ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (8) - تامام - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (8) - تامام

    «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن جانلىنالماسلىقى، تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ تۇرۇشى» دېگەندە نېمە كۆزدە تۇتۇلغانكىن؟ ئەگەر جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەللىك ئۈچ يىل نەزەردە تۇتۇلغان بولسا، قاراپ باق: تۇردى ئاكا قاتارلىق بىر قانچە پىشقەدەمنىڭ ئېغىزىدىلا قېپقالغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دەسلەپ سىمغا ئېلىندى، ئاندىن نوتىلاشتۇرۇلدى، ئاندىن ئۇنىڭ دۇردانە تېكىستلىرى توم تومى بىلەن نەشر قىلىندى، ئاندىن تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېلىندى. ئەدەبىيات گۈلزارى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتچىلىكتىن ھېكايىچىلىققا، ھېكايىچىلىقتىن پوۋېستچىلىققا، پوۋېستچىلىقتىن رومانچىلىققا بالداقمۇ – بالداق ئۆرلەپ، خېلىلا مەزمۇت ۋە يامان ئەمەس سۈرئەتلىك قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى. ھەرىكەتلىك سەنئەت بولسا، باشتىكى لەپەر ئېيتىشىش ۋە سەھنە ئەسىرى ئويناشتىن، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولغان زامانىۋى دىراممىلارنى ئويناشقا، ئۇنىڭدىن تېلېۋىزىيە، كىنولىشىشقا تەرەققىي قىلدى. ئەسلىدىكى مەھەللىۋى نەۋرۇز قۇتلاشلىرى ۋە مەشرەپ چايلىرى بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ھەتتا پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا چاغدا كۆرسىتىلىپ، خەلقىئالەمگە ھوزۇرلىنىش بېرەلەيدىغان كۆلەم ۋە سەۋىيىنى ياراتتى، تەرەققىيات ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىن ھالقىپ، سانائەت، تېبابەت ۋە تېجارەت، ساھەلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئالغا باسقان، ئىلغار گەۋدىسىنى كۆرسەتمەكتە، ئالايلۇق، «ئارمان» باش بولۇپ يول ئاچقان ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك سانائىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ «ئامىنە» تەييار چۆپلىرى، «ئابلاجان» نانلىرى ۋە «ئىدرىس» قايماقلىرى بىلەن رىقابەت بەيگىسىدە زەپەر بويىنى كۆرسەتسە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر شىپاخانىسى زەربىدارلىقىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى ئۆزىنىڭ دورىگەرلىك، داۋالاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھەممە تارماقلىرى بويىچە ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، خۇددى «موڭغۇل تېبابىتى» ۋە زاڭزۇ تېبابىتى» دېگەنگە ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا تېبابىتى سورۇنىدىكى ئورنىنى «ئۇيغۇر تېبابىتى» دېگەن ئالتۇن نام بىلەن يازدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا. ئۇيغۇر تىجارىتىمۇ، بۇرۇنقى يەككە تىجارەت ۋە كىچىك يايمىچىلىق، چەرچەنچىلىكتىن»، «ئىزچىلار» سودا چەكلىك شىركىتى، « ئىسمايىل» ئۈزۈم پادىشاھى چەكلىك شىركىتى، دېگەندەك شىركەتلىشىشكە، تەنھا شىركەتلىشىشتىن، شىركەتلەر گورۇھى گەۋدىسى ھاسىل قىلىشقا، تەرەققىي قىلىپ، ئىشسىز ۋە ئاشسىز قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىنى ئۆزلىرى سىيلىيالىغۇدەك كۆلەم ۋە دەرەم شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن چېلىشماقتا ۋە ئېلىشماقتا... مانا بۇلار ئۇيغۇر تىل - يېزىقى يادرولۇقىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرىدا مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلىشىر نەۋائىي كەبىي ئەجدادلارنىڭ قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان باش ئەگمەس، بوي بەرمەس ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بوشاشماستىن كۆرۈش قىلىشى ئارقىسىدا، تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەرئامال بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئايانچلىق مىساللىرى، خالاس. دېمەكچىمەنكى، تەتقىقات رېئاللىقىنى ئېتىبارغا ئېلىشى، «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دېگەن ئۇيغۇر سەمىمىيىتى بىلەن ئەمەلىيەتنى لىللا ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى لازىم، ئەلۋەتتە. ئۈچىنچى، ۋاڭ جېنبېن ۋە ئابلا ئەمەت يولداشلار يازغان «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلار» (بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى) ناملىق خەنزۇچە خاس ئەسەر، بۇ ئەسەر مەزكۇر تېمىدىكى تۇنجى خاس ئە سەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ، مۇبارەك بولسۇن! شۇنداقلا، ئەسەرنىڭ بىرىنچىسى بابىدا بېرىلگەن «شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىل - يېزىق ئەھۋالى»، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىزچىل ھالدا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇچە ئوقۇ -ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە» قاتارلىق پاراگرافلاردا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق قوللىنىش مەسىلىسىگە قارىتىپ چىقارغان قانۇن، سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرى ھۆججەتلىك مول نەقىللەر بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار تولىمۇ مۇھىم بولغان ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.

