تۈزەتمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى(ئەرتۈرك)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-16 19:18:42

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈ

    ھەر قېتىم ۋېيبودا نۇرغۇن داڭلىقلىرىمىزنىڭ مەيلى ئۇيغۇرچە مەيلى خەنزۇچە بولسۇن يا لوگىكىغا چۈشمىگەن، يا ئىملاسى خاتا يازمىلىرىنى كۆرسەم بەك ئىچىم سىقىلىدۇ. ئىملا قائىدىسى دىگەن ئۇنچىۋالا تەس نەرسىمۇ ئەمەسكەن بولمىسا. پەقەت بىر نەچچە سائەت ئوبدان دىققىتىنى  بەرسە ھەم بىر مەزگىل يازمىسىدا دىققەت قىلسىلا تۈزىلىپ كېتىدىكەن....

    ئزدىنىش تېمىسىدىن ئەرتۈرك ئەپندىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازمىسىنى كۆچۈرۈپ كەلدىم. بىر قېتىم ئوقۇپ قويساقمۇ جىق پايدىسى تېگىدىكەن. شۇ بانىدا ئەرتۈرك ئەپەندىگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
    ----
      
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا   نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ  دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئاتاسى، ئاناسى، ئاچاسى، داپى، ئەمگەكى، گەپى دەپ يېزىلماي، ئاتىسى، ئانىسى، ئاچىسى،  دېپى، ئەمگىكى، گېپى دەپ يېزىلىۋەردى.  ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا فونىتېكىلىق قائىدە، يەنى ئېغىزدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىسا شۇنداق يېزىش قائىدىسى قوللىنىلغانىدى. ۋاھالەنكى،  مەۋجۇت، كىتاپ، ئەدەپ، نەشىر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەر مورفولوگىيلىك قائىدىنى ئاساس قىلىمىز دېگەن گەپ بىلەن مەۋجۇد، ئەدەب، نەشر دەپ يېزىلدى. قائىدىلەر بىرلىككە كەلمىدى ياكى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى. ئەمدى قارىسام، يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئەدەب، نەشر دېگەن سۆز فونىتېكىلىق قائىدە بويىچە ئەدەپ، نەشىر دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، ئەمما قالغان بەزى سۆزلەر شۇ پېتى قاپتۇ، ھەتتا شىنجاڭ دەپ يېزىش ئومۇملىشىپ بولغان بۇ سۆزمۇ قائىدىگە چۈشۈرىمىز دېگەن گەپ بىلەن شىنجياڭ دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ،  نېمدېگەن قالايمىقانچىلىق بۇ! ھېچقانداق مىللەتتە  30 يىلدا ئۈچ قېتىم ئىملا تۈزىتىدىغان ئىش يوق. ئەمەلىيەتتە، كۆڭۈل قويساق ئىملالىق خەت يېزىش تەس ئىشمۇ ئەمەس، ئىملا لۇغىتىنىڭ بېشىدىكى 50 بەتكە يېقىن قائىدىلەرنى بىر قۇر ئوقۇۋەتسەك، بىر نەچچە قېتىم مەشق قىلساقلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، يىللاپ-يىللاپ خەنزۇچە، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەن زېھنىمىزنىڭ بىر پۇچۇقىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلساق، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز. يىغىنچاقلىساق بىر نەچچە چوڭ قائىدە بار: 
    1) سۆزلەر تۈرلەنگەندە قىسقا سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلىشىدۇ؛ مەسىلەن، جان، جېنى، نان نېنى، سەن، سېنى...دە، دېمەك، يە يېمەك... 
    2) سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئۇزۇن سوزۇق ئا، ئە تاۋۇشلىرى ئې، ئى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ئىمان، ئىمانى، ئىقتىساد، ئىقتىسادى، مېھرىبان، مېھرىبانىم (مېھرىبىنىم ئەمەس)، ئەخلاق، ئەخلاقى، رەنا، رەناسى، دانا، داناسى، دانىشمەن، دانىشمەنى، مۇئەسسەسە، مۇئەسسەسەسى، مەجمۇئە، مەجمۇئەسى، ئەسلىھە، ئەسلىھەسى، مەۋقە، مەۋقەسى، قىتئە، قىتئەسى، قەھۋە،  قەھۋەسى، تەۋە، مەنبە، مەنبەسى، مەنپەئەت، مەنپەئەتى، تەۋە، تەۋەلىكىم، تەۋەيىم، تەۋەسى... دېگەندەك. 
    قىسقا سوزۇق  ئا، ئە بىلەن ئوزۇن سوزۇق ئا، ئە نىڭ پەرقى شۇكى، بىرى ئادەتتىكىچە، قىسقا ئېيتىلىدۇ: مەسىلەن،  بالا (پەرزەنت)، بالىسى، بالىنى؛ بىرى سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن،  بالا (بالا-قازا) بالاسى...دېگەندەك.
    3) سۆز ئاخىرىغا ى قوشۇلسا ئۈچىنچى شەخسنى، ىي قوشۇلسا سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن، ئىقتىسادى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى)، ئىقتىسادىي (ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى).  يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە ىي  قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئىقتىساد،  ئىقتىسادىي، خىيال،  خىيالىي، پەخر، پەخرىي، ئومۇم، ئومۇمىي، ... دېگەندەك.  سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە  بولسا ۋى قوشۇلىدۇ: مەسىلەن، مەنە، مەنىۋى، مەھەللە، مەھەللىۋى، دۇنيا، دۇنياۋى، ئەپسانە، ئەپسانىۋى... 
    4) ئىسىملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ: مەسىلەن، باغ، باغقا (باققا ئەمەس)، تاغ، تاغقا (تاققا ئەمەس)، بەگ، بەگكە (بەككە ئەمەس)؛ ئەدىب، ئەدىبلىك(ئەدىپلىك ئەمەس)، ئەدەبىي، ئەدەبىيلىك(ئەدىبىيلىك ئەمەس)؛ تەقلىد ( تەخلىت ياكى تەقلىت ئەمەس)، تەقلىدى، تەقلىدىي؛  ئەرەب (ئەرەپ ئەمەس)، ئەرەبىي تىل؛  كىتاب (كىتاپ ئەمەس) كىتابىي بىلىم...   (ئەگەر تەقلىد، مەۋجۇد، كىتاب... دېگەندەك سۆزلەرنىڭ توغرا ئىملاسىنى يېزىشتا قىينالغاندا شۇ سۆزلەرنى تۈرلەپ باقسىلا يىلتىزىنى بىلگىلى بولىدۇ،  مەسىلەن، تەقلىدىي، مەۋجۇدىيەت، كىتابىيلىق...دەپ تۈرلىگەندە يىلتىزى مەلۇم بولىدۇ ھەم ئىملاسىنى توغرا يازغىلى بولىدۇ).
    5) پېئىللار تۈرلەنگەندە، يىلتىزى ساقلىنىپ ماڭىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەسىلەن،  بول، بولىدۇ، بولماق، بولمىقى (بولمىغى ياكى بۇلمىقى ئەمەس)، بولىدىغان، بولىدىغانلىقى، بولىدىغانلىقىنى، بولمايۋاتقانلىقىنى... قىل، قىلىدۇ، قىلماق، قىلمىقى (قىلمىغى ئەمەس)، قىلىدىغان، قىلىدىغانلىقى، قىلىدىغانلىقىنى، قىلمايۋاتقانلىقىنى... تەگ، تەگدى، تەگمە، تەگكەن (تەككەن ئەمەس)، ئەگ، ئەگدى، ئەگمە، ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس)...
    6) ھەرىكەتناملار تۈرلەنگەندە يىلتىزى ساقلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، بولۇش، بولۇشۇم،  بولۇشۇڭ، بولۇشى(بولىشىم، بولىشىڭ، بولىشى  ئەمەس)، كۆرۈش، كۆرۈشۈم، كۆرۈشۈڭ، كۆرۈشى (كۆرىشىم، كۆرىشىڭ، كۆرىشى ئەمەس). 
    7) يە بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر تۈرلەنگەندە ى غا نۆۋەتلەشمەيدۇ: مەسىلەن، ياپونىيە، ياپونىيەگە (ياپونىيىگە ئەمەس)، نەزەرىيە، نەزەرىيەسى (نەزەرىيىسى ئەمەس)، پارتىيە، پارتىيەسى (پارتىيىسى ئەمەس)، ئارمىيە، ئارمىيەسى (ئارمىيىسى ئەمەس)، رازىيە، رازىيەگە، رازىيەدىن، سانىيە، سانىيەگە، سانىيەدىن... 
    8) سۆز بىرىكمىلىرىنى يازغاندا ئۇلارنىڭ ئانالتىك(بۆلۈنمە ھالەتتە) ياكى سىنتېتىك (قوشۇلما ھالەتتە) ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئانالتىك سۆز بىرىكمىلىرى ئايرىپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن،  باش پىياز(باشپىياز ئەمەس)، باش قۇر (باشقۇر ئەمەس)؛ ھېچ كىشى (ھېچكىشى ئەمەس)، خۇش پۇراق (خۇشپۇراق ئەمەس)...  سىنتېتىك سۆز بىرىكمىلىرى قوشۇپ يېزىلىدۇ: مەسىلەن: باشباشتاق (باش باشتاق ئەمەس)، ھېچكىم (ھېچ كىم ئەمەس)، ھېچبىر، ھېچقاچان، ھېچقايسى، ھېچقەيەر، ھېچقىسى(يوق)، سەكسەنپۇت، ئاشقازان...     
    بىزدە ساۋاتسىزلىق ئېغىر بولغاچقا  ئىملا ساۋاتسىزلىقىنى توغرا چۈشىنىپ كېتىۋەردۇق، مانا مەن دېگەن زىيالىيلارمۇ ئىملادا چانىدۇ، بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق.   قۇرۇلما جەھەتتە يېپىشقاق، ئەۋرىشىم، مەنە جەھەتتىن لوگىكىلىقى كۈچلۈك، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشكە باي، سۆز بايلىقى ھېچقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغان بۇ مۇبارەك تىلىمىز مۇشۇ ئىملا مەسىلىسگە كەلگەندە تېخىچە يارىدار، خاراپ، بىچارە ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ تىلنى قەدىرلەش، ھەقدادىغا يەتكۈزۈش قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، بۇ تىلنىڭ ھەقىقىي ساھىبىغا ئايلىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك، كونۇپكىنى ئاۋايلاپ باسىدىغان ھەر بىر بارماقلىرىمىزدىن تىلىمىزغا، ئىملايىمىزغا بىر قەترە مۇھەببەت تېمىشى كېرەك.  


    تۆۋەندىكىنىمۇ گۇگۇلدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم يازمىكەن. ئەرزىمەيدۇ.

    ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا قوللىنىدىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە: 
         1چېكىت ( . )
         خەۋەر جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        بۈگۈن ئەلكۈيى مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ. 
      يېنىك ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        ئىملانى توغرىلىغايسىز. 
        قىسقارتىپ يېزىلغان خاس ئىسىملارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        ئا.ئۆتكۈر 
        م.ھوشۇر 
        ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        مۇنبەر تۈزۈملىرى: 
       ساغلام تېما يوللاش؛ 
       ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىش؛ 
      مەنبەسى ئېنىق بولۇش؛ 
        .......... 
       بەزىدە چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بويىچە مۇنبەر مەسئۇلى، نازارەتچى، باشقۇرغۇچى، سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. 
        مۇنبەر مەسئۇلى. مۇنبەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.... 
        نازارەتچى. مۇنبەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ... 
        باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى بارلىق تېما ۋە سەھىپىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ.... 
        سەھىپە باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى مەلۇم بىر سەھىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....

        ئەسكەرتىش: تېما ماۋزۇسىنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇلمايدۇ 

    2سوئال بەلگىسى(؟)
         سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        سىز مۇنبەرگە قانداق تېما يوللاپ باقتىڭىز؟ 
        ئادەتتە ئىنكاسنى پۇچەك يازامسىز ياكى خېلى جېنى بار يازامسىز؟ 

        بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ① بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        دېمەكچى بولغىنىمنى تېمامدىن ئۇققانسىز، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ؟ 
       ② بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ 
         قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟ 
        بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ 

    3ئۈندەش بەلگىسى(!)
         ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن! 
         كۆتۈرەڭگۈ ياكى قاتتىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        قولۇڭنى تارت! 
        شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن! 
        ھۆكۈم ياكى كېسىم مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئىنتۇناتسىيىسى كۈچلۈك بولغان بەزى جۈملىلەردىن كېيىنمۇ ئۇندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        مېنى قانداقمۇ سىزگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن! 
         ھەم ئۈندەش، ھەم سوئال مەنىسىنى ئاڭلاتقان جۈملىلەردىن كېيىن، ئۈندەش بەلگىسى بىلەن سوئال بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ.ئەگەر ئۈندەش مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال ئۈندەش، ئاندىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن: 
        « نېمە داستان، نېمە ئىجات، تەپەككۇر، 
        نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟» 
        (ئا.ئۆتكۈر) 
        ئەگەر سوئال مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال سوئال، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن: 
        «ياپراقسىز دەرەخ بولمىغاندەكلا، 
        دەرەخسىز ياپراق تۇغۇلار نەدىن؟!» 
        (ئا. خۇجا) 

    ( ، )4پەش

         جۈملىلەردىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         بۈگۈن شېئىر، رەسىم، تىل ئۆگىنىش، جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىلىرىگە ئۆزگىچە تېمىلار يوللاندى. 
       قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         ئۇ بىر توردىشىنى ئىزدەپ، مۇنبەرگە تىزىملىتىپتۇ. 
        جۈملە تەركىبىدىكى قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         كۈنقىز، بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپسىز-دە؟  
         «خوش ئاتا، مېھرىبانىم، 
         غەمگۇزارىم، ياخشى قال.» 
         (نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن) 
         جۈملىدىكى قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         «بەس، دوستۇم، تەبىئەت يولى شۇنداقتۇر، 
         ئۇنچىۋالا ئېچىنىپ بۇزما كۆڭلۈڭنى.» 
            (ئا.خۇجا) 
          تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەر لېكىن، ئەمما، بىراق، شۇڭا، چۈنكى، ھالبۇكى، ۋاھالەنكى قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، بۇ باغلىغۇچىلار كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئېيتىلسا، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         مەن ئۇنىڭ تېمىسىغا راۋۇرۇس ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، لېكىن، يەنىلا جىلى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. 
          تەڭداش بۆلەكلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر «ۋە، ھەم، ياكى، يا، نە، گاھ» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ كەلسە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلمايدۇ.لېكىن، بۇ باغلىغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ياكى قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا تەكرارلىنىپ كەلسە، ئۇ ھالدا بۇ باغلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار خىزمەتتە ھەم يۈرەكلىك بولۇشى، ھەم تەدبىرلىك بولۇشى لازىم. 
         مەن تېمامنى يا ئەتە، يا ئۆگۈن يوللاي. 
        ئادەتتە ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ، لېكىن پەش قويۇلمىسا ئۇقۇم مۈجمەللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         بۇ، ئادەم بالىسى ئەمەس. 
        بۇ جۇملىدە ئەگەر «بۇ» دېگەن ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمىسا، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس»دېگەن جۈملىگە ئايلىنىپ قېلىپ، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس، باشقا نەرسىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. 
        ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسۇناژ سۆزىدىن كېيىن، سىزىقتىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
    « _ ئەركىن، _ قىز جىددىي ھالدا ئەركىنگە تىكىلدى، _ مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە نېمىشكە قىزىقمىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىز بەك ياسىما. نېمىشكە ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالىجاناپ كۆرسىتىسىز؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياسىما مىجەزلىرىڭىزگە ئۆچ!» 
         (بەرگىيە «ئېھ، ناتونۇش يوللار»دىن) 

    5چېكىتلىك پەش؛ 


    (1) مەزمۇن جەھەتتىن ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئوي–پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئاددىي جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان قوشما جۈملىلەردە چېكىتلىك پەش قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: 
    بېغىررەڭ، ھال ئەتىرگۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا؛ ئېرىقتىكى سۈزۈك شۇلار شىلدىرلاپ ئۈن چىقارماقتا؛ ئەتىيازنىڭ شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتمەكتە. 
    (2)چوڭ تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن كىچىك تەڭداش بۆلەكلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەردە، كىچىك تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش، چوڭ تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
    شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، قاشتېشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. 
    چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ئومۇمەن چېكىتتىن كىچىك، پەشتىن چوڭ بولىدۇ. 
    6. قوش چېكىت( : )
        (1) ئاپتور سۆزى بىلەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە پېرسۇناژ سۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         مۇنبەر مەسئۇلى: « باشقۇرغۇچىلار ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى يوللاپ بەرگەيسىلەر»،_ دېدى. 
        (2) ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز ۋە جۈملىلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        پېرسۇناژلار ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئىجابىي پېرسۇناژ، يەنە بىرى سەلبىي پېرسۇناژ. 
        (3) قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
        ھۆرمەتلىك تورداشلار: 
        ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ كۈنلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن. 
        (4) ئەسكەرتمىلىك سۆزلەردە قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
         ...... 
         ئالاقىلاشقۇچى: ئەركىن 
         تېلىفون نومۇرى: 0991.... 

    7. قوش تىرناق («») 
    (1)جۈملە ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ناملىرى ۋە ماقالە–ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇلىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 
         مېنىڭ « مەن قانداق قىلاي؟» ناملىق ئەسىرىم تورنىڭ تاقىلىشى بىلەن غايىپ بولدى. 
         خەنجەر ماڭا: «مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بوپقالدىم» دېدى. 
    (2) بەزى تەنە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: 
         ئەتىگەن ئۇچۇر يازسام ئەمدى جاۋاب يېزىپسىز، بەك «چاققان» جۇمۇ سىز! 
    (3) باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن نۇقتىلىق سۆزلەر ياكى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە سۆزلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: 
          سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز «تار مەنىدىكى گرامماتىكا»، مېنىڭ ئېيتقىنىم «كەڭ مەنىدىكى گرامماتىكا». 

    8. يالاڭ تىرناق ( <> ) 
         قوش تىرناق ئىچىگە يەنە تىرناق كېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، يالاڭ تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: 
         سەركەردە ماڭا: «مەن ئاپئاق ئاينىڭ <مەن ۋە سەن> دېگەن تېمىسىنىڭ ئاخىرىنى ساقلاپ ھېرىپ قالدىم» دېدى. 

    9. تىرناق ( () ) 
        (1) جۈملىدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك سۆز–جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 
        ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 7يېرىمدا، پاي بازىرى ئېچىلىدۇ. 
        (2) كۆچۈرگەن ياكى نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئاپتورى ياكى ئەسەر نامى تىرناق ئىچىگە يېزىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن: 
        «موڭغۇللار دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان، يېزىقنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن» (ش.سامى «قامۇسۇل ئەئىلەم» 1876–بەت). 
        (3) دراما ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ھەركىتىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 
        زورىخان: (ئاڭلىماسلىققا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا (نۇرۇم باغقاچىقىدۇ). 
         (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: 
         تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قويۇلغان يۇقىرىقى «(1)... (2)... (3)... (4)...» دىكى تىرناقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. 

    10. سىزىقچە ( - ) 
        (1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        كېچە-كۈندۈز، ئېگىز-پەس، ئويمان-چوڭقۇر، دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلار. 
        (2) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        1-سىنىپ،  6-ئاي. 
        (3) سۆزلەردە قۇردىن قۇرغا كۆچۈرۈشتە سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        «بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پارچە ئىل- 
    مىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم.» 
        (4) ئۆز ئارا يېقىن بولغان ئىككى ساننىڭ يانداش كېلىشىدىن تۈزۈلگەن مۆلچەر سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        چوڭ ئۆيدە بەش-ئالتە كۈن تۇرۇپ قالدىم. 
        (5) ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن تەقلىدىي سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        ئوڭ تەرەپتىن پاڭ-پۇڭ قىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. 
        (6) تەكرار سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ. 

    11. سىزىق ( _ ) 
         (1) ئىگىمۇ، خەۋەرمۇ باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولسا، ئىگىدىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        «كۆپىنچە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى _ ئىسىم» 
        (2) تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى سۆز كەلسە، تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        ئوغلۇمنىڭ سىنىپى _ چوڭ يىللىق 2-سىنىپ ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى. 
        (3) دىئالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپى باش قۇردىن يېزىلغاندا سىزىق قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 
        _ ياق، ئەتىدىن باشلاپ ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن بىلەن سۆزلەشمەيمەن. 
        _ نېمىشقا؟ 
        _ يەنە نېمىشقا دەيسەنغۇ؟مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم. 
         («مۇز تۇتقان دەرىزە») 
    (4) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        _ بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ. 
        (5) بەزىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        «چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»
    12. كۆپ چېكىت (....)

        (1) ئوي-پىكىرنىڭ تولۇق ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        «ئۆزۈم بىلىمەنكى، مەن يازمىساممۇ، كەلگۈسىدە ئۇ قەھرىمانلارنى ئەسلەپ يازىدىغانلار چىقىدۇ؛ ئۇلار ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ....» 
        (2) سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىكى قورقۇش، جىددىيلىشىش، دۇدۇقلاش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۈزۈلۈشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        _ بايا كوچىدا تۇرۇپ نېمە ئىش قىلدىڭ؟ 
        _ مەن.... 
        (3) 
        دىئالوگلاردا جاۋابسىز قالغان جايلارغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 
        دۈشمەن ئەسكەرلىرى بالىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى: 
        _ ئېتىڭ نېمە؟ 
        _ ..... 
        _ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟ 
        _ .....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىملا