ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    يىنىك شىۋىرلاشلار (نەسىر) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

     

    "يۈرىكىمنىڭ ئىچكى ئاۋازلىرىنىڭ قەلبىڭنىڭ ئىچكى قۇلاقلىرىغا يىتىپ بىرىشىنى تىلەيمەن ئەزىزىم."          

                                                      : تاگور

     

    قۇشلار يېنىمدىن ۋىچىرلاپ ئۇزاپ كەتتى . ياق، ئۇ يېنىمدا بىردەممۇ توختىمىدى. چۈنكى يېنىمدا سەن يوق . بېراق ئۇ مېنىڭ قەلىب بېغىمنى كۆرەلمىگەنىدى. ئۇ يەردە سېنىڭ يەنىلا قىزىلگۈلدەك بەرق ئۇرۇپ تۇرغانلىقىڭنى سېزەلمىگەنىدى. بولمىسا ئۇمۇ يۈرەك قۇشۇمغا ئوخشاش مەڭگۈ سادىقلارچە شۇ گۈلنىڭ ئىشقىدا قان قۇسۇپ سايراپ يۈرەر ئىدى. ئىسىت، نادان قۇشلار!!! ۋەتىنىنى تاشلاپ كەتكەن نادان قۇشلار.

    *                             *                                       *                                  *

    بەڭباش شاماللار نېمىلەر توغرىلىق رىۋايەت توقىۋاتىدىكىن؟ نېمە ئۈچۈن ساڭا ئېيىتقان سۆزلىرىمنى تېخىچە يەتكۈزمىگەندۇ؟

    "ئەي بەڭباش، تېز بار.  تېزراق بار. بولمىسا ئەزىزىم ساقلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ساچىنى مەن ئۈچۈن يەڭگىل سىيلاپ قويغىن دە ئارقاڭغا قايىت. ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمە. ئۇ چوقۇم ساچلىرنى ئويناشلىرىڭدىن مېنى يادىغا ئالىدۇ. مەن ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولىمەن."

      

    *                             *                                       *                                  *

    ئېقىنلار بويىدىن ئەسلا يېراق كەتكۈم يوق. چۈنكى بۇ سەن سۇ ئىچكەن، ساچلىرىڭنى ئەركىن يايغان ئېقىن. ئۇ سېنىڭ ھۆسنىڭنى قانغۇدەك تاماشا قىلغان . 

    بېراق بۇ ئېقىن نەقەدەر ئاجىز ھە؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ سېنىڭ ئاشۇ ئاي ھۆسنۈڭنى بىرگە ئېلىپ كىلەلمىدى؟...

    ھە...،  چۈشەندىم. ئەسلىدە ئۇمۇ ماڭا ئوخشاس ئۆزىنى ئاشىقلىق كوچىسىغا باشلىغان ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش سېنى ئىزلەپ-ئىزلەپ يۈرۈپتۇ. قارا ئۇنىڭ ئەلەملىك تولغۇنىشلىرىغا. قارا ئۇنىڭ خۇددى ماڭا ئوخشاش كۆزلىرىنى لىغىلدىتىپ، مۇڭلۇق كۆللەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئىلىشلىرىغا.

    خەيىر، بىر كۈنى ئۇنىڭ قىرلاردىن تاشقىنىنى كۆرىسەن. ئۇ شۇ ئەسەبىي سۆيگۈسى بىلەن سېنى كەڭ مۇھەببەت دېڭىزىغا تاشلايدۇ.

    *                             *                                       *                                  *

    "يوللار يوللارغا تۇتىشىدۇ" دەيدۇ. دىللار دىللارغا تۇتىشامدۇ؟ بۇ بەكمۇ كۈلكىلىك سۇئال بولدى ھە ئەزىزىم؟! لېكىن شۇ يوللاردىن  كىلىۋىتىپ سېنىڭ يولۇڭغا تۇتىشىدىغان يوللارنى تاپالمايۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. لېكىن شۇندىمۇ قەدەملىرىمگە بەرىكەت تىلەيمەن. ئەزىزىم، ھامان بىر كۈنى دىلىڭنىڭ دىلىمغا تۇتاش ئىكەنلىكىنى كۆرىمەن. ئەنە شۇ چاغدا باشقا گەپ قىلما. پەقەت كۆزلىرىمگە قارا. كۆزلىرىمگە قار قىممەتلىكىم.  

     


    收藏到:Del.icio.us