قامۇسقا چاقىرىق

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-22 00:08:00

2007-يىللىق نورۇز بايرىمىمىزھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بىلەن قۇتلۇقلاندى... ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن، قورال خاراكتىرلىك نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقچى بولغان ئوكيان قامۇسىنىڭ م...

       2007-يىللىق نورۇز بايرىمىمىز ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بىلەن قۇتلۇقلاندى... ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن، قورال خاراكتىرلىك نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقچى بولغان ئوكيان قامۇسىنىڭ ماتېرىيال توپلاش باشقۇچىدىكى تور بېتى ساخاۋەت مۇنبىرى نورۇز كۈنى رەسمى ئېچىۋېتىلدى. 

       ساخاۋەت مۇنبىرى - مۇكەممەل ئۇيغۇرچە بىلىم ئامبىرى-ئوكيانۇس شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىنىسكىلوپېدىيە okyan.com غا مەزمۇن تولۇقلاش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بېكەت بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەردىن تارتىپ ھايۋاناتلارغىچە، دۆلەتلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈندىكى پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى بارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنتىرنىت ساھەسىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن مۇكەممەل بىلىم ئامبىرى بارلىققا كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان، بىلىم ۋە ئۆمرىنىڭ ساخاۋىتىنى بەرمەكچى بولغانلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئۇيغۇرچە ئېنىسكىلوپېدىيە ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان دەسلەپكى سەھنە.  

        مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق تەنساقلىغىمىز ۋە توغرا يولىمىزنىڭ شۈكرانىسى سۈپىتىدە ئەزىز خەلقىمىزگە ئۆز تىلىمىزدا بىر يېڭى بىلىم، بىر يېڭى تۇيغۇ، بىر يېڭى مەنبە ھاسىل قىلىپ بېرەلىسەك بىزنىڭ ھاردۇقىمىز چىقىدۇ... تۇرمۇش، خىزمەت، مۇناسىۋەت ۋە يەنە نۇرغۇن بېسىملار ئارىسىدىن مۇنبىرىمىزگە ۋاقىت چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئەزىز زىيارەتچىلىرىمىز مۇنبەر ئارقىلىق يېڭى بىر بىلىمنى تونۇشتۇرسا، يېڭى بىر ئاتالغۇغا ئىزاھات بەرسە، بىر ئەھمىيەتلىك تېما، بىر تولۇقلانغان ئىنكاس، ئەڭ بولمىغاندا بىر سوئال بىلەن خىزمىتىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، ئىككى دوستىغا ئوكيان تورىنىڭ مەقسىدىنى تەشۋىق قىلىپ بېرەلىسە بىز ساۋاپ تاپقانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز...

       ئەزالار سانى ۋە كۈندىلىك زىيارەتچى گەرچە بىز قوغلىشىدىغان نىشان بولمىسىمۇ ئەجرىمىزدىن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەمنى بەھرىمەن قىلىش ئارزۇيىمىز بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلدۇق. نازاكەت، ئاقئۆرۈك، ھاتەم قاتارلىق ئەزالار ئالدىراش خىزمىتىنىڭ ئارىسىدىن پۇرسەت چىقىرىپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى مىننەتسىز سەرپ قىلىۋاتىدۇ.  تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئۈچۈن مۇنبىرىمىزدە تەشۋىقاتقا لايىق مەزمۇن بولۇشى كېرەك. ئەمما مۇنبەر قۇرۇلغاندا پىلان قىلىنغان ئىنىسكىلوپىدىيە خاراكتىرلىك دۇنيانىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامبار خاراكتىرلىك مۇنبەر قىلىشقا ھازىر بار ئەزالار يېتىشەلمەيۋاتىدۇ.

        شۇڭا بىز  قانداق قىلغاندا مۇنبەرنى ئارزۇيىمىزدىكىدەك 1. ئەھمىيەتلىك تېمىلار ئارقىلىق تورداشلارغا ئەمىلى پايدا يەتكۈزىدىغان ئەھمىيەتلىك مۇنبەر، 2. تەكرار تېما، كۆچۈرۈلمە تېما، ئەخلەت تېما بولمىغان، باشقا مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئەكەلمەيدىغان ساپالىق مۇنبەر 3. زىيارەتچى سانى ۋە تۆھپىكار سانى ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلار ئىچىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان مۇنبەر قىلىش ئۈچۈن ئاشكارا تەكلىپ ۋە تەنقىت يىغىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. تورداشلارنىڭ ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئاساستا گۈزەل ئارزۇلىرىمىز ۋە خالىس نىيىتمىزنى گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىق پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايانماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سورايمىز.

        ئەجدادلىرىمىزدىن ئىسىل ئۇدۇم: مېھنەت قىل دەرياغا چاچ، ئەجرىڭنى ئاللادىن تىلە ...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:54:23]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق