ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ۋىسالدىن تۇغۇلغان ئويلار - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     ئايسىمە ئىدىرىس

        تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا ‹‹ ئىلى دولقۇنلىرى››،‹‹ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر›› رومانلىرىنى ئوقۇپ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى›› ھەققىدە ئاز تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغا ىدىم.90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان‹‹ئانا يۇرت ››رومانى نەشىردىن چىقىپ مېنىڭ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت›› ھەققىدىكى تەشنالىقىم ئازراق قانغان ۋە پەقەت دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىش ھالىتىگە ئاز تولا خاتىمە بەرگەن ئىد ىم.لېكىن ئىزدىنىشلىرىم تېخى توختىمىغان  كۇنلەردە تۇيۇقسىز‹‹ ۋىسال››ناملىق رومان قولۇمغا چىقىپ قالدى.بۇكىتاپنى ئوقۇپ خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغان قەھرىمانلار ئۈچۈن قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن،كىتاپنى كۈلۈپ باشلاپ يىغلاپ ئاخىرلاشتۇردۇم.كىتاپتىكى مەزمۇنلار مېنىڭ يۈرەك تارىمنى چېكىپ 40-يىللاردىكى ۋەتەن قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى بىلىمىمىنى يۇقۇرى كۆتىرىپلا قالماي،بەلكى ئىچكى ھىسسىياتنى ئىپادىلەش،ۋەقە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە'' ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى ياخشى ئەسەركەن''دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈردى.چۈنكى ،مەندەك بىر ئەدەبىيات ئاشىقىنى يىغلاتقاننىڭ ئۆزىلا ئاپتورنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن دېرەك بېرەتتى.  

               يۈسۈپجان ئەيسا ئاپتۇرلىقىدىكى شىنجئاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن2005-يىلى 4- ئايدا  نەشىردىن چىققان بۇكىتاپ ماۋزۇسى بىلەنلا مېنى ئۆزىگە تارتتى.چۈنكى بىز ئىنسانلىق تەبىئىتىمىز بىلەن ۋىسال قوغلىشىپ ياشايمىز،ۋىسسالدىن ھوزۇرلىنىمىز،ۋىسال ئۈچۈن قايغۇرۇپ،ۋىسال ئۈچۈن ئازاپ چېكىپ،ۋىسال غا يەتكەندە شاتلىنىمىز.دىمەك ھايات-ماماتلىق ئەمىلىيەتتەۋىسال بىلەن ھىجراننىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ،ھايات ۋىسال بىلەن گۈللىنىدۇ،ئىنسان ۋىسالغا تەلمۈرۈپ ،ھاياتقا مەنە قوشۇشقا تىرىشىدۇ.ۋىسال ئىنساننى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.ھىجران بولسا كۆپىنچە ماماتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ قايغۇنىڭ مەنبەسىمۇ يەنىلا ھىجران.شۇڭا ۋىسال سۆيدۈرىدۇ،ھىجران كۆيدۈرىدۇ.تۇرمۇشتىكى'' ۋىسال ''نىڭ بولسا مەنىسى كۆپ خىل بولۇپ ئىنسان ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ،ئۆز يۇرتىنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان نەرسىنىڭ ۋىسالىغا تەلمۈرىدۇ،ھەتتا ئاشۇ ۋىسالنى قوغلىشىپ،ۋىسال ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ. دىمەك ئەسەر مەۋزۇسى بولغان ‹‹ۋىسال››مۇ سىموۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئۇ ئادەتتىكى ۋىسالدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ.ئەسەردىكى ‹‹ۋىسال›› قوش قىرلىق مەنىگە ئىگە بولۇپ،مەردان بىلەن غۇنچەمنىڭ بىر بىرىنىڭ ۋىسالىغا تەلمۇرىشى ،غۇنچەمنىڭ بىر ئۆمۇر مەرداننىڭ ۋىسالى ئىشقىدا بويتاق ئۆتۈشى ئەمىلىيەتتە 40-يىللاردا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تەلپۈنگەن ئازاتلىق ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسى بولۇپ ئاشۇ ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈن گۇلنار مۇئەللىم،پولات مۇئەللىم ،مەردان قاتارلىق ئىككى ئەۋلات باھادىر ياشلار ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىدۇ.ئاپتورنىڭ يۇقارقى پىرسۇناجلارنى تەپسىلى تەسۋىرلىشى،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ۋەھشى قىلمىشىغا ئەسەرىدىن كەڭرى ئورۇن بېرىشىمۇ ئاددى ھالدىكى مۇھەببەت ۋىسالىنى قوغلىشىىش بولماستىن ،بەلكى ئازاتلىق ئەركىنلىك ۋىسالى ۋە پاك مۇھەببەت ۋىسالىغا مەدھىيە ئوقۇش ۋە ئۇلۇغ قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى مەڭگ ۇلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

          ئەسەر ھىكايە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن باشلىنىپ بىزنى ئىلى خەلقىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايۇنلاردىكى تىرورلۇق تۇرمۇشى ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ.ئەسەردە ئەڭ دەسلەپ مەيدانغا چىقىدىغىنى جەڭ مەيدانىغا پىدائى بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مەردان بولۇپ ئاپتۇر دەسلەپتە مەرداننىڭ ئېچىنىشلىق قىياپىتىنى يېزىپ ،بىر بەخىتلىك ئائىلىنىڭ گومىنداڭ تىرورلىقى ئاستىدا قانداق ۋەيران بولغانلىقىنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى بىزگە سوئال سۈپىتىدە  قالدۇرىدۇ ۋە ئارقىغا يېنىپ مەرداننىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ ،ئىنقىلاپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان خەلقنىڭ ئارزۇ ئارمىنىنى گۇلنار بىلەن پولاتقا يۈكلەپ ۋىسالنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىدۇ.گۇلناربىلەن پولاتنىڭ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۇرىلىشى ،مەرداننىڭ قېچىشى،ۋە ئاخىرىدا غۇنچەم بىلەن خوشلىشىپ جەڭ مەيدانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولىشى ئارقىلىق ھەقىقى ۋىسالنىڭ مەنىسىنى روشەنلەشتۈرىدۇ..ئەسەردىكى'' ۋىسال'' قوش يونىلىشلىك مەنە بىلەن ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلغان بولۇپ،بىرى؛ئازاتلىق ئەركىنلىك ۋىسالى بولسا ،يەنە بىرى؛ مەرداننىڭ غۇنچەمگە غۇنچەمنىڭ  بىر ئۆمۈر مەردانغا قىلغان ساداقەتلىك ئىنتىلىشى .دىمەك ،ئەسەر ئىسمى جىسمىغا لايىق ''ۋىسال''ىغا يەتكەن.

          ئەسەردە كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغىنى گۇلنار بىلەن پولاتنىڭ ئوبرازى بولۇپ،ئۇلار ئەينى دەۋىرلەردە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ.چۇنكى، ھەر ئىككىسى يۇقۇرى مەلۇماتلىق كىشىلەر بولۇپ ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى خەلقنىڭ قەلبىنى ئازات قىلىدىغان مائارىپقا ئاتىغان.كىيىن ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىنى ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ فاشىست قىلمىشىنى سەزگەندىن كىيىنمۇ يەنىلا بەل قويىۋەتمەي قەلەم كۈرىشىدىن ئەلەم كۈرىشىگە ئۆتۈشكە تەييار بولىدۇ.بەختكە قارشى ئۇلار سېزىلىپ قالىدۇدە،قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنىدۇ.ئۇلار تۈرمىدە ئادەم بالىسى چىدىغۈسىز ئازاپلارغا دۇچ كېلىدۇ.لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ تېز پۈكمەيدۇ.ھەتتا گۇلنار ئايال كىشى تۇرۇپ ،ئەرلەردىن بەكراق بەرداشلىق بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئازاتلىق ۋىسالى لاۋۇلداپ يانغاچقا ئاشۇ يالقۇن ئۇلارنى باش ئەگمەسلىككە ئۈندەيدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئوغلى مەرداننىمۇئۆزلىرىگە ئوخشاش جانلىق، قورقماس ،باتۇر قىلىپ تەربىلەپ 40-يىللاردىكى ئىنقىلاپ ئەزىمەتلىرىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ.ئاپتور ئەسەردە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ روشەنلىككە ئىگە قىلغان پىرسۇناج گۇلنار بولۇپ،گۇلنار ھاياتنى قىزغىنى سۆيىدىغان، قەلبىدە ساداقەتمەنلىك ئوتلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان، ئەقىللىق، ۋاپادار، قەيسەر ئايال بولۇپ، ئۇ ئەسەردە ئوقۇتقۇچىلا ئەمەس بەلكى مىھرىبان ئانا ۋە ئىنقىلاپچى. ئۇ باشتىن ئاخىرى ئىنقىلاپقا ناھايتى سەزگۈرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ بىشىدا قاسىمجان قەمبىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ تۇتۇلغىچە، تۇتۇلۇپ ئالۋاستىلار ئۇۋىسىغىچە تاشلانغىچە ئۇ باشتىن ئاخىر ئەقلىنى ئىشقا سىلىپ ئەكسىيەتچىلەرگە ئالدانمايدۇ، باش ئەگمەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇ تۈرمىدە "زورىخان" بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتى تېخېمۇ روشەنلىككە ئىگە بولىدۇ. ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندە بولسا بالىسىغا ئانا مىھرى بىلەن ئەمەس، ئىنقىلاپچى سۈپىتىدە تەربىيە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلاپتا پىشقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ مەردانغا ‹‹مەن سىنى ئوغۇل دەپ تۇققان، دۈشمەن ئالدىدا ھەرگىز يىغلىما، بىشىڭنى تىك تۇتقىن، يىرىتقۇچ ھايۋان، زەھەرلىك يىلان سەن يالۋۇرساڭمۇ ھامان چاقىدۇ›› دىگەندە ئۇنىڭ ھەقىقى ئوقۇتقۇچى، ئىنقىلاپچى ۋە ئانىغا خاس خارەكتىرى ناھايتى روشەن نامايەن بولىدۇ. ئۇ ھەتتا ئۆلۈش ئالدىدىمۇ قەتئى تىز پۈكمەي ‹‹يوقالسۇن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى›› دەپ شۇئار توۋلىغىنىچە جادوغا بىسىلىدۇ. دىمەك، ئاپتۇر گۇلنار ئوبرازى ئارقىلىق ئەينى دەۋىردىكى خەلق قەھرىمانلىرىنىڭ جەڭگىۋار ئوبرازىنى ناھايتى ئىنىق گەۋدىلەندۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈننىڭ قانچىلىك جاپادا قولغا كەلگەنلىكىنى كىشىلەرگە ئەسلەتمەكچى ھەم بۇ ئارقىلىق بىر ئۇلۇغ ئىنقىلاپچىنىڭ ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولىدۇ. گۇلنار ھەقىقەتەن ئاپتۇر قەلىمى ئاستىدا قەيسەرلىك مۇجەسسەملىنىپ يارىتىلغان قەھرىمان ئايال ئوبرازى. گۇلنار ئوبرازىنىڭ داۋامى غۇنچەم بولۇپ، گۇلناردىن دەرىس ئىلىپ، ئۇنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن غۇنچەم گۇلنارغا ئوخشاشلا ۋاپادار، سەمىمى، باتۇر بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ ۋە گۇلنارغا ئوخشاشلا سەمىمى مۇھاببىتىنى قەدىرلەپ، مەردانغا تا ئۆلگىچە سادىق بولىدۇ. ئاپتۇر ئەسەردە ياراتقان بۇ ئىككى ئايال ئوبرازى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە 40-يىللاردىكى ئىزىلىۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدىكى ئويغانغان ئاياللارنىڭ ئورازى بولالايدۇ.

