پارس مەكتۇپلىرى 9، 10- خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 13:35:18

پارس مەكتۇپلىرى مۇنتىسكىيۇ توققۇزىنچى خەت: باش ئاختا قۇلنىڭ ئىبىنغا يازغان خېتى(ئىجىرۇنغا ئەۋەتكەن)سەن كونا خوجايىنغا ئەگىشىپ ھەممە يەرنى كېزىپ يۈرىسەن؛ ھەرخىل يۇرت ۋە خانلىقلارغا باردىڭ. سېن...

     


    پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    توققۇزىنچى خەت: باش ئاختا قۇلنىڭ ئىبىنغا يازغان خېتى

    (ئىجىرۇنغا ئەۋەتكەن)

    سەن كونا خوجايىنغا ئەگىشىپ ھەممە يەرنى كېزىپ يۈرىسەن؛ ھەرخىل يۇرت ۋە خانلىقلارغا باردىڭ. سېنىڭدە غەم-غۇسىدىن ئەسەرمۇ يوق. چۈنكى سەن بۇرۇن ھېچقانداق يېڭى نەرسىلەرنى كۆرمىگەن ئىدىڭ؛ شۇڭا سەن كۆرۈۋاتقان ھەممىلا نەرسە سېنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالىسەن.

    مېنىڭ ئەھۋالىم تامامەن باشقىچە. مەن قورقۇنچلۇق گۇندىخانىغا قامالغان، ئەتراپىمدىكى ھەممىلا نەرسە ھەركۈنى بىرخىللا، كۆڭلۈم ئەبىدىلىك قايغۇ-ئەلەم بىلەن بەنت. ئەللىك يىلدىن بېرى تىترەپ يۈرۈپ تەشۋىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئكمرۈم قەددىمنى پۈكۈپ، ئىڭرىغۇدەكمۇ دەرمانىمنى قويمىدى. ھاياتىمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تېنچ ۋە خاتىرجەم بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن.

    باشتا، مېنىڭ بىرىنچى ىوجايىنىم دەھشەتلىك نىيەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ دېدەكلىرىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا ئۆتكۈزمەكچى بولدى، تۈرلۈك تەھدىتلەرنى سالدى ھەم ئازدۇردى، شۇدىن ئېتىبارەن مېنىڭ ئەبىدى ناكا بەندە بولۇپ قېلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ چاغلاردا مەن مۇشەققەتلىك ئىشلاردىن بەكمۇ بىزار بولۇۋاتقان بولغاچقا، ئۆز جىنسىيىتىمنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئىزلەيتتىم. مېنى ھەقىقەتەنمۇ نەس باسقان ئىكەن! ئويۇمدا نەپ تېگىشنىلا كۆرۈپ، زىياننى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. چۈنكى ئۇ چاغدا مەن، بەرىبىر مۇھەببەتنى قاندۇرغۇدەك ھالىم يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە مۇشۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، مۇھەببەت توزىغىدىن قۇتۇلاي دەپ قارىغان ئىدىم. ھەي! نەدىن بىلەي، ئۇلار مېنىڭ جىسمىمدىن مۇھەببەت ئامىلىنى ئۈزۈپ تاشلىغىنى بىلەن، مۇھەببەت مەنبەسىنى ئېلىپ تاشلىيالمىغان ئىكەن، بۇ ئىش مېنىڭ شەھۋىتىمنى يېنىكلىتەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئەتراپىمدىكى ھەممىلا نەرسە مېنىڭ شەھۋىتىمنى قوزغاپ كەلدى. ئارقا ھويلىغا كىرىشىم بىلەنلا ھەممە نەرسە مېنىڭ يوقاتقان جىسمىمنىڭ ئەلەملىك پۇشايمىنىنى قوزغايتتى: ھەرمىنۇت، ھەر سېكونتتىكى جانلىنىش، خىلمۇ-خىل نازىنىن-جانانلار، ىۇددى مېنى پۇشايمان  قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قەستەن مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەكلا ئىدى. مېنىڭ بەخىتسىزلىگىم چېكىگە يېتەتتى، چۈنكى مېنىڭ ئالدىمدىلا ئەبىدى بەخىتلىك بولغا ئەركەك مەۋجۈت ئىدى. ئاشۇ پاراكەندىچىلىك كۈنلەردە مەن دائىم ئاياللارنى باشلاپ خوجايىننىڭ كارىۋېتىغا ئېلىپ كىرىپ، كىيىمىنى يېشىندۈرەتتىم، قايتىپ كەلگەندە قەلبىم ھەسرەت-ئامالسىزلىقنىڭ شىددەتلىك يالقۇنىدا ئۆرتىنەتتى، رەھىمدىللىك ئۈمىدسىزلىك دەھشىتىگە چۆمكىلەتتى.

    مېنىڭ پاجىئەلىك ياشلىغىم مانا شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. مېنىڭ ئۆزۈمدىن باشقا بىرمۇ سىردىشىم يوق ئىدى، غەم-غۇسسىلىرىمنى ئىچىمدىن چىقىرالمايتتىم، ئىلگىرى مەن ئاياللارغا ئىللىق نەزەردە باققان بولسام، ھېلىقى ئىشتىن كېيىن مەن ئۇلارغا زەردە بىلەن قارايدىغان بولدۇم. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ئىللىق نەزىرىمنى بايقاپ قالىدىغان بولسا تۈگىشەتتىم. ئۇلار مېنىڭ ئاجىزلىقلىرىمدىن تولۇق پايدىلىنىپ نېمىلەر قىلىشنى ئويلاشمايدۇ دەيسەن؟

    بىر كۈنى مەن بىر ئايالنى سۇغا چۆمۈلۈشكە ئېلىپ بارغىنىم ئېسىمدە، ئۇنىڭغا قاراپ بىردىنلا ھېسسىياتىم قوزغىلىپ كەتتى-دە، بارلىق ئەقلىمنى يوقاتتىم، قولۇم ئۇنىڭ مەلۇم ئەيمىنىشلىك جايىغا تېگىپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن ئەمدى تۈگەشتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. بەختىمگە يارىشا، مەن قاتتىق جازا ھەم دەھشەتلىك ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىم. بىراق ھېلىقى گۈزەل مېنىڭ ئاجىز جايىمنى تۇتۇۋېلىپ مېنى تېخىمۇ زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى:  مېنىڭ نوپۇزۇم تامامەن كارغا كەلمەس بولۇپ قالدى؛ شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ مېنى كۈرمىڭ قېتىم ھايات خەۋپىگە قارىماي تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلاپ كەلدى. مېنىڭ ئۇلارغا سۈكۈت قىلماي ئىلاجىم يوق ئىدى.

    كېيىن بولسا، ياشلىقىم يالقۇنلىرى ئۆچتى، قېرىدىم، ھېسسىياتسىز، تىپ-تېنىچ دۇنياغا قەدەم قويدۇم؛ ئاياللارغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولدۇم؛ ئىلگىرى ئۇلار مېنى پەس كۆرەتتى، قىينايتتى، ئازابلايتتى. ھازىر مەنمۇ ئۇلارغا جاۋابەن شۇنداق قىلىدىغان بولدۇم؛ مەن شۇنى مەڭگۈ ئېسىمدە تۇتىمەنكى، مەن پەقەت ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈنلا يارالغانمەن، مەن ئۇلارغا  بۇيرۇق چۈشۈرۈش پۇرسىتىنى تاپقاندا، گويا باشقىدىن ئەركەك بولۇپ قالغاندەك روھلىنىپ كېتىمەن. قاچاندۇر، ئۇلارنى سوغۇق  قانلىق بىلەن كۈزىتىشكا باشلىغاندىن تارتىپ، ھەم ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئاجىزلىقلىرىنى ئەقلىم بىلەن پەملىۋالغاندىن  كېيىن، ئۇلار مېنىڭ نەپرەتلىنىش ئوبېكتىم بولۇپ قالدى. گەرچە مەن ئۇلارنى باشقىالر ئۈچۈن مۇھاپىزەت قىلىپ بېرىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇيرۇققا ئىتائەتچانلىقى مېنىڭ ئۈچۈن بىر ئەرمەك بولۇپلا قالماي، بەلكى مېنى يوشۇرۇن خوشاللىققىمۇ ئىگگ قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ھەممە نېمىدىن مەھرۇم قىلسام، ئۇلار گويا مېنىڭ ئۈچۈن ئەرزىيەت تارتىۋاتقاندەك بولىدۇ-دە، ۋاستىلىكبولسىمۇ قانائەت تاپىمەن. مەن ئارقا ھويلىدا خۇددى ئۆزۈمنىڭ كېنەزلىگىمدە يۈرگەندەك يۈرىمەن. شۇڭا مېنىڭ ياۋۇزلۇقۇم-مېنىڭدە قېپقالغان بىردىن-بىر قىزغىنلىق، سەل-پەل قانائەتلىنىدۇ. ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ماڭا تايىنىدىغانلىقىنى، ھەرسائەت، ھەرۋاقىت ماڭا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ. مەن بارلىق ئاياللارنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىگىنى قۇبۇل قىلىشقا تەييارمەن. بۇنداق ئۆچمەنلىك مېنىڭ ئارقا ھويلىدىكى ۋەزىپەمنى مۇستەھكەملەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ۋاپاسىزلار بىلەن ئالاقە قىلمىسا ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل ئېچىش تەلەپلىرىنى بىجا كەلتۈرۈپ تۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ تۈزگەن پىلانلىرى ۋە تاپقان پەملىرىگە ئۇشتۇمتۇت توسالغۇلۇق قىلىمەن. مېنىڭ كۆڭلۈم خۇددى كىرپىنىڭ بەدىنى تىكەن بىلەن قاپلانغاندەك ئەندىشە بىلەن تولغان. مەن شۇڭا دائىم مۇقەددەس ۋەزىپەمدىن باشقا ئەخلاق، نومۇس، كەمتەرلىك دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەيمەن. ئۇلارغا ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقى، خوجايىنىنىڭ قۇدرىتىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئارقىدىنلا ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ، مېنىڭ بۇنداق قاتتىقلىقىم تامامەن ئامالسىزلىقتىن بولۇۋاتقانلىقىنى، مەندە پەقەت ئۇلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەش ۋە ئۇلارغا بەكمۇ غەمگۈزار بولۇشتىن ئۆزگە ھېچقانداق مۇددىئا يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنىمەن.

    بۇ جەھەتتە مېنىڭ تارتىدىغان ئاھانەتلىرىممۇ ھەددى-ھېسابسىز. ئەنت ئېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئاياللار مېنىڭ تەنبىھلىرىمنى كۆتۈرمەي قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ماڭا شىددەتلىك قايتۇرما زەربە بېرىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ، مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى خۇددى سۇ دولقۇنلىرىغا ئوخشاش، بىردە ئۇلار، بىردە مەن بېسىپ كېتىمەن. ئۇلار دائىم ئادەم ئۈچۈن ئەڭ نومۇسلۇق  بولغان ئىشلارنى ماڭا يۈكلەيدۇ، مېنى ئېيتقۇسىز پەس كۆرىدۇ ھەمدە مېنىڭ ياشىنىپ قالغىنىمغا قارىماي، ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ بىر كېچىدە ئون ق ېتىملاپ ئويغىتىدۇ. مەن بۇيرۇقلارغا بىنائەن ئىش بۇيرۇپ، ئىشقا سېلىنىپ، بەڭۋاشلىقلاردىن قۇتۇلغىچە ھاسىراپ-چۆمۈدەپ ھېچ دەرمانىم قالمايدۇ، ئۇلار خۇددى نۆۋەت بىلەن مېنى مەشىق قىلدۇرىۋاتقاندەك تۈگىمەس-پۈتمەس ھېيلىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مېنى شۇنداق ھاردۇرۇپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ، ئۇلار بىراۋلارنى ئەۋەتىپ ساختا سىرلارنى يەتكۈزىدۇ: بەزىدە بىرسى تام كەينىدە بىر ياش يىگىتنىڭ تۇرغانلىقىنى يەتكۈزسە، يەنە بىرسى سىرتتا گۇمانلىق ئاۋازلارنىڭ ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى ياكى گۇمانلىق خەت تېپىۋالغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ، بۇلار مېنى مانا شۇنداق تەمتىرىتىپ ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ-دە، ئۆزلىرى بولسا خوشال بولۇپ كۈلىشىدۇ. مېنىڭ ئۆز-ئۆزۈمگە تېپىۋالغان مۇشۇنداق باش ئاغرىقلىرىم ئۇلارنىڭ ئېيتقۇسىز شادلىقلىرىنى قوزغايدۇ. بىر قېتىم ئۇلار مېنى ئىشىكنىڭ كىينىگە باشلاپ قويۇپ بىر سوتكا تۇرغۇزدى. ئۇلار يالغاندىن ئاغرىۋېلىشقا، يالغاندىن ھوشسىز بولۇۋېلىشقا، ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا بەك ماھىر، ئۇلارنىڭ باھانىلىرى شۇنچىلىك نۇرغۇنكى، بۇرنۇمغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەندەك ئەگىشىپ ماڭماي ئىلاجىم يوق. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئۇلارغا قارىغۇلارچە بوي سۇنماي، نېمە دېسە خوپ دېمەي مۇمكىن ئەمەس؛ ماڭا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ياق دېگەن سۆزنى قىلىشقا پېتىنالىشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كېچىكتۈرسەم، بوي سۇنمىسام ئۇلار مېنى خالىغانچە جازالاشقا ھوقۇقلۇق. قەدىرلىك ئىبىن، قېرى جېنىمدىن كېچىشكە رازىمەنكى، بۇنداق خورلۇقلارغ ائەمدى تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن.

