ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (6) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (6)

    يەنە دېسەك، يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىنغان تارىخىي پاكىتلار ئوچۇق ھالدا چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇكى بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قوش تىل بويىچە مائارىپ كۆرۈشى يالغۇز بۈگۈنلا بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادەت بوپكەتكەن بىر ئىش. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆز ئانا تىلىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ، ئەينى ۋاقىتتا قوش تىللىق مائارىپ تەلەپ قىلغان بۇرچنى ئادا قىلىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى نىشان قىلغان پەللىگىمۇ چوقۇم يېتەلەيدۇ. بۇ مەسىلىنى يەنىلا بۈيۈك ئەجدادىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ئەڭ مېغىزلىق بايان ئارقىلىق قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرگەنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قۇتلۇق ئەسىرى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە)دە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىيىتىدىنلا قوش تىللىق بولۇشقا لايىق قىلىپ يارىتىلغان، تىل ئۆگىنىشكە ماھىر بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تەبىئىيتىدىنلا پارسلارنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە دەلىل ـ ئىسپات بۇنىڭدىنمۇ قايىل قىلارلىق بولمايدۇكى، ئۇيغۇرلار بىلەن پارسلاردا ياشلارنىڭ، قىرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا ئارىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كېلىپ پارسلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، ئۇيغۇرلاردا بولسا بىلىمسىز ۋە ساددە كىشىلەر پارسلارغا قارىغاندا كۆپرەك، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، بېگىدىن پۇقراسىغىچە دېگۈدەك پارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھەممىسى ئۆز ھالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر شائىرلىرى پارىس تىلىدا گۈزەل شېئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ ...» (شۇ ناملىق ئەسەر، 7 ـ، 8 - بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 - يىل نەشرى)
    قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھولۇقۇپ، بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا يۈگۈرۈپ كەتكۈدەك ئىش يوق. ئىشىنىش كېرەككى، ئون ئەسىردىن بۇيان نامىزىنى ئەرەبچە، دۇئاسىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقىمىز، بۈگۈنكى يېڭى ەەۋر تەقەززا قىلغان ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە قوش تىللىق بولۇشنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ يۈزدە يۈز چىقالايدۇ. شۇڭلاشقا، ۋەلىيلىرىمىز مائارىپ پىلانى تۈزگەن چاغدا، ھەم ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە مائارىپ كۆرسە، خەلقنىڭ يۈكى ئېغىر بوپكېتەرمىكىن دېگەن ياخشى نىيەت بىلەن بولسىمۇ، جانىجان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدىغان ھەم بىھۇدە ھەمدە خەلقنىڭ نەپرىتىگە، تارىخنىڭ لەنىتىگە قالىدىغان نائەھلى ئىشنى قىلىپ تاشلىماسلىقلىرى كىرەك دەپ قارايمىز.

    4 . تەتقىقات ۋە تەرەققىيات
    قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئىستىقبالى
    بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشر ئىبنى غىياسىددىن نەۋائىي ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) ئاتلىق مۇبارەك ئەسىرىدە، 15 – ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق زىيالىيلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات ساھەسىدە پارس تىلىنى قوللىنىشقا قىزىقىپ كېتىشى ۋە «تۈركىي تىل پارس تىلىغا يەتمەيدۇ» دېگەن بىمەنە قاراشنىڭ جەمىئيەتتە خېلى كەڭ كۆلەمدە بازار تېپىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، بۇنىڭ تىل تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىىسىدىن، يەنى تەتقىقات ئارقىلىق تۈركىي تىلنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق تىلدىن قالغۇچىلىكى يوق، كامىل ئىقتىدارغا ساھىب بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بەرمىگەنلىكتىن بولغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۇ قەدەر مول نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سۆز – ئىبارىلەر بىرەر كىشى تەرىپىدىن مۇلاھىزە قىلىنىپ، ھەقىقىي ھالىتى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكتىن تاكى مۇشۇ كۈنگىچە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ قالغان. بىلىمسىز ھەم بېلى بوش تۈرك يېگىتلىرى ئاسانلىقنى قوغلىشىپ، پارس تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ كەتكەن. ۋەھالەنكى، ئەگەر ئۇلار ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەن ۋە ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە چوڭقۇر چۆككەن بولسا ئىدى، ئۆز تىلىدىكى شۇ قەدەر كەڭ ئىمكانىيەتنى تاپقان ۋە بۇ تىلدىكى ھەرقانداق پىكىرنى ئىپادىلەش، خوش سۆزلۈك، شائىرلىق ۋە داستانچىلىق سەنئەتلىرىنى بىمالال جەۋلان قىلدۇرۇش تېخىمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى»، «ھەممە سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، تۈركىي تىلنىڭ پارس تىلىغا قارىغاندا شۇنچە ئارتۇقلىقى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى شۇقەدەر نازۇك ۋە ئەۋرىشىم تەرەپلىرى نەزم قائىدىلىرى تەرىقىسىدە نامايان قىلنمىغان، ئەكسىچە، مەخپىيەتخانىغا تاشلىنىپ قىلىپ ئۇنتۇلۇشقا ئاز قالغان» (قاراڭ: شۇناملىق ئەسەر، 26 ـ، 28 ـ
      بەتلەر، ئەسلى مەتن 77 ـ، 78 ـ، 79 ـ بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى 1988 ـ يىلى نەشرى) دېمەك، ئەلىشىر ناۋائىينىڭ قارشىچە، بىر تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىق ئورنىنى ئەبەدىيەتلىك قوغداپ قېلىشتا، ئۇنىڭغا تالىق تەتقىقاتنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىق، ئاجايىپ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
    ئەمدى، 21 ـ ئەسىردىكى ئۆز ئەھۋالىمىزغا كەلسەك، بۈگۈنكى قوش تىللىق مائارىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بۇ يېڭى دەۋرىمىزدە، ھېچ ئويلىمغان بىر ئەھۋال «ئالىي مەكتەپ، ئىنىستىتۇت ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا پەۋقۇلئاددا كەسىپلەردىن باشقا كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىدە قەدەممۇ قەدەم خەنزۇچە ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش كېرەك» (قاراڭ: «شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى» 19 ـ بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 2001 ـ يىلى نەشرى) دېگەن پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە بۇپىكىرنىڭ «قەدەممۇ ـ قەدەم» دېگەن ۋاقىت جەدۋىلى قىسمىمۇ ئېلىپ تاشلىنىپ، ئوپۇل ـ تۇپۇللا ئىجراغا پەرمان قىلىنىشى بىزدە: «مەزكۇر پىكىر ۋە ئىجرالارمۇ تەتقىقات ئاساسى تازا مۇكەممەل بولمىغان ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا ۋە ئىجراغا قويۇلۇپ قالدىمۇ ـ قانداق؟ دېگەن سەمىمىي ئوينى پەيدا قىلدى. ئەسىرىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىك مۇلاھىزىمىزنى ئىلىم ۋە ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ مۇھاكىسىگە مۇنداق قويىمىز:

    1
      ـ قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك ئەھۋالى
     
    شۇنى بىلىش كېرەككى، قوش تىللىق مائارىپ بۈگۈنكى كۈندە، يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا بېشىغا كېلىۋاتقان توي ئەمەس، بەلكى ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ياشاۋاتقان، خەنزۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ساندا ئاز بولغان 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئورتاق چۈشكەن بىر مەرىكىدۇر. ھالبۇكى بۇ ئومۇمىيەتلىك تەلىم – تەربىيە ھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك تەتقىقات ئەھۋالىنى ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ ئۆتۈشىمىز ھەقىقەتەن زۆرۈر. بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزچە 1979 – يىلى مايدا، «جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ قوش تىللىق مائارىپى يىلدىن يىلغا ئۆز سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئومۇمىي جۇڭگو مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بوپقالدى. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللىق تەتقىقاتى جۇڭگو زېمىنىدە تىلشۇناشلىق ئىلمىغا تەۋە يېڭى بىر تارماق ئىلىم «قوش تىللىق ئىلمى» نى بارلىققا كەلتۈردى. مەزكۇر قوش تىللىق ئىلمى شۇ تۇرقتا، باشتا قابىل پېشقەدەم ئالىملىرى، ئاياغدا ماھىر ياش ئىز باسار مۇتەخەسسىسلىرى بولغان زور ھاياتى كۈچكە ئىگە بىر ئىلىم سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىلىم سورۇنلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك روللارنى ئوينىماقتا. مەزكۇر قوش تىل ئىلمى ئۆزىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئىلمي يوسۇندا شەرھىلەپ كېلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپىڭ پۈتكۈل مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى ئومۇمىيەتلىك تەتقىقات ئەھۋالىنى ئەڭ قىسقا جۈملىلەر بىلەن يىغىنچاقلاپ، تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن چۈشىنىشىمىز مۈمكىن:

    بىرىنچى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى بويىچە تەتقىقات
    بۇ ساھەدە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرى بولغان يەن شۈجۈن ئەپەندىم ۋە ماشۈلياڭ ئەپەندى قاتارلىقلارنى جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپى نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ سەردارلىرى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن يىللار جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان بىر قاتار ئەسەرلىرى ئارقىلىق، مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى تەتقىقات يۈكسەكلىكىدە يورۇتۇپ بەرگەن. ئالايلۇق، يەن شۈجۈن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ «جۇڭگو سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان» (ئوتتۇرا جۇڭگو سانائەت ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى 1985 – يىل نەشرى) ناملىق كىتابىدا، مەملىكىتىمىزدىكى خىلمۇ خىل مۇرەككەپ تۈس ئالغان قوش تىللىق، ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش ھادىسىسىنى سىستېمىلىق ھالدا تەھلىل قىلىپ، جۇڭگو سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە تەتقىقات ئۇسلۇبىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ كۆرسەتكەن، ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدە، يەنە مەملىكىتىمىز مىقياسىدا قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، بۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ چىقىش، قوش تىللىق مائارىپ قانۇنىنى يولغا قويۇش، شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرىنى تۈنجى بولۇپ يورۇتۇپ بەرگەن. ماشۈلياڭ ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ «قوش تىللىق بولۇش مەسىلىسىگە بولغان تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» («خەنزۇچە ئۆگىنىش» ژورنىلى 1981 - يىل 1 – سان)، «قوش تىللىق بولۇش ۋە قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش» («مىللەتلەر تىل – يېزىقى» ژورنىلى 1986 – يىل 2 – سان)، «قوش تىل تەتقىقاتىدىكى قوش سۆزلەر مەسىلىسى» («مىللەتلەر مائارىپى» ژورنىلى 1988 - يىللىق 6 – سان)، «قوش تىل ھادىسىسى ۋە قوش تىل تەتقىقاتىدىكى بىر نەچچە مەسىلە» (بېيجىڭ تىل ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى 1988 – يىل نەشرى) قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئىلمىي ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا «مىللەتلەر يېزىقى ۋە قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ھەققىدە»، «قوش تىللىق بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق»، «قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى تىرىشىپ ياخشى قىلايلى» قاتارلىق مۇھىم نۇتۇقلىرىدا (بۇ نۇتۇقلار مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «ماشۈلياڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئەسەرلىرى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن) قوش تىللىق بولۇشنىڭ تەدبىرى، مەملىكىتىمىزدە قوش تىللىق بولۇش ئىجتىمائىي ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى قوش تىللىق بولۇش ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش ھادىسىسى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر تىل – يېزىق سىياسىتى، قوش تىللىق بولۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ۋە چۈشەنچىلىرىنى شەرھىلەپ، مەملىكىتىمىز قوش تىلچىلىق ئىلمىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلىغان. ئۇندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پروفېسسور گەي شىڭجژ ئەپەندى يازغان «قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئاساسىي بىلىملىرى» قاتارلىق قوش تىللىق مائارىپقا ئائىت بىر قاتار ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، مەملىكىتىمىز قوش تىلچىلىق ئىلمىنىڭ كۈندىن كۈنگە پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا (قاراڭ: «قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات»، 2 – توم 10-، 11 – بەتلەر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1999 – يىل نەشرى).

    ئىككىنچى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى ھەققىدىكى تەتقىقات
    جۇڭگودا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپنىڭ نۆۋەتتىكى ماقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاداققى غايىسى زادى نېمە؟ بۇ مەسىلە جۇڭگودىكى پۈتكۈل ئازسانلىق مىللەتلەر، خۇسۇسەن تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىل – يېزىقى بار بولۇپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ نازۇك بىر مەسىلە بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئالىملىرى بۇ ھەقتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات سەمەرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالايلۇق: «جۇڭگو مىللەتلەر تىلشۇناسلىقى تارىخى» ۋە «مىللەتلەر تىلشۇناسلىقى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى» قاتارلىق خاس ئەسەرلىرى، شۇنداقلا ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان «قوش تىللىق ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات » ناملىق تۆت توملۇق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى ئارقىلىق ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان مىللەتلەر مائارىپى نەزەرىيىچىسى ۋە قوش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئەمەلىيەتچىسى، پروفېسسور، دوكتور ۋاڭ يۈەنشىن ئەپەندى مۇنداق يازىدۇ: «مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى بولسا ئاز سانلىق مىللەرلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان كۆز ئالدىدىكى نەق مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان تۈزۈمدۇر»، «قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىۋاتقان تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئۇسلۇبلىرى شەكىل، جەريان ۋە دەرس سائەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىق بولسىمۇ، ئاداققى غايە بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىرىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئىككىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ئوخشاش دەرىجىدە پىششىق بىلىدىغان قوش تىللىق خادىملارنى تەربىيىلەپ، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» (ۋاڭ يۈەنشىن: «جۇڭگو مىللەتلەر تىلشۇناسلىقى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»، 322 -، 323 - بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2002 – يىل نەشرى.

    ئۈچىنچى، ئاز سانلى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق قوللىنىش مەسىلىسىگە دائىر قانۇن ۋە سىياسەتلەر ھەققىدىكى تەتقىقات

    مەملىكىتىمىز ئالىملىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق قوللىنىش مەسىلىسىگە دائىر چىقارغان قانۇن ۋە سىياسەتلىرى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى ئەمەلىلەشتۈرۈشكە قارىتا قوللانغان تەدبىرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە قوش تىللىق مائارىپ» ۋە «مىللەتلەر، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ» قاتارلىق ۋەزىنلىك خاس ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان پروفېسسور، دوكتور تېڭ شىڭ ئەپەندىنىڭ باشچىلىغىدا، مائارىپ مىنىستىرلىكى فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە نۇقتىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مەركىزىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يېزىلغان «20 – ئەسىر جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرى ۋە مائارىپ – نەزەرىيە، سىياسەت ۋە ئەمەلىيەت» ناملىق يىرىك خاس ئەسەردە «ئازسانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپىغا دائىر سىياسىي نەزەرىيىلەر ۋە سىياسەتلەر» دەپ مەخسۇس بىر باپ ئېچىلغان. مەزكۇر باپتا، جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپقا دائىر ئاساسىي نەزەرىيلەر نىسبەتەن تەپسىلى بايان بىلەن چۈشەندۈرۈلگەندىن باشقا، جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مىللەتلەر تىل – يېزىقىغا دائىر چىقىرىلغان قانۇن، سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەر يىل تەرتىپى بويىچە تىزىلىپ، بىرمۇ بىر شەرھلەنگەن. شۇ باپنىڭ جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ فاڭجېن، ۋەزىپە ۋە تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختالغان قىسمىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «1991 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەستىقلاپ تارقىتىلغان دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ (ئازسانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا دوكلات) ىدا، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ رېئال ئەھۋالى ئوبيېكتىپ ھالدا تەھلىل قىلىنىش بىلەن بىر چاغدا، 1990 – يىللار جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق خزمىتىنىڭ فاڭجېنى، ۋەزىپىسى ۋە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق:
    مەملىكىتىمىز مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:
    1. يېڭى دەۋر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە ئاساسىي فاڭجېنى بولسا، ماركىسىزمنىڭ تىل – يېزىق باراۋەرلىكى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، ئالغا بېسىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئىش كۆرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئايرىم – ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىش، ئاكتىپ، ئېھتىياتچان ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ سوتسيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us