ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (4) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (4)

    ۋاھالەنكى، تارىخ بۇ مىلادى 2002 – يىلىغا كىرگەندە، كۈن سىلە – بىزنىڭ مۇشۇ پارلاق كۈنىمىزگە كەلگەندە، «بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلىدىغان تەبىئىي پەن دەرسىنىڭ ھەممىسىنى، ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ يۈزدە يەتمىش بەش پىرسەنتىنى خەنزۇچە سۆزلەپ ئۆتۈش»، شۇ ئارقىلىق ئالىي مائارىپتا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىي ئىجراغا قويۇلىشىنى زادى نېمەدەپ چۈشىنىمىز ۋە نېمەدەپ چۈشەندۈرۈمىز؟ ئەجەبا، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق مائارىپ» تەدبىرىنىڭ تەبىئىيكى يۈزلىنىشى ۋە ئاداققى مەقسىتى مۇشۇمىدى؟ ئەمدى، بۇ پىلاننى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سەمىگە تۈزۈك سالماي، كەڭ تىل ئەھلىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقماي، يەنى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىغان ھالدا، ئىمام ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسىگە ئوخشاشلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ئىجراغا قويغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ بۇ قىلغىنى زۆرۈرىيەتمۇ، مەجبۇرىيەتمۇ ياكى مەسئۇلىيەتمۇ ؟!

    مەن بۇ سوئاللارنى ئالدى بىلەن، ئالدىمدىكى مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمدىن، يەنى 21 – ئەسىرنىڭ رەسمىي ئىگىلىرىدىن سورىدىم.

    ئۇلار: «مۇئەللىم، بۇ سوئاللار ئۇنچىۋالا ئاسان، ئوڭاي سوئاللار بولمىدى. شۇڭا، بىز بىرئاز سىياسەت ئۆگىنىپ، ماتېريال كۆرۈپ، ئاندىم جاۋاپ بەرسەك» دېيىشتى.

    ئاندىن، ئۇ سوئاللارنى ئۆزۈمدىن سورىدىم. ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئاداققى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشتە سەل ئويلىنىۋالغۇم، سەل – پەل تۇرۇۋالغۇم كەلدى. ئەمىسىچۇ؟ ئەگەر «ھەئە، جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ تەدبىرىنىڭ ئاداققىي مەقسىتى (قوش تىللىق مائارىپ)نى (يەك تىللىق مائارىپ)قا ئۆزگەرتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى » دەي دېسەم، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دىكى «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باپباراۋەردۇر. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل ـ يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن ھۆررىيەتبەخش راست گەپنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن؟ بۇ دانا بەلگىلىمىلەرنى «شۇنداقلا، ئانچىكىملا دەپ قويغان، ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق گەپلەر!» دېگىلى بولمايدۇ-دە!

    بۇ يەردە، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئالىي مائارىپ سورۇنىدا تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىغا قوشۇلۇپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجراغا قويغان ئۇيغۇر كادىرلىرىمىزغا ھە دېگەندىلا قاتتىق گەپ قىلغۇم يوق. كىم بىلىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرى باردۇر. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن ھوقۇقدارلارنىڭ ئەمەل – مەنسەپ قولىدىكى چاغدا كۆرسىتىدىغان جاسارەتلىك ئەلپازى بىلەن، ئەمەل – مەنسىپىدىن چۈشكەندىن كېيىنكى مىسكىن ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، ئالدىراقسانلىق بىلەن تەنقىد قىلساقمۇ تازا توغرا بولماس.

    شۇڭا، مەنچە يەنە ئۆگەنسەم، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلسام. شۇ جۈملىدىن ھەمپىكىر بۇرادەرلىرىمدىنلا ئەمەس، بەلكىم «مەن ئۇيغۇر زىيالىيسىمەن» دەيدىغان پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمدىن ئۆتۈنۈپ قالسام، ھەممىمىز، يەنى كونا – يېڭى رەئىسمۇ، سابىق – سادىق نازىرمۇ، ئادەتتىكى كادىرمۇ، تىلشۇناسمۇ، ئەدىپمۇ، دېھقانمۇ، ئارمانمۇ، چولپانمۇ ... بارلىقىمىز ئىمانىمىز ۋە ۋىجدانىمىز بىلەن بىر پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقساق:
     
    ادى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» غا ئۇيغۇنمۇ؟ مۇنداق قىلىش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جۇڭخۇا ئېلىدىكى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق ئەزەلدىن تىل – يىزىقى بار مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ھالدا ھەم ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ ھەم جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش بۇرچىنى ئاقلاپ، سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا، يوقىلىش تەرىپىگە قاراپ ئەمەس، بەلكىم گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش تەرىپىگە قاراپ، دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش تۈپ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنمۇ؟

    بىز بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى، خۇسۇسەن زىيالىي كادىرلار پەقەت ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۆت – بەش يىللىق، جىق بولسا ئون يىللىق سەلتەنەت ئورۇندۇقىمىزنىڭ غېمىنى يەپ، ئۆزىمىزنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىمىزنى دەپ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمىي جۇڭخۇا ئېلىدىكى قېرىنداشلىق تەقدىرىنىڭ غېمىنى يەپ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى دەپ، يەنى يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن ئىش كۆرىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنى كاۋاپمۇ كۆيمىگەن، زىقمۇ كۆيمىگەن ھالدا، ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايمىز.

