ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (3) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (3)

    بۈيۈك مۇتەپەككۈر بوۋىمىز ئەلىشىر ناۋائىينىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» نى يېزىشى ۋە رەت قىلغۇسىز پاكىتلار ئاساسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا «ئۇيغۇر – تۈرك تىلى سەنئەت ۋە سانائەت تىلىدۇر» (تۈرىي ھۈنەرست) دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ زۆرۈرىيەتتىن بولغان.

    ئەلىشىر نەۋائىي تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇكى، ئەرەپ تىلى ھەقىقەتەنمۇ پاساھەتلىك تىل؛ ئوخشاشلا، پارس تىلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك تىل. ۋەھالەنكى، مېنىڭ ئانا تىلىمچۇ؟ ئاللاھ مېنىمۇ ئەرەپ، پارس مىللەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ساھىب بولغان ئايرىم بىر مىللەت قىلىپ ياراتقان ۋە ئۆزۈمگە خاس بولغان مىللىي تىل ئاتا قىلغان تۇرسا، مېنىڭ تىلىم زادى نېمىشقا ئەمەلدىن قالىدىكەن؟

    ئەلىشىر نەۋائىي زۆرۈرىيەت تۇيغۇسى ئۆز ۋۇجۇدىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆز ئانا تىلىغا بولغان تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش جەريانىنى بۈيۈك دەرىجىدە مۇجەسسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ياشلىقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاغزىم جەۋھەردانىدىن بەزى گۆھەرلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ گۆھەرلەر تېخى نەزم يىپىغا ئۆتكۈزۈلمىگەن، پەقەتلا كۆڭلۈم دېڭىزىدىن نەزم يىپىغا يۈزلەنگەن ئۇ گۆھەرلەر تەبىئىيىتىم غەۋۋاسىنىڭ ئىجتىھاتى بىلەن ئېغىز ساھىلىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. دەل شۇ چاغدا، مەنمۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەنئەنە بويىچە پارس تىلى بىلەن يېزىشقا يۈزلەنگەنىدىم. بىراق، ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەبىئىيىتىمگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۇشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئالەم نامايەن بولدى. مەن ئۇ يەردە، توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇ زىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم. دۇرلىرى يولتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۈرلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشىنىگە يولۇقتۇم: ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى. ئەمما خەزىنىسىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈللىرىنىڭ تىكەنلىرى سان – ساناقسىز ئىدى. مەن «سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنىدىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ. نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى بولسا، مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ» دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىيىتىم بۇ يەردىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىشىمگە يول قويمىدى: مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم. تالانتىم لەشكەر بولۇپ بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى. خىيالىم قۇش بولۇپ بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى. دىلىم سەرراپ بولۇپ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى. كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن بىھېساب خۇش پۇراق گۈللەرنى يىغدى. بۇ ئۇتۇق ۋە بايلىقلارغا، بۇ پايدا ۋە غەنىمەتلەرگە ئىگە بولغىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭ نەتىجە گۈللىرى دەۋر ئەھلى ئۈچۈن بىمالال ئېچىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئىختىيارسىز چېچىلىشقا باشلىدى». (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» 28 -، 29 -، بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى – 1988 – يىل نەشرى.

    دېمەك، زاماننىڭ زورى شۇ قەدەر يامان، ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى شۇقەدەر ئېغىر بولسىمۇ، ئۇيغۇرغا خاس يۈكسەك ئىرادىگە، قورقۇشتىنمۇ، بىپەرۋالىق قىلىشتىنمۇ خالىي ئالىجاناپ تەبىئەتكە ساھىب بولغان ئەلىشىر نەۋائىي ھايات – مامات گىردابىغا كېلىپ قالغان ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بىجانىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى بىلگەن ۋە بىلگىنىنى دەرھال ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ كۆرسەتكەن.
     

    بىزنىڭ زامانىمىزدا «قوش تىللىق مائارىپ » تەدبىرىنىڭ ئەمەلىي ئىجراغا قويۇلىشىمۇ زۆرۈرىيەتتىن ئىكەنلىكى ھەممە ئادەمگە بەش قولدەك ئايان. يەنى 1949 ـ يىلى 1 – ئۆكتەبىردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. جۇڭگو زېمىنىدە ياشاۋاتقان 56 مىللەت خەلقى مىسلىسىز بىرلىككە كەلگەن بىر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. بۇ دۆلەت، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت تىلى ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى ئىدى. خەنزۇ مىللىتىنىڭ تىلى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو دۆلىتىنىڭ دۆلەت تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەنزۇدىن باشقا 55 مىللەت كادىرلىرى ۋە زىيالىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن مەركەزدە ۋە ھۆكۈمەت زۆرۈر دەپ قارىغان جايلاردا مىللەتلەر ئىنىستىتۇتلىرى ئېچىلىپ، ئۇ يەرلەردە خەنزۇ بولمىغان ياشلارغا ۋە كادىرلارغا خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىدىغان سىياسەتلەر دەرس قىلىپ ئۆتۈلدى. يەنە مۇشۇ زۆررىيەتتىن جۇڭگو مائارىپ ساھەسىدە «قوش تىللىق مائارىپ » يەنى «جۇڭگودىكى تىل – يېزىقى بار مىللەتلەرگە ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا خەنزۇ تىلىنىمۇ ئۆگىتىش مائارىپى» مەيدانغا كەلدى. دەرۋەقە، جۇڭگونىڭ بەزى رايونلىرىدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونلار قۇرۇلدى ۋە مەزكۇر مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونلاردىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ساھىب بولغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» تۈزۈلۈپ، ئېلان قىلىندى. مەيلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دا بولسۇن، مەيلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا بولسۇن، ئوخشاشلا تارىختىن بۇيان تىل – يېزىقى بار مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىلھامبەخش، ئىلھامبەخشلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتبەخش، ھۆررىيەتبەخش بەلگىلىمىلەر بەلگىلەندى. بۇ بەلگىلىمىلەرنى قەغەز يۈزىدىن ئوقۇساق ھەقىقەتەنمۇ ئىلھام ئېلىپ، سۆيۈنۈپ، ھۆكۈمەتنى كۈيلەپ كېتىمىز؛ ھەقىقەتەنمۇ كومپارتىيىنىڭ دانالىقىدىن سۆزلەپ كېتىمىز. (بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئەسىرىمىزنىڭ بىرىنچى بابىدا ئەقلەن كۆرسىتىلگەچ، بۇ يەردە تەكرارلىمىدۇق)

    مېنىڭچە ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شانلىق غەلىبىلىرى بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى شۇ تاپتا، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى زۆرۈرىيەتتىن مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتلىق بىر ئىش، ئۆتكۈنچى بىر تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى ۋە كەلگۈسى ياشامى ئۈچۈن جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك بىر مەجبۇرىيەت دەپ قارىماقتا. چۈنكى، ئەللىك نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت خەنزۇ تىلىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدە، يالغۇز سىياسىي تىل ئەمەس، بەلكى پەن ـ تېخنىكا تىلى، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئومۇمىي مەدەنىيەت تىلى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئىنسانى جۇڭگودىكى تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىل – يېزىقى بار بوپكەلگەن باشقا قېرىنداش مىللەت ئىنسانلىرىغا ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى سىنىپ پۇقرا بوپقالماسلىق ئۈچۈن، يەنى مەيلى سىياسىي تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى پەن – تېخنىكا ھاياتىدا بولسۇن ۋە مەيلى ئومۇمىي مەدەنىيەت ياشامىدا بولسۇن، خەنزۇ خەلقى بىلەن ئوخشاش ۋە باراۋەر بولغان ياشاش ئىمكانىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلەشنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە «خەنزۇ تىلى بىلمەيدىكەن» دېگەن بانايى سەۋەب ۋە ئەمىلىي سەۋەب بىلەن قارا مەدىكارلىققىمۇ قوبۇل قىلىنمايۋاتقان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلىرىمۇ بۇ زاماندا خەنزۇ تىلى ئۆگەنمىسە زادىلا بولمايدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتى. بۇ ھالدا ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتىكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى، دەرس سائەتلىرىنى كۆپەيتىش يولى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىن، ھەتتا يەسلى مائارىپىدىن باشلاشقىمۇ رازى، دەپ قارايمەن، بىراق، زامان كەلتۈرگەن زۆرۈرىيەت، تۇرمۇش ئىپادىلەۋاتقان مەجبۇرىيەت شۇ قەدەر كەسكىن ۋە شۇ قەدەر رەھىمسىز بولسىمۇ، ھېچبىر ئۇيغۇر ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىل ۋە يېزىقىدىن بىر كۈن بولسىمۇ ۋاز كېچىشكە ھەرگىز رازە بولمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ تەتقىقاتلىق چۈشەنچەمچە، ئۇيغۇر مىللىتى ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ ئۇنداق مەسئۇلىيەتسىز مىللەت ئەمەس. بۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ بىر مىڭ بەش يۈز يىللىق تىل – يېزىق تارىخى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇنىڭغا، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنىڭ نۇسرىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەرەپ – پارس تىلى مەپتۇنلۇقى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەسىر قىلىۋالغان 14 -
      15 - ئەسىرلەردىمۇ يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنى نابۇتلۇقتىن ساقلاپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەپ بېشىدا تۇرغان بايراقدارى ئۇلۇغ ئەلىشىر نەۋائىي شاھىدلىق بېرىدۇ.

    بۈيۈك مۇتەپەككۈر بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ، يەكدىللىق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەر كەلىمە سۆزىدىن ئۇيغۇر – تۈرك تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن ھېس قىلىمىز . ئەمەلىيەتتىمۇ، ئاتمىش يىللىق ئۆمرىدە ئاتمىش ئۈچ پارچە كىتاپ يازغا (قاراڭ: مۆئجىزىي: «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن » 56 – بەت بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 – يىللىق نەشرى، نەشىرگە تەييارلىغانلار: ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر)، سۆز ئىشلىتىش جەھەتتە، كېيىنكى چاغلاردا ياۋروپانىڭ سۆز ئۇستىلىرى بولۇپ داڭق چىقارغان مېگېل دى سېرۋانتىس (1616 - 1547)، ۋىليام شېكىسپېر (1616 - 1564) ۋە ئالىكساندىر سېرگىيىۋىچ پوشكىن (1837 – 1799 - يىللار) قاتارلىقلارنىمۇ ئۇزاق ئارقىدا قالدۇرۇپ، پۈتكۈل ئەسەرلىرىدە جەمئىي بىر مىليون ئۈچ يۈز يەتمىش سەككىز مىڭ ئاتمىش يەتتە سۆز ئىشلەتكەن (قاراڭ : «بۈيۈك ئەلىشىر نەۋائىي »، 113 – بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل نەشرى، تۈزگۈچى: ئابلىمىت ئەھەت)، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا – 1499 – يىلى، ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنىڭ نۇسرىتى ھەققىدە «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ئاتلىق كىتابنى ئالاھىدە يېزىپ ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭدىكى مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ، ئەلۋەتتە.

    مېنىڭچە، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرى ئەلىشىر نەۋائىي ئالەمدىن ئۆتكەن ئەشۇ مىلادى 1501- يىلىدىن تاكى 2001 – يىلىغىچە بولغان ساق بەش يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھېچبىرسى نەۋائىينىڭ ئانا تىلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈش، ئۆز تىلىنى يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سۆيۈش روھىغا خىيانەت قىلغىنى يوق. ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ: ئاياز شىكەستەنىڭ«جاھاننامە»سىدىن، مۆئجىزىينىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن» ىغىچە، مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدىي» سىدىن تارتىپ مۇھەممەد ئىمىن توختايېفنىڭ «قانلىق يەر» ىغىچە، ئابدۇرەھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن » ىدىن، ئەھمەد زىيائىينىڭ «يۈسۈپ – مەھمۇد داستانى»غىچە، تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا»سىدىن، روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» ىغىچە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە» سىدىن، زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»، «ئانا يۇرت» ىغىچە ... بولغان مىڭلىغان تارىخىي ئەدەبىي ۋە دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى بىرەر نۇقسان ياكى ئاجىزلىقى كۆرۈلمەيدۇ. ھەتتا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەللىك نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر زامان كەلگەندە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالماسلىقىدىن، ياكى زامانىۋىلىشىشقا توسقۇن بوپقالىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر كەلىمە بىشارەتمۇ بېرىلمەيدۇ.

     

    - داۋامى بار 

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us