    يۇقىرىقىلار تېخى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئەمەس. مېنىڭ خوجايىننىڭ كۆڭلىنى سەل-پەل بولسىمۇ ئالالىشىمغا ئىشەنچىم يوق. خوجايىننىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغان كۆپلىگەن ئاياللار، مېنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىم- ئامال قىلىپ مېنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئىتتىرىش كويىدا. ئۇلار خوجايىن بىلەن جىپسىلاشقان پەيتلەردە توقىناق بالانىڭ ھەممىسى ماڭا ئارتىلىدىغانلىقى تۇرغان گەپ. مەن، ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئاياللارنى خوجايىننىڭ كارىۋېتىغا ئېلىپ بارىمەن، شۇنداق ئىكەن ئۇلار ئۇ يەردە مەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرەرمۇ؟ ماڭا ئۇلاردىن نەپ تېگشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرى، ئۇلارنىڭ مۇڭلۇق ئىڭراشلىرى، قۇچاقلاپ سۆيۈشلىرى، ھەتتا ئۇلارنىڭ خوشاللىقلىرى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئەيمەندۈرۈپ پاراكەندە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنى مېنىڭ ئۈچۈن تەھدىت ۋە ۋەھىمە. ئۇلارنىڭ نازلىنىشلىرى مېنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچلۇق، مېنىڭ ئىلگىرىكى ئەجىر-ئەمگەكلىرىمنى ئۇلارنىڭ بۇنداق چاغدىكى خىزمەتلىرى ھەش-پەش دېگۈچە كۆككە سورۇۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق پالاكەتكە يولۇقۇپ قالسام، تۇتامى يوق خوجايىننىڭ ئالدىدا ھەرقانداق چارە بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولالمايمەن.  

    كەچ كىرىپ ئۇخلاشقا ياتقاندا، خوجايىننىڭ ماڭا ياخشى كۆڭلى باردەك قىلىدۇ، تاڭ ئېتىپ ئورنىدىن تۇرغاندا بولسا، ئۇنداق كۆڭۈلدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ-بۇنداق ئىشلارغا قانچە-قانچە قېتىملاپ يولۇقمىدىم دەيسەن! قايسى بىر كۈنى ئارقا ھويلىنىڭ يېنىدىلا قامچىلىنىپ يۈزۈم تۆكۈلدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دېسەڭ، ئەسلىدە مەن خوجايىننىڭ قوينىغا ئۇزىتىپ قويغان بىر ئايال خوجايىننىڭ شەھۋىتى ئۆرلىگەن پەيتنى پايلاپ، كۆز يېشى قىلىپ مېنڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان، بۇ شىكايەت خوجايىننىڭ راسا ئەۋجىگە چىققان مۇھەببەت ھالالىسىغا تەڭكەش بولغان. بۇنداق قىل ئۈستىدىكى چاغلاردا، مەن قانداقمۇ غىڭ-پىڭ قىلالايتتىم؟ سەللا بىخەستىلىك قىلسام بوينۇم ئۈزۈلىدۇ. مەن شېرىن چىرمىشىش بىلەن مۇڭلۇق ئىڭراشتىن ھاسىل بولغان توختاملارنىڭ قۇربانى. قەدىرلىك ئىبىن، مەن مانا مۇشۇنداق دەھشەتلىك ئەھۋالدا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.

    سەن  نېمە دېگەن بەخختلىك-ھە! سېنىڭ خەۋەر ئالىدىغان ئادىمىڭ يۇنۇسبەگ بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھىممىتىگە سازاۋەر بولۇش، سېنىڭ ئۈچۈم ھېچگەپ ئەمەس ھەمدە ئۇنىڭ ھىممىتىنى ئۆمرىڭنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ قالالىشىڭ مۇمكىن.

       1711-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئىسپاھاندىكى ئىچكىرى قورا.

     

    ئونىنچى خەت: مىرزىنىڭ (مىرزا- ھۆرمەت نامى، پادىشاھلار بۇ نامنى ئىشلەتكەندە ئىسمىنىڭ كەينىگگ قويىدۇ. ئەدىپلەر بۇ نامنى ئىشلەتكەندە ئىسىمنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ئەمما بۇ يەردە بۇ نام ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەن)دوستى-يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى

    (ئىجىرۇنغا ئەۋەتىلگەن)

     رىجاد مەندىن ئايرىلىپ يىراقلارغا كېتىپ قالغاندا، پەقەت سەنلا مېنىڭ دەردىمگگ دەرمان بولاتتىڭ؛ شۇنداقلا پەقەت رىجاتلا مېنىڭ ساڭا بولغان سېغىنىشىمغا تەسەللىي بېرەلەيتتى. يۇنۇسبەگ، بىز سېنى بەكمۇ سېغىنماقتىمىز، چۈنكى، سەن بۇ يەردىكى بۇرادەرلىرىمىزنىڭ جېنى ئىدىڭ. كۆڭۈلگە ئورناپ كەتكەن دوستلۇق رىشتىنى زورلۇق بىلەن تىزگىنلىمەي تۇرۇپ ئايرىلىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن!

    بىز بۇ يەردە مۇنازىرە قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، مۇنازىرىلىرىمىز كۆپىنچە ئەخلاقىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە بولماقتا. تۈنۈگۈن بىرسى، ئادەمنىڭ بەخختلىك بولۇشى، جىسمانىي تەلەپنىڭ قانائەتلەندۈرۈلۈشى ۋە جىسمانىي ھوزۇردىن بولامدۇ ياكى ئەخلاقىي ئەمەلىيەتتىن بولامدۇ؟ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن دائىم سېنىڭ: ئادەم ھاياتلا بولىدىكان يۈكسەك ئەخلاقلىق، ئادالەتپەرۋەر بولۇشى كېرەك، بۇ ھەربىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدە پەزىلەت، دېگەنلىرىڭنى ئاڭلايتتىم. شۇ دېگەنلىرىڭنىڭ مەنىسىنى نېمە، مالال كۆرمەي يېشىپ بەرسەڭ.

    مەن بۇ ھەقتە بىر نەچچە موللىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدىم، ئۇلار كىلاسسىكلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ «قۇرئان»دىن سۆزلەپ مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى، چۈنكى مەن ساداقەتمەن مۇىلىس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئادەم سۈپىتىدە، پۇقرا سۈپىتىدە، بىر ئاتا سۈپىتىدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدىم.

    خەير-ىوش

     

                  1711-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى. ئىسپاھان

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇنتىسكيۇ خەت پارىس _