ئوكيان تورى ھەققىدە ئىككىنچى ھىكايە: نىمە مۇھىم؟

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-15 23:02:00

ئىككىنچى ھىكايە: نىمە مۇھىم؟ 2006-يىلى رامزان مەزگىلى چېگرا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ شىركەت قۇرغان بىر دوستىمىز ماڭا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر قىز بار ئىكەن بىز ھەممەيلەن ئاز-ئازدىن ياردەم قى...

                                                                             ئىككىنچى ھىكايە: نىمە مۇھىم؟

    2006-يىلى رامزان مەزگىلى چېگرا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ شىركەت قۇرغان بىر دوستىمىز ماڭا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر قىز بار ئىكەن بىز ھەممەيلەن ئاز-ئازدىن ياردەم قىلىپ شۇ قىزنى قۇتقۇزىۋالايلى دەپ تېلپون قىلدى، ئىپتادا ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر نەچچە ھال-كۈنى ياخشىلار يىغىلدۇق، قىزنىڭ كېسىلىگە 200مىڭ سوم مۆلچەرلەنگەچكە ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ زاكىتىنى مۇشۇ قىزغا ئاتاپ 40مىڭ، 20مىڭدىن بەردى، مەن زاكاتنى بالدۇرلا باشقا زۆرۈر جايلارغا بېرىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرا سودىسى قىلىۋاتقان بايۋەتچىلەرگە تەڭ كېلىپ بولالمىغاچقا قاتاردىن قالماسلىق ئۈچۈن خىجىللىق بىلەن 100سوم چىقىرالىدىم. شۇنداق قىلىپ بىز چوڭ ساۋاپ تاپقان ھىسىيات بىلەن قىزنى يوقلاپ يىغىلغان 80مىڭ سومدەك پۇلنى قىزغا بەردۇق...بايلىرىمىز قىزغا يەتمەي قالسا ئاۋال ياراتقان ئىگىمىز، ئاندىن قالسا يەنە بىز بار سىز خاتىرجەم داۋالىنىڭ دەپ تەسەللىلەرنى بەردى.

       مەن بايلىرىمىزنىڭ ساخاۋىتىدىن تەسىرلىنىپ نەچچە ھەپتىگىچە «مەن نىمە ئىش قىلالىدىم؟» دەپ ئۆكۈنۈپ يۈردۈم...

    ئىككى ئايدىن كېيىن قىزنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 300مىڭ سومدىن ئاتۇق پۇل يىغىلىپ داۋالىتىلغان قىزنىڭ تۈگەپ كەتكىنى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، ناۋادا مۇشۇ پۇلغا كىتاپ چىقىرىپ قويغان بولساق ئىسىل كىتاپتىن ئونى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ خەزىنىسىگە قوشۇلغان بولاتتى... ناۋادا مۇشۇ پۇلغا بىر تور بەت قۇرغان بولساق توردا لاغايلاپ يۈرىدىغان بالىلار ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خېلى مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇتىدىغان مۇكەممەل بىر تور بېكىتى بارلىققا كېلىپ ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئورنى ۋە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن چوڭ بىر تۆھپە بولۇپ قالاتتى...

       قىزنىڭ ئۆلۈمى قازا-قەدەردىن بولدى، بايلىرىمىز خەجلىگەن پۇلىغا لايىق ساۋاپقا ھەم ئېرىشتى، ھەتتا ماڭا« قىز ساقايسا ساقايمىسا ياراتقان خۇدايىمنىڭ ئىلكىدىكى ئىش، بىز خۇدالىق ئۈچۈن قىلغانتۇق، تېگىل بولدى» دىدى. مەن يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندىم، بىراق شۇ كۈندىكى ھەممەيلەننىڭ ئەپسۇسلۇقتا قالغانلىقىنى، گەرچە كۆڭۈلدىن چىقارغان زاكات بولسىمۇ يەنىلا ئەجرىگە چۇشلۇق نەتىجە كۆرەلمىگەنلىكىگە كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. كېسەل قىز ئۈچۈن ئونمىڭلاپ پۇل ئىئانە قىلىش ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش، لېكىن كىرزىستا تۇرىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ روھى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئازراق پۇل ۋە ۋاقىت چىقىرىش بىرلا  ئادەمنىڭ جىسمىغا ياكى روھىغا داۋا ئىزدىگەندىن تېخىمۇ بەكرەك خاسىيەتلىك بولامدۇ قانداق؟...

    مەن «شەخسلەرگە پۇل بېرىپ تەسەللى تاپقاندىن كۆرە ئۇمۇم ئۈچۈن ساخاۋەت قىلىدىغان ئادەت بىر مىللەت ئۈچۈن بەك مۇھىممۇ نىمە؟» دەپ ئويلاپ قالدىم... نىمىنىڭ زۆرۈرلىكىنى، نىمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇغاندەك بولدۇم...

    راست، بىر ئەھمىيەتلىك كىتاپ... بىر ئەھمىيەتلىك تور بەت... تىل-يېزىقى ۋە روھى كىرزىستا تۇرىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن نەچچە ئون ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم...

    بىز نىمىشقا ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشمايمىز؟ نىمىشقا «ئالامەت خەۋەر، خېنەندە مۇنداق بولدى..» دىگەندەك تېمىلار بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان، 50 تېمىدىن ئاران بىرى قاتارغا چۈشىدىغان، ياراملىق تېمىنى تېپىپ بولغۇچە ئادەمنىڭ يېرىم كۈنلۈك ئۆمرىنى يەيدىغان «قايناق مۇنبەر»لەر بىلەن سېلىشتۇرما بولغۇدەك، ساپالىق دوستلىرىمىزدىن يىغىلغان بىر تور بەت قۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش، بىلگەنلىرىمىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سەھنىسىنى تۈزمەيمىز؟

    ئاخىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات بېكەتلەرنىڭ بىرى بولغا ۋىكىپېدىياغا تەقلىد قىلىنغان، خەن‍زۇچە 百科 بېكەتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار مەلۇم ئاتالغۇ ياكى ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلى بىلىمنى بىلمەكچى بولسا ئىزدەپ تاپالايدىغان بىر ئۇنىۋېرسال بىلىم ئامبىرى قۇرۇش ئويىغا كەلدۇق، دەسلەپتە پىروگرممىنى تۈزۈش بىلەن بىللە مەزمۇن كېرەك بولىدىغانلىقتىن ئاۋال مۇنبەردىن  بىرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ماتېرىيال يىغايلى مەلۇم تېما شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنى قامۇسقا ئۆزگەرتەيلى دىدۇق. مۇنبەر نامىدا ئىككىلىنىشلەر بولدى،«ساخاۋەت دىسە خەيرى-ساخاۋات جەمىيىتىنىڭ بېتىدەك ئاڭلىنىدىكەن»، «زاكات يىغىدىغان يەردەك تۇيۇلىدىكەن» دىيىشىپمۇ قالدۇق. ئەڭ ئاخىرى سۇلتان سەئىىدىخاننىڭ سۆھبىتى ئېغىر كەلدى... ئەقلىمىزنىڭ شۈكرانىسى، بىلگەنلىرىمىزنىڭ ساخاۋىتى، ۋاقتىمىزنىڭ زاكىتى بولسۇن، بىزنىڭ زىيارەتچى سانىنى ئاشۇرۇپ ئېلان بىلەن پۇل تاپىدىغان، ياكى ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلىپ ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىدىغان مەقسىدىمىز يوق بولغاندىكىن، كۆڭۈلدىن چىققان، خالىس خىزمىتىمىز ئۈچۈن يەنىلا ساخاۋەت نى تاللىدۇق...

    ھەقنى تونۇغان، توغرا يولدا كېتىۋاتقان، زاكات كەلگۈدەك جىق پۇلى يوق ئاقىللىرىمىز ئەقلى ۋە ئۆمرىنىڭ ساخاۋىتىنى بۇ يەردە بەرسۇن. خەلقىنىڭ روھى ئۈچۈن خالىس سېخىلىق قىلماقچى بولغانلار، ھاتەم تاينىڭ ھىكايىسىدىن زوقلىنىپ ئەتراپىدىكىلەرگە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ئىلغارلىرىمىز بۇ يەردە تۆھپىسىنى ئاتىسۇن... توردا تۈزۈك نەرسە يوق دەپ يامانلايدىغان دوستلىرىمىز بۇ يەردىن نادىر تېمىلارنى كۆرۈپ ئۆزىنى تونۇۋالسۇن،  ئىنتېرنېتنى ياخشى كۆرىدىغان بولسۇن...
        ساخاۋەت تورى تولۇق ئىككى يىل يۈرۈشكەندىن كېيىن بىز بارلىق تېمىلارنى ئوكيان تورىغا كۆچۈرۈپ كەلدۇق ، گەرچە بۇ قامۇستا ئاران 7000سۆزلۈك بولسىمۇ ئۇ يەنىلا تۇنجى قەدەمنى باستى، بىر بوشلۇق تولۇقلاندى...ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ مول بولۇشى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ قانچىلىك ئەجىر قىلىشىغا باغلىق بولۇپ قالدى..

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوكيان ھەققىدە