پارس مەكتۇپلىرى 24، 25-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 19:14:48

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇيىگىرمە تۆتىنچى خەت: رىجاتنىڭ ئىبەمگە يازغان خېتى(ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن)بىزنىڭ پارىژغا كەلگىنىمىزگە بىر ئايچە بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەقمۇ ئالدىراشچىلىقتا قالدۇق. مىڭ...

     

     

    پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    يىگىرمە تۆتىنچى خەت: رىجاتنىڭ ئىبەمگە يازغان خېتى

    (ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن)

    بىزنىڭ پارىژغا كەلگىنىمىزگە بىر ئايچە بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەقمۇ ئالدىراشچىلىقتا قالدۇق. مىڭ تەسلىكتە تۇرىدىغان ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئالاقىلىشىدىغان ئادەم تېپىپ كەم-كۇسىمىزنى ئانچە-مۇنچە تەييارلىۋالدۇق.

    پارىژنىڭ چوڭلۇقى ئىسپاھاندىن قېلىشمايدىكەن. تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى شۇنچىلىك ئېگىز سېلىۋاپتۇكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنەججىملەر ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرى بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى مىنگەشتۈرۈلۈپ، ئالتە-يەتتە قەۋەت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنغان. بۇنىڭدىن بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ قانچىلىك نۇرغۇنلۇقى ھەم ئۇلارنىڭ قانچىلىك زىچ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى پەرەز قىلىۋالساڭ بولىدۇ؛ يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قوياي، ئەگەر بۇ يەرنىڭ ھەممە خەلقى كوچىغا چىقىدىغان بولسا، قىستا-قىستاڭچىلىقتا نەپەسمۇ ئالالمايسەن. (1713-يىلى پارىژدا 700مىڭ نوپۇس، 900دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كوچا، 24مىىڭ ئېغىز ئۆي بار ئىدى.)

    مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە بىر ئايدەك بولغان بولسىمۇ، بىرەر ئادەمنىڭ ئالدىرىماي ماڭغانلىقىنى ئۇچراتمىدىم دېسەم، سەن بەلكىم ئىشەنمەسلىگىڭ مۇمكىن، ئۇلار يول ماڭسا ئۇچقاندەكلا ماڭىدىكەن. دۇنيادا ھېچبىر خەلق ئۆزىدىن پايدىلىنىشقا پارىژلىقلاردەك ماھىر ئەمەسكەن دەپ قالدىم. بىز ئاسىيالىقلارنىڭ مىسىلداپ ماڭىدىغان ھارۋىلىرى بىلەن، لىڭشىپ يۈرىدىغان تۆگىلىرى فىرانسۇزلارنىڭ جان-پېنىنى چىقىرىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۆزۈمنى ئالسام، مەن كىچىگىمدىن بۇنداق ئادەتكە كۆنمىگەچكە، تەسسالايى قەدەم تاشلاپ مېڭىش ئادىتىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم، بىراق بەزىدە خۇددى خىرىستىيانلاردەك سەپرايىم ئۆرلەپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ؛ بەزىدە ئادەم بېشىدىن ئايىغىغىچە پاسكىنىچىلىققا بۇلغىنىپ كېتىدۇ. بۇغۇ مەيلى، ھەممىدىن بەك سەپرايىمنى قوزغىغىغىنى، باشقىلارنىڭ مېنى مەزگىللىك، قەرەللىك ھەم دائىمى تۈردە جەينەكلەپ ئۇرۇپ كېتىشلىرى بولىۋاتىدۇ. قارايسەنكى ئارقىدىن كېلىۋاتقان بىرسى يېتىپ كېلىدۇ-دە، مېنى جەينەكلەپ ئارقىغا بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلىپ ئۆزى ئالدىمغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزىدە ئالدىمدىن كېلىۋاتقان بىرسى ئۇدۇل كېلىپ ماڭا سوقۇلۇپ ئورنۇمنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن يۈز قەدەم ماڭمايلا، بەل-غوللۇرۇم ئاغرىپ، خۇددى نەچچە ئون چاقىرىم يول ماڭغاندەك چارچاپ كېتىمەن.

    سەن مېنى ياۋروپانىڭ مىجەز-خۇلۇقلىرىنى ماڭا تەپسىلىي سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالما، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى تەسىراتلار، مېنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتلىرىم، مېنى ھەممە نەرسىگە  ھەيران قېلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.

    فىرانسىيە پادىشاھى (فىرانسىيە پادىشاھى لۇئىⅩⅣ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.) ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ. ئۇ ئۆزىنىڭ خوشنىسى ئىسپانىيە پادىشاھىغا ئوخشاش، ئالتۇن كانىغا ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىسپانىيە پادىشاھىدىنمۇ باي، چۈنكى ئۇنىڭ بايلىقى پۇقرالىرىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىگىنى مەنبە قىلىدۇ، بۇ مەنبە ئالتۇن كانغا قارىغاندا تېخىمۇ مىسلىسىز ۋە پۈتمەس-تۈگىمەستۇر. كىشىلەر ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بىلەن شۇغۇللانماقچى، ئاشۇنداق ئۇرۇشلارنى قوللىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان ئاجايىپ مەغرۇرلۇق بىلەن (يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ بېيىپ كەتكەن ئائىلىلىرى، بايلىققا تىقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئەمەل، مەنسەپ سېتىۋېلىپ مەغرۇرلىناتتى. فىرانسىيە پادىشاھى ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى شىلىپ يەيتتى.) ئەمەل، مەنسەپ سېتىۋېلىپ، مەبلەغ توپلاپ بېرىدۇ-دە، فىرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ مائاشى تولۇق تارقىتىلىدىغان، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى زىچ قۇرىدىغان، سۇ لەشكەرلىرىنى مۇكەممەل قوراللاندۇرىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.

    بۇ پادىشاھ ناھايىتى ئۇستا سېھرىگەر، ئۇنىڭ كۈچى پۇقرالارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەچكە، خالىغان ۋاقىتتا پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيىسىنى بىريەرگە مۇجەسسەملەشتۈرۈۋالاليدۇ. ئەگەر دۆلەت غەزىنىسىدە بىر مىليونلا ئېسۇ (قەدىمكى فىرانسىيە تەڭگىسى) قالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى مىليون ئېسۇ لازىم بولۇپ قالسا، ئۇ پۇقرالارغا بىر ئېسۇنىڭ قىممىتى ئىككى ئېسۇغا باراۋەر بولىدۇ دەپ پەرمان چۈشۈرسە، ھەممە ئۇنىغا شەكسىز ئىشىنىدىكەن. ئەگەر دۆلەت غەزىنىسىدە ھېچنىمە قالمىغان چاغدا، مەلۇم بىر مۇشەققەتلىك ئۇرۇشنى قوللاش توغرا كېلىپ قالسا، ئۇ بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى كۈمۈش ئورنىدا ئىشلىتىش ھەققىدە پۇقرانىڭ كاللىسىغا بىر ئۇقۇم پەيدا قىلسا، پۇقرالار بۇنىڭدىنمۇ گۇمانلانمايدىكەن. ئۇ ھەتتا ھەرخىل كېسەللىكلەرگە قولى تەگكەن ھامان ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىغىمۇ كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈۋاپتۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا جارى قىلدۇرغان قۇدرىتى مانا مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن.

    بۇ پادىشاھلىقنىڭ خىلمۇ-خىل ئىشلىرى ھەققىدە يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىم سېنى ھەيران قالدۇرماسلىقى مۇمكىن. بۇ ييەردە ئۇنىڭدىنمۇ قۇدرەتلىكرەك بولغان يەنە بىر سېھرىگەر بار ئىكەن. ئۇ پادىشاھ روھىنى پۇقرالارنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈشتە پادىشاھتىن قېلىشمايدىكەن. بۇ سېھرىگەر پاپا دەپ ئاتىلىدىكەن. بەزىدە ئۇ پۇقرالارنى ئۈچ سانى بىرگە تەڭ بولىدۇ، كىشىلەر يەۋاتقان بولكا، بولكا ئەمەس، ئىچىلىۋاتقان ھاراقلار ھاراق ئەمەس دەپ ئىشەندۈرۈشكە پادىشاھقا پەرمان چۈشۈرىدىكەن. بۇنداق ئەۋاللارنى ساناپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدىكەن.

    پادىشاھنىڭ مەڭگۈگە بوشىشىپ قالماسلىقى، دىنغا ئىشىنىش ئادىتىنى تاشلاپ قويماسلىقى ئۈچۈن، دىننى كۈچەيتىش ھەققىدە بەزىبىر تەدبىرلەرنى چىقارغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق پادىشاھنى تەربىيىلەپ تۇرىدىكەن. ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ پادىشاھقا «نىزامنامە» (رىم پاپىسى گىرايمىن Ⅺ، 1713-يىلى ئېلان قىلغان بۇ «نىزام» فىرانسىيە جانىستىس تەرەپدارلىرىنىڭ «تەۋرات» ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىگە قارشى ئېلان قىلىنغان.) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن بىر ماقالە بېرىپتۇ ھەمدە پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئۇنىڭدىكى ھەممە بەلگىلىمىلەرگە ئىشىنىشى لازىملىقى، ئۇنداق قىلمىسا قاتتىق جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پاپا پادىشاھ تەرەپتە غەلبە قىلىپتۇ. پادىشاھ دەرھال بۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن پۇقرالارغا باشلامچى بوپتۇ. بىراق پۇقرالارنىڭ ئارىسىدىكى بىرمۇنچىلار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇ نىزامنامىغا قىلچىمۇ ئىشىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. بۇ قېتىمقى قارشلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغۇچىلار بىر قىسىم ئاياللار ئىكەن. بۇ قارشلىق كۆرسىتىش ھەركىتى پۈتۈن ئوردىنى، پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ھەم بارلىق ئائىلىلارنى پارچىلىۋېتىپتۇ. ئۇ «نىزامنامە»دە خىرىستىيانلار ئۆزلىرىچە ئاسماندىن چۈشكەن كىتاب (خىرىستىيانلارنىڭ «ئىنجىل»نى دېمەكچى) دەپ ئاتىۋالغان كىتابنى، يەنىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئاشۇلارنىڭ «ئىنجىل» كىتابىنى ئوقۇشى قەتئىي مەنئىي قىلىنغان ئىكەن. بۇنىڭدىن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ-دە، ھەممىنى «نىزامنامە»گە قارشى تۇرۇشقا قوزغاپتۇ. ئۇلار ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. ئەرلەرمۇ بۇ مەسىلىدە ئۇلاردىن قانداقتۇر ئۈستۈنلۈك تەلەپ قىلماپتۇ. بىراق كىشىلەر ئاشۇ ئۇلۇغ مۇپتى (مۇپتى، ئىسلام ئاخۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە رىم پاپىسى كىنايە قىلىنغان)نىڭ نەزىرىيىسىنىڭمۇ قالتىس ئىكەنلىگىنى ۋە ئەلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئۇ (رىم پاپىسىنى دېمەكچى) بىزنىڭ مۇقەددەس قانۇن-پەرمانلىرىمىزدىكى ھەرقايسى بەلگىلىمىلەرنى بىلىشنى خالايدىكەن؛ چۈنكى ئۇ، ئاياللار يارىلىشىدىنلا بىزدىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دەپ ئېيتقان تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردە ئاياللارغا، جەننەتكە كىرىش يولىنى كۆرسىتىدىغان مۇشۇنداق كىتابلارنى ئوقۇش پەرز قىلىنغان؟ دېگەن سۇئال ئۈستىدە ئىزلىنىدىكەن.

    مەن بۇ پادىشاھ ھەققىدە ئاجايىپ مۆجىزىلىك خىلمۇ-خىل گەپلەرنى ئاڭلىدىم. بۇلار سېنى تەئەججۈپلەندۈرۈپ، ئىشەندۈرەلمەسلىگى تۇرغان گەپ.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئىلگىرى ئۆزى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان خوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەچكە، ئۇرۇش توختاپتۇ، ئەمما مەملىكەت سان-ساناقسىز كۆزگە كۆۈنمەس دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قاپتۇ. يەنە بىر گەپلەرگە قارىغاندا ئۇ بۇ دۈشمەنلەرنى ئوتتۇز يىلدىن بېرى ئاختۇرۇۋاتقانمىش؛ ئۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرۋىشلىرى (دەرۋىش، ئىسلام راھىبلىرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە فىرانسىيە پادىشاھلىقىغا مەنسۈپ بولغان كاتۇلىك پوپلىرىنى كۆسىتىدۇ. ئۇلار جانىستىس تەرەپدارلىرىنىڭ دۈشمىنى ئىدى. بۇ خەتتە قەيت قىلىنغان كۆرۈنمەس دۈشمەنلەر ئاشۇ جانىستىس تەرەپدارلىرىنى كۆسىتىدۇ) جان-جەھلى بىلەن تىنتىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەپتۇ. بۇ دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئوردىلىرىدا، شەھەرلىرىدە، ئارمىيىسى ئىچىدە، سوت مەھكىمىلىرىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشارمىش؛ يەنە ئاڭلىشىمچە، ئۇ بۇ دۈشمەنلەرنى زادىلا قولغا چۈشۈرەلمەي دەرد-ئەلەمگە چۆكۈپتۇ. بۇ دۈشمەنلەر ئادەتتە مەۋجۈت ئىكەن. ئايرىم قارىغاندا مەۋجۈت ئەمەس ئىكەن، چۈنكى ئۇلا بىر گۇرۇھ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ گۇرۇھنىڭ مۇقىم ئەزاسى يوق ئىكەن. شۈبھىسىزكى بۇ پادىشاھ تەسلىم بولغان دۈشمەنگە ھەرگىز كەڭ قوللۇق قىلمايدىكەن، شۇڭا كۆرۈنمەس دۈشمەننىڭ جازاسىغا ئۇچراۋېتىپتۇ ھەمدە ئۇ دۈشمەننىڭ تالانتى ۋە تەقدىرى پادىشاھنىڭكىدىن قۇدرەتلىك ئىكەن.

    مەن كېيىن يازىدىغان خەتلىرىمدە ساڭا پارىسلارنىڭ مىجەزى ۋە تالانتى بىلەن تامامەن ماس كەلمەيدىغان ئىشلار ھەققىدە داۋاملىق سۆزلەپ بېرىمەن. ئىككىمىز ئوخشاشلا بىر زېمىننىڭ ئۈستىدە ياشىساقمۇ، لېكىن مەن تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ خەلقى، سەن تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ خەلقى بىلەن زادىلا ئوخشىمايدۇ.

    1712-يىلى رەبىئۇسسانى ئېيىنىڭ 4-كۈنى، پارىژ.

     

     

     

    يىگىرمە بەشىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ ئىبەمگە يازغان خېتى

    (ئىزمىرغا ئەۋەتىلگەن)

    مەن سېنىڭ جىيەنىڭ رودىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇ ماڭا، ئىزمىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىتالىيىنى ئايلىنىپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن مەقسىدى پەقەت بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى، مۇشۇ پۇرسەتتە سېنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق جىيەنىڭ بولۇشىنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن سېنى مۇشۇنداق جىيەنىڭ بولغانلىقى بىلەن قۇتلۇقلايمەن. ئۇ چوقۇم سېنى ياشانغىنىڭدا خاتىرجەم قىلىدىغان ئوخشايدۇ.

    رىجات ساڭا ئۇزۇن خەت يېزىپتۇ. ئۇ ساڭا ئۆز خېتىدە، بۇ ئەلنى، بۇ جايلارنى (فىرانسىيىنى دېمەكچى) ئەتراپلىق سۆزلەپ بەرگەنلىگى ھەققىدە ماڭا گەپ قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ روھى تېتىك، بايقاشچانلىقى تېز. مېنىڭ بىرەر نەرسىنى چۈشىنىشىم ئاستىراق، قەيەردىن باشلاپ سۆزلىشىمنىمۇ ئۇقمايمەن. شۇڭا ئۇ ھەقتە توختىتالمىدىم.

    بىز دوستلۇق پاراڭلىرىمىزدا دائىم سېنى تىلغا ئېلىپ تۇرىمىز. سەن بىزنى ئىزمىردا ھىممەت بىلەن كۈتتۈڭ ھەم دائىم دوستانە ياردەم قىلىۋاتىسەن. بۇنداق ئىشلار ناھايىتىمۇ كۆپ، ساناپمۇ تۈگىتەلمەيمەن.

    مەردانە ئىبەم، مەن سېنىڭ ھەممىلا يەردە، بىزگە ئوخشاش ساداقەتلىك ۋە سىرداش دوستلارغا ئىگە بولۇشۇڭنى تىلەيمەن! مەن ئۇزاق ئۆتمەي سېنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈشنى خالايمەن؛ بىرگە بولۇپ، خوشاللىق كۈنلەرنى قايتا ئۆتكۈزسەك، گۈزەل باھاردىن ئىككىمىز قانچىلىك ھوزۇرلانغان بولار ئىدۇق! خەير-خوش.

    1712-يىلى رەبىئۇسسانى ئېيىنىڭ 4-كۈنى، پارىژ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇنتىسكيۇ _