دۇنيا بازىرىغا يۈزلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش


سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.زۇڭلى لى كېچىياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى ،يىغىندا مۇلازىمەتتە سىرىتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،تاشقى سودا رىقابىتىدە يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بەلگىلەندى .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى. ئېلىش قانۇنى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى .يىغىندا مۇنداق دېيىلدى :‹ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ،دۇنيا بازىرىغا يۈزلىنىپ ،يۇقىرى تېخنىكا يۇقىرى قىممەتلىك مۇلازىمەتتە سىرىتقا ھۆددىگە بېرىش يېشىل كەسىپنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ،ھەممە ئادەم ئىگىلىك تىكلەش ،تۆۋەن تەننەرخلىك رىقابەتكە تايىنىشتىن ئەقلى كۈچكە مەبلەغ سېلىپ غەلىبە قىلىشقا ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،قۇرۇلمىنى تەڭشەپ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تېرەك تاشقى سودىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى ماتور ھاسىل قىلىشتا ،ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ،بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن مۇلازىمەتتە سىرتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپىدە نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرىدىغان ساھەلەرنى ئېلان قىلىش كېرەك ،يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ،تەتقىق قىلىپ ئېچىش پۇل مۇئامىلە ،ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ كۆپپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك .مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىلىم كەسىپ تەرتىپىنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق يۇقىرى قوشۇلما قىممەت تۈرىنى قوللاپ يېڭى بازار يېڭى كەسىپ ۋە تىجارەت تورىنى ئېچىپ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە سىرىتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپ سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك .مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ كەسىپلىشىش كۆلەملىشىىش ،ماركىلىشىىش تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك توپلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيىسى يۇقىرى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك .كارخانىلارنىڭ بولۇپمۇ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق بولمىغان كەسىپلىرىنىڭ مەخسۇس مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشنى قوللاش كېرەك .يىغىندا باج پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىش مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىدىغان ئۈلگىلىك شەھەر سانىنى كۆپەيتىپ تېخنىكىدا ئىلغار كارخانىلارنىڭ 15% لىك باق نىسبىتى بويىچە تاپشۇرىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئازايتىپ ،خىزمەتچىلەرنىڭ تەربىيىلىنىش راسخوتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 8% تىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمىغا بۇرۇن تۇتۇلىدىغان باج ئېتىبار سىياسىتىنى مۇناسىپ كېڭەيتىش تەلەپ قىلىندى .خەلقئارا مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىش قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىق ياكى باجنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى سىناق تەرەققىسيىدە يولغا قۇيۇلىدۇ ،پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سۇغۇرتا يۈرۈشلۈك كاپالەت ئورگىنى قاتارلىقلار سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلار ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش لازىم ،تەستىقلاشنى ئازايتىپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ مۇلازىمەتنى سىرىتقا ھۆددىگە بېرىدىغان كارخانىلارغا تاموژنىدىن ئۆتۈش ،تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش خەلقئارا لىنىيىلەرنى ئىجارىگە بېرىش ،يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ۋە تېخنىك خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىش ۋە تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك .
يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى ،يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خادىملىرى كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر ،نۆۋەتتىكى دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىش ،تارقىلىش خەتىرى خەتەرلىك بولۇشتەك جىددىي ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ،جامائەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ،ھۆكۈمەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى .يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى :
بىرىنچى :بىخەتەرلىك قوغدىنىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لاھىپسى تۈزۈش تەربىيىلەش ۋە مەشىقنى كۈچەيتىش كېرەك .
ئىككىنچى قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە سەپلىمىسىنى كۈچەيتىپ يۇقۇملىنىشنى نازارەت قىلىش ،دېزىنفېكسىيىلەپ .ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ،بىمارنى يۆتكەپ داۋالاش ۋە جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ،داۋالاپ ئۆلچەش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىك قوغدىنىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك .ئۈچىنچى يۇقىرى دەرىجىلىك بىئولوگىيە تەجرىبىخانىلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ ،كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە قوغدىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك .تۆتىنچى سەھىيە مۇداپىئە ھەرىكەتچان مىخانىزىمى بەرپا قىلىش ،يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئوخشاش تاساددىپىي جامائەت سەھىيە ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە چەتئەلدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتناشقان خادىملارغا ۋاقىتلىق خىزمەت تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك .كېسەل مېيىپ بۇلۇپ قالغان ئۆلگەن خادىملارغا ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە نەپىقە پۇلى بېرىش كېرەك .يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش كېرەك .
يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھىسى ماقۇللاندى .لاھىيىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى : مەنبەدىن تىزگىنلەپ ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قويۇقلۇقىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ نۇقتىلىق رايونلار كۆمۈر ،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە كۇپ خىل بۇلغانمىلارنى بىرلىكتە تۈزەش ۋە رايون بىرلەشمە مۇداپىئە بىرلىك سېپىدىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىپ ،نورمىدىن ئارتۇق بۇلغىما قۇيۇپ بېرىش ،كىنىشكىسىز بۇلغىما قۇيۇپ بېرىش ۋە سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈشتە ساختىلىق قىلمىشلىرىنى جازالاش تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى .يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.



خەتكۈچلەر:
28-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek