ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى (1) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    خوجىلار دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى (1)

    ئاپتور:    ئەخمەتجان ھەسەن

    ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى ۋە ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ مەلۇم بىر رايۇنغا تارقىلىشى ۋە شۇ رايوندا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇشىدا،نوقۇل شۇ ئېقىم تەرغىباتچىلىرى رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە شۇ رايوندىكى تۈرلۈك ئىىجتىمائىي، ئىدىيىۋى ئامىللارمۇ ئۆز تەسىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

     سوپى - ئىشانلار تەرىقىتىنىڭ يىقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تارقىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا جاھالەتپەرەس سوپى - ئىشانلار تەرىپىدىن جۇڭغارلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن قۇرۇلغان دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن قورچاق«ئىلاھىي خانلىق» ھاكىمىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىمۇ ئەمەلىيەتتە،يالغۇز ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭدا ئاتالمىش «تەرىقەت» تارقىتىش يولىدا چېپىپ يۈرگەن سوپى - ئىشانلارنىڭ تىنىم تاپماي ھەرقايسى شەھەر - بازار، يېزا - قىشلاقلاردىكى مەسجىت - مەدرىس، خانىقالاردا ئېلىپ بارغان ۋەز - نەسىھەتلىرىنىڭ رولىدىن ھەم ئەينى دەۋردە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھەر خىل ئىقىمدىكى تەرىقەت پېشىۋالىرىغا قول بەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلانمىغان بولسا، سىرتتىن كىرگەن بىر پىكىر ئېقىمى تەرەپدارلىرىنىڭ شۇنچىلىك تېز قۇتراپ كېڭىيىپ كىتەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

    جاھالەتپەرەس خوجا-ئىشانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئاتالمىش «خوجىلار دەۋرى»نىڭ شىنجاڭ زىمىنىدا مەيدانغا كېلىشى، ھەرگىز تەساددىپى ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس، بەلكى ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىر مەسىلىدۇر. تۆۋەندە مەن بۇنى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈپ تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن.

     بىرىنچى، ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ قارىغاندا،ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان خانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، خەلقنىڭ رايىنى ئۆزىگە مايىل قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، دىنىي جەھەتتىن ئۆستۈنلۈككە ئىگە بولغان خوجا - ئىشانلارغا قول بېرىپ مۇرىت بولۇش ئارقىلىق دىنىي كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراپ كەلگەن. نەتىجىدە، خوجىلارغا قول بەرگەن خانلار سىياسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ئۇلارنىڭ پىر-مۇرشىدلىرى بولغان خوجا-ئىشانلارمۇ تەبىئىي ھالدا خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ،خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا بىۋاستە ئارىلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. چۈنكى، تەرىقەت سىپىگە قوشۇلۇۋاتقان مۇرىت-مۇخلىسلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىشى، خوجا-ئىشانلارنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي ھاياتىدىكى تەسىرىنى تەدرىجىي ھالدا نامايەن قىلىشقا باشلىغان. مانا شۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا، تېمۇرىيلەر سۇلالىسى(1370-1506)نىڭ ئىچكى ماجرالىرىدا ھاكىمىيەت ئورنى داۋالغۇپ تۇرغان خانلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدا،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بارغانسىرى كۈچىيىپ قانات قېقىشقا باشلىغان نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پىر-مۇرشىدلىرىغا قول بىرىپ ئۇلارنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىشقا باشلىغان. بۇ قارىشىمىزنى كۆپلىگەن تارىخىي پاكىتلار دەلىللەپ بىرەلەيدۇ. مەسىلەن، تېمۇرىيلەر سۇلالىسىنىڭ پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋەزىيىتىدىكى ئىچكى ماجرالاردا مىرانشاھنىڭ ئەۋلادى ئەبۇسەئىدنىڭ ئۇلۇغبىكنىڭ كۈيئوغلى ئابدۇللا ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسىنى ئاكادېمىك ۋ.ۋ.بارتولد«ئەبۇ سەئىدنىڭ غەلبىسى ئۆز نۆۋىتىدە خوجا ئەھرارنىڭ غەلبىسى ئىدى.» (1)دەپ يازىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغبىك ئىلىم ئەھلىنىڭ ھامىيىسى،مەرىپەتپەرۋەر شاھ بولغاچقا، «خوجا ئەھرار دىنىي جەھەتتە ئۇلۇغبىككە ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى ئىدى.»(2)  ئەينى دەۋردە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پىرى خوجا ئەھرار(1404-1490)نىڭ ماۋارەئۇننەھردىكى تەسىرى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ھەقتە غاپپاروف:«خوجا ئەھراريالغۇز ئەڭ چوڭ دىنىي داھى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ كاتتافېئودال قورۇق ئىگىسى ئىدى.ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە زور مىقداردىكى بايلىق ۋەناھايىتى كەڭ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلغان » (3) دەپ كۆرسىتىدۇ. (مىرزا زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرمۇ سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزا دەۋرى ئۈستىدە توختالغاندا، «سۇلتان ئەھمەد مىرزا خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارى ھەزرەتلىرىگە ئىخلاس قىلاتتى. بولۇپمۇ خوجا سۆھبىتىدە بولغاندا ئالاھىدە ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتەتتى. ئىيتىشلارغا قارىغاندا،خوجا سۆھبىتىدە بولغاندا تىزىنى يۆتكەپ باققان ئەمەس ئىكەن. بىر قېتىم خوجا ھەزرەتلىرى سۆھبىتىدە ئادىتىگە خىلاپ ھالدا تىزىنى يۆتكەپ ئولتۇرۇپتۇ. مىرزا قوپقاندىن كىيىن خوجا ھەزرەتلىرى مىرزا ئولتۇرغان يەرگە قاراپ بىقىشنى بۇيرۇپتۇ، قارىسا بىر سۆڭەك پارچىسى تۇرغۇدەك.» (4) دەپ بايان قىلغان.  مانا بۇ ۋەقەلەر بىزگە، بىر تەرەپتىن، ماۋارائۇننەھردىكى خانلارنىڭ خوجا-ئىشانلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەرىقەت پىرلىرىنىڭ قانچىلىك تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. قىسقىسى، بىز ماۋارەئۇننەھىردە ئەبۇسەئىد مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلنى، ئەمەلىيەتتە، ناھايىتى زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە تەرىقەت پىرى خوجا ئەھرار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر دىسەك بولىدۇ.

    سوپى-ئىشانلار تەرىقىتىنىڭ شىنجاڭدىمۇ ناھايىتى تېز تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا مەيدانغا كېلىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ئاتالمىش« خوجىلار خانلىقى»نىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا روياپقا چىقالىشىنى، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ رولىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

        نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ شەرىققە قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، 15-ئەسىرنىڭ باشلىرى بۇ تەرىقەتنىڭ تەشۋىقچىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان. شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن ئۇۋەيىسخان(1417-1432) نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇ بۇ تەرىقەتنىڭ ماۋارەئۇننەھىردىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئەرشىدىن خوجا تەرەپدارلىرىنىڭ مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بىلەن تەڭ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماۋارەئۇننەھىردىكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنى قوبۇل قىلغان خانلارنىڭ قوللىشىنى ۋە زور تەسىرگە ئىگە تەرىقەت پىرلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا ئەرشىدىن خوجا تەرەپدارلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگەن. مانا بۇنداق خانلارنىڭ خوجا-ئىشانلارغا قول بېرىش ئەھۋاللىرى يالغۇز ئۇۋەيىسخاننىڭ ئۆزى بىلەنلا تۈگەپ كەتمەي،كېيىنچە ئۇنىڭ ئوغلى يۈنۈسخانغا مىراس قالغان. ئەينى دەۋردە ئۇمۇ«خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرارىنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتى ئىدى.» بۇنىڭدىن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىغا تارقىلىپ كىرەلىشىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بىلەن زادى قانچىلىك دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس.

     سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ قولىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ ئالدىدىكى تەھدىتلەردىن بىرى يەنىلا ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرى ئىدى. سەئىدخان ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت چوڭ دىنىي كۈچكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يىڭى بىر دىنىي كۈچكە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا ئۇ سەمەرقەندتىن كەلگەن خوجا مۇھەممەد يۈسۈپكە مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، «مانا شۇ خوجا ئارقىلىق ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ»(6)، «خوجىنىڭ بوسۇغىسىغا باش ئۇرىدۇ.» چۈنكى سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەرشىدىن خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولۇپ،ئۇلار پۈتۈن خانلىقنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىرى ئىدى. ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرۇپ، قولغا كەلتۈرگەن ئىمتىيازلىرىغا تايىنىپ ئىزچىل يوسۇندا دىنىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى خانلىقنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشىپ،تەسىر دائىرىسى زور بىر كۈچ بولۇپ قالغاندى. مەۋلانە ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ، ئىسلامنىڭ تەسىرىنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا كېڭەيتىشتە نەتىجىگە ئېرىشىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپى ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغاچقا، بۇ جەمەت تاكى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر پۈتكۈل شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىلىق رولىنى ئوينىغاندىن سىرت، دۆلەتنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىمۇ تېزگىنلەپ كەلگەن. تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خوجا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگەبولغان ھۆرمەت ئىخلاسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئىماملىق ئىمتىيازىنى بەرگەندىن سىرت، «ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن يەر-زېمىننى ھەدىيە قىلغان»، يەنە « ھەريىلى ئىككى نەپەر بەگدىن رامىزاننىڭ پىتىرىسىنى ۋە ئالتۇن - كۈمۈش، مال - دۇنيالىرىنىڭ زاكىتىنى ئەۋەتىپ تۇرغانقىسقىسى، 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىق (يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان مەزگىل) خوجا مەۋلانە ئەرشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ ئالىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان، ھوقۇق-مەرتىۋىلىرى كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەپ،مال-دۇنياسى كۆپەيگەن مەزگىل بولۇپ،ئەينى دەۋردە ھېچقانداق بىر جەمەت ۋە شەخىس ئۇلار ئېرىشكەندەك ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن ئەمەس، ئۇلار بىلەن رىقابەتلەشكىدەك مەزھەب ياكى كۈچمۇ بولغان ئەمەس.مانا شۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى خانلارىمۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەشكە ئامالسىز قالغاچقا، باشقا بىر دىنىي كۈچلەر بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج بولغانىدى.ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ يېڭى كۈچ –ئۇلارنىڭ زېمىنىغا يېڭىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان خوجا-ئىشانلار ئىدى.

     

    داۋامى بار

    分享到: