ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى (4) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

     

    1913         -يىلى فىرانسىيە ئالىمى س. لېۋىي (S.Levi)‹‹ئاسىيا›› ئىلمىي ژورنىلىدا ‹‹توخرى تىلى B نىڭ كۈسەن تىلى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق مەشھۇر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ تارىخى ماتېرياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق ئاساستا ئاتالمىش توخرى تىلى B نىڭ  قەدىمكى كۈسەنلىكلەرنىڭ يەرلىك تىلى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان.③ توخرى تىلىنىڭ نامى مەسىلىسىدە ناھايىتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يەنە بىر پارچە ماقالە ئەنگىلىيىدە ۋاپات بولغان سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئالىمى ۋە شەرقشۇناسى ۋ. س. ۋورىيىۋ دىياتىۋوسكىي توخرى تىلى B دىئالېكتى ۋە سانسېكىرت تىلى سىلىشتۇرمىسىنىڭ كەمتۈك ئەھۋالىغا ئاساسەن ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا يېزىق پارچىلىرى››(شەرقشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى توپلىمىنىڭ 1958-يىللىق 16-توپلىمىعا كىرگۈزۈلگەن) ناملىق ماقالسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ كەمتۈك نۇسخىلاردىكى سانسېكىرت تىلىدىكى سۆز  tokharika نى توخرى تىلى دىئالىكتى B دەپ تەرجىمە قىلغاندا، سۈپەت سۆزىkucanne  (كۇچانىڭ قەدىمكى نامى) قوشۇپ ئىشلەتكەن.لېۋىي كۈسەن(kucanne) سۆزىنى توخرى تىلى دىئالېىكتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاتىشى دەپ يەكۈن چىقارغان. بۇ نوقتا ئۇزۇن ئۆتمەي، توخرى تىلى دىئالېكتى B ۋە قەدىمكى تۈرك تىلى سىلىشتۇرمىلىقىدىكى مانى دىنى مەدھىيە ناملىرىدا ، قەدىمكى تۈركچە سۆز kusan (يۇەن دەۋرىدىكى يازمىلاردا(曲先) دەپ ئېلىنغان) توخرى تىلى دىئالېكتى B ئارقىلىق ئىسپاتلانغان (گابائىن خانىمنىڭ ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› ناملىق ئەسىرنىڭ 4-تومىغا قاراڭ، 1956)، شۇنداق قىلىپ، توخرى تىلى B دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلار ئۆزىنىڭ تىلىنى كۇچا تىلى دەپ ئاتىغان (ئۇيغۇر تەرجىمانلىرىمۇ مۇشۇ خىل نام بىلەن ئاتىغان).

           كېيىن سېئىگ، سېئىگلىنلار گەرچە توخرى تىلى B نىڭ كۇچا تىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما، A تىلىنىڭ توخرى تىلى دىگەن نامدا ئاتاشتا چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە A تىلىنىڭ بىر خىل دىنىي تىل سۈپىتىدە تارىختا توخارىستاندىن (بۈگۈنكى تاجىكىستاننىڭ جەنۇبى ۋە ئاففانىستاننىڭ شىمالى قىسىمىغا توغرا كىلىدۇ)قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا كەلگەن دەپ ئوتتۇرىغا قويغان④.

    قىسقىسى، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن قاراشەھەر، قۇچۇ ئەتراپىدا ئىشلىتىلگەن بۇ خىل ھىندى-ياۋرۇپا تىلىنى توخرى تىلى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ھازىرغىچە كىشى قانائەتلەنگۈدەك جاۋابقا ئىگە بولالمىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتىمۇ، ‹‹توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى›› قاتارلىق سوغدى تىلى يازما يادىكارلىقلىرىدىمۇ ئاگنى(قاراشەھەر) ئەتراپى (toxri) (تۆت توخرى) دەپ خاتىرلەنگەن.                                  

          بەزى ئالىملار توخرى تىلىنى ياۋچىلار تىلى بىلەن ئوخشاش دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى پروفىسسور بەيلى(H.Bailey) ئىران تىلى نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، Tokhar سۆزىدىكى to ‹‹چوڭ›› دېگەن مەنىدە، khar نى ‹‹ياۋچى›› دېگەن مەنىدە دەپ يېشىپ مەملىكىتىمىزدىكى حەنزۇشۇناس ئالملارنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىزگە مەلۇمكى، تارىختىكى ئۇلۇغ ياۋچىلار، توخرىلار ۋە توخارىستان ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىكتۇر. خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ ياۋچىلار ئەڭ دەسلەپ گەنسۇ، چىلان تاغ ۋە دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرىدا ياشىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردە ئۇلۇغ ياۋچىلار ھونلار تەرىپىدىن قوغلىنىپ غەربكە كۆچۆپ توخارىستانغا بارغان. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تارىختىكى مەشھۇر كۇشان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئەمما، ئۇلار خەنزۇ يېزىقىدىكى كىتابنامىلەردە ئۇلۇغ ياۋچىلار دىگەن نامدا ئاتىلىشقا ئادەتلىنىپ كېتىلگەن.

         مەملىكىتىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى شۇەنزاڭ ‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە ئىككى يەردە توخرى دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. بىرى، توخرى دۆلىتى(覩火罗)(بۈگۈنكى ئاففانىستاننىڭ شىمالىدىكى توخارىستان دۆلىتى)، يەنە بىرى، توخرى بەگلىكى (覩货逻故国)(بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى گۇما ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا، تارىختىكى ئەندىر بەگلىكىگە توغرا كىلىدۇ)،

         مەن پروفىسسور بەيلىنىڭ ئۇلۇغ ياۋچىلار = توخارلار دىگەن نەزىرىيىسىگە بەك قايىلمەن. بۇ نەزىرىيىگە ئاساسلىنىپ، تارىختا ھەل بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.خېلى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەن سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ‹‹شەرقشۇناسلىق مەسىلىلىرى›› (1958-يىللىق سانى، قايسى سانى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق) ژورنىلىدا ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. بۇ ماقالىدە، 2000 يىللار ئىلگىرى دۇنخۇڭدىن غەربى يۇرتنىڭ جەنۇب-شىمالىغىچە بولغان جايلارنىڭ ئېكىلوگىيلىك موھىتنىڭ ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان ئامما چارۋىلىرى بىلەن ئەركىن-ئازادە كۆچۈپ يۈرىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن (مېنىڭ بىلىشىمچە، ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا كۆپلىگەن قازاقلار چارۋىلىرىنى ئېلىپ، قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى بارىكۆلدىن جەنۇبقا كۆچۈپ دۇنخۇاڭ ۋە گەنسۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقساي ئاپتۇنوم ناھىيىسىگە كەلگەن)، ئالدىنقىلار دىققەت قىلمىغان يەنە بىر نوقتا، گەنسۇنىڭ kuzan دىن، شىنجاڭدىكى تۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى بولغان kushi، kuci،kucha،kusan تېخىمۇ يىراقتىكى  فەرغاننىڭ قەدىمكى پايتەختىkusan  ، يەنە تېخىمۇ ئۆتۈپ kushan قاتارلىقلارنى سىلىشتۇرىدىغان بولساق، يۇقىرقى يەر ناملىرىنىڭ تەلەپپۇز جەھەتتىكى يىقىنلىقى تاساددىبىيلىق ئەمەس، بۇ ياۋچىلارنىڭ قەدىمكى نامى بولغان kushi،kusi، kuti قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟ ئىلگىرى مەن گىرمانىينىڭ گوتتىنىگىن ئۇنىۋرسىتىتى تۈركلوگىيە ۋە ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى (ھازىر تۈركلوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى دەپ ئۆزگەرتىلىدى) داڭلىق ئالىم، ئىرانشۇناس ب. خىنىنىڭ (B.Henning)بىر پارچە (پىكىر ئىلىش شەكلىدە يىزىلغان ئىلمىي ماقالە) ماقالىسىنىڭ كومپيۇتىردا ئۇرۇلغان نۇسخىسىنى كۆرۈپ قالدىم.ماقالىدە قەدىمكى كىچىك ئاسىيا ۋە ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسەن، مىلادىدىن 3-4 مڭ يىللار ئىلگىرى  قەدىمكى ھېندى-ياۋرۇپا تىللىق kuti ۋە  tukri لار نىڭ (ئۇلار دائىم بىللە ھەركەت قىلغان) يىراق كىچىك ئاسىيا رايونىدىن شەرققە كۆچۈپ شىنجاڭ ۋە گەنسۇ ئەتراپلىرىغا كەلگەنلىكى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. خېننىڭ بۇ يەردىكى ‹‹kuti›› لارنىڭ ئۇلۇغ ياۋچىلار ئىكەنلىكىنى، ‹‹Tukri›› لارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردا كۆرۈلىدىغان ‹‹توخرىلار››(Toxri,Tuxri) دەپ قارىغان.

          بىر قىسىم ئالىملار يەنە قەدىمكى كىروران ئەتراپىدىن كاروشتى يېزىقى، دىندىن خالىي سانسېكىرت تىلىدا يېزىلغان نەچچە مېڭ پاچە ياغاچ ياكى بامبۇك تارشىغا يىزىلغان خەت-چەكلەر ئىچىدە يۈزگە يىقىن كېلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان سۆزلەرنى ئۈچىنچى خىل توخرى تىلى(توخرى تىلىC) دەپ قاراشنى ھەم بۇ تىلنى كىروران بەگلىكىنىڭ يەرلىك تىلى دەپ ئاتاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. يىقىندا شىۋىتسىيە   ئالىمى س. بانۇمىر (C.Baumer)نېمىس تىلىدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى ‹‹يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى--تەكلىماكان قۇملۇقىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى مەدەنىيەت››(2002-يىلى، ماينىز) ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم، ئۇمۇ قەدىمكى كىرورەنلىكلەر سۆزلەشكەن تىلنى ئۈچىنچى خىل توخرى تىلى (توخرى تىلى C) دېيىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى قاراشنى قوبۇل قىلغان ۋە ياۋچىلارنى توخرىلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارىغان، ئۇنىڭ ئەكىسچە، مەن توخرىلار ياۋچىلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايمەن. ⑤

     

    داۋامى بار

    分享到: