بىر ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك 10 كىتاپ

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-02-25 02:41:00

بىر ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك10 كىتاپ مېنىڭچە ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتىنىڭ بىرسى كىتاپ ئوقۇش ئادىتىدۇر. گەرچە تۇرمۇش رېتىمىمىز جىددىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، «ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇماس بولۇپ كەتتى...

     

    بىر ئوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك 10  كىتاپ

            مېنىڭچە ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتىنىڭ بىرسى كىتاپ ئوقۇش ئادىتىدۇر. گەرچە تۇرمۇش رېتىمىمىز جىددىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، «ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇماس بولۇپ كەتتى» دىيىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بەزى ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇپ قويۇش.  بىزنىڭ تەپەككۈرىمىزنىڭ جانلىنىشىغا، پىكىر دائىرىمىزنىڭ كۆپ خىللىنىشىغا پايدىلىق. قۇرئان كەرىم، تەفسىرى ئىبنى كەسىرگە ئوخشاش مۇقەددەس كىتاپلار ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخى ئەكس ئەتكەن رومانلار ھەققىدە  توختىلىش ھاجەتسىز.

    تۆۋەندىكىسى مەن 33يىللىق ھاياتىمدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئوقۇغان، چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئەسەرلىرى بولۇپ تۆۋەندىكىلىرى پەقەت ئادەتتىكى كىتاپلارنىڭ ئىچىدىنلا مەن بىر ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك ئىكەن دەپ قارىغان ئوتتۇرا سەۋىيىلىك 10 پارچە كىتاپنىڭ تىزىملىگى.
    1.ئىمان ۋە ھايات...يۇسۇپ قىرزاۋى(بۇ كىتاپ ناچار تەرجىمان ۋە سۈپەتسىز باسمىدىن چىققان بولسىمۇ ئىنسان ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنڭ يوللىرىنى سېستىمىلىق بايان قىلىپ بەرگەن نادىر كىتاپ) .
    2. ئەدەپ ئەخلاق مىزانلىرى...  رىزائىددىن پەھرىددىن( 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن مەشھۇر تاتار ئالىمىنىڭ ئائىلە ۋە ئەخلاق ھەققىدىكى نادىر ئەسىرى)
    3. يۇز يىل غېرىپلىق...گارسىا ماركوز(ھازىرقى زامانسېھرى رىيالىزىمىدىكى بۈيۈك ئەسەر، تىل ئۇسلۇبى ۋە يېڭىچە بايان، تەپەككۈرىمىز ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىمىزنى قايتا يالقۇنجىتىدۇ).
    4.ئاق لالە+ئوغۇزنىڭ ھىكايىسى...ئومەر سەيپىتتىن (ئاددى ئەمما ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نىمىلىكىنى ئۆگىتىدىغان نادىر پوۋېستلار).
    5.سوفىيەنىڭ دۇنياسى...جوستېن گائاردېر(قىسقىچە پەلسەپە تارىخى ۋە دۇنيا پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاددى، قىسقىچە ئىپادىلىنىشى بولغان بۇ كىتاپ ئارقىلىق بىز سوقراتتىن گېگىل ۋە سارتېرىغىچە بولغان ھەرقايسى پەلسەپە ئېقىملىرىنى تولۇق چۈشىنىۋالىمىز) .
    6. ھاياتقا تەھلىل قىسمەتكە ئاچقۇچ...ئالفېر ئادلېر( پىسخولوگىيە ۋە پەرزەنت تەربىيىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئەڭ قىسقا، مېغىزلىق تەھلىللەر گەرچە ئازراق ئاتېزىم پۇرىقىنى ئالغان بولسىمۇ يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە).
    7. ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۇن+چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى...چىڭغىز ئايتماتوۋ( ئادەم بولۇش يوللىرى ۋە ھەق ناھەق كىلاسسىك ئۇسلۇبتا ئەكس ئەتكەن نادىر رومان).
    8. غەرپ مودېرنىزىم ئەدەبىيات ئېقىملىرى (تاھىر ھامۇت تۈزگەن ، مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە تىلغا ئېلىنمايدىغان 18-ئەسىردىن كېيىنكى دۇنيا ئەدەبىيات ئېقىملىرى ھەققىدە توختالغان «ھازىرقى زامان ئەقەللى ئەدەبىيات ساۋاتلىرى» سۆزلىنىدىغان كىتاپ.

    9. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ماخاۋىراغىچە بولغا دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇمۇىيۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ).

    10. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر ئەسەر (قۇرئان كەرىمدىن تارتىپ ئىنجىل، كاپىتال، رۇسسۇنىڭ دىموكراتىيە تەشەشببۇسلىرىغا قەدەر كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن بۇ كتاپلاردا قانداق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلىشمۇ بىزگە ئاز كۈچ ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولۇش پۇرسىتى بېرىدۇ).

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كىتاپ كىتاب