    «بىراق، «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنىڭ تارىخىدىن ئەسلىمە»، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ رايوندا ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇلاھىزىلەر»، «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە چارە –تەدبىرلەر»، «خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇشنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە رولى ۋە ئەقلىي تەربىيە رولى»، «خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوبيېكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك»، «تىل ئىقتىدارىغا تالىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش»، «خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇشنىڭ جەريانىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە»، «سىناق ئېلىش»، «خەنزۇچە دەرسلىك ماتېريالىنىڭ يېزىلىشى»، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيلىنىشى ۋە تەتقىقات خىزمىتى »، «چەت ئەل تىلى ئوقۇ – ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى ئېقىملارھەققىدە ئومۇمىي بايان» بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى باپتىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلار» ناملىق بۇ كىتابتا، ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئەمەس، بەلكى يەك تىللىق ئوقۇ -ئوقۇتۇش، يەنى خەنزۇچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشلا سۆزلەنگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر كىتاب شىنجاڭدىكى خەنزۇ بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇ تىلى ئوقۇ - ئوقۇتۇشىنى ۋە تەتقىقاتنىلا بايان قىلغان. شۇڭا، بۇ كىتابنىڭ قايتا نەشرىدە كىتاپ ئىسمىنى «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلار» قىلىپ ئۆزگەرتكەن تۈزۈك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، كىتابنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق، يەنى كىتاب ماۋزۇسى بىلەن ئىچىدىكى بايان قىلىنغان مەزمۇن مۇۋاپىق بولىدۇكى، بۇنى خەنزۇچىدا،(نامى يوللۇق بولغاندىلا، گەپ ئاقىدۇ) دەيدۇ!

    بۇ يەردە، كۆڭۈل بېرىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشىمىزگە ۋە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، شىنجاڭدا ئۇزۇن يىللار تىل -يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرىمىز يازغان نوپۇزلۇق خاس ئەسەردە، «قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش» ئەمەلىيەتتىكى «خەنزۇ تىلى ئوقۇ -ئوقۇتۇشى» دەپ قارالغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە ئاپتورلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە ئالىملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە، «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش» ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» دېگەن گەپ ئەمەلىيەتتە «خەنزۇچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش» ۋە «خەنزۇ تىلى مائارىپى» دېگەن بولىدىكەن. ئەمدى، بۇ چۈشەنچە بىلەن «جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ئاساسلىقى خەنزۇ تىلى (جۇڭگو مىللەتلەر ئاراتىلى) بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپتۇر» (قاراڭ: «20 – ئەسىر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرى ۋە مائارىپ»، 337 ـ بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 - يىل نەشرى)، «قوش تىللىق مائارىپ جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يولغا قويۇلغان ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپتۇر» (قاراڭ: يۇقىرىدىكى ئەسەر 342 - بەت) دېگەن چۈشەنچىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئوتتۇرىدىكى پەرق نېمەدېگەن زور – ھە؟! دېمەكچىمەنكى، مانا بۇنىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ياكى قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى تەتقىقاتنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك تەتقىقاتلاردىنمۇ، نۇقتىلىق تەتقىقاتلاردىنمۇ نەقەدەر تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ئوچۇقلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بىز جەزمەن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تۈزىتىپ، تەتقىقات سەۋىيىمىزنى مەملىكىتىمىزدىكى ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات ۋە نۇقتىلىق تەتقىقات سەۋىيىسىگە چوقۇم يەتكۈزىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىقبال تامان گۈلدەك ئېچىلىدۇ.
     

    خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكى پاكىتلىق بايانلار سېلىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ۋە ئۆگىنىشلەردىن يەكۈن چىقىرىپ ئېيتالايمىزكى، قوش تىللىق مائارىپ ياكى قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش دېگىنىمىز ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوخشاش قىممەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خەنزۇ تىلى بىلەنمۇ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئازسانلىق مىللەتلەر زىيالىيلىرىنى «ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوخشاشلا ماھىر» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئېبارەت. ھالبۇكى، قوش تىللىق مائارىپتا، ئازسانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرى بويىچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتا تەڭ قىممەتتە ئوخشاش ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، قوش تىللىق مائارىپ پەقەت ئازسانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن «جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىش بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقلىرى ھەرقانداق باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن چەكلەنسە ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان خاتا ئىش بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ، سەمىمىيەت بىلەن ئېيتىمىزكى، بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئالىي مەكتەپ، ئىنىستىتۇت ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا، پەۋقۇلئاددە كەسپلەردىن باشقا بارلىق كەسپلەردە خەنزۇ تىلى بىلەن ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن پىكىر بويىچە يولغا قويۇلغان ئەمەلىيەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن «ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئېنىق ھالدا خىلاپلىق قىلىنغان خاتا تەدبىردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىمكان بار بالدۇرراق تۈزىتىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۆتۈنۈپ سورايمىز. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ تىل -يېزىقى ئالىي مائارىپتا قوللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە ئۇ مىللەتنىڭ تىل - يېزىقى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلىندى دېگەنلىك بولىدۇ. پاكىت شۇكى، بۈگۈنكى دۇنيادا ھەقىقىي تەرەققىيات پەقەت ئالىي مائارىپ ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ يادرولۇقىدا شەكىللەنگەن ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى، تىجارىتى، سانائىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتى ... قاتارلىق كۆپ شاخچىلار بىلەن ئىپادىلەنگەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ جۇڭخۇا ئېلىدىكى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشاشلا ئالىي مائارىپ سورۇنىدا ئۆز تىل – يېزىقىمىز بىلەنمۇ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي يوسۇندىكى تەرەققىي قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشنى جانۇ كۆڭۈلدىن خالايمىز.

    يەنە شۇنداق قارايمىزكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنى مائارىپ سورۇنىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا تەدبىرنى يولغا قويۇشنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارى بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئەمەس، بەلكى بىز زىيالىيلار، خۇسۇسەن، بىز تىل – يېزىق خىزمىتى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زىيالىيلار بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئەگەر بىز تىل – يېزىق خادىملىرى تەتقىقاتنى ياخشى قىلىپ، مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەمىلىيەتتە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، خەنزۇ تىلى مائارىپىنىمۇ ماس قەدەمدە كۈچەيتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەر زىيالىيلىرىنى ھم ئۆز ئانا تىلىنى ھەم خەنزۇ تىلىنى ئوخشاشلا سۇدەك بىلىدىغان ۋە ماھارەت بىلەن قوللىنالايدىغان قوش تىل ئەھلى (زۇل - لىسانەين) قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئاقىلانە ياخشى مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىتى بىلەن، دەسلەپ ئۆزىمىز ياخشى چۈشىنىپ، ئاندىن ئۇنى باشلىقلىرىمىزغىمۇ ئوبدان چۈشەندۈرەلىگەن بولساق، بەلكىم رەھبەرلىرىمىز ئۇنداق خاتا پەرمان چۈشۈرۈپ تاشلىمىغان بولاتتى ۋە بىزمۇ بۈگۈنكى بۇ بەجايىكى ئانا تىلنىڭ چەكلىنىشىدەك راھەتسىز ۋە ئەندىشىلىك ئېغىر ۋەزىيەتكە قالمىغان بولاتتۇق.

