پارس مەكتۇپلىرى 2-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:33:22

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇئىككىنچى خەت:يۇنۇسبەگنىڭ قارا ئاختا قۇللار ئاغىسىغا يازغان خېتى(يۇنۇسبەگنىڭ ئىسپاھاندىكى ئائىلىسىنىڭ ئىچكىرى قوراسىغا ئەۋەتىلگەن)(قەدىمقى پارىستا نامراتلىقتىن كىيىم-...

     

      

    پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    ئىككىنچى خەت:يۇنۇسبەگنىڭ قارا ئاختا قۇللار ئاغىسىغا يازغان خېتى

    (يۇنۇسبەگنىڭ ئىسپاھاندىكى ئائىلىسىنىڭ ئىچكىرى قوراسىغا ئەۋەتىلگەن)

    (قەدىمقى پارىستا نامراتلىقتىن كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەككە يېتىشەلمەيدىغان كەمبەغەللەردىن باشقىلار ئومۇمەن بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق ئىدى. پادىشاھنىڭ ھەرەمخانلىرىلا كېنىزەكلەر ۋە بۇ بەخىتسىز ئاياللارنى نازارەت قىلىدىغان ھەرەم خوجىلىرى بىلەن تولغان بولماستىن، ئادەتتىكى پۇلدار ئائىلىلەردىمۇ توپ-توپ خوتۇنلار، دېدەكلەر يىلبويى ئىچكىرى قورا، ئارقا ھويلىلارغا مەھكۈم قىلىنىپ، ھەرەم خوجىسىغا باراۋەر كېلىدىغان ئاختا قۇللار ئارقىلىق قورۇقدىلاتتى. ئاق تەنلىك ئاختا قۇللارنىڭ چىرايى كۆركەمرەك بولغاچقا ئۇلار ئاسانلىقچە ئارقا ھويلىلاردىكى ئاياللار بىلەن ئۇچراشتۇرۇلمايتتى)

     

    سەن پارىستىكى ئەڭ گۈزەل ئاياللارنىڭ سادىق قورۇقچىسى، مەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىمنى ساڭا تاپشۇرغانمەن؛ پەقەت مېنىڭ ئۈچۈنلا ئېچىلىدىغان، مەھكەم قۇلۇپلانغان ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ئاچقۇچى سېنىڭ قولۇڭدا. مەن قەلبىمدىن سۆيىدىغان گۆھەرلىرىم(ئارقا ھويلىدىكى ئاياللارنى دېمەكچى) نى سېنىڭ ئىلكىڭگە تاپشۇردۇم، شۇڭلاشقىمۇ مېنىڭ كۆڭلۈم تولۇق خاتىرجەملىك ئىلكىدە، ئۆزەم بىخارامان يۈرمەكتىمەن. سەن ئۇلارنى كېچىنىڭ جىمجىتلىقى، كۈندۈزنىڭ غەلۋىلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىسەن، سەن ئۇلارنىڭ ئەخلاق ۋە دىيانەتتە، ساداقەت ۋە پەزىلەتتە تەۋرەنمەسلىگى ئۈچۈن سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھارماي-تالماي، ھەممە ۋاقىت ئەجىر سىڭدۈرۈشۈڭ كېرەك. سېنىڭ مۇھاپىزىتىڭدىكى ئاياللار ئەگەر ئۆز بۇرچىنى تونۇپ يەتمىسە، سەن ئۇلارنى بۇنداق بىمەنىلىكتىن خالاس قىلىشىڭ لازىم. سەن قاباھەتلىكنىڭ كۈشەندىسى، ساداقەتمەنلىكنىڭ نەمۇنىسى بولۇشۇڭ كېرەك.

      مەزلۇملار سېنىڭ باشقۇرۇشۇڭدا، ۋاھالەنكى سەن يەنە ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشىڭ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل تەلەپلىرىنى قارغۇلارچە ئورۇنداپ بېرىشىڭ ھەم ئۇلارنى ئارقا ئىچكىرى قورانىڭ قانۇنىغا قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىشىغا بوي سۇنۇشۇڭ كېرەك. سەن ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پەس ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئۇنى شەرەپ ھېس قىلىشىڭ؛ ئۇلارنىڭ قانۇنىي بۇيرۇقلىرىغا ئىززەت-ئېكرام بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ بوي سۇنۇشۇڭ، ئۇلارنى كۈتكەندە خۇددى قۇلنىڭ قۇلىدەك مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك. بىراق ھوقۇقنى ئايلاندۇرۇپ ئېيتقاندا، سەن ئۇلارنى پاكلىق ۋە كىچىك پېئىللىقنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ دەپ ھېسابلىغان چاغلىرىڭدا خۇددى ماڭا ئوخشاش خوجايىنلارچە سالاپەت بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرۈشۈڭ كېرەك.

      سەن شۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمۇغىنكى، مەن سېنى بەكمۇ ئەرزىمەس ئورنۇڭدىن ئۆستۈرگەنمەن؛ سەن ئەسلىدە مېنىڭ قۇللۇرۇمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز بىر قۇل ئىدىڭ. مەن سېنى بۈگۈنكى ئورنىڭغا قويۇپ كۆڭلۈمنىڭ خوشاللىقىنى ساڭا تاپشۇردۇم. سەن مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان مەزلۇملارنىڭ ئالدىدا ئۆزەڭنىڭ ئەسلىدىكى پەس ئورنۇڭنى ساقلىشىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق مەھكۈم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشۇڭ كېرەك. ئۇلارنىڭ پاك بولغان خوشاللىقلاردىن بەھرىمان بولۇشىغا كاشىلا بولماسلىقىڭ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىگە تەسەللىي بېرىپ، ئۇلارنى مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېرىن يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن پات-پات بەزمە قۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئۇلار سەھراغا بارماقچى بولسا، سەن ئۇلارنى ئېلىپ بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ئەركەكلەرنى ئۇرۇپ قوغلاتقۇزۇۋەت، (قەدىمقى پارىسلارنىڭ ئادىتىدە ئاياللار سەپەرگە چىققاندا چۈمبەل تارتىپ چىقاتتى؛ پۇلدار ئائىلىلەرنىڭ ئاياللىرى چۈمبەردە تارتىپ، يېپىق مەپىگە چۈشۈۋالغاننىڭ سىرتىدا، تاياق تۇتقان قۇللار ئالدىدا ‹پوش، پوش› دەپ يول ئېچىپ ماڭاتتى. رەستىدىكى ئادەملەر بولۇپمۇ ئەرلەر ئۆزىنى يىراققا ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۆزىنى يىراققا ئالمىغانلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلسىمۇ سورىقى بولمايتتى.) سەن ئۇلارنىڭ پاكىز بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىل، پاكىز بەدەن، پاكىز روھنىڭ سىماسى، سەن دائىم ئۇلارغا مېنى ئەسلىتىپ تۇرغىن. مەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل  بولۇشىنى، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ماكاندا ئۇلار بىلەن قايتا بىرگە بولۇشنى خالايمەن. خەير-خوش.

                                           1711-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 18-كۈنى، تەۋرىز

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پارس مەكتۇپ _