پارس مەكتۇپلىرى 16، 17-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 16:50:34

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇئون ئالتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ ئۈچ قەۋرە شەيخى (ئۈچ قەۋرە ھەزرىتى بۈۋى پاتىمە بىلەن پارىسلارنىڭ قەدىمقى پادىشاھى سەيفى ھەم ئابباسنىڭ قەۋرىلىرىنى كۆرسىتىدۇ) موللا مۇ...



     پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    ئون ئالتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ ئۈچ قەۋرە شەيخى (ئۈچ قەۋرە ھەزرىتى بۈۋى پاتىمە بىلەن پارىسلارنىڭ قەدىمقى پادىشاھى سەيفى ھەم ئابباسنىڭ قەۋرىلىرىنى كۆرسىتىدۇ) موللا مۇھەممەت ئەلىگە يازغان خېتى

    (گامغا ئەۋەتىلگەن)

    مۆھتەرەم موللا، سىز گۆرۈشتانلىقتا قانداق ياشاۋاتىسىز؟ سالاپىتىڭىزدىن ئېيتقاندا، سىز ئەسلىدە يۇلتۇزلارنى ماكان تۇتۇشقا خاس ئىدىڭىز، سىزئۆزىڭىزنى ھەممىدىن يوشۇرۇپ خۇپىيانە ياشايسىز. سىز قۇياشتەك پاكىز ۋە تازا، شۇنداقلا بۇلۇت ئىچىگە مۆكۈنگەن قۇياشقا ئوخشاش كىشىلەرگە كۆرۈنمەيسىز.

    سىزنىڭ بىلىمىڭىز دېڭىز ئوكياندەك تىرەن ۋە چوڭقۇر، سىزنىڭ ئەقلىڭىز ھەزرىتى ئەلىنىڭ زۇلپىقارىدەك ئۆتكۈر؛ سىز يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ قەھرىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئىشلىرىدىنمۇ خەۋەردارسىز؛ سىز بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئالدىدىمۇ «قۇرئان»نى تەپسىر قىلىپ بېرەلەيسىز، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس سۈرىلەرنىڭ سىرلىق مەنىلىرىنى پەرىشتىلەر، ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئەرشتىن قانات قېقىپ زېمىنغا چۈشۈپ سىزگە بايان قىلىپ تۇرىدۇ.

    سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە مەن شېرۋان (پەرىشتە) بىلەن يېقىن بولۇپ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قېلىشىم مۇمكىن. چۈنكى سىز ئون ئۈچ ئىمام (مۇھەممەت پەيغەمبەر زامانىدىكى ئون ئىككى ساھابە ۋە خەلىپىلەر ئىمام دەپ ئاتىلىپ ھۆرمەتنى كۆرسىتىدىغان ئاتالۈۇ بولۇپ قالدى.) ئەڭ ئاخىرىدا، ئەرش بىلەن زېمىننىڭ مەركىزى سۈپىتىدە، دوزاق بىلەن جەننەت ئوتتۇرىسىدىكى پىلسىرات بولىدۇ، دېگەن ئەمەسمىدىڭىز؟

    مېنىڭ ئەتراپىمدا بىر توپ چاكىنا خەلق ياشايدۇ. سىز مېنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن پاكىزلىنىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ؛ بېشىمنى كۆتىرىپ سىز تۇرۇۋاتقان ئاشۇ مۇقەددەس جايغا نەزەر سېلىشىمغا ئىجازەت بېرىڭ، خۇددى چاقنىغان قۇياش نۇرىدا قارا يىپ بىلەن ئاق يىپ قانداق ئايرىلسا، مېنىمۇ چاكىنىلاردىن شۇنداق ئايرىۋېتىڭ؛ سىز ماڭا ياردەم بېرىڭ، ماڭا يېتەكچىلىك قىلىڭ؛ دىلىمغا ئىنساپ بېرىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھى بىلەن قەلبىمنى يۇرۇتۇڭ، جەننەتنىڭ ھېكىمىتى بىلەن ئوزۇقلىناي، روھىمدىكى ۋىجدانى جاراھەتلەر بىلەن ئايىغىڭىزغا تاشلىنىشىمغا ئىجازەت بېرىڭ. سىزنىڭ مۇبارەك قول يازمىلىرىڭىزنى ئىجىرۇندا كۆرۈشنى خالايمەن، مەن بۇ يەردە بىر نەچچە ئاي تۇرىمەن.

              1711-يىل جامادىليەلئاخىر ئېيىنىڭ 11-كۈنى، ئىجىرۇن.

     

     

    ئون يەتتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ يۇقۇرقى كىشىگە يازغان خېتىنىڭ داۋامى

    مۆھتەرەم موللام، مەن ئۆزۈمنىڭ تەقەززالىقىمنى باسالماي، سىزنىڭ مۇبارەك يازمىلىرىڭىزنىڭ كېلىشىنىمۇ كۈتمەي، كۆڭۈل ئەندىشلىرىمنى سىزگە بايان قىلىشقا ئالدىرىدىم. مەن خۇددى ئەقلىمدىن ئېزىشقا باشلاۋاتقاندەك قىلىمەن، سىز مېنى توغرا يولغا سالغايسىز. سىز بولسىڭىز نۇر بۇلىغى، مەنمۇ ئۇ نۇردىن بەھرى ئالاي؛ سىز مۇبارەك قەلىمىڭىز بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۈشكۈلاتلىرىمنى بەربات قىلىۋېتىڭ؛ مەن ئۆزۈمگە ئېچىنىدىغان ھەمدە سىزگە تاشلىغان سۇئاللىرىمدىن نومۇس قىلىدىغان بولاي.

    بىزنىڭ قانۇنچىلىرىمىز نېمىگە ئاساسەن بىزنىڭ چوشقا گۆشىنى ھەم بارلىق «پاسكىنا» دېيىلگەنلىكى نەرسىلەرنىڭ گۆشىنى يېيىشىمىزگە يول قويمايدىغان بولغان؟ نېمىگە ئاساسەن بىز ھەرقانداق جەسەتكە يېقىن كەلسەك بولمايدىكەن ھەم نېمىگە ئاساسەن روھىمىزنى پاكلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يۇيۇنۇپ تۇرىشىمىز بۇيرۇلغان؟ يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزىدە پاكىز ۋە پاسكىنىلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەستەك قىلىدۇ، مەن ئۇ نەرسىلەردە ىانداقتۇر ئالاھىدە بىر خىل خۇسۇسىيەتنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، شۇنداق ئىكەن يېمەكلىكلەرنىڭ پاكىز ياكى پاسكىنا بولۇش سەۋەبلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ. نىجاسەتنى ئالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پاسكىنىلىقى روشەن، ئۇنىڭ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئېلىشتۇرۇشى ياكى باشقىچىلا تەسىر كۆرسىتىشى تۇرغان گەپ؛ ئەمما نىجاسەتنىڭ ئۆزى ئالتۇن ياكى مەرۋايىتلاردەك پاسكىنا ئەمەس. ئادەم جەسەتكە يېقىنلاشسا ئۆزىنى  بۇلغاپ قويىدۇ دەپ قارالسا، بۇنداق قاراش بىزنىڭ جەسەتكە بولغان بىرخىل تەبىئىي يىرگىنىش تۇيغۇمىزدىن كەلگەن. ئەگەر يۇيۇنمىغان ئادەمنىڭ بەدىنى بەدبۇي پۇراپ باشقىلارغا كاشىلا قىلمىسا، ئۇنى قانداقمۇ بەدىنىڭ پاكىز ئەمەس دېگىلى بولىدۇ؟

    مۆھتەرەم موللام، نەرسىلەرنىڭ پاكىز ياكى پاكىز ئەمەسلىگىنى بىردىن-بىر ئايرىيدىغان سودىيە سېزىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. شۇنداق ئىكەن، ئوخشاشلا نەرسە باشقىلاردا ئوخشىمىغان سەزگۈ پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛ بۇ كىشىگە ئوبدان تەسىر قىلغان نەرسە، ئۇ كىشىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا سەزگۈنىڭ رولىنى بۇ يەردە مىزانقىلىشقا ھەم سىز ئېيتقاندەك ئادەم ئۆزى بىلەن ئالاقىدار بولغان نەرسىلەرنىڭ پاكىز-پاسكىنىلىقىنى ھەركىم ئۆزى خالىغانچە ئايرىشقا بولمىسا كېرەك.

    مۆھتەرەم موللام، بۇنداق دېيىلسە مۇقەددەس پەيغەمبىرىمىز ئايرىپ بەرگەن خىلمۇ-خىل پەرقلەر ۋە پەرىشتىلەر قولىدا يېزىلغان قانۇنلارنىڭ ھەممە تۈپ نۇقتىلىرى ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولمامدۇ؟

            1711-يىل جامادىيەلئاخىر ئېيىنىڭ 20-كۈنى، ئىجىرۇن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇنتىسكيۇ پارس _