    خەيرىيەت! «قوتاندىن بىر قوي قاچقاندىن كېيىن تۈزەتسەڭمۇ كېچىككەن بولمايسەن» دەيدۇ ئۇيغۇر بوۋايلار، ھېلىھەم بولسىمۇ دەرھال ئۆزىمىزگە كېلىپ ھېلىقىدەك بىھۇدە، تاپا – تەنىلىك ۋايساشلارنى قويۇپ، تەتقىقاتنى ۋىجدانەن ياخشى ئېلىپ بارساق، يەنى قانۇن – سىياسەتلەرنى خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمان ئارزۇسىنىمۇ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا ئاتىغان قەتئىي ئىرادىسىنىمۇ ياخشى تەتقىق قىلساق، تەتقىقات بىلەن ئەمەليەتنى چەمبەرچەس بىرلەشتۈرۈپ، رىقابەت ئىچىدە دولقۇن يېرىپ ئالغا ئېلگىرلىسەك، بۇ ھالدا، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئالىي مائارىپ مۇنبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل مەدەنىيەت سورۇنىدىكى ھەقلىق ئورنىنى جەزمەن قوغداپ قالالايمىز ۋە ئۇنى ھەقلىق رەۋىشتىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا يۈزلەندۈرەلەيمىز.

    بىز ئۇيغۇرلار كومپارتىيىنىڭ ئادالىتىدىن ھېچقاچان شەكلەنگەن ئەمەسمىز. ئەللىك ئۈچ يىللىق شانلىق مۇساپىلىك يولدا، گاھى - گاھى يولغا قويۇلۇپ قالغان خاتا سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى كومپارتىيىنىڭ ھەمىشە ۋاقتى – ۋاقتىدا تۈزىتىپ كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن يولغا قويۇلۇپ قالغان مەزكۇر ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى ئالىي مائارىپ سورۇنىدا ئىشلىتىشتىن قالدۇرۇشتەك تەدبىرنىمۇ جەزمەن ۋاقتىدا تۈزىتىپ بېرىدۇ، دەپ يۈزدە يۈز ئىشىنىمىز!
     

    خاتىمە
    دەرۋەقە، بىزدە قانۇندىن تولاراق سىياسەت بويىچە ئىش بېجىرىلىدۇ. يەرلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ھۆججەت قىلىپ چۈشۈرۈلگەن بىر قارارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قانۇن ماددىلىرىغا ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش گوياكى پۇقرالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەستەك كۆرۈلىدۇ ۋە كۆرسىتىلىدۇ.
     
    بىراق باش شۇجى جياڭ زېمىن يېقىندا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن خەزىنىسى» دېگەن كىتابقا يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزىدە «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» دېگەن ستراتىگىيىلىك ئىدىيىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. داھىمىزنىڭ بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ تەلىماتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بولغاچقا بۇ ئەسەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ ئوچۇق مۇھاكىمىسىگە قويۇشقا جۈرئەت قىلدۇق .
    ئەگەر دېگەنلىرىمىز توغرا بولسا، ئاۋاز قوشۇشقا مۇشەررەپ بولساق، ناۋادە خاتا دەپ تاشلىغان بولساق تەنقىدكە مۇيەسسەر بولساق. بۇ ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئەل خۇمار قولىمىز خەلق سۆيەر كۆكسىمىزدە. مانا بۇ بىزنىڭكى كۆڭۈلدىكى سۆزىمىز. تەبئىيكى، بۇنىڭغا جاۋابكار ۋىجدانىمىز، ئۆزىمىز.
    2002 ـ يىل 5 - نويابىر شەھىرى بېيجىڭ
    «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2002 - يىللىق 6 - سانىدىن ئىلىندى.

    تامام

    分享到: