ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرسى، تەكرارلاشتۇر. ھەر قانداق بىر شىئېردا تەكرارلاش ئۈنۈملۈك، ئۆز جايىدا قوللىنىلسا، ئېنىقكى شىئېرغا باشقىچە بەدىئى گۈزەللىك ۋە ئوتلۇق جەزىبە بېغىشلايدۇ.

    ئەسلەش دىگەن ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش،

    ئەسلەش دېگەن تىرىلدۈرۈش ھەممىنى.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇقۇرمەن قايىل بۇلىدىغان ئۆزگىچىلىك-زىتلىق ئىچىدىن پەلسەپىۋى پىكىر دۇردانىلىرىنى سۈزۈپ چىقىش.

    بىز بۇ يەردە دەۋاتقان زىتلىق، ھەرگىزمۇ شىئېرىي پىكىردىكى لوگىكىغا ئويغۇن كەلمەيدىغان زىتلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى مەنىلەرنىڭ زىتلىقنى كۆرسىتىدۇ. قەيسەر تۇرسۇن بىزدىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدەنگەن شائىرلارنىڭ بىرسى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىدىيەنى ئىپادىلەشتە، شەكىلنىڭمۇ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى تولىمۇ نەتىجىلىك بولغان.

  • قەيسەر تۇرسۇن 1994-يىللاردىن كىيىنكى ياشلار ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ، شىئېرغا ھەۋەس قىلغان، شىئېرىيەتنىڭ ئۇتىدا كۆيگەن بىر دەۋىر ياشلىرىنى ئاغزىغا قارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، بۇ چاغدا ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىدە قەيسەر تۇرسۇن شىئېر يازمىسا، خۇددى ھىچكىم شىئېر يازمىغاندەك، ياشلار شىئېرىيىتى باغچىسى چۆلدەرەپ قالغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزبىكىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى ئۆتكۈر ھاشىمۇۋ بىلەن مەشھۇر ئۆزبىك تەنقىدچىسى ئۆمەر ئېلى نۇرمەتۇۋنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانى ھەققىدىكى سۆھبىتىدە: «مۇكەممەل ئۇلۇغ يازغۇچى شۇنداق مەكتەپ يارىتار ئىكەنكى، ئۇنىڭ مەكتىپىدە تەڭ قۇرلىرىمۇ، كېلىچەك ئەۋلاد قەلەمكەشلىرىمۇ بىئىختىيار تەلىم ئالار ئىكەن» دىگىنىدەك، قەيسەر تۇرسۇننىڭ ياراتقان مەكتىپىدىن، رايۇنىمىزنىڭ تا قۇمۇلدىن خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى ياش قەلەمكەشلىرى ئورتاق تەلىم ئالدى، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرىگە ئۇچراپ، شىئېرلىرىغا تەقلىد قىلىپ شىئېرلارنى يىزىشتى. ئۇنىڭدىن شىئېرىي پىكىرنى قانداق يۇسۇندا ئىپادىلەشنىڭ، مۇئەييەن ئۆرنەكلىرىنى قۇبۇل قىلدى.

  • قەيسەر تۇرسۇن ئىجادىيىتىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى، ئۇ ئۇقۇغۇچىلىق ھايات بىلەن خوشلىشىپ يېڭى خىزمەت ئورنىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كېڭەيدى، چۇڭقۇرلاشتى ۋە زور بۇرۇلۇش ياسىدى. شائىر  ئۇقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئۆزىگە بىر قەدەر تۇنۇش بولغان تۇرمۇشنى،  مىسكىنلىك، مۇھەببەت ئازابى، چۈشكۈنلۈك، غەم-قايغۇغا ئوخشاش قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تۇيغۇلىرىنى، لىرىك يۇسۇندا بىۋاستە ئىپادىلەش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، خىزمەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىنىڭ، چۈشىنىشىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى، رەڭدارلاشتى، شىئېرىي ماھارەتتە تېخىمۇ پىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلانغان شائىرلارنىڭ ئوخشاشلىقى شۇ يەردىكى، ئۇلار ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئۆزىگە بىر قەدەر تۇنۇش شەيئىلەرنى قەلەمگە ئېلىش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، روھىي جەھەتتە پىشىشقا ئەگىشىپ، خاسلىقتىن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ماھىيەتلىك تېمىلارنى يۇرۇتۇشقا يۈزلىنىدۇ.

  • قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە

    ھەبىبۇللا مىجىت

    قەيسەر تۇرسۇن-شىئېرلىرى كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن، ئىرىشۋاتقان تالانىتلىق ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى ئۇقۇرمەنلەر قەلبىنى زىلزىلگە سالىدىغان تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز چەكسىز مۇڭ، شىئېرىي كەيپىياتتىكى غەمكىنلىك، ئوخشىتىشلىرىدىكى يارقىنلىق، شىئېرىي ماھارەتتىكى ئۆزگىچىلىك، ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىق،شىئېرىي تۇيغۇدىكى چەكسىزلىك، ھەر بىر شىئېر خۇمار قەلبنى مەپتۇن قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا بولغان قىزىقىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  • قەيسەر تۇرسۇن

     

     

    ھۆل ئاۋازلار، قۇرغاق ئاۋازلار،

    بىر - بىرىگە ۋارقىراپ ئاستا

    كىيىمىنى كۆتۈرۈپ داستا

    ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى يۆلەپ

    كىرىپ كەتتى بىر پارچە تاشقا.

     

     

    ئوتى بارنى ئوتقا تاشلاڭلار

    يولى بارنى يولغا تاشلاڭلار

    ي...