    -      ئاپتۇر ئەسەردە يەنە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە قىلمىشى بىلەن، مۇشۇ قىلمىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گومىنداڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئاداۋەت زىديەتلىرىنى ياخشى ئىچىپ بىرىش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ مەقسىدىنىڭ خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئەمەس بەلكى، ھوقۇق-بايلىق تالىشىش ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ، ھالاكەتكە يۈزلەنگەن گومىداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھەقىقى ئەپتى -بەشىرسىنى ئىچىپ تاشلايدۇ. ئەسەردىكى شىڭ شى سەي، لىۇ جۈيجاڭ، لى جۈيجاڭ قاتارلىقلار دەل گومىنداڭنىڭ ۋەكىللىك جاللاتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئەنزە ئىشلىشى ئەمىلىيەتتە ئۆز-ئارا ھەيۋە كۆرسىتىش. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نام شۆھرىتى ۋە ماددى مەنپەتى ئۈچۈن نۇرغۇن بىگۇنالارنى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە سۆرەپ كىرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھارام نەپسى ئۈچۈن ئىنقىلاپنى قالقان قىلىپ بىرلىشىدۇيۇ، ئەمما سەلپەل پۇرسەت تاپسىلا بىر-بىرىگە خىرىس قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھىيتىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇلار ئەمىلىيەتتە كىچىكلىرى چوڭلىرىغا كۇچۇكلىنىپ ياشايدىغان بىر توپ غالچىلار بولۇپ، دەل ئاشۇلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئىنقىلاپ تېخمۇ كەسكىنلىشىپ، خەلقنىڭ غەزىپى تېخىمۇ قايناپ تاشىدۇ. ئاپتۇر ئاشۇ پىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرى ئارقىلىق ئىنقىلاپنىڭ مۇقەرەر پارىتلاش دەرىجىسىگە بىرىپ قالغانلىقىنى ۋە پارتلىمىسا بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى روشەن كۆرسىتىپ بىرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قانخورلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ ھەققانى ئىنقىلاپ ئىكەنلىگىنى تارىخى نۇقتىدىن ئىچىپ بىرىدۇ:

    ''لى جۈجاڭ ئەگەر ئاۋۇ ئولتۇرغان ئىككى كۈندىشى بولمىغىنىدا ئۆمىلەپ بىرىپ شىڭ شى سەينىڭ پۇتىغا سۆيگەن بولاتتى.

