ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-05 18:04:00

1- بۇ - ئۇيغۇر تىلىدىكى قامۇس ۋە كۇتۇپخانىنى ئاساس، باشقا ساھەلەرنى قوشۇمچە قىلغان، ئۇنىۋېرسال كەسپىي تور بەت. بىز كونكىرىت ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، تىلغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، دىني تۈسى قويۇق...

       1- بۇ - ئۇيغۇر تىلىدىكى قامۇس ۋە كۇتۇپخانىنى ئاساس، باشقا ساھەلەرنى قوشۇمچە قىلغان، ئۇنىۋېرسال كەسپىي تور بەت. بىز كونكىرىت ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، تىلغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، دىني تۈسى قويۇق بولغان ئەسەرلەرنى بىردەك رەت قىلىمىز، ئەھمىيەتسىز، يازسىمۇ بولىدىغان، يازمىسىمۇ بولىدىغان يازما، ئىنكاسلارنى تەستىقلىمايمىز ياكى ئۆچۈرىمىز. شۇنداقلا مۇنبىرىمىزگە بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسىىدىن چىقىپ كەتكەن ھەرقانداق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىمىز. شۇنداق ئىنكاسلارنى بىردەك چەكلەيمىز. جۈملىدىن بىزدە كۈندىلىك خەۋەر ئېلان قىلىش رۇخسەتنامىسى يوق، شۇڭا زۆرۈرىيەت تۈپەيلى بەزى خەۋەرلەر تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، ئاخبارات تۈسىنى ئالغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلالمايمىز.

         2- ئوكيان تورى قارلۇق شىركىتى قارمىقىدىكى بارلىق زۆرۈر ھوقۇق مەجبۇرىيەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائى تور بېكەت بولۇش بىلەن بىرگە، رايونىمىزدىكى، رادىيو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش،  توردا ئەسەر تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بىردىنبىر ئۇيغۇرچە تور بېكەت ھىساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئوكيان تورىدا ئەسەر يوللىغۇچىلار ئەسلى كىملىك سالاھىيىتىنى بىزگە ئاشكارىلىشى ناۋادا دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولسا ياكى باشقۇرغۇچىلىقنى ئىلتىماس قىلسا  ئارخىپى، كىملىكىنىڭ كۆپەيتمىسىنى بىزگە تەمىنلەپ بىزنىڭ ئارخىپىنى ئاشكارىلىشىمىزغا ھوقۇق بېرىشى كېرەك.

       3- سىياسىي نۇقتىدىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار مۇنبىرىمىزنىڭ ئىسىم تىزىملىتىش كۆزنىكىدە، ياردەم بېرىدە، تىزىملىتىش كېلىشىمنامىسى سۈپىتىدە ئەسكەرتىلدى. تورداشلارنىڭ ئوكيان تور بېتىگە بىر نەرسە يېزىشتىن ئاۋال شۇ ئەسكەرتمىلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى، شىنجاڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە خىلاپ بولغان قىلمىشلار، دىنىي، مىللىي قۇتراتقۇلۇقلار بىردەك چەكلىنىدۇ. تور بېتىمىزنى قۇرغۇچىلار تورغا چىققۇچى كىشىنىڭ ئورنىنى بىلىش ئىقتىدارىغان ئىگە. ھەددىدىن ئاشقانلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىنىدۇ.

          4- مۇنبىرىمىز مۇمكىنقەدەر قىممىتى بار، ئۇزاققىچە قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئامبار خاراكتىرى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن ئاپتۇرلارنىڭ يازما، ئىنكاسلارنى بۇرۇن باشقا جايلاردا ئېلان قىلغانلىقى ياكى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈۋالغانلىقىنى بايقاش بىر قەدەر قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇنبىرىمىز بۇنداق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدۇ. پرىنسىپ جەھەتتىن، ئاپتۇرلارنىڭ مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت نەقىل ئېلىشقا ياكى موشۇنداق بىر ئەسەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكىلا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتۇرنىڭ ئىسمى بىلەن ئوكيان تورىنىڭ نامى ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

         5- ئوكيان  تور ئىشخانىسىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇلازىمېتىرغا چىقىشقا ئۇرۇنۇشقا، ئارقا سۇپىدىن باشقۇرۇش ئېغىزىغا ھەرقانداق شەكىلدە ئېلان، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا، مۇناسىۋەتسىز بولغان تور بەت ئادرېسلىرىنى ئۇلانما قىلىشقا بولمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلارنى ئۆزىمىز بېكىتىمىز.

         6- مۇنبىرىمىز يەنە ئۇيغۇرتىلىنىڭ كۆركەملىكى، ئىپادىلەش كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە تىلنىڭ مۇمكىنقەدەر ساپلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تىجارەت پىلانىغا ئىگە تور بەت بولغانلىقى، يىغىلغان ئۇچۇرلارنى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ دەرىجىسىسى ئۆستۈرۈشكە قاتناشتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن  ئۈچۈن، موشۇ تور بېتىگە كىرىپ يازما يازماقچى بولغانلارنىڭ ئۆز ئىسمىنى ياكى تەخەللۇسىنى ئۆلچەملىك لاتىن ھەرپى بىلەن يېزىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.  ئىسمى ئۇيغۇرچە ئەرەپ ھەرپى بىلەن يېزىلغانلارنىڭ ئارخىپ تەھرىرلەش بېتىدە ئۆلچەملىك لاتىن ھەرپىگە ئۆزگەرتىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەرەبچە يېزىلغان ئىسىملار ھەر قېتىملىق سانلىق مەلۇماتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ بەزى يازمىلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە ياكى بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ. بۇ تېخنىكىلىق مەسىلە بولماستىن بەلكى ئەزالارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايون ئىشلىتىشى، بەزىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان كىرگۈزگۈچتىن پايدىلانغانلىقى سەۋەپ بولغان.

         7- ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمىدە ئەسكەرتىلگەندەك، تورداشلار قوللانغان ئىسىم قانۇن ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن كىشىگە سەلىبىي ۋە خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا ياكى قالايمىقان بەلگە ۋە سان سىپىرلار بولسا، بىردەك ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

       8- ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى لاتىنچە ھەرىپلار بىلەن ئىپادىلىگەندە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر بىردەك تەۋىسىيە قىلغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.  بۇ -  ئىلمىي سورۇن. يازما يازغۇچىلار ۋە پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار مەسىلىلەرگە ئىلمىي پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىشى، ئىلىمىي ئەمگەكلەرگە ئىلمىي ئاساسلار ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرۇشى كېرەك. خۇسۇسىي خام خىيالغا ئاساسەن ئىلمگە مۇئامىلە قىلماسلىقى، ئىنكار قىلماسلىقى، خاتا نۇقتىنەزەرلەرگە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن تۈزىتىش بېرىشى كېرەك.

         10- تور بېتىمىزنىڭ تېخنىكىلىق ھالقىلىرىدا يۇچۇقلار كۆرۈلسە، بىر ئىلىم ئىگىسىگە خاس پەزىلەت بىلەن يۇشۇرۇن ھالدا، مۇناسىۋەتلىك تۈزگۈچىلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇشىنى، بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

         11- يازما يازغۇچىلارنىڭ ئىملاغا تولىمۇ دىققەت قىلىشىنى، موشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ سۈپىتىنى قوغداش بىلەن بىرگە، باشقا تور بەتلىرى ۋە تورداشلارغا ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈلۈك سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىنى تولۇق ئىگىلەپ كېتىش بىر قەدەر قىيىن، شۇنداقتىمۇ بىر كىشى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆگەنسە ۋە سەللا دىققەت قىلسا كۆپلىگەن ئىملا خاتالىقلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىز ئىملا قېلىپى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى" (1997-يىل نەشرى) ياكى مەزكور كومىتېت بېكىتكەن موشۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى قورال كىتابلاردىن ئىبارەت. تور بېتىمىز تورداشلارنىڭ ئىملادا پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى.

         12- تورداشلارنىڭ بىردەك مىللەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى جەۋلان قىلىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئابروي - ئىناۋەت قوغلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىكىنى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىزدىنىشى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ خالىس تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ______________________ ئوكيان تورى ئىشخانىسى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-4-6 9:23:52]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.