-
2010-10-20
ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (10) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]
ھەربىر مۇھەررىر تارىخ ئالدىدا ، ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل نېسىۋىسى ئالدىدا جاۋابكار . ئىلىم ھايانكەشلىكى ۋە ئىلىم چاكىنىلىقىغا يول قويۇۋاتقان بىر مۇھەررىر ئۆز ۋىجدانىنى سېتىۋاتقان نەشرىيات بىدىكىدۇر . ماغزاپ بىلىمنى ، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىمنى ۋە كۆچۈرۈلگەن ، تەرجىمە قىلىنغان يازمىنى «تەتقىقات» دەپ كۆتۈرۈپ چىققان ئادەملەرنى ئىلىم ئوغرىلىرى ، ئىلىم ماڭقۇرتلىرى دېيىش كېرەك . ئۇلار بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىزدۇر؛ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈشەندىلىرىدۇر . بىلمىدىم ، بازار ئىگىلىكى دەۋرىگە كىرىش بىلەن تەڭ ژۇرنال چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۆزىنى سەمرىتىش ، پۇل تېپىش پۇرسىتى دەپ چۈشەنگەن ئاز بىر قىسىم نەپسانىيەتچى مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرىي قۇۋۋىتى ، ئادىمىيەت - ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەرەققىياتىغا سېلىۋاتقان زىيىنىنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىز «لەنەت تارىخى» غا قانداقراق بىر تەرزدە يېزىپ چىقاركىن؟ بىلمىدىم ، ئاغزىدىكى شوئارلارنى مىللەتپەرۋەرلىك دەپ چۈشىنىۋالغان ، ئايرىمخانىلاردا ھاراق رۇمكىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ «خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتقان زىيالىيلىرىمىز» ئىلىمنىڭ نومۇسىغا تېگىدىغان ئىشلارغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدىكىن؟ يەنە بىلمىدىم ، بىزنىڭ نۇرغۇن قىزغىن ، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇرمىنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقتىدارى ئۆلدىمىكىن ؟ ئوقۇپلا قوپۇپ كەتمەي ئاۋۋال پىكىر ، ئاندىن ھەرىكەت قىلىدىغان ؛ مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئوقۇرمەنلەر نەلەردە يۈرىدىكىن ؟
_______
ئىزاھات :
[1] ئابدۇقادىر جالالىددىن : «توقۇنۇشمۇ ياكى توقۇنۇشتۇرۇشمۇ»؟ ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2003 - يىل 5 - سان .
[2] مارگارت ۋېتلېي ، 2006- يىل ، « يېتەكچىلىك ۋە يېڭى پەن : بىسەرەمجان بىر دۇنيا تەرتىپىنى بايقاش» ، 7- بەت .
“Leadership and the New Science : Discovering order in a chaotic world”(Margaret wheatley)
[3] ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي نىچىشېنىڭ «سەرخۇش ئىلىم» ناملىق ئەسىرىدىن پارچىلارنى تەرجىمە قىلىپ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2001 - يىل 3- سانىدا ئېلان قىلدۇرغانىدى . بۇ جۈملە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ تەرجىمىسىدىن ئېلىندى .
[4] مەن بۇ ئۇچۇرغا 2009- يىلى يازدا ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە شەخسىي كىتابخانىنى زىيارەت قىلىش ، كىتابخانا مەسئۇللىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ئېرىشتىم . مەن زىيارەت قىلغان كىتابخانا مەسئۇللىرى ماڭا ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رومان ئوقۇيدىغانلاردىن ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى .
[5] مەن 2003 - يىلى 12 - دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا تاھىر ھامۇت بىلەن «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئۈمىد غەنىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشكىنىمدە ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدى .
[6] ھىلمى زىيا ئۈلكەن (1901 - 1974) - تۈرك پەلسەپىسى ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە ، پەلسەپە تارىخى ، ئىسلام پەلسەپىسى ساھەلىرى بويىچە كۆپ قىرلىق ئىزدەنگەن تۈركىيىلىك مەشھۇر ئالىم . تۈرك ئىدېئولوگىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . 1901 - يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1949 - يىلى تۈركىيىدە جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيىتىنى قورغان . ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىسلام پەلسەپە تارىخى» ، «جەمئىيەتشۇناسلىق مەسىلىلىرى» ، «مەنتىق تارىخى» قاتارلىقلار بار .
[7] يۈسۈپ قەرداۋىي (- 1926) مىسىرلىق دوكتور ، بۈگۈنكى زامان ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېتەكچىسى ، ئىسلام دىنىدىكى زامانىۋى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەل قىلغان ، جاھىللىق ياكى پەرۋاسىزلىق ئېقىمىدىن خالىي ھالدا دىنىي ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم . ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ، قاتار دىنىي ئىنستىتۇتىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . ھاياتىدا 140 قا يېقىن ئەسەر يازغان . «ئىمان ۋە كىشىلىك ھايات» ، «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار .
[8] ئىززەتبېگوۋىچ(1925-2003) - بوسنىيە ھىرتسىگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاتىسى ، تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىس جۇمھۇرى ، مەشھۇر مۇتەپەككۇر ھەم سىياسىئون . 1980 - يىلى نەشر قىلىنغان «غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا ئىسلام» ناملىق كىتابى دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان .
[9] فەتقۇللا گۈلەن ((Fetkullah Gülen, -1941 - بۈگۈنكى زاماندىكى مەشھۇر تۈرك مۇتەپەككۇرى ، ئىسلام ئالىمى ، غەرب بىلەن شەرق ئارىسىدىكى دىئالوگنىڭ مەشھۇر يېتەكچىسى . ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ پرىنسىپلىرى» ، «يوقالغان جەننەت ئۈچۈن» ، ئىسلام ۋە دېموكراتىيە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار .
[10] بۇ ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ ئۈچ ژۇرنالنىڭ 2008 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان سانلىرىنىڭ نەقىل قىسىمىغا قاراپ باقسا بولىدۇ.
[11] يالقۇن روزىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 6 - سانىدا ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن .
[12] بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر جالالىددىن ساموئېل خانتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە يازغان كىرىش سۆزى ، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ «بەرقى» ئەدەبىيات تورىدا ئېلان قىلغان «كۈلتۈر بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن .
[13] سىگمۇند فرۇئىد ۋە روھ ئانالىزى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتورلاردىن پەرھاد تۇرسۇن ، تاھىر ھامۇت ، ھاجى ئەنۋەر مۇھەممەد قاتارلىقلار دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى . بۇ ساھە ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا تاھىر ھامۇت تۈزگەن «مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» ناملىق كىتابقا ، ئىنگلىز تىلىدا ئەنگلىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ئىئان كرەيب يازغان «روھ ئانالىزى ھەققىدە تەنقىدىي بايان» (Ian Craib, 2001 “Psychoanalysis : a Critical Introduction”) ناملىق كىتابقا مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
[14] يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى ئۈچۈن «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007 - ، 2008 - يىللىق سانلىرىغا قارالسۇن .
[15] «بەرقىي» تورى ھازىر ئېچىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇنازىرىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسىنى بېرىشكە ئامالسىز قالدىم .
[16] بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئاپتورنىڭ يېقىندا نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان «جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخى» ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
[17] جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلار يەن مىڭنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق جوڭگودا» (阎明:社会学在中国) ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
[18] جۇداكې(朱大可) ۋە خەنزۇشۇناس كۇبىننىڭ «جۇڭگو ئەدەبىياتى» ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈچۈن خەنزۇچە «قىزىل قىيا»(红岩) ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىل 4 - سانىدىكى شېن يەنلى ، ۋاڭ يامېي ئىككى ئاپتورنىڭ ماقالىسىگە ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى لى بوجوڭ (李伯重) نىڭ ئىلمىي ماقالىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈچۈن سىنا تورى (新浪网) نىڭ 2007 - يىل 21 - ئۆكتەبىردىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىگە قارالسۇن .
