ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى (3) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى (3)

    دەرۋەقە، سوپى-ئىشانلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ھىجابۇل غەيىپ («غايىپ پەردىلىكلەر»، «نامەلۇم قەسىتچىلەر»)دەپ ئاتالغان يوشۇرۇن قەسىت قىلىش گۇرۇھىمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەۋلىيا خوجىلار ئۆزلىرىنىڭ زىتىغا تەگكەن، ئۆزلىرى بىلەن قارشىلاشقان كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ «ھىجابۇل غەيىپ » دەپ نام ئالغان سادىق قانخور مۇرىتلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۇۋەتكەن. يوشۇرۇن قەستكە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىچىدە يۇرت چوڭلىرى، شەرىئەت پېشىۋالىرى خاتىپ، مۇدەررس، ئىمام-مۇتىۋەللىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە نۇرغۇن شەھەر-يىزا ئاھالىلىرى بار ئىدى.قانخور سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ھەم ئاپپاق خوجا دەۋرلىرىدە ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئىسمائىلخان دەۋرىدە ئاپپاق خوجا«دەۋىتى ئىشقىيە»ئاشىقلىرى ئىچىدىن «خۇدايى غازات»گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ،1667-يىلى يەكەندە مەزھەپ رەقىپلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دادىىسى مۇھەممەت يۈسۈپ - «مازار پادىشاھىم»نىڭ خۇن دەۋاسىنى قىلىپ قانلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. جاي-جايلاردا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، پېيىنى قىرقىش، پۇت-قولىنى كېسىپ كاردىن چىقىرىش، ئۆي-جاي، مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈش قاتارلىق ئەسەبىي ھەرىكەتلەر جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغان. نەتىجىدە ۋەھىمە، دەككە-دۈكە ئىچىدە قالغان كەڭ خەلىق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئاپپاق خوجىنىڭ مۇرىت-مۇخلىسلىرىغا ئايلىنىپ،ئۇنىڭ «ئىشقىيە سۇلۇكى» ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان خۇدايى قۇللارغا ئايلانغان.

        تۆتىنچى، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى يەنى ئىسمائىلخان دەۋرىدە، خان ئاپپاق خوجىنىڭ ھىلىمىكىرلىك ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ، «ئاق تاغلىق» خوجىلارغا مەنسۇپ بولغان سوپى-دەرۋىشلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان باجنى كەچۇرۇم قىلىۋەتكەن.بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلارنى بىز«ئاق تاغلىق»خوجىلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاپتورلار تەرىپىدىن يىزىلغان«تەزكىرەئى پىر ياران»،«ھىدايەتنامە»قاتارلىق تەزكىرىلەردىن ھەم باشقا ئەسەرلەردىن ئۇچرىتالايمىز.

    «ئاق تاغلىق» خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپپاق خوجىغا مۇرىت بولغۇچىلار ھەسسىلەپ ئېشىپ، خانلىقنىڭ ھەرقايسى شەھەر-بازارلىرىنى،يېزا-قىشلاقلىرىنى ئۇچىسىغا ئاق لىباس، بېشىغا ئاق تەقىيە كىيىپ، بېلىگە ئاق بەلۋاغ باغلايدىغان، قوللىرىدا ئاق ساپلىق ساپايە، ئاق رەڭلىك تۇغ-شەددىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈيدىغانلار قاپلاپ كەتتى. مانا شۇنىڭدىن كىيىن، ئاپپاق خوجىغا مۇرىت بولغان ھەر قانداق ئادەم ئاق تەقى كىيىپ،خانلىقنىڭ باج - سېلىقى ۋە ئالۋان-ياساقلىرىدىن خالى بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئاق تەقى كىيگەن لۈكچەك، قىمارۋاز،جازانىخورلارمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، قازاخانالارغا چۈشۈپ قالسا، ئاپپاق خوجىنىڭ ئابرويلۇق سوپى-ئىشانلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ،شەرىئەت ئەھكاملىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراشتەك ئەھۋاللار سادىر بولۇپ تۇرغان.ئاپپاق خوجىنىڭ شەھەر-بازار، يېزا-قىشلاقلاردىكى مۇرىت - مۇخلىسلىرى تېگىشلىك يەر، سۇ ۋە ئاشلىق بېجى تاپشۇرمىغاننى ئاز دەپ، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى نۇرغۇن يەر-زېمىن «خۇدايى ۋەخپە» شەكلىدە ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مەھەللىۋى ئىشانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىپ،خانلىققا تەۋە يەر-زېمىن بىلەن يەر بېجى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. نەتىجىدە ئوردا خەزىنىسىدە ئاقچا،ئاشلىق ئامبارلىرىدا ئاشلىق قالماسلىقتەك ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن.

    تەرىقەت پىرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇرىت قوبۇل قىلىش،تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايۇنلاردا ياشاپ كەلگەن خەلىقنى زور بالايىئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى. پۈتۈن ئەلدە تەپرىقچىلىق، گۇرۇھۋازلىق ئەۋج ئېلىپ نادانلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق ۋە جاھالەت ھۆكۈم سۈردى. سوپى-ئىشانلارغا مۇرىت-مۇخلىس بولۇپ،تەرىقەت سۇلۇكلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ،شۇ يول ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىشكە باشلىدى. سوپى-ئىشانلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھېچقانداق ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن، ئەڭ ئاخىرقى تىغ ئۇچىنى ھاكىمىيەتكە قارىتىپ، 1678-يىلى جۇڭغار موڭغۇللىرىنى باشلاپ كېلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئون ئىككىنچى سۇلتانى ئىسمائىلخاننى ئاغدۇرۇپ، تارىختا164يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارلار ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خوجا «خان»لىقىنى تىكلەپ، ئۆزىنىڭ قورچاق - قارانچۇقلۇق ئورنىنى ساقلاپ 15يىل (1678-1693) ھۆكۈم سۈرگەندىن كىيىن، 1693-يىلى قەستكە ئۇچراپ زەھەرلىنىپ ئۆلدى.شۇنىڭدىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاساسەن «قارا تاغلىق»خوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى.

    دېمەك، 1678-يىلى ئاپپاق خوجىدىن باشلانغان«خوجىلار دەۋرى»82 يىلچە داۋاملىشىپ، 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىمۇ خوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى. مەسىلەن، 1757-يىلىدىن 1857-يىلغىچە بولغان يۈز يىل ئىچىدە بۇرھانىدىن خوجا، سامساق خوجا، جاھانگىر خوجا(1790-1820)،  بۇزرۇكخان خوجا(1824-1869)، ئەۋلىيا خوجا(1816-1869)، ۋەلىخان تۆرە(1821-1865)قاتارلىق مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خوجىلارنىڭ قوقەن خانلىقىنىڭ ئاستىرىتتىن قوللىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا باستۇرۇپ كىرىپ قوزغىغان توپىلاڭلىرى، ئەنە شۇلار جۈملىسىدىن ئىدى. ھەتتا «خوجىلار دەۋرى»دىن يۈز يىل كېيىن، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ياقۇپ بەگمۇ خوجىلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوقەندىن ئاپپاق خوجىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى بۇزرۇك خوجا (نەسەبىسى: ئاپپاق خوجا-يەھيا خوجا — مەھمۇت خوجا-بۇرھانىدىن خوجا-سامساق خوجا-جاھانگىر خوجا-بۇزرۇك خوجا)نى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلانغان.

       قىسقىسى، شىنجاڭدىكى «خوجىلار دەۋرى»ئەنە شۇنداق مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، مەيلى «خوجىلار دەۋرى»بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن كېيىنكى خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق، پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرى بولسۇن باشتىن-ئاخىر ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىكىگە، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. خوجىلار دەۋرى خۇددى سەئىدى شىرازىنىڭ:«تەركى دۇنيا بول دەر خەلىققە پىر-ئىشان، لىكىن ئۆزلىرىچۇ؟ يىغار پۇل ۋە دان!» دېگىنىدەك، خەلقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ، ھېسابسىز مال-دۇنيا يىغقان، مەسچىت، مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈنەكخانىلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن، قۇرئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخىي قوليازمىلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇنىڭغا نارازى بولغان، قارشى چىققان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈرگەن، نادانلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق ۋە جاھالەتنى پەيدا قىلغان، ماددىي ۋە مەنىۋىي نامراتلىققا سەۋەپ بولغان بىر دەۋر بولغان.

        پايدىلانغان ماتىرياللار:

        (1)(2)ۋ.ۋ.بارتولد:«ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن 12لېكسىيە»، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى،1984-يىل نەشرى، 236-بەت.

        (3)ۋېي لياڭتاۋ:«يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 1999-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى،162-بەت.

        (4)زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر:«بابۇرنامە» ،مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى،34-بەت.

        (5)(6)(7)مىرزا ھەيدەر كوراگان:«تارىخى رەشىدى»، 2-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983- يىل خەنزۇچە نەشرى9-،320-بەت.

        (8)موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ئەمىنىيە» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1988-يىل نەشرى،59-60-بەتلەر.

        (9)«جالالىدىن بۇخارى ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخانغا دائىر تارىخىي ۋەقەلەر»،«شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتىرياللىرى»،16-توم،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى باستۇرغان.

        (10)موللا مۇسا سايرامى:«تارىخى ئەمىنىيە» ،شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى،1988-يىل نەشرى،18-بەت.

        (11)«ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى»(«مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى»)،قوليازما.

        (12)«تەزكىرەئى ھىدايەت»،قوليازما.

        (13)(14)«قۇرئان كەرىم»، 1986-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

        (15)ئەخەت تۇردى:«بەخىتسىز سەئىدىيە» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،  2002-يىل نەشرى،481-بەت.

       ئەخمەتجان ھەسەن

    مەنبە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2003 -يىل 2 -سان

    تامام.                   

    分享到: