پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلار بارمىدۇ؟

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 19:04:00

بۈگۈنگە قەدەر بىزگە ياۋروپادا 3ئەسىر ئىلگىرىكى ۋولتايرى دەۋرىدىن باشلانغان پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەركىتىنىڭ ۋە ياكى باكون لوك روسسو قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىگە ئائىت ھ...

       بۈگۈنگە قەدەر بىزگە ياۋروپادا 3ئەسىر ئىلگىرىكى ۋولتايرى دەۋرىدىن باشلانغان پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەركىتىنىڭ ۋە ياكى باكون لوك روسسو قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىگە ئائىت ھىچ بىر ئەسىرى يېتىپ كەلمىدى.
        دەل مۇشۇنداق بولغاچقا بىزدە جامائەت پىكرى پاسسىپ ۋە مۇتەئەسسىپ، يېڭى ئەسىرگە يېرىم ئاھالىسى ساۋاتسىز ، يەنە يېرىم ئاھالىسى كىتاپ ئوقۇمايدىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كىردۇق، ئايدا بىر پارچە كىتاپ ئوقۇمايدىغان ساۋاتلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا بىز تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقىغا پەقەت خىزمەت ئارقىلىقلا جاۋاپ بېرەلىشىمىز مۈمكىن...
       مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ تۇرغانلاردىن پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش چاقىرىقىغا يەنى يۇرتىمىزنىڭ ئىدىيە، ئۆزىنى تونۇش، ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇق ، شەخس قىممىتى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ھەركىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ؟
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق