ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-09

    گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى (1) - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى*

    گېڭ شىمىن

    تەرجىمان: ئىمىن تاجى تۈرگۈن

        مەن ئىلگىرى گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ يىقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ تونۇشتۇرغانلىقىم ئۈچۈن (بۇ ماقالە ‹‹غەربى يۇرت تەتقىقاتى›› ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان، بۇ ماقالىنى ‹‹تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى›› ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ ئوشبۇ ژورنالنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان-تەرجىماندىن ئېزاھات) ، بۇ ماقالەمدە دەسلەپكى مەزگىللەردىكى (20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇرۇنقى) تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.

        16 -ئەسىرلەردە يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇن شەرق-غەرب ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە ئاساسلىقى يىپەك يولىنى بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئىككى لىنىيە يول ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. جەنۇب-شىمال ئىككى لىنىيىدىكى بوستانلىقلاردا دۇنيا تامان مەشھۇر بولغان مىللەتلەرمۇ ھەم تارىخ سەھنىسىدىن ئاللىبۇرۇن غايىپ بولغان مىللەتلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى پارلاق تارىخ ۋە مەدەنىيەت ياراتقان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەرلىكلەر تەرىپىدىن تاسادىپىي قېزىشتا بايقىلىپ قالغان قەدىمكى مەدەنىيەت يالدامىلىرى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىر مەھەل قېزىقىش ئوبىكتىغا ئايلانغان ، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە ئەۋەتىپ تارىم  ئويمانلىقىدا قىدرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. گىرمانىيە تۆت قېتىم تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنى(1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان) تەشكىللەپ  تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردا كۆپلىگەن يازما بويۇم، تام رەسىملىرى ۋە باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى مەخسۇس  شەرقشۇناسلىق كومىتىتىنى قۇرۇپ يىغىۋالغان بويۇملارنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىن فىكوس دەرىخى ئاستىدىكى چوڭ كوچا 8-نۇمۇرلۇق قورودىكى گىرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ يەر ئاستىدىكى تۆت ئېغىزلىق (8-11-نۇمۇرلۇق ئۆيلەر) ئىشخانا مەخسۇس يىغىۋىلىنغان بويۇملارنى قويۇش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان (ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا قەۋەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئۆيلەر ئاجرىتىلغان)، ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن  ئېرانشۇناسلىق، ھىندىشۇناسلىق، خەنزۇشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق ۋە سۈرىيەشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بىرىشقا ئويۇشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن گىرمانىيە بىرلىن ئېتنوگرافىيە مۇزىيى تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگىيلىك قېزىشتا يىغىۋىلىنغان ماددى بويۇملارنى ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ھەر قايسى يەرلەردىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر بىرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسى، بىرلىن ئېتنوگرافىيە مۇزىيى ۋە بىرلىن ئۇنىۋېرسىتىتىغا يىغىلىپ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ تۈزۈتۈپ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرىلىشىغا قولايلىق شارائىت ياراتقان.

    مەشھۇر ھىندىشۇناس ۋە بۇددىزىم تەتقىقاتچىسى گىرونۋېدىل (A.Gruenwedel)بىرىنچى(1902-يىلىدىن 1903-يىلىغىچە ئېلىپ بىرىلغان)،ئۈچىنچى (1905-يىلىدىن 1907-يىلىغىچە ئېلىپ بىرىلغان) قېتىملىق تۇرپان ئارخېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترىتىگە بىۋاستە قاتناشقان ۋە بۇ ئەترەتنىڭ مەسئۇلى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇددىزىم ۋە بۇددىزىم رەسسامشۇناسلىقىدىكى كەڭ دائىرىلىك بىلىمىگە تايىنىپ كۇچا ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان بۇددىزىم تام رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنىنى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېزاھلاپ چىققان. ئۇ بىر رەسسام بولۇپ، تەبىئىي ۋە يورۇقلۇق شارائىتىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي كۆپلىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەقلىدىي سىدام شەكلىدە سىزىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى قىممەتلىك بايلىقلارنى قالدۇرغان. بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ تام رەسىملىرىنىڭ ئەسلى نۇسىخىسى ئىتىپاقچى ئارمىيىنىڭ بومباردىمىسى بىلەن ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەقلىدىي سىدام رەسىملىرى قەدىمكى شىنجاڭنىڭ مېڭئۆي تام رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك بويۇملارغا ئايلانغان. ئۇنىڭ قالدۇرغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن :‹‹1902-1903 يىللىرى قىشتا قۇچۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بىرىلغان ئارخېئولوگىيلك تەكشۈرۈشتىن دوكلات››،( 1905-يىلى نەشىر قىلىنغان)، ‹‹قەدىمكى شىنجاڭدىكى بۇددىزىم ئىزلىرى---1906-1907-يىللىرى كۇچا، قارا شەھەر ۋە تۇرپاندا ئېلىپ بىرىلغان ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى››( 1962-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

            گىرمانىيە تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىدا توھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان يەنە بىر ئالىم ئالبىرت. فون. لېكوك(A.von LeCoq) بولۇپ، ئۇ گېرونۋېدىل بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قېتىملىق گىرمانىيە تۇرپان ئارخېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشقان. لېكوكمۇ بىرلىن ئېتنوگرافىيە مۇزىيىدىن كەلگەچكە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇشتىن سىرت يەنە مانىي دىنى ۋە قەدىمكى شەرق ئوبرازلىق تىللىرى (تام رەسىملىرى دېگەندەك) ساھەسىدىمۇ مۇتەخەسىس ئىدى. ‹‹قۇچۇدىن تېپىلغان ئۇيغۇر مانىي دىنى يازما يادىكارلىقلرى››ناملىق ئۈچ توملۇق ئەسەر(1-تومى 1911-يلى، 2-تومى 1919-يىلى، 3-تومى 1922-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان)ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئاتالمىش گىرمانىيە كېلون مانىي دىنىي يازمىلىرى(Koelner Codex)  مىسىردا تېخى بايقالمىغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ مانىي دىنى ھەققىدىكى بىلىشى ئاساسلىقى قارشى گورۇھتىكىلەرنىڭ ( مەسىلەن، رىم كاتولىك دىنى پاپاسى ئاۋگۇست دېگەندەكلەرنىڭ) رەدىيە ماقالىلىرىدىن كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مانىزىم يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يىرتىلىپ كەتكەچكە بۇ تەتقىقات خىزمىتىگە ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ 1-جىلىدىنىڭ نېمىس تىلىدىكى تەرجىمىسى قوشۇمچە قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر قېسىم كىشىلەرنىڭ ئورۇنسىز تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. قىپقالغان ئىككى جىلىدنىڭ ئاخىرىغا تەرجىمە تېكىستى بىرىلمىگەن. بۇنى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن زور يوقىتىش دېمەي بولمايدۇ. گرونۋېدېلنىڭ شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر موھىم تۆھپىسى بېزەكلىك، قىزىل مېڭئۆي تەتقىقاتىغا ئائىت ‹‹شىنجاڭ بۇددىزىمىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى ماددىي بويۇملار تەتقىقاتى— ھەيكالتىراچلىق قىسىمى››(1922-يلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان)، ‹‹ مانىي دىنى سىزما رەسىملەر تەتقىقاتى›› (1923-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان)، ‹‹قەدىمكى شىنجاڭنىڭ تام رەسىملىرى تەتقىقاتى››(1924-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان)، ‹‹شىنجاڭنىڭ تام رەسىم سۈرەتلىرى توپلىمى››(1934-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان)   ‹‹شىنجاڭدىن بايقالغان يېڭىچە تام سۈرەت ئەسەرلىرى،1-تومى››( ۋالچىمىكىت بىلەن ھەمكارلاشقان، 1926-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان، 2-تومى 1928-يلى، 3-تومى 1933-يىلى بىرلىدا نەشىر قىلىنغان) (بۇ يەتتە توم ئەسەر 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئاۋىستىرىيىنىڭ گىراز ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان) بۇلاردىن باشقا يەنە ‹‹قۇچۇ››(1913-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان) ناملىق چوڭ تېپتىكى رەسىملەر توپلىمىمۇ بار. بۇ نەپىس مەتبەئە بويۇملىرىدىن باشقا ئەينى ۋاقىتتا بىرلىن ئېتنوگرافىيە مۇزىيىدا قىزىل ۋە بېزەكلىكتىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئەسلى ھالىتىگە تەقلىد قىلىپ سىزىلغان چوڭ تېپتىكى تام رەسىملىرى ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلغۇچىلارغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز. بۇ تام رەسىملىرى تامغا ناھايىتى چىڭ ئورۇنلاشتۇرۇۋىتىلگەن بولغاچقا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بومباردىماندىن دەل ۋاقتىدا ئامان قالدۇرۇش مومكىن بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئېتىپاقچى ئارمىينىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن ۋەيران بولغان. 2003-يىلى ياپونىيە پايتەخت لوڭگو ئۇنىۋېرسىتىتى باش بولۇپ ئويۇشتۇرغان، ياپۇنىيە غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئالىملار ۋە ساپال بويۇملار مۇتەخەسىسلىرى ھەمكارلىشىپ ئۇرۇشتىن بۇرۇن گىرمانىيدە نەشىر قىلىنغان رەسىملەر توپلىمىغا ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇرپان بېزەكلىك 9-غارىدىن تېپىلغان تام رەسىملىرى كۆرگەزمىسى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. شارائىت ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بىلەن بىز بۇ يەردە شىنجاڭدىن تېپىلغان سەنئەت بويۇملىرى ھەققىدە ئېزاھات ۋە تەتقىقات ئەھۋالى ھەققىدە توختالمايمىز.

     

    داۋامى بار

    分享到: