ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى (5) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

         گىرمانىينىڭ شىنجاڭدىن تىپىلغان سانسېكىرت يىزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار ساھەسىدە تۆھپىسى ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى شىنجاڭدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسىدا بىر خىل ئەبجەش سانسېكىرت يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشى دۇنيادا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.بۇ يازما يادىكارلىقلار پەقەت ۋە پەقەت تارىم ئويمانلىقىدىن تىپىلغان. ئەينى ۋاقىتتا گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خ. لۇدىرىس    (H.Lueders) ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ (ئۇمۇ سانسېكىرت تىلى مۇتەخەسىسى) بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى دۇنيا ھىندىشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەر بولۇپ قالغان. ھىندىستان تۇپرىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئەسەرلەر تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان يادىكارلىقلار ئارقىلىق نامايەن بولۇۋاتىدۇ. لۇدېرىس تەشەببۇسچىلىقىدا قۇرۇلغان ‹‹شىنجاڭدىن تىپىلغان سانسېكىرتچە يازما يادىكارلىقلار  لوغىتى›› تەھرىر بۆلۈمى تا ھازىرغىچە گىرمانىينىڭ ئۇنىۋېرسىتىت شەھىرى گوتتىنىگىندا نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە. گىرمانىيە ئالىملىرى ھېندىشۇناسلىقنىڭ موھىم تەركىبى قىسىمى بولغان شىنجاڭدىن تىپىلغان كاروشتى يېزىقى، قەندەھار تىلى(قەدىمكى ھىندىستاننىڭ غەربى شىمال دىئالېكتى) تەتقىقاتىدىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

        شىنجاڭدىن تېپىلغان خەنزۇ يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، ئېفتالىت يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى تەتقىقاتى ساھەسىدە پىشەدەم ئالىم، خەنزۇشۇناس ئو. فىرانكى (O.Francke) تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئەڭ دەسلەپ كىرىشكەن. يەنە بىر ئا. فىرانىك(A.Francke) زاڭزۇ يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار جەھەتتە، خەنسىن (O.Hansen)ئاتالمىش يەتتە پارچە ئېفتالىت يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى (يىقىنقى يىللاردا ئالىملار بۇنىڭ كۇشان تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار بولۇشى مومكىن دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ) پروفىسسور رۇكىن        (A.Ruecker)سۈرىيە يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئېنجىل ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
         ئەڭ ئاخىرىدا گىرمانىيلىك خىمىيە ئالىمى ئو. رىچىترنىڭ (O.Richter)تۇرپاندىن تىپىلغان قەغەزلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، بۇ قەغەز ماتېرياللىرى ئىچكىرىنىڭكىگە ئوحشاش ئۈجمىنىڭ قوۋزاقلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز يىرىنىڭ يەرلىك ماتېرياللىرىنى خام ئەشيا قىلغان. بەزىدە قەغەز بوتقىسىنى كاتەكچىگە قۇيۇلدۇرغاندا ئۈستىدە قىپقالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق ئىزلىرىنىمۇ ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا يەنە قەغەز ئۈستىگە بىر قەۋەت يورۇقلۇق تارقىتىدىغان ماددا سۈركەلگەن ئىكەن.

    (گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ يىقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات ئەھۋالى بىلەن تونۇشماقچى بولسىڭىز ‹‹غەربى يۇرت تەتقىقاتى›› ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان ‹‹گىرمانىيە بىرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش›› ناملىق ماقالىنى كۆرگەيسىز(بۇ ماقالىنى ‹‹تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى›› ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ ئوشبۇ ژورنالنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان-تەرجىماندىن)

    ئىزاھاتلار:

    *   بۇ ماقالە ‹‹مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى   ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى›› غا كىرگۈزۈلگەن.ماقالىنى يېزىش جەريانىدا گابائىن خانىمنىڭ ‹‹گىرمانىيىدىكى بىرىنجى ئەۋلاد تۇرپانشۇناسلار›› ناملىق ماقالىسىدىن پايدىلاندىم.

     ① ھېندى-ياۋروپا تىللىرى s ۋە k ھەرپلىرىنىڭ سۆز ئىچىدىكى ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن kkentum, satem تىللىرى گورۇپپىسى دەپ ئىككى گورۇپپىغا بۆلىنىدۇ. ئالدىنقىسىغا غەربى ياۋرۇپا تىللىرى، كېيىنكىسىگە ھېندى، روس تىللىرى كىرىدۇ.

    ②ئارياچانتىرى بۇنى قەدىمكى ھېندى تىلىدىن toxri   تىلىغا ، سڭنقۇ سەلى بۇنى       toxri تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

    ③ بۇ ماقالا فېڭ چېڭجۈن خەنزۇچە تەرجىمە ماقالىسىدە كۆرۈلىدۇ.(بۇ ماقالە 1958-يىلى  ‹توخرى تىلى ھەققىدە تەتقىقات› ناملىق ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن) بۇ خىلدىكى ماتېرياللاردا كۆرۈلىدىغان خاننىڭ نامى  Suwartep  ‹‹تاڭنامە›› دە تىلغا ئېلىنغان  苏发叠 غا توغرا كىلىدۇ.

    ④ سېئىگنىڭ ‹‹ يەنە توخرى تىلى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ، 1937-يىلى، 130،139 بەتلەر.

    ⑤ يىقىنقى يىللادا خەلقئارادا توخرى تىلى مەسىلىلىرى ھەققىدە يەنە بىر قېتىملىق قىزغىن بەس-مۇنازىرە كۆتۈرۈلدى، بۇ جەھەتتىكى مەخسۇس ئەسەرلەردىن مېي ۋېيخەننىڭ ‹‹ تارىم قەدىمكى مومىيالىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى›› (1995-يىلى)، ‹‹شىنجاڭنىڭ مىس قوراللار ۋە دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى ئاھالىلەر››(1998-يىلى). ‹‹تارىم مومىيالىرى— قەدىمكى جوڭگۇ ۋە غەربتىن كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىلەرنىڭ سىرى››(200-يىلى) ۋە ۋاڭ بىڭخۇا تۈزگەن ‹‹شىنجاڭ قەدىمكى مومىيالىرى›› (2001-يىلى) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    قوشۇمچە:

    ئەسلى ئاپتۇرى: گېڭ شىمىن (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى، جوڭگۇ تۈركلوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىم)               

    تەرجىمان: ئىمىن تاجى تۈرگۈن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسفىرانتى)

    بۇماقالە پروفىسسورى گېڭ شىمىننىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتى نەشرىياتى 2007 -يىلى نەشىر قىلغان‹‹ ئۇيغۇر ۋە قازاق تىل-ئەدەبىياتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى›› ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتى يولى 102-نومۇر

    پوچتا نۇمۇرى: 830054

     

    ئەسكەرتىش : مەزكۇر ماقالە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» 2010-يىللىق 2-سانىغا بېرىلگەن. تەرجىماننىڭ رۇخسىتى بىلەن بىلوگىمدا ئېلان قىلىندى. بۇ يەردە تەرجىمان دوستىمىزنىڭ مىھنىتىگە ۋە قوللىشىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

    分享到:

    评论

  • ئاخىرى يوللاپ بۇلۇپسىز،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ھونزادە 说:
    رەھمەت. سىزمۇ ھارماڭ.
    2010-11-09 23:24:32