ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى (2) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

      بۇلاردىن باشقا، لېكوكنىڭ ‹‹ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتىدىن ئومۇمىي بايان››(1919-يىلى) ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹خۇئاستۇ ئانفىت››(مانى دىنىي مۇرتلىرىنىڭ تۆۋە دۇئانامىسى) قاتارلىق يازما يادىكارلىقلار ھەققىدىكى تەتقىقاتى بۈگۈنگىچە ئىلمىي قىمم ىتىنى  يوقاتقىنى يوق.

           تۇرپاندىن تېپىلغان تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتىدا تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان يەنە بىر ئالىم بىرلىن ئېتنوگرافىيە مۇزىي شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پىروفىسسور مۇللىر (A.w.k.Mueller) ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن تېنچ ئوكيانغىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىغا پىششىق ئىكەن. ئۇ تۇرپاندىن تېپىلغان نۇرغۇنلىغان قەدىمكى يېزىقلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن نەپىس، چىرايلىق مانىي يېزىقنىڭ ئېستىرانگلو(Estrangelo) يېزىقىدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە يەنە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ سوغدى يېزىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، مۇڭغۇل يېزىقنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، مانجۇ يېزىقنىڭ مۇڭغۇل يېزىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ‹‹ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى››(1908-1931-يىللىرى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان، 4-تومى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن گابائىن خانىم تەرىپىدىن رەتلەپ نەشىر قىلدۇرۇلغان) ناملىق تۆت توملۇق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر تەرەپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاقتىن بىرى تارقىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹چىستانى ئىلىگبەگ داستانى›› ئەمەلىيەتتە مۇللىر رەتلىگەن ‹‹ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى›› دا ئېلان قىلىنغان. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر ‹‹داساكارما پاتاۋا دانامالا››(Dasakarmapathavadanamala) نومىدىن كەلگەنلىلىنى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى نۇسىخىسىنىڭ چوڭ ھەجىملىك نوم ‹‹无明罗刹集›› دا كۆرۈلۈدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر تەرەپ، مۇللىر ياراملىق بىر سوغدى تىلى مۇتەخەسىسى بولۇپ، ئۇ بۇ جەھەتتىمۇ كۆپلىگەن موھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

           گىرمانىيلىك يەنە بىر مەشھۇر تۈركلوگ، پروفىسسور ۋىليام باڭ  (Willi Bang)بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا قەدىمكى ئېنگىلىز تىللىرىنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسىس، كېيىن قەدىمكى تۈرك تىلى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. (ئىھتىمال 20-ئەسىرنىڭ بىشىدا تۇرپاندىن تېپىلغان كۆپ مىقداردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك)، ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسىسى بولۇپلا قالماستىن تۈرك سىلىشتۇرما تىلشۇناسى ئىدى. ئۇنىڭ تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۉھپىسى گابائىن خانىم بىلەن بىرلىشىپ نەشىر قىلدۇرغان ئالتە توملۇق ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى››(بۇ ئەسەر يەنە قەدىمكى تۈركچە تۇرپان يازما يادىكارلىقلىرى، تۈركىي تىلدا يېزىلغان تۇرپان تېكىستلىرى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ-تەرجىماندىن )  ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ساھەگە ئائىت كۆپلىگەن موھىم ئىلمىي ماقالىلەردۇر.

        20  -ئەسىردە تۇرپانشۇناسلىق-ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا تۆھپسى ئەڭ زور بولغان ئالىمنىڭ بىرى گىرمانىيە ھامبورگ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پىروفىسسورى ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىم(Annemarie von Gabain) بولۇپ، 1901-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مورچىنگېن لوتىرگېن (Moerchinggen  Lothringen ) رايونىدا (ھازىر فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى يەر) تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا ئارمىيىگە قاتناشقان (ئۇنىڭ ئاتىسى گىرمانىيىدە گىنرال ئىدى)، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ماينىزMainz))، بىراندىنبورگ (Brandeburg) قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپ گىرمانىيە بىرلىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ماتىماتىكا ۋە تەبىئىي پەندە ئوقۇغان. كېيىن 1923-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن ئۈگۈنۈشكە باشلاپ بىرلىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ ئوقۇپ پروفىسسور خەنىش (E.Haenisch) ۋە فىرانىكلارنىڭ (O.Francke) يىتەكچىلىكىدە خەنزۇشۇناسلىقىنى ئۈگەنگەن. 1925-يىلى ۋېليام باڭدىن (Willi Bang) تۈرك تىلشۇناسلىقىنى ئۈگەنگەن ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىغا كىرىشىپ گىرمانىينىڭ تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قولغا كەلتۈرگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزىم ۋە مانىزىم ۋەسىقىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. 1930-يىلى خەنزۇشۇناسلىق تېمىسىدىكى ‹‹خەن دەۋرىدىكى يېڭى سۆزلەر تەتقىقاتى›› ناملىق ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇندىن ئىلگىرى ئۇ ياردەمچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە خىزمەت قىلغان.

           1928-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1924-1934-يىللىرى ۋېليام باڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى››(Tuerkche Turfan-Texte)

    ناملىق ئالتە توملۇق ئەسەرنى ئېلان قىلغان(7-تومى ئاسترونومىيە ۋە كالىندارچىلىققا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى تاتار مىللىتىدىن بولغان رەشىت رەھمىتى  ئارات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان). بۇ ئالتە توملۇق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1-تومى پالنامە ( خەنزۇ يېزىقىدىكى ‹‹نەسىرنامە›› گە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئەسەر بولۇپ ئۇنىڭدا رەمنىڭ سەككىز سىمۋۇللۇق بەلگىسىنىڭ سۈرىتى بار، ئەمما بۇ تەرجىمە تېكىستى ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن نۇسخا ئەمەس، بۇ شۇ خىلدىكى نامسىز كىتابنىڭ تەرجىمىسىدەك قىلىدۇ)، 2-تومى مانى دىنى يازما يادىكارلىقلىرى (ئۇيغۇر قاغانى بۆگۈ قاغاننىڭ مانىي دىنىغا كىرىشى ھەققىدىكى خاتىرىنىڭ يېرتىق پارچىلىرى (كەمتۈك پارچىلىرى) بولۇپ، ناھايىتى موھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە)،3-تومى مانىي دىنى مەدھىيە ناخشىلىرى(يۈز كوبلىت ئەتراپىدىكى شېئىر بولۇپ، ناھايىتى موھىم قىممەتكە ئىگە)، 4-تومى تۆۋە دۇئا سۆزلىرى(بۇ خىل ژانىر قەدىمكى شىنجاڭدا ئەزەلدىن مەۋجۇت ياكى سىرتتىن كىرگەن دېگەن مەسىلىدە تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق، بۇ ھەقتە ۋېبىرنىڭ يىقىندا نەشىر قىلىنغان ‹‹ھىندىستان ۋە ئۇيغۇرلاردىكى بۇددىزىم تۆۋە-دۇئانامە تېكىستلىرى››(1999-يىلى نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسەرگە قاراڭ) ، 5-تومى بۇددىزىم يادىكارلىقلىرىغا ئائىت ئىككى پارچە كەمتۈك نۇسخا (بىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ‹‹بۇددا نومى كەمتۈك پارچىسى››، 1980-يىلى ياپونىيلىك كۇدارا كوگى بۇنى ‹‹ساددىخارما پۇندارىكا سۇترا››    (Saddharmapundarika sutra) نومى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىغان، ياپۇنىيە ‹‹بۇددىزىم تەتقىقاتى››  ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىق 36-تومىغا قاراڭ)، يەنە بىر پارچىسى ‹‹ئېتىقادنىڭ ئون خىل ئېزاھاتى›› ، 6-تومى ‹‹سەككىز يۈكمەك بۇددا نومى››‹‹sakiz yukmak yaruq bugulug arvis nom bitig›› ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان .

           بۇلاردىن باشقا يەنە ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانىي دىنى شامال ئېلاھىغا ئائىت كەمتۈك نۇسخا›› (1928-يىلى)، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كەمتۈك نۇسخىلار تەتقىقاتى››(1930-يىلى يېزىلغان) قاتارلىق ماقالىلەرنىمۇ ئېلان قىلغان.

           گابائىن خانىم 1932-1933-يىللىرى جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولۇپ بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغان ۋاقىتتا ، ئۇ 1930-يىلى  پروفىسسور يۇەن خۇلى(گېئولوگ سۈپىتىدە جوڭگۇ-شىۋىتسىيە غەربىي شىمال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن) نىڭ تۇرپاندىن ئېلىپ كېتىپ بېيجىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى››  نى تەتقىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ ئەسەرنىڭ فىرانسىيىنىڭ گۇيمىت مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1935-يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى‹‹شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى››نىڭ 5-جېلىدى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. 1938-يىلى‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى›دىكى ھۆججەتلەر›› قاتارلىق  تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.

           20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا دىمۇكراتىك گىرمانىيىدە تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئىلمىي خىزمەتلەر ئىشلەندى. بولۇپمۇ ئۇرۇشتىن بۇرۇن گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى يىللىق يىغىن دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىنىپ ‹‹گىرمانىيە تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى تىلشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى›› نامىدا چوڭ تېپتىكى ئۈچ توملۇق ئەسەر نەشىر قىلدۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇرمەنلەرگە ناھايىتى قولايلىق شارائىت يارىتىپ بىرىلگەن( ئېسىمدە قىلىشىچە، 50-60-يىللاردا مۇشۇ تۈردىكى ماقالىلەرنى ئېزدەپ تېپىش ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى داڭلىق كۈتۈپخانىلارنىڭ ھەممىسىگە چېپىشقا توغرا كېلەتتى، تارتقان جاپاغا تۇشلۇق ماقالىلەرنى تولۇقى بىلەن تاپقىلى بولمايتتى)

            يۇقىرىدا ئېيتىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار تەتقىقات ئۇنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا يېزىپ چىققان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان موھىم ئەسىرى ‹‹قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى›› نىڭ يېزىلىپ چىقىلىشىغا زور ئاساس سالغان. بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ساھەسىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇپ، ماتېريال مەنبەسى مول، كۆز-قاراشلىرى توغرا بولۇپ، دۇنيا تۈركلوگىيە تەتقىقاتى ساھەسىدە ۋەكىللىك ئەسەرگە ئايلانغان. 1-نەشرى 1941-يىلى، 2-نەشرى 1950-يىلى، ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى 1974-يىلى نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابمۇ ئۇنى 1939-يىلى پىروفىسسورلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدۇرغان ئەسىرى ‹‹گىرمانىيىدە مەۋجۇت بولغان ئالاھىدە بىر خىل دىنىي تۈزۈم›› گە ئوخشاشلا موھىمدۇر. 50-يىللاردا مەن تەرجىمە قىلغان بۇ كىتاب ئىچكى مۇڭغۇل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفىسسورى خۇ گې جىلېنىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن ‹‹ئالتايشۇناسلىق مەجمۇئەسى›› ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلۈپ 2004-يىلى ئىچكى مۇڭغۇل مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

    داۋامى بار.

    分享到:

    评论

  • پىراففىسور گېڭ شىمىننىڭ ئەسەرلىرىگە ئامراق ئىدىم،داۋامىغا تەشنامەن.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ھونزادە 说:
    بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنىمۇ يوللىۋەتتىم. دائىم كىلىپ تۇرۇڭ. سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىمۇ ياقتۇرىمەن.
    2010-11-09 17:24:08