ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (5) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (5)

    يەنە ھېكايەت: 1997 ـ يىلى ئۆكتەبىردە، دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئىجازىتى بىلەن مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ «ئىسلام دىنى ئاساسلىرى» (ئۇسۇلۇددىن) ئىلمى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم. بۇ جەرياندا مەزكۇر ئۇنۋېرسىتېتتا ئۆز ئىمكانى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان نەۋرەم دېمەتلىك ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەردىن ئاتمىش – يەتمىشچىسى بىلەن تونۇشتۇم. سىرداشتىم، پەردىشەپلىك دوست بولۇپ، دىلكەشلەشتىم. ئارىلىقتا، تەلەپكە ئاساسەن ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى بويىچە بىلىم ئاشۇرىدىغان بىر كۇرس ئاچتۇق ۋە ئىسمىنى «نىل دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» دەپ ئاتىدۇق. ئۇقۇغۇچىلار قىزغىن ئۆگەندى. مەنمۇ ئىجتىھات بىلەن ئۆگەتتىم. شۇ ئارىدا سەككىز –  ئون بالا بەزى كۈنلەردىكى دەرسكە توپ ھالدىلا كەلمەيدىغان بوپقالدى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئۇلاردىن بىرسى مۇنداق ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى: «مۇئەللىم، بىز ۋەتەندىكى چاغدا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنىكەنمىز. مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، بىر مۇنچە ئەرەب دوستلىرىمىز بولدى. ئۇلار ھەدېگەندىلا: «جۇڭگو دېگەن ئۈچىنچى دۇنيادىكى ئۇلۇغ دۆلەت، سىلەر جۇڭگو پۇقراسى بولغاندىكىن، ئەلۋەتتە خەنزۇچە بىلىسىلەر، شۇڭا بىزگە خەنزۇچە گەپ قىلىپ بەرسەڭلار، خەنزۇچە خەت ئۆگىتىپ قويساڭلار» دەيدۇ. بىز: «خەنزۇچە بىلمەيمىز، بىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن، خەنزۇچە ئۆگەنمەي ئەرەبچە ئۆگىنىمىز دەپ بۇ يەرگە كەلدۇق» دېسەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئوخشاش قاراش، ئوخشاش پىكىر بىلەن قايناپ: «سىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىكىن قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنىش زۆرۈرىيىتىدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنەيلى دېگىنىڭلار خاتا ئەمەس، ئەمما جۇڭگو پۇقراسى تۇرۇقلۇق، جۇڭگونىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ بىلمىگىنىڭلار پەقەت قاملاشماپتۇ. بۇ ھالدا سىلەرنى قانداقمۇ بىلىم ئادىمى دېگىلى بولىدۇ؟!» دەپ كايىپ كېتىدۇ. ئەرەبلەر بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى خەنزۇچە بىلىدىغانلارنى داڭلاپ، سۆيۈپ كېتىدۇ. بىزدەك خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارنى بولسا، كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇنچە مىسىر شىركەتلىرى خەنزۇچە بىلىدىغان تەرجىمان ياللايتتۇق دەپ، ئىزدەپ يۈرىدۇ. شۇڭا، بىز ئىش – ئەمگەك تېپىپ ئۈزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قەددىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا خەنزۇچە بىلىدىغان جۇڭگولۇق مۇسۇلمان بولۇپ، ھەقلىق ھالدىكى ئىناۋىتىمىزنى تىكلەش ئۈچۈنمۇ خەنزۇچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇق. شاڭخەيدىن كەلگەن بىر پروفېسسور خەنزۇچە ئۆگىنىش كۇرسى ئاچقانىكەن، شۇنىڭغا بېرىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن سىزنىڭ شۇ كۈندىكى دەرسىڭىزگە كېلەلمەي قالدۇق، ئەپۇ قىلغايسىز!»
    مانا بۇ جاھان كۆرگەن ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلەردىن كېيىنكى ئەمەلىي تەسىراتلىرى، بۇلارغا يەنە ئوبزۇر يېزىپ، گەپ يورغىلىتىش كەتمەس، دەپ ئويلايمەن.
    دېمەك، قەيت قىلىپ ئېيتساق شۇ تاپتا ئاۋام خەلقمۇ، ئىلىم ئەھلىمۇ ھەممە ئادەم خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ زاماننىڭ تەقەززاسى، دۆلىتىمىزدىكى باشقا جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ زۆرۈر ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئەمما بۇ دېگەنلىك «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن بەزدى»، «ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان يارىماس تىل بوپقالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى» دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىز! مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ تۇرقتا، ھېچبىر ئۇيغۇر ئۆز ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى دەسسىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باققىنى يوق.
    چۈنكى ئۇيغۇرلاردا تىل مەسىلىسىدە، شامال قايسى تەرەپكە چىقسا شۇ تەرەپكە قىڭغىيىدىغان، جاھاندا قايسى تىل ئاقسا شۇنىڭغا يېتىشىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىدىغان ئادەت يوق. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرقانداق شارائىتتا ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئۆز ئانا تىلىنى خۇددى ئانىسىدەك ئەزىزلەيدىغان، باشقا تىل ھەرقانچە مۆتىۋەر بوپكەتسىمۇ، ئۇنى پەقەت ئاشۇ باشقا تىل سالاھىيىتى بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇدىغان، ئۆزى بولسا، قوش تىللىق ئىنسان بولۇپ، مەرىپەت بىلەن ياشايدىغان پەزىلەت بار.
