ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (7 - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (7)


    2. يېڭى دەۋر مىللەتلەر تىل – يېزىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ماركىسىزملىق مىللەتلەر تىل – يېزىق نەزەرىيىسى ۋە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر تىل – يېزىقى بويىچە قائىدىلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۈچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش، مىللەتلەر تىل – يېزىقى بويىچە تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش، مائارىپ ئېلىپ بېرىش، خەۋەرلىشىش، رادىئو ئاڭلىتىش، تېلېۋىزور ۋە قەدىمىي ئەسەرلەرنى رەتلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر تىل – يېزىقى بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ئۆز ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش قىلالايدىغان خادىملارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆزئارا تىل – يېزىق ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     

     

     

    داۋامى بار   

    3. مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ فاڭجېن ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تەدبىرلەر بولسا، ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئايرىم – ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرىنىڭ قوللىنىلىش ۋە يولغا قويۇلۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ياخشى ئىشلەش، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كەلگەن مىللەتلەر يېزىقلىرىغا نىسبەتەن ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، مىللىي تىل – يېزىقنىڭ شۇ مىللەت مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈۋاتقان رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشىغا ھەقىقىي رەۋىشتە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا مىللىي يېزىقنىڭ قائىدىلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈرۈش...» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (قاراڭ: تېڭ شىڭ: «20 ـ ئەسىر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرى ۋە مائارىپ – نەزەرىيە، سىياسەت ۋە ئەمەلىيەت»، 351 -، 352 ـ بەتلەر. بېيجىڭ مەللەتلەر نەشرىياتى 2002 – يىل نەشرى)

    دېمەك، يۇقىرىدىكى نەقىللەردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، قوش تىللىق مائارىپ مەملىكىتىمىز مىقياسىدا، مەيلى نەزەرىيە ئاساسى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەقسەت، نىشانى جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى سىياسەت جەھەتتىكى قانۇنى كاپالىتى جەھەتتىن بولسۇن ئوموميۈزلۈك مۇكەممەل تەتقىقات ئاساسىغا ئىگە. ئەمدى بۇ تەتقىقاتلار ئەمەلىيەتتە، قوش تىللىق مائارىپنىڭ دۆلىتىمىز ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئوموميۈزلۈك ساغلام تەرەققىياتقا ئىگە بولىشىنى زۆرۈر ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان مول ئەھمىيەتلىك مۇھىم ئامىل ھىسابلىندۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ نەقىللەرنىڭ ھېچ بىرسىدە مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ـ يىزىقلىرىنىڭ چەكلەش ۋە مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە بوغۇپ قويۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىما ـ ئىشارەت قىلىدىغان بىرەر جۈملىمۇ ئۇچرىمايدۇكى، بۇ ھال بىزنى مەزكۇر تەتقىقاتلارنىڭ روھىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ كۆرۈشىمىزگە ئۈندەيدۇ.
     

    2 - قوش تىللىق مائارىپنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات ئەھۋالى

    بۇ يەردىكى نۇقتىلىق تەتقىقات دېگىنىمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇئەييەن بىر مىللەتكىلا قارىتىپ ياكى ئايرىم بىر ئازسانلىق مىللەتنىڭلا ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئىلىپ قىلىنغان تەتقىقاتنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل تەتقىقات ھەرقانداق بىر ئازسانلىق مىللەتنىڭ ئۆز ئەزالىرىدىن بولغان ئالىملار تەرىپىدىن قىلىنىشىمۇ ياكى باشقا مىللەتتىن بولغان ئالىملار تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.

    مەملىكىتىمىزدە قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقاتىنىڭ بۇ تۈرىمۇ خېلى مۇكەممەل دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز بۇ يەردە، مەخسۇس چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالى تەتقىق قىلىنىپ يېزىلغان «چاۋشىيەن مىللىتىدە قوش تىللىقلىشىشنىڭ شەكىللىنىش جەريانى» دېگەن كىتاب ۋە ئۇنىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق بۇ تېمىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز. بۇ كىتابنى مانجۇ مىللىتىدىن بولغان دوكتور گۈەن شىنچيۇ خانىم يازغان. گۈەن خانىم ئۆزىنىڭ بۇ بەش بابلىق خاس ئەسىرىدە، چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەللىك بەش ئازسانلىق مىللەت بولۇپ ياشاۋاتقان ھەرقايسى ئەل ئىنسانلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆرنەك بولغۇدەك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ چىققان. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە، چاۋشىيەن مىللىتىدىكى قوش تىللىقلىشىش ئەھۋالىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى مىغىزلىق بايان قىلغاندىن باشقا، «چاۋشىيەنچە – خەنزۇچە قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىقلىشىشىنى شەكىللەندۈرگەن ئىچكى ئامىللارغا نەزەر»، «چاۋشىيەنچە – خەنزۇچە قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىقلىشىشىنى شەكىللەندۈرگەن تاشقى ئامىللارغا نەزەر» دېگەن مەخسۇس ئىككى باپنى ئېچىپ، ئازسانلىق ئورنىدىكى بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەم ئۆز ئانا تىلىنى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق پىكىر - ئالاقە قورالى بولغان باشقا بىر تىلنى ئوخشاشلا پىششىق دەرىجىدە ئىگىلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىچكى – تاشقى ئامىللار ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى ئاجايىپ تەسىرلىك ۋە قايىل قىلارلىق تەسۋىرلەپ كۆرسەتكەن.

    دوكتۇر گۈەن شىنچيۇ خانىمنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن مىللىتىنى مەملىكىتىمىزدىكى تىل – يېزىقى بار مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك قوش تىللىقلاشقان مىللەت قىلىپ چىقىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئىچكى ئامىل مۇنداق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، چاۋشىيەن مىللىتىگىلا خاس بولغان كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭى، ئىككىنچى چاۋشىيەن مىللىتىگىلا خاس بولغان ئەپ بىلەن ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ئېڭى، ئۈچىنچى خەنزۇ مەدەنىيىتىگە بولغان قايىللىق، ئەمما كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ساھىپ بولغان قوش تىللىقلىشىش ئىدىيىسى، ئۈمىدۋار، ئاكتىپ ۋە تىرىشچان تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى، ئەمدى چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىقلىشىشىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان تاشقى ئامىللار بولسا، بىرىنچى، چاۋشىيەن تىل – يېزىقى بويىچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇدىغان قانۇن – تۈزۈم تۇرغۇزۇش، ئىككىنچى، قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى ئاستىدىكى ئاساسىي مائارىپنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، ئۈچىنچى، قوش تىللىق مائارىپ بىلەن ئالاقىدار بولغان سەرەمجانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش، تۆتىنچى، ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان يېڭى شەيئىلەر ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش. (قاراڭ: شۇ ناملىق ئەسەر 51 -، 55 -، 74 ـ، 90 ـ، 115 -، 141 -، 155 -، 182 - بەتلەر).
     

    بىز بۇ يەردە دوكتۇر گۈەن شىنچيۇ خانىم يازغان «چاۋشىيەن مىللىتىدە قوش تىللىقلىشىشنىڭ شەكىللىنىش جەريانى» ناملىق كىتابنىڭ مۇناسىۋەتلىك باپ ۋە مەزمۇن ھالقىلىرىنىڭ ماۋزۇلىرىنىلا تەرجىمە قىلىپ قويدۇق. ئۈمىد شۇكى، ئۇيغۇر قوش تىللىق مائارىپى ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق بىلىم ئەھلىلىرى مەزكۇر كىتابنى ئەستايىدىللىق بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ بىر ئوقۇپ چىقساق، كىتابتا بايان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك جەريان ۋە ئەھۋاللارنى ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد ھالىتىمىز ۋە تۇرقىمىزغا تەدبىق قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئەگەر پەرق تاپساق، ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىمىزنى بايقىساق ھېچ ئىككىلەنمەي، بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇ ئىلغار ئاز سانلىق مىللەتتىن ئۆگەنسەك.

    3 ـ ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتى ۋە بىزگە تالىق تەتقىقاتلار

    قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە ئۆزىمىز ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار، شۇنداقلا قېرىنداش مىللەتلەرگە مەنسۇپ باشقا ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر قوش تىلچىلىقى توغرىسىدا خالىسانە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بابىدا ئۆز ئىمكانىمچە ئىزدەندىم. پروفېسسور، دوكتور ۋاڭ يۈەنشىن ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات» ناملىق تۆت توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى بىرمۇ بىر ۋاراقلاپ چىقتىم. تاپالىغىنىمچە، مۇناسىۋەتلىك گېزىت – ژورناللار ۋە كىتابلارنى تېپىپ، مۇتالىئە قىلدىم. بۇ يەردە، ئاشۇ ئوقۇپ كۆرگەنلىرىم ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە دەپ قارىغان ئۈچ ئەسەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆز مۇلاھىزەمنى قىسقىچە قويۇپ ئۆتىمەن:

    بىرىنچى، شىنجاڭ كەسپلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن گاۋ خۇيچېڭ ئەپەندى يازغان «شىنجاڭدا قوش تىللىقلىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى ۋە رولى ھەققىدە يۈزەكى تەھلىل» ناملىق ئەسەر، تۆت باپ ۋە ئالتە پاراگرافتىن تەشكىل تاپقان بۇ ئەسەر «قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات» ئاتلىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىنىڭ ئۈچىنچى تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى، ئولتۇراقلىشىشى ۋە تىل قوللىنىش ئەھۋاللىرى»، «شىنجاڭدا قوش تىللىقلىشىش ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى»، «قوش تىللىق مائارىپ ۋە قوش تىللىقلاشقان خادىملارنى تەربىيىلەشنىڭ ئاساسلىق يولى» دېگەن ماۋزۇلار بويىچە مېغىزلىق بايان بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى قوش تىللىقلىشىش مەسىلىسى نىسبەتەن توغرا قاراش بىلەن لىللا مەيداندا تۇرۇپ شەرھلەنگەن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئەسەرنىڭ «دۆلەتنىڭ تىل – يېزىق سىياسىتى قوش تىللىقلىشىشنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ» دېگەن پاراگرافىدا، شىنجاڭدىكى قوش تىللىقلىشىشنىڭ مەملىكەتنىڭ باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى قوش تىللىقلىشىشقا ئوخشاشلا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت – مائارىپى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئوخشاش قىممەتتە ئاقىدىغان دۆلەتلىك قانۇنلار، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ بەلگىلىمىلىرى» قاتارلىق يەرلىك ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەخسۇس بەلگىلىمىلەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، يەنە داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قوش تىللىق مائارىپ ئارقىلىق ئۇنىڭ يەنە ھەقلىق رەۋىشتىكى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدىغانلىقى قانۇن ئاساسىي بىلەن ئىلمىي ھالدا شەرھلەپ كۆرسىتىلگەن.

    مېنىڭچە گاۋ خۇيچېڭ ئەپەندىنىڭ قوش تىللىقلىشىش ۋە قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسىگە نەسبەتەن چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى ئىلىي، سەمىمىي ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، ھالبۇكى ئىلىم ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تونۇشتا بولسا، شىنجاڭدىكى قوش تىللىقلىشىش، شۇنداقلا قوش تىللىقلىشىشنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە قوش تىللىق مائارىپى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماي، ساغلام يول بىلەن راۋاجلىنالايدۇ.
     

    ئىككىنچى، قېرىندىشىمىز نۇسرەت تۇردى يازغان «قوش تىللىقلىشىش ۋە ئانا تىلىمىز» دېگەن ماقالە، بۇ ماقالە مۇبارەك ژۇرنال «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ 2000 – يىل 4 - 5 (قوشما) سانىنىڭ 103 - بېتىگە ئېچىلغان «تىل ۋە تەرەققىيات» دېگەن سەھىپىسىگە بېرىلگەن. ئاپتور نۇسرەت تۇردى جاھان قوش تىلچىلىقى ئىلمىنىڭ سەردارلىرىدىن بولغان چىنگىز ئايتماتوفنىڭ «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئەمما ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن مەشھۇر ئۈزۈندىسىنى ئۆز ماقالىسىگە سەھىپە بېشى قىلىش ئارقىلىق، مۇھاكىمىگە قويۇلغان قوش تىللىقلىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شەرەپلىك، ئەمما نازۇك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇقتۇرغان. ئومۇمىي مەزمۇن ئورامىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇ ماقالە قوش تىللىقلىشىشنىڭ نېمىلىكىنى، قوش تىللىق بولۇشتا ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانداق ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە مەركىزى قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا «ئانا تىلىمىزنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان ھالدا، قوش تىللىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋر تەلەپ قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشايلى» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانلىقى بىلەن مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتورنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان، «قوش تىللىقلىشىش» بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىگە جىددى نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئاكتىپ ئىزدەنگەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇڭا، مەن بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر قوش تىلچىلىقى ئىلمىنىڭ ئەمەلىي رىقابەتتە نۇسرەت بىلەن روناق تېپىشى ئۈچۈن باش قاتۇرغان ياخشى ئەسەر، دەپ باھالىدىم.

    ئەمما، ماقىلىنى تەكرار ئوقۇغىنىمدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا ئاستا - ئاستا ئاساسىي مەدەنىيەت بولۇش ئورنىدىن چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن جانلىنالماسلىقى، تەرەققىيار سەۋىيىسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ تۇرۇشى ...» دېگەن ئىككىنچى ئابزاسنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ پاسسىپ قاراشلىق بىھۇدە ۋايساش بولغانلىقى سېزىلىپ كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدۇ.

    مەلۇمكى، بۈگۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر قېرىنداش مىللەت، ھالبۇكى ئون مىليۇنغا يېقىن نوپۇسلۇق بىر قېرىنداش مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسلۇق خەنزۇلار ئاساسىي گەۋدە بولغان جۇڭگونىڭ ئاساسلىق مەدەنىيىتى بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەبەدىلئەبەد ئاساسىي مەدەنىيەت بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەرقانچە ئالتۇن مەدەنىيەت بوپكەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىش ماتېريالى بولۇدىغان قوشۇمچە نەرسىدىنلا ئىبارەت، خالاس. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۈگۈن ئاساسىي مەدەنىيەت بولۇش ئورنىدىن چۈشۈپ قالمىدى ۋە مەڭگۈ چۈشۈپ قالمايدۇ!

    «ئۇيغۇر تىلىمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى» دەپ بەتدۇئا ئاۋلىيالىق قىلىشنىڭ ئاساسىي زادى نېمىدۇر؟! بىزنىڭچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىلا بولۇدىكەن، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەنمەيدۇ، بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، سىز - بىز ئۆزىمىزنى «مەن ئۇيغۇرمەن» دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلاپ يۈرگەنىكەنمىز، تىرىكلا بولساق ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەندۇرمەيمىز: بىزچە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دېمەك ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداش دېمەكتۇر، ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر تىلىنى مەۋجۇدلۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھەققىمىزدۇركى، بۇ ھەققىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، گېزى كەلسە ھېچ ئىككىلەنەنمەي جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز!

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us