-
2010-10-20
سۆيگۈ مەڭگۈ تېشى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
قەيسەر تۇرسۇن
ھۆل ئاۋازلار، قۇرغاق ئاۋازلار،
بىر - بىرىگە ۋارقىراپ ئاستا
كىيىمىنى كۆتۈرۈپ داستا
ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى يۆلەپ
كىرىپ كەتتى بىر پارچە تاشقا.
ئوتى بارنى ئوتقا تاشلاڭلار
يولى بارنى يولغا تاشلاڭلار
يۇلتۇزلىرى ساقىغان بولسا
ساقىمىغان كۆز ياشلىرى بار.
ئېچىرقىدى موزىيخانىلار
كۆز ياشلارنى ساقلاپ قويۇڭلار.
مەن ئۆزۈمگە ئۆز بولۇپ كەتتىم،
توختىماي خەت ئەۋەتتىم ئۆزۈمگە شۇڭا.
پوچتالىيۇن تاپالما مېنى
چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرى تاشتا.
شېئىر يازدىم بىر پارچە تاشقا،
پارە - پارە بوپ كەتتى دۇنيا.
ھېچكىم ئۇنى ئوقۇۋالمىسۇن
تاش ئىچىدە تۇرۇڭلار قاراپ،
تاشقا سىڭىپ كەتمەڭلار ئەمما.
ناشتا قىلدىم مۇزدەك غەم بىلەن
ئۆچ ئالسۇن دەپ مەندىن تاماقلار،
سىڭىپ كەتتى بىر پارچە تاشقا
ھۆ ل ئاۋازلار، قۇرغاق ئاۋازلار...
سۇ ھەممىدىن دەريالارغا ئۆچ،
پاتماس شۇڭا دەرياغا ھامان.
ئاشىق دېگەن مۇھەببەتكە ئۆچ،
قىلار شۇڭا ياشلىقنى قۇربان.
ئەمما ئۇنىڭ بىر تامچە يېشى
ئون مىڭ بەتلىك داستاندۇر، داستان.
شۇ داستاننى ئوقۇپ بەرگىلى
پەرىزاتلار قونۇڭلار تاشقا،
ۋارقىرايدۇ قەشقەرلىك شېئىر
كۆزۈمدىكى بىر تامچە ياشقا:
سۈيى بارنى سۇغا تاشلاڭلار،
سۈيى يوقنى تاشقا باغلاڭلار،
ئوتى بارنى ئوتقا تاشلاڭلار،
ئوتى يوقنى گۆرگە تاشلاڭلار...
历史上的今天:
يىنىك شىۋىرلاشلار (نەسىر) 2010-10-20كىمدىن كېلىۋاتىسەن؟ (نەسىر) 2010-10-20ۋىسالدىن تۇغۇلغان ئويلار 2010-10-20
收藏到:Del.icio.us