ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟

    ئەگەر بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىدىغان بولدى (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك)، بۇنىڭ بىشارەتلىرىمۇ مەيدانغا چىقتى دېيىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىيات ياكى «ئەدەبىياتچانلىق» ئومۇميۈزلۈك، مەڭگۈلۈكتۇر (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك). ئۇ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرگە قارىتىلغان بىر خىل ئالاھىدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرقانداق بىر دەۋردىكى ھەرقانداق بىر خىل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇت بولىدۇ. بىرىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات (بىر خىل غەرب كۇلتۇرى مىخانىزمى سۈپىتىدە) ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر خىل تارىخى تەقەززالىقنى قوبۇل قىلىشتىكى كونكرېت شەكلىدۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات بىر خىل ئومۇميۈزلۈك بولغان، جانلىق ئەدەبىياتنىڭ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت.

  • مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

    ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە تىز سۈرئەتلىك بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى ياكى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىدى. كىشىلەر ھازىر ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىلىكى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى ئانچە ئىنىق جەزملەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان، يازغۇچىنىڭ نوپوزى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى شەرھلىگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. فوكۇنىڭ «ئاپتور دېگەن نېمە؟» سى ھەم رولانىد بارتىسنىڭ «ئاپتور ئۆلدى» (25) سى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان رىشتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى (كونا كۆز قاراشلاردا ئاپتور بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆزلۈك، يەنى ھەقىقى شېكىسپىر ۋە ۋولف (26) دەپ قارىلاتتى) ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزلۈك» نىڭ پارچىلىنشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  • ئەدەبىياتنى نېمە مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟ 

    غەربنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات چوقۇم ھەمراھ بولۇشى زۆرۈر بولغان كۇلتۇر ئالاھىدىلىكى نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتى مەتبەئە كىتابلىرى ھەم باشقا مەتبەئە شەكىللىرى (مەسىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تۈرلۈك مەتبۇئات) دەۋرىگە مەنسۇپ. غەرب پەيدىنپەي ھەممە ئادەم دېگۈدەك ساۋاتلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەدەبىياتمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتلىقلار بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. ئەدەبىيات يەنە 17- ئەسىردىن كېيىن غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  • ئەدەبىيات دىندىن خالى سېھرىگەرلىك

    مەن «سېھرىگەرلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم ھەم كىتابتىكى سۆزلەر ئوقۇلۇپ ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇلغان چاغدىكى مەۋھۇم رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان كۈچنى ئاتاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتمەكچىمەن. دۇرىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى: دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» دە سېھرىگەرلىك سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارىخى ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن ئىزدەندى. مەزكۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇ رېنىسسانىستىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  • ئەدەبىيات دېگەن نېمە

    ھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)
    ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى

     

    ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە نوپوزلۇق شەخس، چۇۋۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.