ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (1) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە (1)
    ئەلىشىر نەۋائىي سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە
    ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي



    كىرىش سۆز

       نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاشلا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر - قازاق – قىرغىز تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىمۇ «نەۋائىي تەتقىقاتى» ئاتلىق بىر دەرس تەسىس قىلغانىدى. بۇ نۆۋەت، تەشكىل مېنىمۇ مۇشۇ ساھەدە ئۆز چامى ۋە ئىمكانىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەمگەك قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى ساناپ، مەزكۇر دەرسنى ماڭا تەقسىم قىپتۇ. تەشكىلگە كۆپ رەھمەت!

       بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر ئىبنى غىياسىددىن ناۋائىي ئىلىم دۇنياسىدا 500 يىلدىن بۇيان تەتقىق قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ كىملىكى، كىشىلىكى، ئەسەر – ئەمگەكلىرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى ھەققىدە توم - توم كىتابلار يېزىلدى ۋە يېزىلماقتا. ئەگەر نەۋائىي ئۇ قەدەر ئالىيجاناب ئۆرنەك ئىنسان بولمىسا، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ئۇ قەدەر قىممەتلىك ئەينەك ئەسەرلەر بولمىسا ئىدى، ئىلىم ئەھلى ئۇنىڭغا بۇ قەدەر ئىخلاس قىلمىغان بولاتتى.

    ئالىي مەكتەپلەردە «نەۋائىي تەتقىقاتى» دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەلمىساقتىن بۇيانقى تۇنجى ئىش ئەمەس. ئۇ پەقەت كونا مەدرىسەلىرىمىزدىكى «نەۋائىي» ئاتلىق دەرسنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، خالاس. دېمەكچىمەنكى، بىز بۇ بۈگۈنكى «نەۋائىي تەتقىقاتى» دەرسىنى ئۆتۈش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۈنۈم قازىنىش جەھەتلەردە كونا مەدرىسلىرىمىزدىكى «نەۋائىي » دەرسىنى بېسىپ چۈشەلمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ «تەرەققىي قىلىپ كەتكەن» ۋە «راۋاجلىنىپ كەتكەن» لىكىمىزدىن لاپ ئۇرمىساق بولىدۇ.

    شۇ ۋەجىدىن، مەن: «نۆۋەتتىكى (نەۋائىي تەتقىقاتى) دەرسىمىزدە ئالدى بىلەن ئەلىشىر نەۋائىينىڭ (مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين)، (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) ناملىق ئەسىرىنى بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى (مەئارىفۇل لۇغەتەين – قوش تىللىق مائارىپ) ئەمەلىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلساق دەيمەن» دېۋىدىم، دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم بىردەك چاۋاك چېلىپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. قارىغاندا، ياقتى. ئەمىسىچۇ؟! مۇئەييەن بىر تەتقىقات شۇ تەتقىقاتچى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، سېلىشتۇرۇلمىسا، ئۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ – دە! شۇنىڭ بىلەن «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين» گىچە دېگەن بۇ ماۋزۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن ئەسەر 15 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، ئەرەپ - پارس تىللىرى ئىسلام مەدەنىيىتى مۇنبەرلىرى ۋە ئېچىقلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر – تۈرك تىلىنىڭ سوستاۋىغا خۇددى سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتقان چاغدا، ئۆز دەۋرىنىڭ شىرى ئاتالغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائىي تەرىپىدىن يېزىپ ئېلان قىلىنغان.
     
    «قوش تىللىق مائارىپ» (مەئارىفۇل لۇغەتەين) بولسا، 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدە خەنزۇ تىلى بىلەن يانمۇ يان ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چاغدا، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا بىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىنچە، ئۇ تەرەققىي قىلىپ كۈنىمىزدىكى ياش ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە پەن
    «‎‎‎قوش تىلچىلىق» ( 双语学)  پېنى بولۇپ شەكىللەنگەن.

    «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن ئەسەرنىڭ مەقسىتى ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ـ تۈرك تىلىنىڭ شۇ دەۋر ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونترول قىلىۋاتقان پارس تىلىدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش ئىدى.

    «قوش تىللىق مائارىپ» تەدبىرىنىڭ غايىسى بولسا مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇد تىل ـ يېزىقىنى، شۇ جۇملىدىن ئاز دېگەندىمۇ 1500 يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلۋاتقان ئۇيغۇر تىل ـ يىزىقى ئۆزساھەسىدە، جۇڭگو تۇپرىقىدا دۆلەت تىلى قىلىپ قوللىنىۋاتقان خەنزۇ تىلى بىلەن تەڭ ـ باراۋەر قوللىنىلىش ئىمكانىغا ئىگە قىلىش ۋە ئىمكانىيەت مەيدانىنى ئەبەدىي قوغداشتىن ئىبارەتكى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئاداققىي جەھەتتە يوقىتىپ تاشلاش ئەمەس. ھەرگىز! بىز بۇ چۈشەنچىمىزگە ۋە يەكۈن ھۆكمىمىزگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭ – باراۋەردۇر. دۆلەت ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىش مۇناسىۋەتلىرىنى قوغدايدۇ... ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» (قاراڭ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 4 – ماددا خەنزۇچە 10 – بەت، خەلق نەشرىياتى 1982 – يىل نەشرى) دەپ بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى، (37 - ماددا: «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ھەرخىل مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ۋە ئوتتۇرا كەسپ ـ تېخنىكا مائارىپىنى كۆپ خىل شەكىل بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىتى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ ... ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر (سىنىپلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ شارائىتى يار بېرىدىغانلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا دەرس ئۆتۈشى كىرەك» (قاراڭ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، ئۇيغۇرچە 35 -، 36 - بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001 - يىل نەشرى) دەپ بەلگىلەنگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى شۇنداقلا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى» قاتارلىق سىياسىي ۋە ئەمەلىي ھۆججەت، دەلىللەرنى ئاساس قىلىپ كۆرسىتىمىز.

    بىراق، نۆۋەتتە مېنى تىڭىرقاتقان سوئاللار شۇ: بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل – يىزىقىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنى سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، بەس - بەس بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقانلارنىڭ دەلىل ـ ئاساسى نېمىدۇ؟ ئۇيغۇر تىل – يېزىقى دەسلەپ ئالىي مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن نۆۋەت قەيەرگە كېلىدۇ؟ ئاندىنچۇ؟ ئى، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەۋلادلىرى! مىڭ يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ۋە مائارىپنىڭ ھەممە ساھەسىدە قوللىنىلىپ كەلگەن تىلىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئەمدى سەن قانداقمۇ تەرەققىي قىلغان، راۋاجلانغان مىللەت بولىسەنكى!؟

    «نەۋائىي تەتقىقاتى» دەرسىنى ئېچىپ بەرگەن تەشكىلگە مىڭ رەھمەت دەيمەن. كىم بىلىدۇ، بۇ دەرسنى ئۆتۈش جەريانىدا، 15 – ئەسىردىكى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەيەين»نى، خۇسۇسەن ئۇنىڭ بەش ئەسىردىن بۇيان نامايىش قىلىپ كېلۋاتقان غەلىبە مېۋىسىنى كۈنىمىزدىكى «مەئارىغۇل لۇغەتەين» (قوش تىللىق مائارىپ)نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى، ئەمەلىي ئىجراسى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى بىلەن دەۋر روھىغا ئۇيغۇن ۋە ئىنسان ۋىجدانىغا مۇناسىپ ھالدا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلساق، بەلكىم يۇقىرىدىكى سۇئال تۈگۈنلىرىمىز يېشىلىپ قالار، ئىنشائاللاھ!

    مېنىڭچە، ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەۋرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ تەتقىق قىلىنىپ، خەلقىمىزگە پايدىلىق بىر ئۈنۈمگە ئېرىشىلمىسە، نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ بەدئىيلىكىنى ماختاپ، نەزمە توقۇش بىلەنلا نەتىجىلەنگەن تەتقىقاتنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي قىممىتى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، مەن بۇ ئەسىرىمگە «ئەلىشىر نەۋائىي سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويدۇم.

    1
      ـ تىلىمىز، دىلىمىز ۋە بېلىمىز

    بۈيۈك مۇتەپەككۈر بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىدە: «سۆز ئۈنچىدۇر، ئۇنىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر، گۆھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاستىسى بىلەن چىقىپ، ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ ۋە گۆھەرچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ » دېگەن (قاراڭ: شۇ ناملىق ئەسەر، قوليازما، 3 - بەت). ئەگەر بىز بۇ يەردىكى «سۆز» كەلىمىسىنى ئومۇمىيەتلىك كەڭ مەنىدە «تىل» دېگەن ئۇقۇمنىمۇ بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشەنسەك، بۇ ھالدا مەزكۇر بايان بىزگە بىر تىلنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇ تىلنىڭ ئۆزىنىڭ ساھە - مەيدانىدا ئاشۇنداق بىر تىل بولۇپ ۋە قەد كۆرۈرۈپ تۇرالىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى دەسمىنى تولىمۇ روشەن ۋە ئوبرازلىق نامايان قىلىپ بەرگەن بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ھەرقانداق بىر تىل ئۆزىنىڭ ئىستېمال مەيدانىدا بەجايىكى بىر گۆھەردۇر. تىل ساھىبى، سۆز ئىگىسى ئۆز تىلىنىڭ بۇ قەدەر يۈكسەك قىممىتىنى بىلىشى كېرەك. بۇ – بىر تىل ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ئەقەللىي ساۋات، ئەڭ باشلانغۇچ بىلىمدۇر.

    شۇنداق، بىزنىڭ تىلىمىز شۇ قەدەر قىممەتلىك. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ تىلى. بىزنىڭ ئانىمىز دۇنيادىكى پۈتكۈل ئانىلارغا ئوخشاشلا ئەزىز، سۆيۈملۈك ۋە قەدىرلىك بولغىنىغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىمۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق مۆھتەرەم تىللارغا ئوخشاشلا مۆھتەرەم، ئېتىبارلىق ۋە بىباھادۇر.

    - داۋامى بار 

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us