      
    شۇنداق، تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، قايسىبىر دەۋردە، ھازىرقىغا ئوخشاش «قوش تىللىق بولۇش» شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق بولۇشنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدا ئەلمىساقتىن بۇيان، خۇسۇسەن ئىسلامىيەتتىن كېيىن، ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇدۇم ھالىتىگە كەلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، مىلادى 11 – ئەسىردە، بۇ ئالەمدە تېخى «قوش تىل سېلىشتۇرما تەتقىقاتى» دەيدىغان ئۇقۇممۇ مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. ئاشۇ چاغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى مەھمۇد كاشغەرىي ئون يىل ئۆمۈر سەرپ قىلىپ داۋان ئېشىپ، دەريا كېچىپ، تۈركىي قەبىلىلەرنى ئارىلاپ سۆز – كەلىمە توپلىغان، كېچىلىك بەزمىدىن ۋە كۈندۈزلۈك سەيلى ـ ساياھەتتىن كەسكىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تۈر – تۈرگە ئايرىپ رەتلىگەن، تىل ئىلمى بويىچە ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان ۋە ئاخىرىدا ئۇيغۇر – تۈركچە كەلىمىلەرنى ئەرەب تىلى بىلەن ئوچۇقلاپ چۈشەندۈرۈدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قوش تىللىق قامۇش
    «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈزۈپ جاھانغا ئېلان قىلغان. دېمەك، مەھمۇد كاشغەرىي جاھان قوش تىل سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنىڭ ھەقلىق بىرى؛ «تۈركىي تىللار دىۋانى» بولسا ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر قوش تىلچىلىقى ئىلمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ نادىر شاھ ئەسىرى، شۇندىن بۇيانەت، يەنى مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئاشۇ مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن تارتىپ قوش تىللىق ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مودىغا ۋە نورمال ئادەتكە ئايلانغان. شۇڭلاشقا، يۇرتىمىزدىكى زامانىسىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى بولغان «قەشقەر ساچىيە مەدرىسەسى» ۋە «كۇچا ساقساق مەدرىسەسى» قاتارلىقلاردا دەرسگۇيلۇق قىلغان (دەرس ئوتكەن) مۇدەررىسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىل ئۇيغۇرچىدىن باشقا، ئەرەپ تىلى ۋە پارىس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان كۆپ تىللىق زىيالىيلاردىن بولغان. مەزكۇر ئالىي مائارىپ يۇرتلىرىدىكى مۇدەررىساخۇنۇملار (ئۆز دەۋرىنىڭ پروفېسسورلىرى) تەفسىر، ھەدىس قاتارلىق دەرسلەرنى ئەرەب تىلىدا سۆزلىسە، «خوجاپىز» (خوجا ھاپىز ئەسەرلىرى) نى پارسچە، «نەۋائىي» نى بولسا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تالىپلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەت ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كەلگەن.
    ئۇزاق قەدىمدىكى كوماراجىۋا دەۋرىگە كەتمىسەكمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇ چاغلاردا گەرچە «قوش تىللىق مائارىپ» دەيدىغان تېرمىن مەۋجۇد بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىلىم – ئېرپان ھاياتىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇئەييەت سالمىقىنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرىمىز، ئەمدى، بۇ خىل ئەمەلىيەتتىكى قوش تىللىق مائارىپنى دەۋر ئالاھىدىلىكى بويىچە «ئۇيغۇر – ئەرەبچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى» ۋە «ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى» دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈشىمىز مۈمكىن.
    ئۇيغۇرچە – ئەرەبچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى دېگىنمىز، 10 – ئەسىردە، ئۇيغۇر قارىخانىلار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق ئابدۇلكەرىمخاننىڭ باشچىلىغىدا، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكە مۇشەررەپ بولغاندىن تارتىپ، 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغىچە يەنى جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ. ئوبدان ئون ئەسىر ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە (يەنى 10 – ئەسىردىن 13 – ئەسىرلەرگىچە) ئۇيغۇر مائارىپى تەدرىجى ھالدا ئىسلام مائارىپىنىڭ ئىزىغا سېلىنغان. ئالىي مائارىپتا تەفسىر، ھەدىس، رىيازىيات(ماتىماتىكا)، ئىلمىي نۇجۇم (ئاستىرونومىيە)، تەقۋىم (كالىندارچىلىق) قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەر ئەرەبچە ئۆتۈلگەچكە ئۇيغۇرچىدىن باشقا ئەرەبچىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن زىيالىيلار تەربىيلىنىپ چىققان. بۇ مەزگىلدە ئەرەبچىدە تازا كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇھەممەد ئەبۇ نەسىر فارابىدەك ئالىملار ھەممە ئەسەرلىرىنى بىۋاستە ئەرەبچە يېزىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۆزىنىڭ ئەرەب تىلى بويىچە يېتىشتۈرۈلگەن تالانتىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئالىملار ئۆز ئەسەرلىرىنى يەنىلا ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بىلەن يازغان، بۇنىڭغا بۈيۈك ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ئاتلىق شاھ ئەسىرى، شائىر ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسىدا) ناملىق يىرىك ئەسىرى قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.
    بۇ دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە (يەنى 14 – ئەسىردىن 16 – ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا) بولسا، ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان پارسلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە، خۇسۇسەن ئىسلامىي تىل – ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر قەدەر ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىقى ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن چىققان ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىي، خوجا ھافىز شىيرازىي، شەيخ مۇسلىھۇددىن سەئدىي ۋە ئاباۇراھمان جامىي قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق يىرىك ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تىل – ئەدەبىيات دۇنياسىدا مۇتلەق ئۈستۈن نوپۇز تىكلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك كۆپ سانلىق تۈركىي تىللىق ئەدىپلەردە يېزىقچىلىقتا پارس تىلىنى قوللىنىش ئادىتى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن، بەزەن تۈركىي تىللىق شائىرلار خىلى بۇرۇنلا، مەسىلەن، ئەزەربەيجان شائىرى نىزامىي گەنجەۋىي 12 – ئەسىردە، ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق تۈركىي شائىر ئەمىر خۇسرەۋ دېھلەۋىي 13 – ئەسىردە، پارس تىلىدا ئەسەر يېزىشنى باشلاپ بەرگەچكە، كېيىنچە مەيدانغا چىققان شائىرلار، خۇسۇسەن دورامچى ياش ئەدىپلەر ئىچىدە پارسگۇيلۇق (يەنى پارس تىلى بىلەن ئەسەر يېزىش) چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە ئەدەپ كېتىپ، ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى «شېئىر يازغىلى بولمايدىغان قوپال تىل» دەپ ئاھانەت قىلىشقا قەدەر يەتكەن، بىراق گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ خىل ھەقسىزلىق ئاخىرقى ھېساپتا ئۇيغۇر تىلىنى نابۇت قىلالمىغان. خۇددى ئەسىرىمىزنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ ھالغا بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرى ئەلىشىر ئىبنىي غىياسىددىن نەۋائىي باش بولۇپ، قەتئىي خاتىمە بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق پارسپەرەسنىڭ تىلىنى لال قىلىدىغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق يىگىرمە يىل ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلمەس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان.
    ئۇيغۇرچە – ئەرەبچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى، يەنى 17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىققا كەلسەك، بۇ مەزگىلدە بۈيۈك ئەجداد ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئىزىنى باسقان كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇتلەق نوپۇزىنى قوغداپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئېلىپ بارغان، ئۆز ئەسەرلىرىنى بولسا، ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن يازغان، بۇنىڭغا خىرقەتىي، ئاياز شىكەستە، زەلىلىي، نەۋبەتىي، ئابدۇرەھىم نىزارىي، غەرىبىي، گۇمنام، سەبۇرىي، موللا بىلال، تەجەللىي، مۆئجىزىي ۋە مۇسا سايرامىي قاتارلىق نامايەندىلەرنىڭ ئەدەبىي، تارىخىي ۋە دىنىي ئەسەرلىرى، شۇنداقلا قەدىرخان ياركەندىي ۋە ئاماننىساخان نەفىسىي قاتارلىقلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن رەتلەنگەن ئويغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇردانە تېكىستلىرى مىسال بولالايدۇ.
    ئەمدى، ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە مەركەز قىلىنغان قوش تىللىق مائارىپ دەۋرى دېگىنىمىز 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن باشلانغان ۋە بۈگۈ ن بىز ياشاۋاتقان شۇبۇ مائارىپ دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىپيېڭى دەۋردە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز ئانا تىلى ئۇيغۇرچىدىن باشقا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇچىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بۆلەك، ئىلىمنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى تەقەززا قىلغان ئېھتىياج بويىچە ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، رۇس تىلى ۋە گېرمان تىلى قاتارلىقلار بويىچىمۇ مائارىپ كۆرۈۋاتىدۇ، دەرۋەقە، بۇ ساھەدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز تەرەققىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى سۈرئەت قەدىمى تەلەپ قىلىۋاتقان دەرىجىگە يەتكۈزۈش جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ يېتىشسىزلىكلەر مەۋجۇد، بۇ يېتىشسىزلىكلەرنى جىددىي تۇتۇش قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىشىمىز كېرەك (بۇ ھەقتە ئەسىرىمىزنىڭ«تەتقىقات ۋە تەرەققىيات» دېگەن بۆلۈمىدە تەپسىلى توختىلىمىز)، بىراق، بۇ يەردە بىز مۇھاكىمىگە قويۇۋاتقان مەسىلىنىڭ جان يېرى شۇكى، تەدبىر قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ دۆلەت تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش بىر مەسىلە، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى دەسلەپ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش بولسا، ماھىيەت جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەسىلە، بىز بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز ياكى بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويماسلىقىمىز لازىم.

     

    داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us