    ئەڭ نازۇك يېرى شۇكى، «ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئالىي مائارىپ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىدارە – ئورگانلاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ » دەيدىغان قىزىل سەللىلىك ھۆججەت بولمىغانىكەن، بۇ مەسىلە شۇ تاپتا، سىلە ـ بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، سەككىز مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىز مۆھتەرەم ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ «ئىختىيار»ىمىز ۋە «ئارزۇيىمىز» دىكى ئىش بولۇپ كۆرۈنمەكتە. ھالبۇكى، بۇ مەسىلە بۈگۈن ھەل قىلىنماي «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالىي مائارىپتىكى ئورنىنى قوغدىيالماسلىق» بولۇپ گەۋدىلىنىۋاتقان بۇ ئېچىق قويۇۋىتىلسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زەنجىرسىمان ئىنكاس پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىنى موخو قىلىدۇ: ئالدى بىلەن، ئالىي مەكتەپتە چىقىش يولى قالمىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى تېزلا چۆكىدۇ. ئارقىدىنلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى نەس باسىدۇ. ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ: مائارىپ ئاساسىي قالمىغان نەشرىياتچىلىق سۇغا چىلىشىدۇ، ئۇيغۇرچە رادىئو- تېلېۋىزىيە تۈگىشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مەزكۇر ساھەدە بىمالال ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىلسىزلىقنىڭ دەردىدىن، مۇقامنىڭ مۇڭلۇق ساداسى ئىچىدە ئېغىر خۇرسىنىپ، ئىشسىزلىق ۋە ئاشسىزلىق چۆلىدە تەمتىرەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇكى، ئاللا ھېچبىر ئۇيغۇرغا بۇ ھالەتنى كۆرسەتمىسۇن!
    خۇلاسە كالام، قوش تىللىق مائارىپ تەدبىرى بىلەن ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ تەقدىرىنى بىر – بىرىگە تەتۈر تاناسىپ قىلىپ قويماسلىقنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق روھىمىز بىلەن، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قانۇنىي ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قوغداشتىن ئىبارەت، بۇ ئىشتا، ئەگەر بىز راستتىنلا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەككى، ئۇ ئۇلۇغ بوۋىمىز بىزگە تاپشۇرغان ئامانەتكە ھەرگىز خىيانەت قىلماسلىغىمىز لازىم.
    ئەمىسە، تېخى تۈنۈگۈنلا بېيجىڭغا بېرىپ چوڭ مەجلىس ئېچىپ، «نەۋائىي بىزنىڭ بۈيۈك بوۋىمىز، بىز ئۇيغۇرلار نەۋائىي ئەۋلادلىرى بىز! دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلىغان، يىغىندا ئوقۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى كىتاب قىلىپ جاھانغا ئېلان قىلغان تۇرۇقلۇق، بۈگۈن بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپلا، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ تىل – يېزىقىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇنى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەيدەپ چىقارساق، بۇ بۈيۈك بوۋىمىز نەۋائىينىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋە سۇنماس ئىرادىسىگە قىلىنغان كەسكىن خىيانەت بولماسمۇ؟ بۇ – ئاقكۆڭۈل خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنىنى ۋە بىگۇناھ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قارىلاپ قىلىنغان نەق جىنايەت بولماسمۇ؟ 
    3 ـ يەك تىللىق ئەمەس قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق بولۇش بىزگە ئۇدۇم
    ھازىرقى دۇنيادا، مۇئەييەن ئەقىدە ئاساسىدا مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان ھەرقانداق بىر خەلق ئۆز زىيالىيلىرىدىن ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئاممىۋى خىزمەتتە يەكدىللىق بولۇشنى، يەنى ئورتاق غايە، ئورتاق ئىستەك ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئەمگەكتە، جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىر دىل، بىر نىيەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل يەكدىللىق ئومۇم ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئۈچۈن نۇسرەت قازاندۇرىدۇ. ئورتاق كۈرەشنى غەلىبىگە باشلايدۇ. ئەمما، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ ئالەمدە ھېچبىر مىللەت ئۆز زىيالىيلىرىنىڭ پەقەت مىللىتىنىڭلا ئانا تىلىنى بىلىدىغان، ئۆزى بىلەن بىللە ياكى خوشنا بولۇپ ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بولسا مۇتلەق بىلمەيدىغان يەك تىللىق بوپقېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل يەك تىللىق ھەرقانداق بىر ئىنساننى ياكى ئىنسان توپىنى ھامان يېتىملىك ۋە نادانلىق بۇلۇڭىغا تاشلايدۇ. شۇڭا ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۆز زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە پىششىق بىلىدىغان بولغىنىدىن باشقا، ئۆزى بىلەن قېرىنداش ياكى ئاداش بولۇپ ياشاۋاتقان بۆلەك مىللەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بولۇشىنى ئالقىشلايدۇ. بۇنىڭدىن چىقتىكى، قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە كۆڭۈل رايى ۋە قەلب مايىللىقى جەھەتتە ئاجايىپ كەڭ ۋە مۇستەھكەم بولغان ئاممىۋى ئاساسقا ئىگىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئەگەر رەھبەرلىرىمىزنىڭ غەمخورلۇق بىلەن تولغان كۆڭلىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنى يېتىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى تۇغۇلغان بولسا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈنلا پىلان قۇرماي، توغرىدىن توغرا خەنزۇچە سەۋىيىنى راسا ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى كۈنتەرتىپكە قويسا بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ تەدبىرلەر پەقەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دىكى «ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن دانا بەلگىلىمىگە مۇخالىپ بوپقالمىسىلا، خەلق ئۇنى كەمكۈتىسىز ئىجرا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ.
    مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە قارىتا ھېچقانداق بىر غەيرى پىكرى يوق. ھەممە ئادەم شۇ تاپتا، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگو تۇپرىقىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە پەن ـ تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقانداق يېرىدە مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق تۈرىگە بىۋاستە قاتنىشىپ، جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنىڭ پەيزىنى بىمالال سۈرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى! تۈرلۈك كەچۈرمىشلەر ۋە رېئال دەرسلەر ئارقىلىق، خەنزۇچە بىلمەيدىغان جۇڭگو پۇقراسى ئارىسىدا، ئەمەلىيەتتە نەقەدەر پەرق بولىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىپ كەتتى. ھېكايەت: بالىلىقىمدىن، ئابدۇرەھىم ئىسىملىك بىر ئاغىنەم بار، كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆيىمىز تام خوشنا بولۇپ، ئانىلىرىمىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاش – تاماق سۇنۇشۇپ، ئىناق – ئىجىل ئۆتۈشەتتۇق. ئۇنىڭ دادىسى مەھەللىمىزدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى، مېنىڭ دادام بولسا يېزىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى ئىدى. قىسمەت، مەن چوڭ بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇپ، بېيجىڭدە مۇئەللىم بولدۇم، ھېلىقى ئاغىنەممۇ چوڭ بولۇپ، دادىسىدا ئوقۇپ، كېيىن دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ مەھەللىمىز مەسجىدىنىڭ ئىمامى بولدى. بالىللىقتىن كەلگەن دوستلۇقىمىز بۇزۇلۇپ كەتمىدى. بارساق، كەلسەك، ئىزدىشىپ، ھال –مۇڭلىشىپ تۇردۇق. قىياپەت جەھەتتە، ئۇنىڭ بېشىدا سەللە، مېنىڭ بېشىمدا دوپپا، يا بولمىسا يالاڭباشتاق بولساممۇ، كۆڭۈللەر بىر – بىرىمىزگە ئوچۇق ۋە سەمىمىي ئىدى. ئۇ ئىمام بولغان ئاغىنەمنىڭ مەن مۇئەللىم بولغان بۇرادىرىدىن بىرلا ئاغرىنىشى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، مېنىڭ خىزمەت بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغانلىقىم ئىدى، «قايتىپ كېلىڭلار، ئاداش، ئەمدى، يۇرتىمىزغا دەرھال يېنىپ كېلىڭلار» دەيتتى ئۇ ھەرقېتىم خوشلىشىش ئالدىدا جىددىي قىلىپ: «ئۇ يەردە ھەتتا ئۇيغۇرچە مەكتەپمۇ يوق ئىكەن، بالىلىرىڭلار ئۇيغۇرچە ئوقۇمىسا، خەنزۇلىشىپ كېتىدۇ، مۇشۇنداق بولسا بولارمۇ؟!» مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىگە يارىشا بىر نېمىلەرنى دەپ جاۋاپ بېرەتتىم. ئەمما ئوشۇقچە زاكونلاشمايتتىم. يىللار بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى. بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇ ئاغىنەم ھەج قىلىپ «ھاجىم» بوپكەپتۇ. بۇلتۇر تۇغقان يوقلاپ يۇرتقا بارغانىدىم، ئۇ ھاجىم ئاغىنەم بىلەن ئوخشاشلا قىزغىن كۆرۈشتۇق، چوڭقۇر ئەھۋاللاشتۇق، سوقا – سۆھبەت ئارىسىدا ئۇ: «مەن بۇ يىل ئىككى نەۋرەمنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە، مەخسۇس ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان خەنزۇچە سىنىپقا ئەۋەتتىم» دېۋىدى، قىزىقىپ سورىدىم: «سىلە بۇرۇن بالا – پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرگە بېرىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇرچىنى ئادا قىلدۇرۇپلا مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىككە شاگىرت قىلىپ بېرىدىغان كىشى ئىدىڭلا، بۇ سەپەر مۇنداق ئۆزگىرىش قىلىشىڭلارغا نېمە سەۋەپ بولدىكىن؟» ھاجىم ئاغىنەم مېنىڭ بۇ سوئالىمغا مۇنداق ھېكايە بىلەن جاۋاپ بەردى: «ئۈچ يىل مۇقەددەم ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ھەج سەپىرىمىزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق. ئاللاھ قوبۇل قىلغاي. قايتىش سەپىرىمىز تۈركىيە ئىستانبول، روسىيە موسكۋا ئارقىلىق بوپقالدى. ئىستانبول ئايرۇدۇرۇمىدىن ئۇچقاندا تاتارىستانلىق كامال ئىسىملىك بىر ھاجىم بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇ كامال ھاجىمنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھەج قىلىپ قايتىپ كېلىشى ئىكەن. تونۇشۇپ ھال – مۇڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ كىشىنىڭ دىنىي ئەقىدە بابىىدىكى ئەتراپلىق ھەمدە جانلىق قاراشلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئەسلىدە كامال ھاجىم موسكۋادا چۈشۈپ تۇغقان يوقلاپ بولغاندىن كېيىن، تاتارىستانغا قايتماقچى ئىكەن، بىراق، مېنىڭ موسكۋادا يىگىرمە تۆت سائەت توختايدىغانلىقىمنى ئۇقۇپ، مەن موسكۋادىن ئايرىلغۇچە ماڭا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، مەن بىلەن بىر مېھمانسارايغا چۈشتى. بىز تۈننى كۈندۈزگە ئۇلاپ مۇڭداشتۇق. بۇ جەرياندا كامال ھاجىمنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلەر بىلەن، شۇنداقلا مېھمانساراي خىزمەتچىلىرى بىلەن رۇس تىلىدا راۋان سۆزلىشىشى مېنى بەكمۇ ھەيران قىلدى. ئەجەپلىنىپ: «ھاجىم، مەن سىلىنىڭ ئۇ تائىپىلەر بىلەن بەش – ئون مىنۇتلاپ رۇسچە گەپلىشىپ كەتكەنلىرىنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم. ئۆزلىرى بۇ ئورۇس زۇۋانىنى قەيەردە ئۆگەنگەن؟» دەپ سورىدىم. «مۇشۇ روسىيىدە!» - ئايىغى ئاستىدىكى زېمىننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى كامال ھاجىم: «بىز روسىيە گراژدانىمىز. ھالبۇكى، رۇسچە بىلىشىمىز بىر ئۈچۈن بۇرچتۇر، سىلە جۇڭگولۇق ھاجىم خەنزۇچە بىلمەمدىلا، ئەجىبا؟!»مەن سەل توختىۋىلىپ، راست گەپنى قىلدىم: «مەن خەنزۇچىنى مۇتلەق بىلمەيمەن، بىز ھەتتا ئۇ يات دىندىكىلەرنىڭ زۇۋانىنى ئۆگەنمىسەكمۇ بولدۇ دەپ قارايمىز»، گېپىمنىڭ ئايىغى چۈشە – چۈشمەيلە، كامال ھاجىم بىز تونۇشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاچچىق بىلەن توۋلاپ كەتتى: «جاھالەت! ئىسلامغا ئاھانەت كەلتۈرگەن جاھالەت! ھەممىگە مەلۇم، ئەزىز پەيغەمبىرىمىز جانابىي رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا، ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىي مۇشرىكلىرىدىن ئەرەبلەرگە خەت يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا رازى بولغانلارنى ئەسىرلىكتىن ئازاد قىلىۋەتكەن ۋە مۇبارەك ئېغىزىدىن رەھمەت شىرنىلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ: «ئوتلۇبۇل ئىلىم ۋەلەۋبىسىسىين» (ئىلىم ئاشۇ يىراق جوڭگودا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار) دېگەن، ھالبۇكى جۇڭگودا بۈگۈن ئىلىم بارمۇ – يوق؟ بار، جۇڭگودىكى ئىلىمنى خەنزۇچە بىلمىسىلىرى قانداق ئۆگىنىدىلا ۋە ئىلىم ئۆگەنمىسىلىرى قانداقمۇ مۇسۇلمان ھېسابلىنىدىلا؟! شۇنى بىلسەك كېرەككى، ئىي ھاجىم، بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇ ۋە رۇس مىللىتى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن سىلە – بىزگە ھاكىملىق قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر سىز – بىز ئۇلارنىڭ زۇۋانىنى بىلمىسەك، ئۇلار بىزنى ئەدناسى ئىنسان قاتارىدىمۇ كۆرمەيدۇ جۇمۇ!»
    بولغان گەپ شۇ. بۇ گەپلەر سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق، ھېچ بىلەلمىدىم. ئەمما كامال ھاجىمنىڭ ئىلىمسىزلىك مۇسۇلمانلىق ئەمەس، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن تىل – زۇۋان ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش شەرت، دېگەن تۈپ نۇقتىئىينەزىرى شۇندىن بۇيان مېنىڭ كۆڭۈل ئالىمىمدە بىر ئۈزۈل – كېسىل ئىنقىلاب پەيدا قىلدى.

    داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us