنى ئاشۇ ئىلىمنى بىلگۈچىلەرگە خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا زەربە بىرەتتى. مانا مۇشۇ زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 20-ئەسىر غەرب ئىدىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەت بولغان ۋە غەرب ئەدەبىياتى ھەم پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن روھىي ئانالىز ئىلمى مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئەمەس، پەقەت بىزدىلا تا ھازىرغىچە چەكلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ ئىلىم تەنقىدلەش يۈزىسىدىن بولسىمۇ تونۇشتۇرۇلمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ غەربنىڭ بۇ ئىلىمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان يازغۇچىلىرىنى ۋە پەيلاسوپلىرىنى چۈشىنىشىمىز تولۇق ۋە توغرا بولماي كېلىۋاتىدۇ.
    بۇ بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ غەرب كۇلتۇرىغا بولغان زىددىيەتلىك ھەم ئارىسالدىلىققا تولغان روھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ: غەربنىڭكىنى تېگىدىن چۈشەنمەسلىك ۋە ئۆزىنىڭكىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ تولۇق بىلمەسلىك ۋە ياكى ئۆزىنىڭكىنى غەربنىڭككىگە پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئاددىيلا چۈشىنىۋېلىش. مەن ئالدىنقى سوئالغا بەرگەن جاۋابىمدا بۇ خىل ھالەتنى "ئوتتۇرىدا تۇرۇپ قېلىش" دەپ تەبىرلىگەنىدىم. ئەمىسە نېمە قىلىش كېرەك؟ غەربنىڭكىنىلا قارىقويۇق ئۆرنەك قىلىش كېرەكمۇ؟
    مەن ھەرگىزمۇ غەربنىڭكىنى دوراش كېرەك دەپ قارىمايمەن-بۇ ھەم بىر رېئال بولمىغان ھەم خاتا قاراشتۇر. لېكىن بىزگە كېرىكى ئالدى بىلەن غەربنىڭكىنى ئوقۇش، ئۇنى تېگىدىن چۈشىنىپ بېقىش. غەرب بىر پۈتۈن كۇلتۇرلۇق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئۇتۇقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن بىر غايەت زور ئىدىيە توپىدۇر. ئىنسانلار توپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئورتاق دىئالوگ قۇرالايدىغان تەرەپلىرىمىز كۆپ، چۈنكى بىز ياشاۋاتقان، سوئاللاۋاتقان ۋە تەجرىبىمىزدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئىنسان مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش بىزنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئالغاندا ، يەنى خېگېلنىڭ تەلىماتىغا كۆرە، ئۆزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگە ئارقىلىق چۈشىنىش كېرەكتۇر. غەربنىڭ ئىدىيىسى مېنىڭ نەزىرىمدە ۋە مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدە ئۆزۈمنى يېڭىۋاشتىن بايقاشنىڭ يولى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغىنىم ئۆزگە ئارقىلىق ئارتقۇرۇلغان ھەم تېخىمۇ ئېنىقلاشقان ئۆزلۈك ئېڭىغا ئېرىشىشتۇر (ئۆزۈمنى ئۆزگە ئارقىلىق بىلىشكە ئېرىشكەنلىكىمنى ئاڭقىرىشىمنى ئاڭقارغانلىقىمدۇر). مانا مۇشۇ ئۆزلۈك ئېڭىلا مېنىڭ كىملىك ئېڭىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
    دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇشنىڭ يەنە بىر يولى تەرجىمىدۇر. لېكىن بىز قانچىلىك مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇق؟ ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرلار دوستويېۋىسكىنىڭ. فلوبېرنىڭ، شولوخوفنىڭ، گيوتېنىڭ، سېرۋانتېسىنىڭ، پازنىڭ ۋە لاۋرېنىسنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش خالاس، بىز تېخى تەرجىمە قىلمىغان مەشھۇر ئەسەرلەر تولۇپ يېتىپتۇ. بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىز بارغانسېرى شۈكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەدەبىياتىمىز تۇرغۇنلۇققا چۈشۈپ قالدى. ئەدەبىيات پەسكۇيغا چۈشكەندە، كرىزىسكە پاتقاندا بۇلارنى پەقەت چەتئەلنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش يولى پەسەيتىش ۋە شۇنىڭدىن يېڭى يول ئىزدەش مۇمكىن. ئەسلىدە "دۇنيا ئەدەبىياتى" غەربنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرىنى كىتابخانلىرىمىزغا تەقدىم قىلىشتىكى ئاۋانگارت كۆزنەك بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە 80-يىللانىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى 2000-يىلغىچە بىز ناھايىتى ئاز ساندىكى، پەقەت بارماق بىلەنلا سانىغىلى بولىدىغان مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۆردۇق. مودېرنىزم ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ ئىدېئال سورۇن بولۇش كېرەك بولغان بۇ ژۇرنال بۇ ئېقىمغا باشتىن ئاخىر سۇس مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. نېمىشقا؟ ئۇلار بۇ ئېقىمنى ئۆزلىرى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەر بەرمىدىمۇ؟ ياكى ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىنىڭ تەبىئىي تاللىشى ئۇلارنى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ژۇرنالدا غەرب ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرى باش ئاخىرى چىقماس ۋە ئاددىي مۇھەببەت ھېكايىلىرىچىلىك ئېتىبارغا ئېرىشمىدى؟ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ باشقا نۇرغۇن ساھەلىرىمىزگە ئوخشاش، بۇ ژۇرنالدىمۇ پەقەت بىر ئىككىلا ئادەمنىڭ ئىلىمنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىۋېلىشى بىلەن بىر مىللەتنىڭ كىتابخانلىرى غەربنىڭ ئەڭ نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن قەرەللىك ۋە سىستېمىلىق تونۇشۇشتىن مەھرۇم قالىدۇ؟ مېنىڭ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىزدەنگىم يوق. مېنىڭ قىرىقىدىغىنىم مۇنۇ سوئال: ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزدە ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ بۇ ساھەدە بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
    تېمىغا قايتاي: ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ غەرب ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە تونۇشتۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئەمدىكى مەسىلە ئەدەبىياتىمىزنى قانداق قىلغاندا دۇنياۋى سەۋىيىگە يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەتتۇر. مېنىڭچە، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بۇنىڭدىكى ئاچقۇچتۇر. سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىلىمگە سەل قارىشى ئەسەرلىرىمىزنىڭ زىيادە ئاددىيلىقى، تەكرارلىقتىن خالىي بولالماسلىقى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى كونىلىق قاتارلىقلارنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر. غەربنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى سەنئەت جەھەتتە خېلىلا چوڭقۇر تەربىيە كۆرگەنلەردۇر. ئۇلار پەلسەپە، پسىخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە سەنئەت تارىخى قاتارلىقلاردا ئوبدان بىلىم ئالغان. شۇنداقلا ئۇلار كۆپ ھاللاردا يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات مىراسلىرى بىلەنمۇ ئوبدان تونۇشلۇق. مەسىلەن، 2005-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزات، تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھايات يازغۇچىسى ئورخان پامۇك (Orhan Pamuk ( بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئىجادىيىتىنىڭ سىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە فرانسىيە پەيلاسوپى دېكارت بىلەن سارتنىڭ، ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋېرگىنىيە ۋولف بىلەن ئامېرىكا يازغۇچىسى ۋىليام فولكنېرنىڭ ئىدىيىلىرى ۋە يېزىش ئۇسۇللىرى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بايانچىلىق ئادىتىنى زىچ بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە مەلۇم بېشارەتلەرنى بېرەلەيدۇ. تۈركىيىلىك بولۇش سۈپىتىدە ئۇ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ھالىتىدە: ئۇ يوقالغان ئىمپېرىيىنىڭ بىر ۋاقىتلاردا ئاجايىپ گۈللەنگەن شەھىرى بولمىش ئىستانبۇلدا غەربپەرەس كامالىزىمچىلار بىلەن ئىسلامچىلارنىڭ توقۇنۇشىنى، بىر بىرىگە نەپرىتىنى ۋە ئۆز ئارا ئشەنمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغۇچىدۇر؛ ئۇ تۈرك ئەنئەنىسى بىلەن غەرب ئىدىيىسىنى يۇغۇرۇپ، تۈرك روھىيىتىنى يازغان يازغۇچىدۇر؛ ئۇ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە سىڭىپ كەتكەن ئىنتايىن تىرەن كىملىك دېلىغۇللۇقىنى ئەڭ روشەن سەزگۈچىدۇر: ياۋروپالىق تۈرك ياكى ياۋروپادىكى تۈرك؟ ئۇ بىر بەھىسلىك يازغۇچىدۇر. بەزىلەر ئۇنى تۈرك روھىيىتىنىڭ بايقىغۇچىسى دېسە، بەزىلەر ئۇنىڭ تۈركىيىنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرمەنلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي يوقىتىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان تەنقىدىگە قاراپ ئۇنى "مۇناپىق" دەپ تىللايدۇ. مېنىڭ بۇ يازغۇچى ئارقىلىق تەكىتلىمەكچى بولغىنىم غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالغان بىر يازغۇچى ئىگە بولغان مۇمكىنچىلىكلەردۇر: ئۇ غەربنىڭكىنى ئۆگەندى، لېكىن ئۇنىڭ يازغىنى تۈركلەر كۆپ ھاللارغا يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان، ئۆزىدىن يوشۇرۇپ كەلگەن مەسىلىلەردۇر. ئۆزگە بىلەن ئۇچرىشىش بەزىدە بىزنى ئىزتىراپقا سالىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزگىنىڭ ياتۋاشلىقى ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىزگە بىز ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان تەرەپنى-ئىچىمىزدىكى ياتۋاشلىقنى، ئۆزىمىزنىڭ دىققىتىمىزدىن قاچىدىغان "ئۆزگىلىكى" نى بىلدۈرۈپ قويۇشىدۇر. بىزنىڭ غەرب ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇشىمىزنىڭ ئاخىرقى يولى (ياكى بىر قەدەر رادىكال مەنىدىن ئالغاندا تەقدىرى) مانا مۇشۇ: غەرب ياكى بىز ئۆگىنىشىمىز كېرەك بولغان ھەرقانداق بىر كۇلتۇرنىڭ بىزگە بېرىدىغىنى بىز ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ھەم بىز كۆزىمىزدىن دائىم قاچۇرۇپ قويىدىغان ئۆزىمىزدۇر. مانا مۇشۇ ئەدەبىياتلا بىزنى باشقىلارغا ھەقىقىي سۆزلەيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.