    قانچە تىز بولسا شۈنچە ياخشى. قوزغىلاڭنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا مىڭى خاتا ئۆلتۈرۈلسىمۇ مەيلى لىكىن بىرسىمۇ قاچۇرۇپ قويۇلمىسۇن. قالغان ئىشلار سىزگە ئايانغۇ؟

    لىۇ جۈجاڭ كۆزىنىڭ قىرىدا ئىككى ‹‹لى›› غا ھۆرپىيىپ قاراپ قويۇپ شوخشىغىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ مەخسىدىنى چۈشەنگەن لى يىڭ چى''سىنىڭ غەلبە خەۋىرىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈمىڭنى ئاڭلارمىز" دەپ لى پۇ لىنگە پىچىرلىدى.''

    مۇشۇ كىچىككىنە كۆرۈنىشتىنلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك رەزىل ئىكەنلىگىنى، مەخسىدىنىڭ خەلىقنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىزىش ئىكەنلىگىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ ھەم بىر-بىرىگە ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقانلىغىدەك ھەقىقى ئەپتى بەشىرسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار كۆڭلى قارىلىقتا شۇنچىلىك ۋەھشىلەشكەنكى ئادەم قىيناشتا ئەڭ رەزىل، ئەڭ دەھشەت ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، ئىنسان قىلىپىدىنى چىققان ھەركەتلەر بىلەن ئىنقىلاپچىلارنى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىمۇ ئوخشاشلا قىينايدۇ ۋە ئاخىرى ئۆزلىرنىڭ قانلىق جىنايىتىنى يىپىش ئۈچۈن بارلىق تۇتقۇنلارنى جادوغا بىسىپ ئۆلتۈردۇ. ئۇلار ئۆزلىرنىڭ ئەپتىبەشىرسىنى يىپىش ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكلەرنى قىلىدۇ. كىيىنچە تارىخ ئالدىدا جاۋاپكار بولۇشتىنمۇ قورۇقمايدۇ. بۇ خىل ۋەھشىلىك ئىنقىلاپچىلارنىڭ مەردانىلىقىنى ۋە باتۇرلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ پولات ۋە مەردانلارغا ئوخشاش قورۇقماس ئوغلانلارنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.

    ىاپتۇرىەسەردە كۈچلۈك سېلۈشتۇرۇش ىۇسۇلۈنۈ قوللۈنۈپ گومۈنداڭ ىەكسۈيەتچۈلۈرۈنۈڭ رەزۈللۈكۈنۈ ىۇستۈلۈق بۈلەن ىېچۈپ بېرۈش بۈلەن بۈللە،ۋەتەن قەھرۈمانلۈرۈغا مەدھۈيە ىوقۇيدۇ ۋە ىۇلارنۈڭ ىۈگۈلمەس سۇنماس ىۈرادۈسۈنۈ تېخۈمۇ روشەنلەشتۇرۈدۇ،بۇ خۈل سېلۈشتۇرۇش بۈر تەرەپتۈن ىەسەرنۈڭ بەدۈىۈلۈگۈنۈ يۇقۇرۈ كۆتۈرسە يەنە بۈر تەرەپتۈن ىەسەر پۈرسۇناجلۈرۈنۈڭ خاراكتۈر ىالاھۈدۈلۈگۈنۈ گەۋدۈلەندۈرۈشتە مۇھۈم رول ىوينۈغان.بۇ ىەسەر  تۈلۈ ۋە ىۈپادۈلەش ىۇسۇلۈ جەھەتتۈن ىادەتتۈكۈ رومانلارغا ىوخشاپ كەتسۈمۇ ىەمما ،ىوبراز يارۈتۈش جەھەتتە يۇقارقۈدەك بۈر قاتار ىالاھۈدۈلۈكلەر بۈلەن ىۇيغۇر رومانچۈلۈقۈدۈكۈ ىېسۈل رومانلار قاتارۈدۈن ىورۇن ىېلۈشقا مۇناسۈپ.بولۇپمۇ بۇگۈنكۈ كۈندە ھە دۈسە ساختا ىەخلاق تەسۋۈرلۈنۈپ، بۇزۇقچۈلۈقنۈ پاش قۈلۈش باھانۈسۈ بۈلەن شەھۋانۈلۈقنۈ بازارغا سالۈدۈغان رومانلارغا سېلۈشتۇرغاندا <ۋۈسال>رومانۈ ىۆزۈدۈكۈ ىۈنقۈلاۋۈ قەھرۈمانلار ىوبرازۈ ۋە تارۈخنۈ يورۇتۇپ بەرگەنلۈگۈ بۈلەن قەدۈرلۈكتۇر.

            يەكەن 2007-يىلى8-ىاي....

     مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us