ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى (2) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى (2)

    سۇلتان سەئىدخاندىن كىيىن سۇلتان ئابدۇرىشىتخانمۇ ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرىغا قارىتا دادىسىغا ئوخشاش يول تۇتقان. موللا مۇسا سايرامى«ئۇ چاغلاردا خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىر دىگەن (ئىشان)كىشى كەلگەنىدى. ئابدۇرىشىتخان ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى.» دەپ يازىدۇ. ئابدۇرىشىتخاندىن كېيىنكىلەرمۇ تاكى خانلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى ئىسمائىلخانغا قەدەر مانا شۇ يوسۇندا خوجىلاردىن بىرەرسىنى ھاكىمىيەتنىڭ «مەنىۋى تۈۋرىكى»قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى.

    مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسۇن،مەيلى شىنجاڭدا بولسۇن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خانلارنىڭ خوجا-ئىشانلارغا «مۇرىت» بولۇپ ئىخلاس بىلدۈرۈشلىرىدە دىنىي مەقسەتكە قارىغاندا، كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي غەرەز ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان. ئۇلار خوجا-ئىشانلارغا مايىللىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قوللاپ،پائالىيەتلىرىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق خەلىقنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە مايىل قىلىپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈرلۈك مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىكىدە بولغان. ئەمما ئۇلار «تەركىدۇنياچىلىقنى يەنى بايلىقتىن ئۆزىنى چەتلىتىش، ھوقۇق - مەرتىۋىلەردىن، ئارزۇ - ھەۋەسلەردىن ئۆزىنى چەكلەش، رىيازەت چېكىپ باقىي دۇنيادىكى روھىي ئالەمگە ئۆزىنى بەخشەندە قىلىش، پىر-ئۇستاز بولۇپ ئۆمۈر بويى رىيازەت چېكىپ،خەلىپە تەربىيىلەپ، مۇرىت تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق،ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش» دېگەن سوپىزىم ئەقىدىسىنى «ئۇنتۇپ قالغان» خوجا-ئىشانلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئىمتىيازلارغا قانائەت قىلماي، سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇق تەمەسى ۋە پۇل، مال - دۇنيا تەمەنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل ئەلنى ۋە ھاكىمىيەتنى ئوتقا ئىتتىرىشتەك رەزىل قىلمىشىنى دەل ۋاقتىدا توسۇيالمىغان، توسۇشقا نىيەت قىلغاندا بولسا، خانلار ئومۇميۈزلۈك ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ سازلىققا پېتىپ قالغان، سەلتەنەت مەھكۇملۇق بىلەن، مەرىپەت نادانلىق بىلەن، يورۇقلۇق جاھالەت بىلەن ئالماشقان.

        ئىككىنچى، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 164يىللىق تارىخى،سوپى-ئىشانلار تەرىقىتىنىڭ كىچىكلىكتىن-چوڭلۇققا،ئاجىزلىقتىن - كۈچلۈكلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىش جەريانى بولۇپ، ئومۇمىي جەمئىيەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەينى دەۋردە ئەھلى سۈننىلەرنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي ئەركانلىرى جاھالەتپەرەس تەرىقەت پىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قول-چوماقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ئەھلى تەرىقەتنىڭ خۇنۇك، ئىسلام روھىغا يات ئەقىدىلىرى بازار تاپقان. بۇ خىل ھالەت بولۇپمۇ 16-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىنىڭ پۇل – مال - دۇنيا، ھوقۇق – مەرتىۋە  تالىشىپ ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىپ بارغان. بولۇپمۇ تەرىقەت پىرلىرى بولغان خوجا - ئىشانلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى خانلار ۋە بەگلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن، ناھايىتى تېز ھەرىكەتلىنىپ، تەرەپ-تەرەپكە خاس مۇخلىسلىرىنى، سۆزمەن ۋائىزلىرىنى، ئىشەنىچلىك چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇرىت كۆپەيتىش، كۈچ توپلاش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كىڭەيتىش ھەرىكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە، شەھەر - بازارلاردا، يېزا-قىشلاقلاردا، مەسجىت-مەدرىس ۋە خانىقا-مازارلىقلاردا جاھالەتپەرەس تەرىقەت پىرلىرى ئۈچۈن ئوقۇلغان ماختاش،مەدھىيە ۋە كۆككە كۆتۈرۈشلەر جاھاننى قاپلاپ، مەدداھ ۋە ۋائىزلىقتا ۋايىغا يەتكەن تەرىقەت پىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قول - چوماقچىلىرىنىڭ جاي-جايلاردىكى مەسچىت-خانىقالاردا، چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا ۋائىزلىق قىلىش-ۋەز-نەسىھەت ئېيتىش، ئەمىر-مەرۇپ قىلىش، ھۆكمەت-تەلقىن ئوقۇشلىرى ئاق كۆڭۈل،ساددا،نادان خەلىق كۆڭلىنى ناھايىتى تېز رام قىلىۋالغان،ھەم نادان خەلىق ئارىسىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان. رىياكار خوجا-ئىشانلارنىڭ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «پىرى ھەزرەتلەرنىڭ نەزىرى كىمگە چۈشسە،ئۇ ئۆمۈرۋايەت بەھرى تاپىدۇ.پىرىمىزنىڭ دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەرقانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ،گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ.بىرەر كىشى يالغۇز ئاللاغا،پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ، دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ،ئەگەر پىر - ئەۋلىياغا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن، قەتئىي گۇناھكار بولىدۇ، قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ. پىرلار مۇسۇلمان ئۈممەتلەرنى جەننەت ۋە دوزاققا ئايرىغۇچىلاردۇر. پىرلار ئاللانىڭ تىلى ۋە جامالىدۇر. پىرلار قىيامەت كۈنى بەندىلەرنى سۇئال - سوراق قىلغۇچىلاردۇر. پىرسىز يۈرگۈچىلەر دىندىن ئېزىپ يۈرگۈچىلەردۇر. پىر تۇتمىغان ئادەمنى خۇدا بەندەم دېمەيدۇ، ئۇنداق ئادەم خۇدانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئۆمرىنى راھەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئاخىرەتنىڭ راھىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۆمرۈڭنى مۇشەققەتنىڭ كېمىسى بىلەن ئاچ - زېرىنلىق دەرياسىدا غەرق قىلىۋەتمىسەڭ، خۇدانىڭ ۋىسالىغا يېتىمەن دېگىنىڭ بىكار. ھەر قانداق كىشى ئۆيىدىن،بالا-چاقىسىدىن، دۇنيانىڭ راھىتىدىن دىلىنى ئۈزۈپ، يىغلاپ ،يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ ئۆتسە، ئاخىرەتتە راھەت - پاراغەتتە بولىدۇ، خۇدانىڭ ۋىسالىغا مۇيەسسەر بولىدۇ...» دىگەندەك ئالا - جۇقا جۆيلۈشلىرى نادان خەلىقنى ئەسىرگە ئېلىۋالغان بولۇپ، تەرىقەت پىرلىرىنىڭ خەلىق ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ زورىيىشىغا ۋە شان - شۆھرىتىنىڭ راسا كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»ھۆكمىگە ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپ ھالدا جۆيلۈشلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلىك بىلەن يېزىدىن شەھەرگىچە،زەرداردىن گادايغىچە تارقىلىپ، تەركىدۇنيا سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ، ھەلقە-سامالىرى بىلەن ساپايە ئاۋازلىرىنىڭ جاھاننى بېشىغا كىيىشى، بىزگە ئەينى دەۋر خەلقىنىڭ تولىمۇ نادان، ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى، مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل ھەم بىلىم، ئەخلاق ھەم ئەدەپ ۋە تىنچلىق، ھاياتلىق ھەم ياشاش دىنى بولغان ئىسلامنى چۈشەنمىگەنلىكىنى، بۇ دىننىڭ ئاساسى بولغان «قۇرئان كەرىم»ۋە «ھەدىس»نى بىلمىگەنلىكىنى، بىلىشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىنى ھەم بىلگەن شارائىتىتىمۇ يەنىلا جاھالەتپەرەس، قانخور خوجا - ئىشانلار تەرىپىدىن ھاياتى ۋە مال - مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىشتەك پاجىئەلىك ئۆتمۈشنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرى جاھالەتپەرەس تەرىقەتچى سوپى-ئىشانلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىنىڭ ئىسلامغا پۈتۈنلەي يات ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئەڭ ياخشى پاكىت. «قۇرئان كەرىم»نىڭ «سۈرە ئال ئىمران» كەلىمىسىدە:«ئى ئەھلى كىتاپ(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)پەقەت ئاللاغىلا ئىبادەت قىلىش،ئاللاغا ھېچ نەرسىنى شرىك كەلتۈرمەسلىك،ئاللانى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە(يەنى بىر خىل ئەقىدىگە)ئەمەل قىلايلى!...» دېيىلگەن، سۈرە مائىدە كەلىمىسىدە:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركىيدۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتمايدۇ» دېيىلگەن . بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىدىكى سەۋەپ،ئەينى دەۋردە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەردە تەركىيدۇنيا بولۇپ ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋىتىش،گۆش يىمەسلىك،ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەنە شۇ ئەھۋاللارغا قارشى يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولغان. ئىسلامنىڭ ئاساسى بولغان «قۇرئان كەرىم»دىكى مانا بۇ ئايەتلەر بىزگە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دۇئا بىلەن نان، دۇئابىلەن ۋەج، دۇئا بىلەن ئابروي تېپىش كويىدا پالاقشىپ يۈرگەن تەرىقەت پىرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىدىن پۈتۈنلەي ئازغانلىقلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇلارھە دىسە ئۆزىگە مۇرىت توپلاپ، ئۆز يولىدا خۇداغا بەندىچىلىك قىلىۋاتقان خەلىقنى تەركىدۇنيا چىلىققا،كەيىپخورلۇققا،دىۋانە - دەرۋىشلىككە دەۋەت قىلغان. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان خەلىق مانا شۇ يولدا جاھالەتكە،زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەمدە دۇنيانى دوسىت تۇتمايدىغان، ئىززەت - ئابروينى دوسىت تۇتمايدىغان، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىش-ئوقەت قىلمايدىغان، دۇنيانىڭ پايدىسىدىن زىيىنىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىسلامغا يات ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان. نەتىجىدە، نادانلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق كۈچەيگەنسىرى جاھالەتپەرەس خوجا-ئىشانلارغا ئەگەشكۈچىلەر شۇنچىلىك كۆپىيىپ بارغان.

        ئۈچىنچى، تەرىقەت پىرلىرىنىڭ مال-دۇنيا، ھوقۇق-مەرتىۋە تالىشىپ ئېلىپ بارغان سىياسىي كۆرەشلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىننى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەينى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ھاياتىغا ۋە خەلىقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» دېگەن ئىككى يەرلىك گۇرۇھنى شەكىللەندۈرۈپ،  پۈتۈن خەلىقنى ئىككى لاگىرغا بۆلۈنۈشكە مەجبۇر قىلىپ، گۇرۇھۋازلىق، تەپرىقچىلىكنى ئەۋىج ئالدۇرغان. ھەممە يەرنى ۋابادەك قاپلاپ كەتكەن قانخۇمار سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، تۇيۇقسىز ئۇر - يىقىتىشلىرىدىن قاتتىق يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەن بىچارە خەلىق يەنىلا كۆڭلىدىكىنى سىرىتقا چىقىرالماي، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، قورقۇش، ۋەھىمە ئىچىدە سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ جەھرى سامالىرىغا قاتناشقان.

     

    داۋامى بار

    分享到: