ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى (3) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› نىڭ 8-9-10 توملىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. 8-تومى (1954-يىلى ئېلان قىلىنغان) بەزىلىرى بىراھمى يېزىقىدا  (ھىندىستاننىڭ قەدىمكى يېزىقى) يېزىلغان 15پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزىم يادىكارلىقلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات، يەنە بەزىلىرى سانسېكىرت-ئۇيغۇر تىلىدىكى سىلىشتۇرما تەرجىمە، يەنە بەزىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان يادىكارلىقلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. بۇ يادىكارلىقلار ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكا قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 9-تومى (1958-يىلى ) مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان كۈسەن تىلى (قەدىمكى كۇچا تىلى ، توخرى تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سىلىشتۇرمىسىدىكى مانى دىنى مەدھىيە ناخشىلىرى بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدە ناھايىتى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 10-تومى ئاتاۋاكا (Atavaka) ھىكايىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بولۇپ، بۇ ھىكايىنىڭ تىلى جانلىق، يېقىشلىق بولۇپ  كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.

           مۇللىر ۋاپات بولغاندىن كيىن 1931-يىلى گابائىن   

    خانىم مۇللىرنىڭ ‹‹ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى›› ناملىق ئەسىرىنىڭ 4-تومىنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا تۆت پارچە ھىكايىنىڭ ئەسلى نۇسىخىسى ساقلانغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى ‹‹چىستانى ئىلىگبەگ›› داستانى بولۇپ، تىلى چۈشىنىشلىك، جانلىق بۇنىڭغا قاراپ بۇ ئەسەرنى بىر تەرجىمە ئەسەر دېگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇ 1935-1937 يىللىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1939-1945يىللىرى بىرلىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا تۈركلوگىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1946-1949يىللرى ئۇ ئاۋىستىرىيە-گىرمانىيە چىگرىسىدىكى بەد رىچىنخال(Bad Reichenhall) دېگەن يەردىكى بىر مۇزىيدا ئۇرۇش دەۋرىدە گىرمانىيدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹‹مايتىرى سىمىت›› ناملىق ئەسەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.بۇ ئۇنىڭ كېيىن (1957-1961-يىللىرى) ‹‹ مايتىرى سىمىت››                  (Maitrisimit)ھەققىدىكى ئىككى توملۇق موھىم ئەسىرىنىڭ نەشىر قىلىنىىشىغا ۋە تەتقىقات دوكلاتىغا موھىم ئاساسلارنى سىلىپ بەرگەن. ئۇ 1949-يىلىدىن پىنسىيىگە چىققۇچە (1966-يىلى پىنسىيىگە چىققان) ھامبورگ ئۇنىۋېرسىتىتىدا تۈركلوگىيە ۋە بۇددىزىم ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.

            2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1947-يىلى شەرقى گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان. ئۇ پروفىسسور ھارتماننىڭ (R.Hartmann) تەكلىپىگە بىنائەن‹‹قەدىمكى تۈرك تىلى يازما يادىكارلىقلىرى ››(Alttuerkisches  Schrifttum) دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىگەن.(بۇ لېكسىيە 1950-يىلى بىرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ يىللىق يىغىن دوكلاتىنىڭ تارىخ، پەلسەپە قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن) 50  -يىللارنىڭ ئاخىرى 60-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇ ‹‹قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر تىلى››(1959-يىلى ‹‹تۈرك تىل-ئەدەبىيات ئاساسلىرى›› ناملىق ژورنالنىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان، بۇ ژورنال تۆۋەندە ‹‹ئاساس›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ) ، ‹‹قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى››(‹‹ئاساس›› ژورنىلىنىڭ 1964-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب مەدەنىيىتى ۋە مەتبەئە تېخنىكىسى››(‹‹ئاساس›› ژورنىلىنىڭ 1964-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان)، ‹‹ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈرك-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى››( 1964-يىلى گوللاندىيىدە چىقىدىغان ‹‹شەرقشۇناسلىق قوللانمىسى›› (ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان) قاتارلىق موھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

             20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن  گابائىن خانىمنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىگە بۇرالغان ۋە بۇ ساھەدىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولعا كەلتۈرگەن. 40-يىللارنىڭ ئاخىرى 50-يىللارنىڭ بىشىدا ئۇ ‹‹قەدىمكى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى››(1949-يىلى ‹‹ئىسلام دەۋرى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنعان)،‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى››(1952-يىلى‹‹ شەرقى ئاسىيا تەبىئەت ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ خەۋەرلىرى›› دە ئېلان قىلىنغان)، ‹‹تۈرك-ئۇيغۇرلاردا بۇددىزىم››(1954-يىلى ‹‹ئاسىيا›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ۋە پروفىسسور مۇللىرنى خاتىرىلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن)، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددا دىنى››(1961-يىلى ‹‹شەرقشۇناسلىق قوللانمىسى›› دا ئېلان قىلىنغان)، ‹‹قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى››(1961-يىلى ماينىز پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەشىر قىلغان، مەن ئۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى›› نىڭ 1980-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلدۇرغان ئېدىم)، ‹‹تۇرپاندىن تېپىلغان بويۇملاردىكى مەتبەئە تېخنىكىسى››(1967-يىلى گىرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىللىق يىغىن دوكلاتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن قىسىمىدا ئېلان قىلىنغان)، ‹‹قۇچۇ ئۇيعۇر خانلىقىدا تۇرمۇش››( 2-قېسىم، 1973-يىلى،بۇ كىتاب زۇرۇشەن تەرىپىدىن حەنزۇچىغا تەرجىمە قلىنغان، بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا مىنىڭ گابائىن خانىمنىڭ ھاياتىنى  تونۇشتۇرۇپ يازغان قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ماقالەم كىرگۈزۈلگەن)، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان››(1979-يىلى يېزىلعان) دېگەندەك موھىم ئەسەرلىرى بار. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا ئۇنىڭ 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدىكى شەكىل تىلى›› ناملىق كىتابىنى ئۇ 1982-يىلى جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن دوكلاتى ئاساسىدا يازغان. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نومىدىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما رەسىملەر تەتقىقاتى›› ناملىق ئەسىرىمۇ بار.

          گىرمانىيە تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە قوشقان يەنە بىر موھىم تۆھپىسى توخرى تىلىنى يېشىپ ئوقۇش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىدۇر.

         توخرىلار مەسىلىسى شىنجاڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە ئەڭ قىزىقارلىق شۇنداقلا ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەسىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى تۆھپىلەر گىرمانىيە ئالىملىرىغا مەنسۇپتۇر. تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلعان ھەر خىل يېزىقتىكى يازما مەنبەلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ھىندىشۇناسلار ناھايىتى پىششىق بولعان بىراھمىي يېزىقى بىلەن يېزىلغان (ئاز بىر قىسىمى كاروشتى يېزىقى بىلە يېزىلغان)شۇڭا بۇ يېزىقلارنى ئوقۇپ يېشىش جەھەتتە قىيىنچىلىقلار يوق. سانسېكىرت تىلىدىن باشقا ، ئالىملار ئىلگىرى كىشىلەرگە نامەلۇم بولغان ئىككى خىل تىلنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىپ ئۇلارنى ۋاقتىنچە توخرى تىلى Ⅰ ۋە توخرى تىلى Ⅱ دەپ ئاتاپ تۇردى. نامەلۇم تىل Ⅱ ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى ئالىملار ئۇزۇن ئۆتمەي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىىلىپ، بۇ تىلنى ساك تىلى دەپ ئاتىدى ( ھېندى –ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقى ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە) ، بۇ تىلدىكى يازما يادىكارلىقلار ئاساسلىقى خوتەندىن تېپىلغاچقا ئۇنىڭ ئالدىغا ‹‹خوتەن›› ئېنىقلىغۇچىسىنى قوشۇپ ‹‹خوتەن ساك تىلى›› دەپ ئاتىدى ۋە بۇنى باشقا تىللاردىن پەرقلەندۈردى.

          نامەلۇم تىل Ⅰ گە نام بىرىش مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى ئالىملار بىر ئەسىردىن كۆپرەك تالاش-تارتىش قىلدى، بۇ مەسىلە تا ھازىرغىچە ھەل بولمىدى.  نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئالىملار بۇ تىلنى توخرى تىلى ياكى بۇنى قوش پەش ئىچىگە ئېلىپ ‹‹توخرى تىلى›› دەپ ئاتاشقا ئادەتلەندى. بۇ تىل A ۋە B دەپ ئىككى دىئالېكىتقا بۆلىنىدۇ (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى خىل تىل ئوتتۇرسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە مۇستەقىل ئىككى خىل تىل دەپ قارىلىۋاتىدۇ) مەن ئۇزۇندىن بىرى بۇنى ئاگنى-غۇز تىلى(ياكى توخرى تىلى A) ۋە قەدىمكى كۈسەن تىلى(توخرى تىلى B) دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. تۆۋەندە توخرى تىلىغا نام بىرىش مەسىلىسىنى قېسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

    ئالىملار دەسلەپ بۇ تىلنىڭ ھېندى-ياۋرۇپا تىلى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەمما، بۇ تىل شەرقى ئىران تىللىرىغا ۋە سىلاۋىيان تىللىرىغا ئوخشىمايتتى، بەلكى غەربنىڭ ھېندى –ياۋرۇپا تىللىرىدىن بولغان گىرمان –ئىتالىيە تىللىرىغا ئوحشاش بۇ خىل تىل سىستىمىسىنىڭ كۇنتۇم (kentum) تىل گورۇپپىسىغا تەۋە ئىدى. گىرمانىيە 4-قېتىملىق تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتى دۆلىتىگە قايتىپ ئىككىنجى يىلىلا (يەنى 1907-يىلى) گرونۋېدېل بۇ خىل تىلغا نام بىرىش مەسىلىسىنى مەزمۇن قىلغان ‹‹ شىنجاڭدىكى نامەلۇم تىلغا نام بىرىشنىڭ تۆھپىسى›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹مايتىرى سىمىت›› ناملىق كىتابقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ②، ئۇنىڭ ئىچىدىكى    toxri دېيىلگەن تىلنىڭ جۇڭگۇ ۋە غەرب تارىخى ماتېرياللىرىدا ئۇچرايدىغان توخرى تىلى (tokhar) ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ناھايىتى ئېنىقكى، گىرونۋېدىل بۇ ئىككى خىل تىلنىڭ فونتىكا جەھەتتىكى يىقىنلىقىغا قاراپ مۇشۇنداق نام بەرگەن. كېيىنكى يىلى(1908-يىلى) گىرمانىيلىك سانسىكېرتشۇناس ئى. سېئىگ  (E.Sieg) ۋە ۋ. سېئىگلىن (W.Siegling)(كېيىن مەخسۇس توخرى تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان) ‹‹توخرى تىلىنىڭ ھىندى-سىكتاي تىلى ئىكەنلىكى ھەققىدە-نامەلۇم ھېندى-ياۋروپا تىلىغا   دەسلەپكى ئېزاھات›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ يەردە ئىككى ئالىمنىڭ توخرى تىلىنى بىر خىل ھىندى-سىكتاي تىلى دەپ ئاتىشى ئېنقكى خاتا. بىزگە مەلۇمكى، قەدىمكى يۇنانلىقلار سىكتاي (Skythen) دېگەن خەلق ،مەملىكىتىمىز ۋە قەدىمكى پارسلار ساكا (Saka) دەپ ئاتايدىغان خەلقنىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ توخرى تىلى تەتقىقاتى جەھەتتىكى تۆھپىسى گەۋدىلىكتۇر. ئۇلار بۇ تىلنىڭ غەربى ھېندى ياۋرۇپا تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ تىل پەرقى ناھايىتى چوڭ بولغان دىئالېكىتلار ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈپ چىقىپ ئۇلارنى دىئالېكىت A ۋە دىئالېكىت B دەپ ئاتىغان. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ بىشىدىلا ئەينى ۋاقىتتا چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن ھىندى-ياۋرۇپا سىلىشتۇرما تىلشۇناسى شۇلىزنىڭ  (W.Schulze) ياردىمىدە ئى. سېئىگ ۋە ۋ. سېئىگلىنلار ‹‹توخرى تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى›› (Tocharische Grammatik,1931) ناملىق كىتابىنىڭ 1-قىسىمىنى نەشىر قىلدۇرغان.

    داۋامى بار 

    分享到: