پارس مەكتۈپلىرى 4-خەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 11:22:07

پارىس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇتۆتىنچى خەت: سەيفىسنىڭ يۈنۈسبەگكە يازغان خېتى(ئىجىرۇنغا ئەۋەتىلگەن)بۇ قارا ئالۋاستىنىڭ ئاخىرقى قارارى مېنى ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇ مېنى قىزغىن كۈتىدىغان دېد...

     


    پارىس  مەكتۇپلىرى

    مۇنتىسكىيۇ

    تۆتىنچى خەت: سەيفىسنىڭ يۈنۈسبەگكە يازغان خېتى

    (ئىجىرۇنغا ئەۋەتىلگەن)

     بۇ قارا ئالۋاستىنىڭ ئاخىرقى قارارى مېنى ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرۈپ  قويدى، ئۇ مېنى قىزغىن كۈتىدىغان دېدىگىم سەلىتنى تارتىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەپچىل بىر جۈپ قولى ھەممە نېمىلىرىنى بەكمۇ چىرايلىق تۈزەشتۈرۈپ ھەم ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇراتتى. بۇ ئايرىلىش مېنى ئازابلاندۇردى، بىراق ئۇ ئالۋاستى مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا پەرۋامۇ  قىلمىدى ھەم مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكتى. بۇ نائەھلى مېنىڭ سەلىتكە ئىشەنگىنىمنى يامان غەرەز دەپ ئويلايدۇ؛ شۇڭا ئۇ مېنى دائىم ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ سىرتتا ھارغىچە تۇرغۇزىدۇ، دائىم ماڭا يوقىلاڭ بەدناملارنى چاپلايدۇ. مېنى بەكمۇ نەش باستى! ئۇ مېنىڭ تالا-تۈزىگە چىقمايدىغانلىقىم ۋە مىجەز-خۇلقۇمدىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ. تېگى پەس بىر قۇل سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ماڭا ئىزا-ئاھانەت قىلىۋاتىدۇ، سېنىڭ كۆڭلۈڭنى مەندىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ ھەمدە مېنى بۇلارغا تەن بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ! ياق. مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى كەم سۇندۇرۇپ ئۇنىڭ ىلەن ئېيتىشىپ ئولتۇرمايمەن، مېنىڭ پەزىلىتىم ۋە مىجەز-خۇلقۇم ئۈستىدە مەن تەلەپ قىلغان كاپالەتنى بېرىدىغان كىشى باشقا بىرسى ئەمەس، سەن؛ سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ ۋە مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم؛ سۆيۈملۈك يۈنۇسبەگ، ئەگەر بۇلاردىن باشقا نەرسىمۇ بار دېيىلسە ئۇ چاغدا تۈزلا ئېيتاي، ئۇ مېنىڭ كۆز يېشىم، خالاس!

        1711-يىلى ئەلمۇھەررەم ئېيىنىڭ 29-كۈنى، پاتىمە ئارقا ھويلىسىدا

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.