ئۇيغۇرچە ئىنىسكىلوپېدىيەگە چاقىرىق

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-19 15:49:31

ئۇيغۇر تىل-يېزىق خادىملىرى 9 يىل تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق 1989- يىلى بىر قەدەر تولۇق بولغان "ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى"نى ئىشلەپ چىقتى. ئۇنىڭدا 60 مىڭ سوز ۋە ئىبارىلەر توپلانغان بولۇپ شۇندى...

       ئۇيغۇر تىل-يېزىق خادىملىرى 9 يىل تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق 1989- يىلى بىر قەدەر تولۇق بولغان "ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى"نى ئىشلەپ چىقتى. ئۇنىڭدا 60 مىڭ سوز ۋە ئىبارىلەر توپلانغان بولۇپ شۇندىن بۇيان ماۋۇ سوز نېمە ئىدى؟ ئاۋۇنى قانداق دەيمىز ؟ دەيدىغانلاردىن قۇتۇلدۇق. گەرچە نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى تىلىمىزدىكى سۆزلۈكلەر ۋە تىل ئادەتلىرى بارا-بارا ئاددىلىشىپ سۆزلۈكىمىز ئازىيىپ مېڭىۋاتقانلىقتىن لۇغەتكە خېلى نۇرغۇن سۆز- ئاتالغۇلار كىرمىگەن بولسىمۇ ھەر ھالدا بىر ئىزاھلىق لۇغىتىمىز بار بولدى. تىلىمىزدا قانداق سۆزلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇلارنى قانداق تەلەپپۇز قىلىشنى بىلدۇق ۋە ئۆلچەملەشتۇردۇق. باسقىلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەكچى تەتقىق قىلماقچى بولسا پايدىلانغۇدەك بىر نەرسە بار بولدى. ئۇيغۇر تىلى تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىپ كەتسىمۇ مۇشۇ لۇغەت ساقلىنىپ قالسىلا بىز دۇنيانىڭ تارىخىدىمۇ بولسا قېلىپ قالىمىز... بىراق بۇ خىل ئەھمىيەتلىك قەدەملەر مۇشۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدى. بۇ تېخى قەدەملەرنىڭ بىرىنچىسى ئىدى، بۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى...
        لۇغەت بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقىنى نامايان قىلسا ئېنسىكلوپىدىيە بىلىم بايلىقىنى نامايان قىلىدۇ.17- ئەسىردە فىرانسىيەدە تۇنجى بولۇپ بۈيۈك ئىنىسكىلوپېدىيە ئۇقۇمى بارلىققا كەلدى، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيە مۇتەپەككۈرى دېترويىت دېنىس ۋە فىرانسىيە ماتىماتىكا ئالىمى د ئالامبېرت ئوننەچچە يىل ئەجىر قىلىپ 70مىڭدىن كۆپ ئاتالغۇ ئىزاھاتى، 30مىڭغا يېقىن قىستۇرما رەسىم بىلەن دۇنيادىكى تۇنجى ئىنىسكىلوپېدىيە ـ 28توملۇق « پەن-سەنئەت ۋە سانائەت ئاتالغۇلىرى سۆزلۈكلىرى ئىنىسكىلوپېدىيەسى» نى بارلىققا كەلتۈردى، ئارقىدىنلا ئەنگىلىيىلىكلەرمۇ «بۈيۈك بىرىتانىيە ئىنىسكىلوپېدىيەسى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ دۇنيادا ئىنىسكىلوپېدىيە قۇرۇش قىزغىنلىقىنى ۋايىغا يەتكۈزدى. پەن تېخنىكىنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان يېڭى ئىلىم-پەن دەۋرىنىڭ پىشۋاسى ئەنگىلىيىلىك باكون دەل دۇنيادا ئىنىسكىلوپېدىيە تۈزۈشنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى مىللەتلەر بەس بەس بىلەن ئۆز تىلىدا ئىنىسكىلوپېدىيە تۈزۈشنى باشلىۋەتتى، 19-ئەسىردىكى يەنە ھەر بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنىڭ ئىنىسكىلوپېدىيەسىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىدى.
       ئىنىسكىلوپېدىيە قەدىمقى يۇنان تىلىدىكى «enkyklios (ئاددى) ۋە paideia (مائارىپ) ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئاددى مائارىپ ياكى ئۇمۇملاشتۇرشقا تېگىشلىك مائارىپ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى يۇنان ئالىمى ئارىستوتىل تۇنجى بولۇپ ئۇمۇمى پەنلەردىن قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئاساسى قوللانمىغا ئىشلەتكەنلىكتىن دۇنيا ئىنىسكىلوپېدىيە ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ... دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرمۇ ئىنىسكىلوپېدىيە تۈزۈپ چىقتى. 1978- يىلى قازاقستاندا 12 توملۇق كەلگەن «قازاق سوۋېت ئىنسىكلوپىدىيەسى» نەشىردىن چىققان بولسا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ 1980- يىلى «ئۆزبېك سوۋېت ئىنسىكلوپىدىيەسى»، «قىرغىز سوۋېت ئىنسىكلوپىدىيەسى»، شۇنىڭدەك ئەزەربەيجان، تۈركمەن ۋە تاجىك ئىنسىكلوپىدىيەلىرى چىقتى. 1990- يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى قازاق ئىنسىكلوپىدىيەسىنى قازاق-ئەرەب يېزىقىغا ئاغدۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى. مۇشۇ 4 ئەتراپتا تېخى ئۆزىنىڭ ئىنسىكلوپىدىيەسى چىقماي قالغانلاردىن بىز ئۇيغۇرلار قالدۇق.
        ئېنسىكلوپىدىيە بارلىق بىلىملەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات دېمەكتۇر. ئۇنىڭ تۇرى ھەر خىل بولسىمۇ ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ۋە مەخسۇس دەپ ئىككى چوڭ تىپقا بۆلۈنىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئىنسىكلوپىدىيەلەر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بولۇپ «بىرىتانىيە ئېنسىكلوپىدىيە»سىنى ئۈلگە قىلغان.  بۇ خىلدىكى ئىنسىكلوپىدىيەلەر شۇ تىلدا بارلىق بىلىملەر ھەققىدە ئەڭ ئەقەللى، توغرا مەلۇمات بېرىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بىزدە ئەنە شۇنداق بىرەر قامۇسنىڭ يوقلۇقىدىن تېما تەكرارلىقى، ئاتالغۇ خاتالىقى توختىماي يۈز بېرىپ گېزىت-جورناللىرىمىز ئاجايىپ-غارايىپلار بىلەن توشۇپ كېتىۋاتىدۇ.
        بۇنداق ئۇيغۇرچە ئىنسىكلوپىدىيەنىڭ ھوكۇمەتىنىڭ قوللىشى بولماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. زىيالىلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئېھتىياجىنى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ زور ھەجىملىك «ئۆسمۈرلەرگە ئائىت بىرىتانىيە بالىلار ئىنىكىلوپېدىيىسى»نىڭ بىر قىسمىنى ۋە يۈرۈشلۈك «جۇڭگۇ بالىلار قامۇسى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى، بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى بۈيۈك خىزمەت بولدى. مەن بۇ يەردە ئاتا ئانىلارغا ۋە ھەر بىر بىلىم ئەھلىگە ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ كىتاپخانىلاردا سېتىلىۋاتقان بۇ ئىككى ئىنىسكىلوپېدىيەنى سېتىۋېلىشنى ئىمكان بولسا ئۆزىمۇ ئۇقۇپ بالىلارغا كىچىكىدىن ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەركەت قىلىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمما يۇقارقى ئىنىسكىلوپېدىيەلەر پەقەت باىلارغا قارىتىلغان ئىنىسكىلوپېدىيەنىڭ بىر قىسمىلا ، يەنە كېلىپ ئىنىسكىلوپېدىيەگە تېما تاللاشتا ئېغىر مەسىلە بار بولغانلىقتىن ئىنىسكىلوپېدىيەنىڭ ئەسلى مەقسىدى بولغان كىشىلەرنى ئىلىمگە قىزىقتۇرۇش، ئۆز تىلىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم مەنبىئى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئاساسى مەقسەدلەردىن يىراقلاپ كەتكەن. بىزگە يەنە دۇنيادىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەر، بايلىقلار، پەنلەر، ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە ئېقىملىرى، شەخسلەر ۋە بۈگۈنكى دۇنيادا زۆرۈر بولۇۋاتقان ئۆلچەملەشتۈرۈش، لىنىيەلەشتۈرۈش، تەدبىر بەلگىلەش ئىلىملىرى ھەققىدە بىلىش ۋە ئويغىنىش ھاسىل قىلالايدىغان ئىنىسكىلوپېدىيە كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئىنسىكلوپىدىيەدىن قالسا يەنە بىر مۇھىم ئېنسىكلوپىدىيە مىللەت ئىنسىكلوپىدىيەسى. ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. قىىقىچە مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزمىللىتىنىڭ ئىنىسكىلوپېدىيەسىنى ئىشلەشكە كىرىشتى. ۋاھالەنكى مىللي ئىنسىكلوپىدىيەلەر ئىچىدە ھازىر ئەڭ ياخشى ئىشلىتىلىۋاتقىنى «ئىران ئىنىسكىلوپېدىيەسى»(Encyclopaedia Iranica) بولۇپ بۈگۈنگە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئىرانشۇناسلارنى ئۇيۇشتۇرغان، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قەلەم تەۋرەتكەن، سەۋىيسى يوقىرى، كاتتا ئىلمى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. يەنە بىرسى جۇڭگۇ ئىنىسكىلوپېدىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىزچىل ئىشلىنىۋاتقان«جۇڭگۇ ئىنىسكىلوپېدىيەسى»(Encyclopedia of China) بولۇپ، مەن مانا مۇشۇلارنى ئۈلگە قىلغان ھالدا «ئۇيغۇر ئىنىسكىلوپېدىيەسى»(Encyclopaedia Uyghurica) نى ئىشلەشنى، يۇرتىمىز، تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ ئادىتىمىز ھەققىدە قورال خاراكتىرلىك بىر ئىنىسكىلوپېدىيەمىزنىڭ بولۇشىنى، چەتئەللىكلەر سەن كىم دەپ سورىسا قولىغا تۇتقۇزغۇدەك، بالىلىرىمىز ئاۋۇ نىمە دەپ سورىسا ئىنىسكىلوپېدىيەدىن ئىزدەپ باققىن دەيدىغان بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
        بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك ئۈچ نۇقتا بار. بىرى، بىزدە زادى ئىنىسكىلوپېدىيە تۈزۈپ خەلقئاراغا كۆتۈرۈپ چىققۇچىلىك مەدەنىيەت بايلىقىمىز بارمۇ-يوق؟ ئىككىنچىسى شۇ ئىرانشۇناس ۋە جوڭگۇشۇناسلاردەك بىرەر ئىنسىكلوپىدىيەنى قۇرۇپ چىقالىغۇدەك ئىلمى قوشۇنىمىز بارمۇ-يوق؟ ئۈچىنچىسى ئىقتىسادىمىز بۇ قەدەر ئاجىز ھالەتتتە ئىنىسكىلوپېدىيە قۇرۇش مەبلىغى ۋە ۋە مەبلەغنى ياندۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟
       مەدەنىيەت تارىخىدا بىز بەلكىم خەنزۇ، ئىران ۋە ھىندىستانلاردىن كېيىن تۇرىمىز، ئەمما مىلادىدىن بۇرۇنلا يېزىقى بار بولغان، 7-ئەسىردىن ئىلگىرى يازما ئەدەبىياتى بار بولغان بىردىنبىر تۈركى مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشقا ھەر قانداق ئاسيالىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز. ئۆزىمىز ياراتقان مەدەنىيەت تۆھپىلىرىمىز چەكلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما يىپەك يولىنىڭ ئۇستىدە ياشىغانلىقىمىز بىلەن توپلىغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز ناھايىتى مول. تارىم ئويمانلىغىدىن قەدىمقى 24 خىل يېزىق ۋە 17 خىل تىلدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلار تېپىلدى. بۇنداق يەر دۇنيانىڭ ھىچقانداق يېرىدە يوق. خۇددى دۇنيا ئېتنولوگىيە ۋە جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى مورگان ئېيتقاندەك: «ئوتتۇرا ئاسيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرىنى ئاچمىغىچە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ». ئۇيغۇرلاردەك مۇشۇنداق مەدەنىيەتكە ۋە سەرگۈزەشتكە باي، تېنچلىق سۆيەر بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا بىرەر دۇنياۋى ساۋات سۆزلەيدىغان، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرىدىغان بىرمۇ ئىنىسكىلوپىدىيەسىنىڭ بولماسلىقى ناھايىتى نومۇس بىر ئىش.
        بىر ئەسىرلىك ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزدە شەك-شۇبھىسىز قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تولغان 10 تومدىن كۆپ مەدەنىيەت ئىنسىكلوپىدىيەسىنى تولدۇرغۇدەك نەرسىلىرىمىز بار ۋە ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىزنى ھەر بىر بىلمىگەن نەرسىمىزنىڭ جاۋابى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي تىلىمىزنىڭ دۇنيا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز نەزىرىدىكى ئورنىنى كۆتۈرىدۇ. ھازىرغا قەدەر بىز پەقەت باشقىلارنىڭ بىزنى بىلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىپلا كەلدۇق. 10مىليۇنلۇق نوپۇسلۇق مىللەت بولۇش باشقا گەپ، بىراق، مۇكەممەللىكتىنغۇ ئېغىز ئاچماي تۇرايلى ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى ئاددى-يۈزەكى بولسىمۇ تونۇشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان بىرەر پارچە ئىنىسكىلوپېدىيىرىمىز ياكى خەق ئۇيغۇر دىگەن قايسى مىللەت دەپ سورىغان ھامان تۇتقۇزۇپ قويالىغۇدەك كىچىك قوللانمىمىز بارمۇ؟ ئۇيغۇرنى شەرھىلەيدىغان ماتېرىيالنىڭ ئەقەللى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بولماسلىقى بىزنى تېخىمۇ دۇنيادا تېخىمۇ يەككە،باشقىلار بىلمەيدىغان ۋە بىلىشكىمۇ ئامالسىز بولغان خەلق بولۇپ قالماسمىزمۇ؟ ئۇيغۇرشۇناسلىق بىر پەن، ئەمما ئۇيغۇر ھەقىقىدە ئۇ نىمە دەيدۇ، نىمە يەيدۇ، نىمە قىلىدۇ، بۇرۇن نىمە قىلغان ئەمدى نىمە قىلىدۇ دىگەنلەرگە جاۋاپ بەرگەن بىرىشۇرا چاغلىق نەرسە يوق. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر ئىنسىكلوپىدىيەسى بىر خەلقارالىق ئىلمى تېما بولىدۇ.قىممىتى جەھەتتىن بىرەر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدىن ھالقىغان دۇنياۋى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئورتاق ئىشى بولىدۇ. مىللەت ئىنىسكىلوپېدىيىسى تۈزۈش ساھەسىدە ياۋروپالىقلاردىن باشقا، ياپونىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئىران، تايلاند، ۋېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ يۇز يىلدىن ئارتۇق تەتقىقات تارىخى بار. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۆزىمىزدىن نۇرغۇن ئالىملار يېتىشىپ چىقىپ ئىنىسكىلوپېدىيە ئۈچۈن كېرەك بولغان ئىقتىدارلىقلار قوشۇننى تېخىمۇ كېڭەيتتى. مۇشۇ كۈندە ئۇيغۇرلاردىنلا خەلقارا سەۋىيەلىك ياش ئالىملىرىمىزدىن ئون نەچچىسى بار. بۇرۇن بۇلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيتۇق. ئىرانشۇناسلىقنىمۇ غەربلىكلەر باشلىغان، ئىرانلىق ئىرانشۇناسلار بىزدىن جىق بولسا 20 يىل ئالدىدا. ئىران ئىنسىكلوپىدىيەسىنىڭ تۈزۈشكە قاتناشقۇچىلار ئىسىملىكىدىن بىز بۇرۇنقى سانلىرىغا قارىغاندا يېڭى سانلاردا فارىسلارنىڭ بارا-بارا كوپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاخىرى بىزمۇ شۇنداق بولىمىز. ئۇيغۇر ئىنسىكلوپىدىيەسىگە ئىگە بولىدىغان بىر مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەش، ئىقتىسادىنى فوندىنى ھەل قىلىش ۋە تەھرىر ئورگىنىنى بېكىتىش مەزكۇر ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەت بېرىدىغان ھەل قىلغۇچ ئۆتكەل. كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئىرانلىقلار تۈزىۋاتقان ئىران ئىنسىكلوپىدىيەسى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى جۇڭگۇ ئىنىسكلوپىدىيە نەشرىياتى تۈزىۋاتقان «جۇڭخۇا ئىنىسكلوپىدىيە» سىنىڭ بېسىپ كېلىۋاتقان ئەگىر-توقاي يوللىرى بىزنىڭ نېمە قىلىش ۋە قانداق قىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئەينەك.
        كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا بىز 1) نوپۇزلۇق بىر ئاكادېمىيە، ئۇنىۋېرسىتى ياكى نەشىريات، تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن بىرسى مەسئۇل بولغان ھالدا ھەر قايسى ئالى مەكتەپ، شىركەت، ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىرلىشىپ بىر "ئۇيغۇر ئىنسىكلوپىدىيەسى تەييارلىق گۇرۇپپىسى" قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، 2) مەخسۇس ئۇيغۇر ئىنىسكىلوپىدىيە فوندى “The Uygur Encyclopeadia Foundation”نى تىكلەپ چىقىشىمىز كېرەك ، 3) ھازىردىن باشلاپ ماتېرىيال يىغىش، تاپشۇرىمىز كېرەك. ئىنىسكىلوپېدىيە ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مەزمۇنلار دەسلەپتە پىداكارلىق بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۈچ چىقىرىشى شەكلىدە
       ئىران ئىنسىكلوپىدىيەسى 1974- يىلى پىلانلىنىپ 1982- يىلى بىرىنچى تومىنى چىقاردى. بۇ جەرياندا ئۇلار فوند توپلاش، ماقالە تېمىلىرىنى تاللاش جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. ئەڭ قىيىن يېرىگە كەلگەندە پروفېسسور يارشاتەر ئۆزىنىڭ شەخسى كۇتۇپخانىسى بىلەن ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى سېتىپ ئىككى مىليون دوللارنى ئىئانە قىلىۋېتىپ نۇرغۇن باي، تەرەققىپەرۋەر ئىرانلىقلارنى تەسىرلەندۈردى. بۇ يىل چىققان 12- تومنىڭ مۇقاۋىسىدا 20دىن ئارتۇق ئىئانە قوشقان شەخس ۋە فوندلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان. ھازىر ئۇلارنىڭ پۇلى نەچچە ھەسسە كوپ، مەخسۇس ئىشلەۋاتقان خادىملار 10گا يېتىدۇ. ئىران ئىنسىكلوپىدىيەسى ئىران مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر ئۆچمەس مەڭگۈتاش بولۇپ ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقانلارنىڭ نامى مۇقاۋىدا مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئىران ئىنسىكلوپىدىيەسى پۇل تېپىشتىن ۋاز كېچىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئېلان قىلىنغان ھەممە توملىرىنى ئىنتېرنېتقا ھەقسىز چىقىرىۋەتتى.    بۇ بىر ئاجايىپ مەرتلىك بىلەن قوللانغان ئاقىلانە ۋە دانا ھەرىكەت. www.iranica.com بېتىگە كىرىپ بىلىم جەۋھەرلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە دۇنيا خەلقىنى ئىراننى بىلمەسلىكتىن خالاس قىلىش مۇشۇ خىزمەت ئارقىلىق باشلاندى. بۈگۈنكى ئىقتىسادى جەمىيەتتە پۇل ھەقىقەتەن كۈچلۈك، يوقنى بار قىلالايدۇ. ئەمما بۇ ئىشىمىزنى ھۆكۈمەت مەمۇرى جەھەتتىن قوللىغاندىن سىرت، دۇنيادىكى بىر ئالى ئىلمى ئورگان ئۈستىگە ئالمىسا، ئىقتىساد ھەل بولمىسا يەنە بىكار. ئىران ئىنسىكلوپىدىيەسىنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىدەك بىر داڭلىق مەكتەپنىڭ ئۇستىگە ئېلىشى ۋە يارشاتەردەك جانپىدا ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى ئىران ئىنىسكىلوپىدىيەسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بىر ئەسەر بولۇپ چىقىشىغا ئاساس ياراتتى. ئەشۇنداق بولغاچقا ئىرانلىقلار ماقالىلارنىڭ ئىلمى سەۋىيەسىگە، ئالىملارنىڭ ئاكتىپلىقىغا ۋە فوندنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك بېرەلەيدۇ.
       ۋىكىپېدىيادا شەرقتىكى مىللەتلەر ھەققىدە ئەڭ مۇكەممەل ئۇچۇر ئىران ھەققىدە، پارىسلار ھەققىدە يېزىلغانلىرى دىسەك ئارتۇق بولمايدۇ. بىرمىللەت مېنى باشقىلار بىلسۇن دىسە ئۆزى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات كۆپرەك بولۇشى كېرەك، ئۆزەم بىر نەرسە بىلەي دىسە خۇددى تەرجىمە قىلىنغان «برىتانىيە بۈيۈك ئىنىسكىلوپېدىيىسى» گە ئوخشاش ھىچبولمىغاندىمۇ تەرجىمە قىلىنىغان قامۇس خاراكتىرلىك بىلىمنلەر جۇغلانمىسى بولۇشى كېرەك . 
       بۈگۈنگە قەدەر بىزگە ياۋروپادا 3ئەسىر ئىلگىرىكى ۋولتايرى دەۋرىدىن باشلانغان پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەركىتىنىڭ ۋە ياكى  باكون، لوك ، روسسو قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىگە ئائىت ھىچ بىر ئەسىرى  يېتىپ كەلمىگەن ئىدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا بىزدە جامائەت پىكرى پاسسىپ ۋە مۇتەئەسسىپ، يېڭى ئەسىرگە يېرىم ئاھالىسى ساۋاتسىز ، يەنە يېرىمى كىتاپ ئوقۇمايدىغان ساۋاتلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا بىز تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقىغا پەقەت خىزمەت ئارقىلىقلا جاۋاپ بېرەلىشىمىز مۈمكىن.  بىزدە پۇل تاماسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالمىغان، مۇشۇ پۇرسەتتە چۆنتەك توملاشنى ئويلىماي، ساپ نىيتى بىلەن مۇشۇ خىزمەتكە كۆيۈنۈپ، قىممىتىنى ھىس قىلىپ ئەستايىدىل، بىجاندىل خىزمەت قىلىدىغان زىيالىلار بولمىسا بولمايدۇ. كېيىنكى ئىشلار بىزنىڭ يۈرۈشتۈرىشىمىزگە باغلىق. ئوكيان تورى ھازىر ئۇيغۇرچە ئىنىسكىلوپېدىيە قۇرۇشقا مۇشۇنداق كىچىك ۋە ئاددى يۇسۇندا ماتېرىيال يىغىشنى باشلىدى. مەيلى ئۈنۈمى قانچىلىك بولسۇن، بۇ بىر ياخشى نىيەت، ئۇلۇغ خىزمەت. ساخاۋەت نامى بىلەن ئىككى يىل ماتېرىيال يىغىپ ئۈنۈمگە ئىگە بولالمىغانلىقتىن، مۇزىكا ۋە ئۇنىۋېرسال مەزمۇن بار ئوكيان تورىنى ئىنىسكىلوپېدىيە خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش پىكرىگە كەلدۇق. ئىشىنىمىزكى «مېھنەت قىل دەرياغا چاچ، ئەجرىڭنى ئاللاھتىن تىلە» گە ئاۋاز قوشىدىغانلار ھەرگىز بىر-ئىككى ئادەم بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.
         ئىلاۋە: مەزكۇر تېمىنى ئەسلىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر توردىشىمىز ئېلان قىلغان ئىدى، بۇ قېتىم توردىشىمىزنىڭ ئارزۇسىغا لايىق ھالدا ئىسىم فامىلىسىنى ئاشكارىلىماستىن تەھرىرلەپ ۋە ئۆزگەرتىپ يېڭى تېما قىلىپ چىقتۇق. ئوكياندىن باشقا يەنە بىلقۇت قاتارلىق بىر نەچچە بېكەتمۇ ئۇيغۇرچە ئىنىسكىلوپېدىيە خىزمىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ،  تورداشلارنىڭ بىرلىكتە پىكىر قاتناشتۇرۇپ ئەڭ ياخشى نەتىجە بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.