ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (9) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

     

    3 . بۇ ساھەدە توختاپ قالغان تالانت ئىگىلىرى قولىغا قايتا قەلەم ئېلىش .

         ھازىر ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدە تالانتلىق بىر زىيالىينىڭ يېتىلىپ چىقمىقى ئىنتايىن تەس . خىلمۇخىل ئوبيېكتىپ چەكلىمە ، قاتتىق مېھنەت قىلىشىغا قارىماي كېلىدىغان ئازغىنە كىرىم ، ئوقۇرمەن كرىزىسى ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ قىيىنلىقى قاتارلىق تالاي ئامىل بۇ ئىككى ساھەدىكى زىيالىيلارنىڭ ئالدىغا سوئال بولۇپ قويۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلگەنسېرى ئادەمنىڭ ئازابى كۈچىيىدۇ . ماددىي كاپالەت بولمىسا تېخى بولمايدۇ ، دىققەت چېچىلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن مەن نەزەر دائىرىسى كەڭ ، بىلىمى چوڭقۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىۋالغان تەقدىردە قولىغا قايتا قەلەم ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن . مەن بۇ توغرىسىدا ئويلانغىنىمدا ، ئالدى بىلەن ئېسىمگە داۋۇدجان ئوبۇلقاسىم ، تاھىر ھامۇت قاتارلىق بىر قانچە تالانتلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى كېلىدۇ . خىلمۇخىل سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى روياپقا چىقارمايۋاتقىنىغا ياكى يېزىشتىن توختاپ قالغىنىغا بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى . مېنىڭچە ، بۇ ئىككى ساھەدە يېڭى زىيالىيلىرىمىز يېتىشىپ چىققۇچە ، ئاللىبۇرۇن تەييارلىقى پۈتكەن ، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ بولغان زىيالىيلىرىمىز قولىغا قايتا قەلەم ئالسا ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزگە يېڭى گۈلدەستىلەر قېتىلغان بولاتتى .

    4 . پىداكار ، تىرىشچان ، قۇربان بېرىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ياشلار بولۇش .

          پىكىر قىلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە قۇربان بېرىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم تىرىشچان ياشلار بولۇشى كېرەك . شۇنىسى ئېنىقكى ، بۇ ئىككى ساھەنىڭ جاپاسى جىق ، كىرىمى ئاز بولىدۇ . ئەمما بۇ ئىككى ساھە تەرەققىياتى بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى سۈپىتى ، پىكرىي قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇ ھال باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان ، ئىلمىي ئەمگەككە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھ قىلغان بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ بولۇشى ، پىداكارلىق كۆرسىتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ . ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ۋىجدان پەنلىرىدۇر . ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى يەنىلا ۋىجدان ئىگىلىرىدە . ئۇنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى شام كەبىي كۆيىدىغان يۈرەك .

    5 . ھەمكارلىق ئاساسىدا بۇ ئىككى ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ – تېرمىنلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش .

         مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ - تېرمىنلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇنداق يازىدۇ : «بىر مىللەتنىڭ ئىستېمالىدىكى ئۇقۇملار ئەگەر شۇ مىللەتنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ، پەلسەپە ، تارىخ ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەلىرى تەرىپىدىن خاس مەۋقەدە يورۇتۇلمىغانىكەن ، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان بولىدۇ . ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي جېنى يوق بولغان بولىدۇ.»(ئابدۇقادىر جالالىدىن ، 20 : 2003) . ئەمما ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئەقەللىي تېرمىن - ئاتالغۇلارمۇ تېخىچە قېلىپلاشمىدى . جەمئىيەتشۇناسلىقنى بەزىلەر سوتسىيولوگىيە ، ئىنسانشۇناسلىقنى بەزىلەر ئانتروپولوگىيە ، شېئىرىيەتنى بەزىلەر پوئىزىيە دەپ ئاتىماقتا . بۇ خىلدىكى ھەر كىم خالىغىنىنى ئاتايدىغان بىنورمال ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ، ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى زىيالىيلار مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە ئۈچ تىلدا قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك . بىر پەنگە كىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلىرى بىلەن تونۇشۇش لازىم . زىيالىيلار ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنى ، قورساق ئۇرۇشىنى تاشلاپ ھەمكارلىشىشى لازىم . ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومېتىتى ئاتالغۇ بېكىتىش گورۇپپىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ساقلاش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ . ھازىر بۇ ئىككى پەن ساھەسىدە بىزگە نىسبەتەن تالاي يېڭى ئاتالغۇ ، ناتونۇش ئاتالغۇ بار . يەنە ھەر يىلى بىر مۇنچە يېڭى ئاتالغۇ چىقىۋاتىدۇ . بۇ ھال بىزدە «ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ئىزاھلىق لۇغىتى» (ئۈچ تىلدا) نىڭ تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر ساندا ئايرىم بەت ئاجراتقان بولسا كاتتا ئىش بولغان بولاتتى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن ھەمكارلىقنى ، كېڭىشىپ ئىش كۆرۈشنى ؛ ھېس قىلىش ، پىكىر قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالماي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . مۇتەپەككۇر جون دېۋېينىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ، «ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانمىغان تونۇش ئەھمىيەتسىزدۇر.»[20]

    6 . مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىش تارىخىدىكى ، غەربنىڭ ھازىرقى زامان بىلىش تارىخىدىكى مۇھىم مۇتەپەككۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش .

          ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەيىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئاۋۋال قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ ئىش بار : مېتودولوگىيە بىلەن تونۇشۇش ، ئىدىيە ۋە نەزەرىيە بىلەن تونۇشۇش ، مۇھىم مۇتەپەككۇرلار بىلەن تونۇشۇش . بۇ ئۈچ ئىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزنىڭ ئاسپىرانتلىرىمىزنىڭ ، قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىدە ئورۇندىمىسا بولمايدىغان ئەقەللىي تەلەپ . ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى ئارىسىدا مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ۋە مەيلى غەربنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ھېچقانداق بىر مۇتەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسى سىستېمىلىق تەتقىقى قىلىنمدى ، ئۆگىنىلمىدى ۋە ياكى چالا ئۆگىنىلدى . ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزدا ماركسزم - لېنىنىزم ئوقۇتۇش كافېدرالىرى قۇرۇلدى ، ئەمما كارل ماركس خاتا چۈشىنىلدى ياكى پاخال قىلىۋېتىلدى ؛ ئۇنىڭ كوممۇنىزم ۋە دىن ھەققىدىكى قاراشلىرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ، ئۇنى چۈشىنىش باشتىن - ئاخىر ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇيىئىستېمالىغا ئايلانغىنى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلاردا ئۇنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بېرى ئىقتىسادشۇناسلارنى ، جەمئىيەتشۇناسلارنى ئالدىرىتىپ كېلىۋاتقان باشقا نۇرغۇن نۇقتىنەزەرلىرى سەل قارالدى (مەن يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ماركسنىڭ «كاپىتال» ناملىق ئەسىرىنى نەشرگە تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ خۇرسەن بولدۇم . بۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك يۈزلىنىش) . كارل ماركستىن باشقا بىزدە ئىسىمى بىر قەدەر كۆپ تىلغا ئېلىنغان ، ئەمما چالا - پۇچۇق چۈشىنىلگەن مۇتەپەككۇر فرېدىرىخ نىچىشې (Fredrich Nietzsche , 1843 - 1900) بولدى . ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇنىڭ «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى ، لېكىن تۈزۈك ھەزىم قىلىنمىدى . گېرمانىيىلىك كلاسسىك جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبىر كارل ماركس بىلەن فرېدىرىخ نىچىشىنىڭ ئورنىغا يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق يازىدۇ : «بۈگۈنكى دەۋردىكى ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭ ، مۇتەپەككۇرنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئۇنىڭ فرېدىرىخ نىچىشىې ۋە كارل ماركسقا تۇتقان پوزىتسىيسىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن . بىز بۈگۈن ئاكادېمىيە سورۇنلىرىدا ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىۋاتقان تېمىلارغا كارل ماركس ۋە فرېدىرىخ نىچىشىې سەۋەبچى بولغان .»(ۋ . ھېننىس ، 162 : 1988) كارل ماركس ۋە فرېدىرىخ نىچىشېدىن باشقا ، سىگمۇند فرۇئىد ئىدىيىلىرى چۈشىنلمەي ، ئۆگىنىلمەي تۇرۇپ تىللاش ئوبيېكتىغا ئايلاندى . بۇ خىل بىنورمال يۈزلىنىش ھەققىدە يازغۇچى پەرھاد تۇرسۇن مۇنداق يازىدۇ: «بىر نەرسىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ تىللاشنىڭ لەززىتىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ تىللاشنىڭ لەززىتى شېرىن بولىدۇ . سەۋەبى ، ئادەم ئۆزى بىلمىگەن نەرسىنى تىللىغاندا بىلمەسلىكتىن ئىبارەت توساقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تەمتىرەپ قالمايدۇ .»[21] مېنىڭ بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان بىر نۇقتام شۇكى ، بىر ئىدىيىنى ئۆگىنىش ئۇنىڭغا ئەل بوپكېتىش دېگەنلىك ئەمەس . بىز ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىش تارىخىدىكى ، غەربنىڭ بىلىش تارىخىدىكى مۇتەپەككۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن سېستىمىلىق تونۇشۇشىمىز كېرەك . بىز ئىبىن رۇشىد ، غەززالىدىن تارتىپ مالىك نەبى ، فەتقۇللا گۈلەنگىچە بولغان مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن ھەم دېكارت ، كانتتىن تارتىپ دېررىدا ، فۇكاۋغىچە بولغان غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشۇشىمىز لازىم. بۇ ھال بىزدە «غەرب پەلسەپە تارىخى»(«ئىسلام پەلسەپە تارىخى» مۇنبەر ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نەشردىن چىقىپ بولدى) ، «20 - ئەسىر ئىدىيە تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى كۈتىدۇ.

         7. كىتاب ئوقۇش ، ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىزنى ئىسلاھ قىلىش . 

          ھازىر بىزنىڭ مىللەت سانىغا نىسبەتەن ئاز ھېسابلانغان ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا بىر بولسا ئوقۇپلا قوپۇپ كېتىش ، بىر بولسا ئوقۇغان نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىش ، بىر بولسا ياخشى كىتاب قەدىرسىز قېلىش خاھىشلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانماقتا . مەن نۇرغۇن كىتابخۇمار قېرىندىشىم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بەزىلەرنىڭ ھەرقانداق كىتابنى رومان ئوقۇغاندەك ئوقۇپلا قوپۇپ كېتىدىغانلىقىنى ؛ بەزىلەرنىڭ ئۆزى ئالاھىدە چوڭ بىلگەن بىر مۇتەپەككۇرنى ياكى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى شەيئىلەرگە ، ئوبيېكتىپ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشتىكى بىردىنبىر ۋاسىتە قىلىۋالىدىغانلىقىنى ؛ بەزى «ياخشى كىتاب» ئىزدەپ يۈرگەنلەرنىڭ بىزدە ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغان ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا ، ھەتتا بايقاشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى سېزىپ ھەيران قالىمەن . مەن ئويلايمەنكى ، ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپلا قوپۇپ كېتىش ئوقۇمىغانغا باراۋەر . كىتاب ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا خاتىرە قالدۇرۇشىمىز ، چاتما تەسەۋۋۇر ۋە باغلاشقا ماھىر بولۇشىمىز ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل پىكىر قىلىپ ئوقۇغانلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بىلىمىمىزگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم . مېنىڭ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇلۇم ئۈچ : ئاۋۋال قىزىقىپ ئوقۇش ، ئاندىن مۇلاھىزە قىلىش ، چۈشىنىش ھەم سوئال قويۇش ، ئاخىرىدا باغلاش ۋە تەتبىقلاش . ئەگەر ئەسەرلەرنى قايتا - قايتا ئوقۇش ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزمىگەندە ، ئېرىشىدىغىنىمىز تېڭىرقاش ۋە زېرىكىش بولىدۇ . بىزدە رومان ، پوۋېست ، ھېكايە ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەن ئىلمىي ئەسەر ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەندىن كۆپ . بۇنى يامان ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ . ئەدەبىي ئەسەرنى چوقۇم ئوقۇش كېرەك . ئەمما ، رومان ئوقۇش باسقۇچىدا توختاپ قېلىش بىر ياخشى ئوقۇرمەننىڭ سۈپىتى ھەم ئۆلچىمى ئەمەس ، ھەم كىتاب ئوقۇشتىكى ئاخىرقى پەللە ئەمەس . پىكىر قىلىش ئۈچۈن بىز يەنە سۈپەتلىك ، سەۋىيىلىك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە كلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇشىمىز كېرەك . مەن جەمئىيەت تەكشۈرۈش داۋامىدا «ياخشى كىتاب» ئىزدەپ يۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ بىزدە ئاللىبۇرۇن يورۇقلۇققا چىققان بەزى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇمىغانلىقىنى بايقىدىم . قانۇنلۇق نەشر قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ دىققەت قوزغىيالمىغان ياكى سەل قارالغان كىتابلار ئىچىدە چەت ئەل پەلسەپىسىگە ۋە چەت ئەل پىكىرىي قۇۋۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ، «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» ، «ئوشو پەلسەپىسى» ، «مۇتەپەككۇرلار ساداسى» ، «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر» ، «غەربنىڭ تەپەككۇرى» قاتارلىق كىتابلار ؛ پىسخولوگىيىگە دائىر ئىلمىي ئەسەرلەردىن «ھاياتقا تەمسىل ، قىسمەتكە ئاچقۇچ» ، «قەلب خەرىتىسى» ، «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز» قاتارلىق كىتابلار؛ سىياسىيشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم ؟» ، «سىياسىينىڭ رەزىللىكى» ، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» قاتارلىق كىتابلار ؛ ئىسلام دىنى ۋە پەلسەپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن «قىسقىچە ئىسلام دىنى تارىخى» ( ئىككى قىسىم ) ، «ئىسلامنىڭ سۈبھى ۋە ياشلىق دەۋرى» ( ئۈچ قىسىم) ، «ئىسلام پەلسەپە تارىخى» ، «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» ، «مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى» ، «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» قاتارلىق كىتابلار ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەردىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» ، «ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم» ، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋردىكى پەلسەپە بىخلىرى» قاتارلىق كىتابلار ؛ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن ھاجى نۇرھاجىنىڭ «قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى» ، «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى تارىخى» قاتارلىق كىتابلىرى ، ئىسراپىل يۈسۈپنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك تارىخى » ، يۈسۈپجان ياسىننىڭ «ئاتېللا» ، مسەيدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ «مەن شاھىت بولغان ئىشلار» ، مەرھۇم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخىي رەشىدىي» ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار بار .

         كىتاب ئوقۇش ، ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىزدىكى يەنە بىر مەسىلە ، ئوقۇغان نەرسىگە پۈتۈنلەي ئەل بولۇپ كېتىش ۋە ئوقۇغان نەرسىلىرىمىز ئاساسىدا خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراش . گېرمانىيە پەيلاسوپى فرېدىرىخ نىچىشىې «خۇلاسىگە ئېرىشىش - تەسەللىيگە ئېرىشىش دېمەكتۇر» (conclusions are consolations ) (فرېدىرىخ نېچىشىې ، 32 : 1974) دەپ يازىدۇ . ئوقۇغان نەرسىمىز ھەرقانچە ئېسىل ، قايىل قىلارلىق بولغىنى بىلەن شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ . ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىدە مۇتلەق توغرا پىكىر بولمايدۇ . ۋەھالەنكى ، بىزدە ئىسلام پەلسەپىسى ئوقۇغانلاردىن بەزىلەر غەربنىڭ ھەرقانداق قارىشىنى چەتكە قاقىدىغان ؛ غەربنىڭ بەزى قاراشلىرىدىن ، ئىدىيىلىرىدىن ئىلھام ئالغانلار ئۇيغۇرنىڭ بىلىش نەتىجىلىرىنى ، ئىسلام ئىدىيىلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد . بۇ ھال ئەدەبىيات ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇپ ، ئوقۇرمەن تەسلىمىچىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .

        ئوقۇرمەن تەسلىمچىلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەم ئۆزىمىزگە جەلپكار بىلىنگەن نەرسىلەردىن قانداق مۇداپىئەلىنىشنىمۇ بىلىشىمىز ، ھەم ئوقۇغان نەرسىلەرگە سوئال قويۇشىمىز كېرەك . مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام ، جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەندە «ئاۋۋال ئۆگىنىش ، ئاندىن گۇمانلىنىش» پوزىتسىيىسىنى تۇتىمەن . لېكىن ، بۇ دېگەنلىك چۈشەنمەي تۇرۇپ گۇمانلىنىش ، بىلمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلىشقا ئالدىراش ئەمەس .

    8 . نەشرياتچىلار ، مۇھەررىرلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋىجدانىي قەرز ، تارىخىي يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن تونۇش .

    -داۋامى بار 

    分享到: