ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (2) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (2)

    بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك. چۈنكى ئەلىشىر ناۋائىينىڭ «چاھاردىۋان» ى، «خەمسە»سى مۇشۇ بىزنىڭ بىباھا تىلىمىز بىلەن يېزىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتاتغۇبىلىك»ىمۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بېتىگە بىزنىڭ مۇشۇ ئۈنچە كەبى تىلىمىز بىلەن تىزىلغان.

    بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك. چۈنكى بىزنىڭ تارىخىي كەچمىشىمىز، بىزنىڭ ھايات قارىشىمىز ۋە بىزنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىمىز، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا تۇلۇق چۈشىنەلەيدىغان سېھىرلىك مۇزىكا ئاھاڭلىرى بىلەن ئورۇندىلىدىغان جاھانغا داڭدار ئون ئىككى مۇقامىمىزنىڭ تېكىستلىرىمۇ ئۇشبۇ گۆھەر مىسالى تىلىمىز بىلەن بايان قىلىنغانكى، بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتتە دەل ئاشۇ بىزنىڭ تەڭداشسىز تىلىمىزنىڭ قىممىتىدۇر؛ بۇ بۈيۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ باھاسى دەل بىزنىڭ ئاشۇ دۇردانە تىلىمىزنىڭ باھاسىدۇر.

    ئەمەلىي ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 53 يىل ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 47 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر تىلى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئېلىدىكى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق يېزىقى بار مىللەتلەرنىڭ تىللىرى قاتارىدا ھېچبىر سۇنۇپ قالغىنى يوق . ئۇيغۇر تىل – يېزىقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان كومپارتىيىگە ۋە ھۆكۈمەتكە ھېچقانداق بىر زەرەر يەتكۈزگىنى يوق. ئەمەلىي پاكىت شۇكى، ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا پارلاق قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر تىل – يېزىقى باش بەلگە بولغان رەڭدار ۋە مول ئۇيغۇر مەدەنىيىتى زاڭ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىر تۆھپىكار مىللىي مەدەنىيەت بولۇپ قوشۇلدى . ھەتتا ئىقتىسادى ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ھېچبىر پېتىدىن چۈشكىنى يوق. ئۇنىڭ بىلەن يېزىلغان ۋە نەشر قىلىنغان گېزىت – ژورناللار، سىياسىي، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا يېيىلىپ، ئۇنى ئىشلىگۈچى نەشرىياتچى ۋە كىتابچىلارغا ئىقتىسادىي پايدا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئىش ۋە ئاش بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ بىلەن نىدالاندۇرۇلغان بارلىق سىملىق ۋە سىمسىز رادىئو – تېلېۋىزىيە مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئىنتېرنىت تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ «مۇنبەت تۇپراق» لىرى، «ئالتۇن كۆزنەك»لىرى ۋە «كۆڭۈلدىكى سۆزلىرى» بىلەن جىلۋىلىنىپ، كومپارتىيىنىڭ ئەدلى – ئادالىتىنى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئىمكان كاپالىتىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ ئىقتىدار –قابىلىيىتىنى ۋە مىللىي مەۋجۇدلۇق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. مانا بۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆز يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بۈيۈك ئۇتۇقكى، ئەگەر ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاساس – بۇ ئۇل بولمىسا، بۇ ئۇتۇقنىڭ ئىستىقبالى تۇتۇق، ھەتتا كېلەچىكى پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ، خالاس. بۇ نۇقتىنى، بۇ ئاددى زاكۇننى جەزمەن پىكىر بىرلىكى بىلەن تونۇپ يېتەيلى، ئى ئۇيغۇرلار !

    بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي: «سۆز ئۈنچىدۇر، ئۇنىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر » دەيدۇ. بۇ ئىككى جۈملە ئەمەلىيەتتە، تىل بىلەن دىلنىڭ ئورگانىك مۇناسىۋىتىگە بولغان ئەڭ قىسقا، ئەمما ئەڭ دانا شەرھتۇر.
     

    دېمەكچىمەنكى، تىل بەجايىكى گۆھەردۇر، ئەمما بۇ گۆھەرنى گۆھەر قىلىدىغان، ئۇنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلىدىغان نەرسە كۆڭۈلدۇر، دىلدۇر. ئەگەر دېڭىزنىڭ بىپايان قوينى ۋە ئۇنىڭ خاس مۇھىتى ۋە شارائىتى بولمىسا، ئۇنىڭدا ئۈنچە – گۆھەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئاخىرىدا ئاشۇنداق قىممەتدار، ئالىي دەرىجىلىك گۆھەر بولۇپ يېتىلىشى مۈمكىن ئەمەس. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر تىل ساھىبىنىڭ كۆڭلىدە، دىلىدا ئۆز تىلىغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئورۇن، يېتەرلىك مۇھەببەت ۋە سۆيۈك بولمىسا ئۇ تىلنىڭ ئۆز ساھەسىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇنداق، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەمەلدىن قالماي، ئۆز سورۇنىدا ئەبەدىلئەبەد قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى كۆچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە بىزنىڭ دىلىمىزدۇر، ئەگەر بىز ئۇيغۇر مىللىي تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، سۆيگەندىمۇ ھەممىمىز – رەئىسمۇ، دېھقانمۇ، نازىرمۇ، چولپانمۇ، مەكتەپدارمۇ، پۇلدارمۇ ... بىر نىيەتتە، دىل بىرلىكى بىلەن سۆيسەك، بىزنىڭ تىلىمىز تاكى قىيامەتكىچە بار بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر بىز ئۆز تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە سۆيمىسەك، قەدىرلىمىسەك، بۇ ھالدا ئۇنىڭ ئىستىقبالى بارغانسىرى تار بولىدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا يوقىلىپ، پۈتۈنلەي تار- مار بولىدۇكى، ھېچبىر ئۇيغۇر بۇ ئاقىۋەتنى خالىمايمىز، ئەلۋەتتە!

    ئەلىشىر نەۋائىي بىزگە ئۆرنەك. ئەلىشىر نەۋائىي بىزگە ئەينەك. بوۋىمىز ئەلىشىر ئېبنىي غىياسىددىن ناۋائىينىڭ زاماننىڭ زورى بىلەن ئەرەپ – پارىس تىلى ئومۇملىشىپ كەتكەن ئاشۇ 15 – ئەسىردە، ئۆزىمۇ 40 يېشىغىچە پارسچە شېئىر يازغان تۇرۇقلۇق، يازغاندىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى ھەرقانداق پارس ئەدىبلىرىنى قايىل قىلغۇدەك يۇقىرى سەۋىيىلىك پارسچە شېئىر يازغان تۇرۇقلۇق، يازغاندىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى ھەرقانداق پارس ئەدىبلىرىنى قايىل قىلغۇدەك يۇقىرى سەۋىيىلىك پارسچە دېۋان يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان تۇرۇقلۇق، ئاخىرىدا زاماننىڭ تەتۈرلۈك قىلىشلىرىغا، زامانداشلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۆزى باش بولۇپ ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدا ئاشۇنداق ئالەمشۇمۇل مول ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ دىلىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئانا تىل مۇھەببىتىنىڭ شانلىق مەھسۇلىدۇر. ھالبۇكى، 21 – ئەسىردە كەڭ ئىمكانلار ئىچىدە ياشاۋاتقان بىز نەۋائى ئەۋلادلىرى، ئالدى بىلەن ئىش بېشىدىكى ۋەلىيلەر، مەكتەپدارلار ۋە پۈتكۈل مەدەنىيەت – مائارىپ كادىرلىرى باش بولغان بارلىق زىيالىي ئۇيغۇرلار ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قەدرىنى بىلگەن بولساق، ئەمدى ئۇنى ئەلىشىر نەۋائىيچە سۆيەيلى، ئۇنىڭغا ئەلىشىر ناۋائىيدەك كۆيەيلى. پەقەت بىزنىڭ دىل رىشتىمىز ئۆز تىل – يېزىقىمىزغا خۇددى ئەلىشىر ناۋائىينىڭكىدەك مۇستەھكەم باغلانسا، بۇ ھالدا بىزنىڭ تىلىمىزنى ئالىي مائارىپ سورۇنىدىنمۇ، ئوتتۇرا مائارىپ سورۇنىدىنمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھەرگىز ھاجەت چۈشمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىنىڭ تېگىنى ئوچۇق بىلىپ يېتىمىز.

    «گۆھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاستىسى بىلەن چىقىپ، ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ ۋە گۆھەرچىلەر ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ » دەيدۇ بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي.
     

    بىر مىللەتنىڭ تىلى قىممەت جەھەتتە بەجايىكى بىباھا گۆھەردۇر. شۇڭا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە قىسمەت ئەھۋالىنى ھېچ قالدۇرماي خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان تىلىنى چىن دىلىدىن سۆيۈشى كىرەك. بىراق، بىر مىللەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ تىلنىڭ قىممىتىنى تونۇش ۋە ئۇنى مۇھەببەت بىلەن سۆيۈش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى يەنە ئۇ مىللەتتە ئۆز تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كۈچلۈك مىللىي ئىرادە، مەھكەم باغلانغان بەل بولۇشى لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بىز ئۇيغۇر مىللىتى مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ۋە جۇڭگو مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئوخشاشلا مىقدار ۋە ئوخشاشلا ئىقتىدار بىلەن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان گۆھەر تىلىمىزنى قوغدايمىز ۋە ئۇنى ئۆز ساھەسسدە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەمدى بۇ غايە ئۈچۈن بېلىمىزنى مەھكەم باغلاپ، قانۇنىي يوسۇندا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.

    بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي بىر ئۇيغۇر ئىنسانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز تىلىنىڭ قىممىتىنى تونۇش، ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈش جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇ قىممەتلىك تىلنى ۋە ئۇ سۆيۈملۈك يېزىقنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچلۈك ئۇيغۇر ئىرادىسىگە ساھىپ بولۇش جەھەتتە ئۆرنەك زات ئىدى. شۇنداق، ئۇ ئۆز ھاياتىدا ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنى دىلىدىن قىزغىن سۆيدى. ئاندىن خۇددى غەۋۋاس دېڭىزدىن گۆھەر سۈزۈپ چىققاندەك پىداكار ۋە نەق ئەمگەك ئارقىلىق ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنى شۇ چاغدىكى دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئەبەدىلئەبەد قوغدىلىشىنى بولسا، سىز – بىزگە ئامانەت قىلدى.

    ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ئۇيغۇر مىللىتىگە يات نائەھلىلىكتۇر. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلار بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىينى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى تونۇساق، ئۇنى پىكىر بىرلىكى بىلەن چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، ئۇنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېلىمىزنى مەھكەم باغلىساق، بۇ ھالدا مۇنۇ ھەقىقەت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.
     

    ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىلى، ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئۆزىنىڭ يېرى بار مۇكەممەل بىر مىللەت. شۇڭا ئۇ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى تەلەپتىكىدەك ئۆگىنىپ، ئىگىلەش (بۇ ھەقتە ئەسىرىمىزنىڭ «زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت» دېگەن بابىدا دادىغا يەتكۈزۈپ بايان قىلىمىز) ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ.

    ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى! جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك ۋە چوقۇم قوغدىيالايدۇ! چۈنكى، جۇڭگودا كومپارتىيىنىڭ ئادالىتى بار. خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن كاپالىتى بار.

    2 . زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت

    قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ تەقدىرى

    مۇئەييەن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەم زۆرۈرىيەت ئالىمىدۇركى، دۇنيادىكى نۇرغۇن شەيئىي ۋە ئىشلار زۆرۈرىيەت ئالقىنىدا گۈللەپ ياشنايدۇ، مەغلۇپ بولغانلار بولسا، ئاخىرىدا يەنىلا زۆرۈرىيەت ئايىغى ئاستىدا يەنچىلىپ تۈگەيدۇ.

    نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاندىن تارتىپ، 15 – ئەسىر نەۋائىي زامانىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىي تىللار سوستاۋىغا ئەرەب، پارس تىللىرى ئامىللىرىنىڭ شۇنچىۋالا كۆپلەپ كىرىپ ئۆزلىشىپ كېتىشى، ھەتتا مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدە تۈركىي تىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكۈدەك دەھشەتلىك دەرىجىگە بېرىپ يېتىشى پۈتۈنلەي زۆرۈرىيەتتىن، ئوچۇق ئېچىپ ئېيتقاندا، زاماننىڭ زورىدىن بولغان. دەرۋەقە، تارىخنىڭ ھېچبىر بېتىدە، شۇ چاغلاردا بىرەر پادىشاھ ياكى باشقا بىرەر ھۆكۈمران تەرىپىدىن: «بۈگۈندىن ئېتىبارەن تۈركىي تىل ئەمەلدىن قالدى. ئەمدى، تۈركىيلەر ھەممىڭلار ئەرەبچە ياكى پارسچە سۆزلەڭلار ۋە يېزىڭلار، دەپ پەرمان قىلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. ئەمما، ئالەمنى ۋە ئادەمنى يىپيېڭى قاراش بىلەن چۈشەندۈرۈدىغان ئىسلام دىنىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر دۇنياسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى ھەيۋەت بىلەن پەتھى قىلىشى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەرەب مىللىتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەرەب تىلى بىلەن نازىل بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر – تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆڭلىگە ياغدەك يېقىشى ۋە نېمىلا دېگەنبىلەن تۈركىي مىللەتلەردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان پارس ئالىملىرىنىڭ، شائىرلىرىنىڭ ئىسلام پەلسەپىسىنى تەشۋىق قىلىپ يازغان تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر – تۈرك ئەدىپلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشى... قاتارلىق نەق ئامىللار بىر زۆرۈرىيەت كەلكۈنىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى راستتۇر. ئەرەب ئىسلام مائارىپىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ۋە تەقلىد قىلىپ ئېچىلغان مەكتەپ – مەدرىسلەردە ئون بەش، ئون ئالتە يىللاپ دۇم يېتىپ دۇم قوپۇپ ئوقۇغان تۈركىي تىللىق ياشلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دەرسى «قۇرئان كەرىم»، تەفسىر ۋە ھەدىس شەرىف بولغانكى، بۇ مۇتلەق زۆرۈر دەرسلەرنىڭ تىلى ئەرەبچە بولۇشى ۋە بولغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر تىلنىڭ يەنە بىر تىل بىلەن سىتىلىستىك ئۆزگىچىلىك جەھەتتە ئوپئوخشاش ۋە باراۋەر بوپكېتىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكى ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردە، ئەرەب تىلىدا بارلىققا كەلگەن پەلسەپە تەلىماتلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان تىل ئەڭ ئالدى بىلەن پەقەت ئەرەب تىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئەمەلىيەت، شۇنداقلا ئۇيغۇر ـ تۈرك ئالىملىرىنىڭ قەلبىدىكى ئىسلامىيەتكە بولغان مۇھەببەت ئۇلارنى ئاڭلىق ـ ئاڭسىز ھالدا ئەدەبىي تىلدا ئەرەبلىشىش، يېزىش ئەمىلىيىتىدە بولسا پارسلىشىش يولىغا يېتەكلەپ كەتكەن.

    - داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us