[19] جېڭ لى : « باۋمەننى چۈشىنىش» 2006- يىل
郑莉,“理解鲍曼”, 中国人民大学出版社
[20] بريان مەگى : «پەلسەپە ھەققىدە ھېكايىلەر»، 2001 - يىل ، دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
Bryan Magee : “ Story Of Philosophy”,2001,Pp. 192
[21] پەرھاد تۇرسۇن بۇ گەپنى 2008 - يىلى توردىكى بىر يازمىسىدا قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغاچقا ، ئۇ يازمىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسىنى بۇ يەرگە قويۇشقا ئامالسىز قالدىم .
[22] ئابابەكرى توختى «ھابابام سىنىپى» ناملىق شېئىرىنى 2009 - يىلى «بەرقىي» مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان . تور مۇنبەرلىرى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغاچقا ، ئوخشاشلا بۇ يازمىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسىنى بۇ يەرگە قويۇشقا ئامالسىز قالدىم .
ستاتا مەنبەلىرى :
ئالېكىس كاللىنكوس، 1999- يىل ، «جەمئىيەت نەزەرىيىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»
Alex callincos, 1991. “Social History : A Historical Introduction, New York : New York University Press.
لۇئىس ئالسۇسېر ، 1984 - يىل ، «قۇرۇلمىچە ماركسزمنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە چۆكۈشى»
Louis Althusser , 1984 , “The Rise and Fall of Structural Marxism”
ئاۋگۇست كومت ، 1970- يىل ، «تەجرىبىچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (2 - توم)
August comte , 1970. “ Introduction to positive philosophy”
كارل ماركس، 1971 ، «سىياسىي ئىقتىساد تەنقىدىگە كىرىش»
Karl marx, 1971, “A Contribution to the Critique Political Economy”, London.
كارل مەنخېيم ، 1952 - يىل ، «ئىدېئولوگىيە ۋە ئۇتوپىيە»
Karl Manheim, 1952, “Ideology and Utopia, New York: Har Court Brace
كارل پوپپېر، 1959 - يىل ، « ئىلمىي بايقاش لوگىكىسى»
Karl Popper, 1959, “ The Logic of Scientific Discovery , New York : Harper.
ۋىلخېلم دىلسې ، 1976 - يىل ، «ئادىمىيەت تەتقىقاتىدا تارىخىي دۇنيانىڭ روياپقا چىقىشى»
Wilhelm Dilthey, 1976, “ The Construction Of the Historical world in the Human studies” Cambridge University Press.
تېررىي ئىگلتون ، 2008 - يىل ، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (3- نەشرى)
Terry Eagleton, 2008, “Literary Theory : An Introduction” University of Minnesota Press.
پائۇل دېسىڭ ، 1991 - يىل ، «ئىجتىمائىي پەن قانداق يۈرۈشىدۇ؟»
Paul Diesing,1991, “How Does Social science work?”, University of Pittsburgh Press.
ئېمىل دۇركېم ، 1982 - يىل ، «جەمئىيەتشۇناسلىق مېتودلىرى»
Emile Durkheim, 1982, “The Rules of Sociological method”, London , Macmillan.
ۋ. ھېننىس ، 1988- يىل ، «ماكس ۋېبرنىڭ تەرجىمھالى»
W. Hennis , 1988,”Max Weber”, London: Sage Publication.
فرېدىرىخ نېچىشىې ، 1974 - يىل ، «سەرخۇش ئىلىم»
Friedrich Nietzsche, 1974, “The Gay Science”. New York: random house
ئابدۇقادىر جالالىددىن ، 2003 - يىل، ساموئىل خانتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە يازغان كىرىش سۆزىدىن . ئابدۇرېھىم دۆلەت ، ئادىل ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى ، ئۈرۈمچى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى .
ئاپتور : ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى
مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
历史上的今天:
سۆيگۈ مەڭگۈ تېشى 2010-10-20يىنىك شىۋىرلاشلار (نەسىر) 2010-10-20كىمدىن كېلىۋاتىسەن؟ (نەسىر) 2010-10-20ۋىسالدىن تۇغۇلغان ئويلار 2010-10-20