-
2010-10-20
كىمدىن كېلىۋاتىسەن؟ (نەسىر) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
- كىمدىن كېلىۋاتىسەن يۈرىكىم ؟
- ...
- كىمدىن كېلىۋاتىسەن قەلبىم؟
- ...
- قوللىىرڭدا مەھكەم تۇتىۋالغىنىڭ نېمە ئۇ؟
- بولدى سوراۋەرمە ئەمدى. بۇنداق ئىككىلىنىشلىك سۇئاللارنى كۆپ سوراپ كەتتىڭ. ئەجىبا ئۆزۈڭنىڭ كۆزلىرىگە، ئۆزۈڭنىڭ يۈرىكىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدىڭمۇ؟ بۇ گۈل. سۆيگۈ گۈلى. مېڭىۋاتقان يوللىرىمغا قارىمامسەن ئۇ قەيەرگە تۇتىشىدىكەن؟ ئۇ مېنى قەيەرگە ئېلىپ مېڭىپتۇ؟ ھە، شۇنداق. مەن بەخىتتىن كېلىۋاتىمەن. مەن سۆيگۈدىن كېلىۋاتىمەن. يەنە دەي ساڭا : مەن بەخىتكە كېتىپ بارىمەن. سۆيگۈگە كېتىپ بارىمەن. قولۇمدىكى بەخىتلىك سۈبھىدە، ۋىسال بېغىدا مېھىر سۈيىدە سۇغۇرۇلۇپ، ئەقىدە نۇرىدا ئۆسۈپ، ئىدراك قولىدا پەرۋىشلىنىپ، سەۋىر بىلەن تەشنالىق شامىلىدا يەلپۈنۈپ، ھايا بىلەن بەرق ئېتىپ تۇرغان ۋاپا مېۋىسى - سۆيگۈ گۈلى.
历史上的今天:
سۆيگۈ مەڭگۈ تېشى 2010-10-20يىنىك شىۋىرلاشلار (نەسىر) 2010-10-20ۋىسالدىن تۇغۇلغان ئويلار 2010-10-20
收藏到:Del.icio.us