ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (7) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    يازمىمىزنىڭ 2 - بۆلىكىدە ئىلىم ھايانكەشلىكى ، ماغزاپ بىلىم ۋە ساختا تەتقىقات ھادىسىسىنىڭ ئىپادىلىرى تونۇشتۇرۇلدى . نېمە ئۈچۈن ئىلىم چىرىكلىكى ، ئىلىم ھايانكەشلىكى ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ ؟ بۇ ھادىسىنى كەڭ ماكرو سىستېمىلارغا باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن . ھەم ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئېيتىم (Discourse , 话语) بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . بىز ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان «ئىلمىي ماقالە» دەپ يېزىلىۋاتقان بارلىق يازمىنى ، بارلىق ئىلمىي ئەسەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىم دەپ تونۇغىنىمىزدا ، ئاندىن مەسىلىنىڭ نەدىلىكى ئايان بولىدۇ . بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئېيتىم ئۇقۇمى فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر مىچىل فۇكاۋ تەرىپىدىن نەزەرىيەلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئادەملەر ، شەيئىلەر ، بىلىملەر ، ئابستىراكىت پىكىرلەر ھەققىدىكى تەسۋىرلەش ، تەبىرلەش ، كاتېگورىيىلەشتۈرۈش ، ئويلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ (مىچىل فۇكاۋ ، 1991) . مېنىڭ يازماممۇ ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ، ئەسەد سۇلايماننىڭ يازمىلىرىمۇ بىر خىل ئېيتىم . مىچىل فۇكاۋنىڭ قارىشىچە ، ئېيتىم ھەرگىزمۇ ھوقۇق مۇناسىۋىتىدىن خالىي ھالدا ، ئۇنىڭغا بېقىنماستىن مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ . ئېيتىم ئۆزى مەنىۋىيىتىنى لايىھىلىگەن ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق - بىلىم مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كېلىدۇ . مىچىل فۇكاۋ مۇنداق يازىدۇ : «ھوقۇق ۋە بىلىم بىر - بىرنىڭ ئەينىكى . . . مۇئەييەن بىر تونۇشقا ئىگە ئادەم ، ئۇنىڭ تونۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئوبيېكىت ۋە بۇ ئارىدىكى بىلىش شەكلى ھوقۇق - بىلىم مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمدە ھوقۇق - بىلىمنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر»(مىچىل فۇكاۋ ، 8 - 27 : 1991) . بۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەنگىنىمىزدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ھايانكەشلىكى ، ماغزاپ بىلىم ۋە ساختا تەتقىقات ھادىسىسى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا خاس ھادىسە بولۇپ قالماستىن ، بەلكى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا يىلتىز تارتقان ھادىسىدۇر ؛ مەملىكەتتىكى ھوقۇقنىڭ دائىرىسىدىن چىقالمىغان ناتوغرا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ، چىرىك ئىلىم ھاۋاسىنىڭ ئىنكاسىدۇر . بۇ خىل ھادىسىنىڭ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىلىم ھايانكەشلىكىنى ھار ئالىدىغان بىلىم - ھوقۇق مۇناسىۋىتى ، ئىلىم چىرىكلىكىگە يول قويمايدىغان ئۈستىقۇرۇلما بولۇشى كېرەك . جۇڭگودىكى مەشھۇر ئەدەبىيات تەنقىدچىسى جۇداكېنىڭ ۋە گېرمانىيىلىك خەنزۇشۇناس ۋولفىگان كۇبىن (Wolfgang Kubin) نىڭ «جۇڭگو ئەدەبىياتى بىر دۆۋە ئەخلەت» دېيىشى ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر پروفېسسورنىڭ «جۇڭگونىڭ ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ» دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس [18] . بىز بۇ يەردە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا ئىلىم ساھەيىمىزدىكى چىرىكلىك ، چاكىنىلىق ھەل بوپكەتمەيدۇ . باسىدىغان يول ئۇزۇن . تالاي مەسىلە مائارىپ تۈزۈلمىسىگە تاقىشىدۇ . ئەمما ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماي يەنە بولمايدۇ . ئەنگلىيە لىدىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس زىگمونت باۋمەن (Zygmunt Bauman , 1925 - ) نىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ، «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق ئۇنى كۈنتەرتىپكە قويماسلىقتىنمۇ يامان» [19] . ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى ، مىچىل فۇكاۋنىڭ ھوقۇق ، بىلىم ، ئېيتىم ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى قاراشلىرىنى ياخشى چۈشەنگىنىمىزدە ، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەن تەبىئىي پەنگە قارىغاندا بەكرەك تەرەققىي قىلغان» دېگەن قاراشنىڭ نەقەدەر ساددىلارچە ئېيتىلغانلىقىنى بايقايمىز ؛ ھەم بىر قىسىم ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئارىسىدا ئورتاق ئارمانغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش خىيالىنىڭ تامامەن بىر شېرىن چۈش ، خام خىيال ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز .

    4 . ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

        ئادىمىيەت پەنلىرى (Humanities , 人文科学) ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇق شارائىتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ . ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، دىنشۇناسلىق ، سەنئەت ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەر ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ . غەربتە ئادىمىيەت تەتقىقاتى قەدىمكى گرېك دەۋرىدىلا باشلانغان . 19 - ئەسىردىن تارتىپ ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قاراش شۇكى ، ئادىمىيەت پەنلىرى بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ . ئادەم ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىدا ، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇدلۇق شارائىتىنى ، روھىيىتىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ . ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى ، گېرمانىيىلىك مۇتەپەككۇر ۋىلخېلىم دىلسى (Wilhelim Dilthey , 1883 - 1911) نىڭ قارىشىچە ، «ئادىمىيەت پەنلىرى ئىنساننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشتەك خاراكتېرى بىلەن تەبىئىي پەنلەردىن پەرقلىنىدۇ . كەچمىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى بايقاش بىر يولدىكى مەسلەكداش ئادەملەرنى ئورتاق بىر تونۇش ئاساسىدا بىر يەرگە ئەكېلىدۇ . تەبىئىي پەنلەر ھادىسىلەرنى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە تىرىشىدۇ . ئەمما ئىنساننىڭ ھېس - تۇيغۇسى ، كەچۈرمىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ . ئادىمىيەت پەنلىرىدە بولسا ھادىسىلەرنى قىسمەنلىك بىلەن پۈتۈنلۈك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىمىز»(ۋىليام دىلسى ، 103 : 1976) . ئومۇمەن ئادىمىيەت پەنلىرىگە ئوتتەك مۇھەببەت باغلىغان ئىلىم ئەھلى ۋە ئوقۇغۇچىلاردا تەبىئىي پەن مېتودلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ۋىجدانىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ ، پىنھان ئىستىقامەت ئىستىكى كۈچىيىدۇ ؛ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش ئۇلار ھاياتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمىغا ئايلىنىدۇ . ئۆزلۈك ھەققىدە ئويلىنىش ۋە پىكىر قىلىشتىن كەلگەن ھۇزۇرنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ قانچىلىك قىممىتى بار دەپ سوراش پۈتۈنلەي بىھۇدە ۋە ئەخمىقانە ئىشتۇر . ئىنسان پىكىرگە ئۆتكەندە روھىنىڭ گىمناستىكىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق . بۇنى ماددىيەتكە قويغان ئۆلچەم بىلەن بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ . مىسالەن ، ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ، قىزغىن مۇھەببەت ھەممە نەرسە ماددىيلىق بىلەن ئۆلچىنىدىغان جەمئىيەتتە بىزنىڭ ئىجاد قىلىش جاسارىتىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ . ئەنگلىيىلىك مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تېررىي ئىگلتون (Terry Eagleton , 1943 -) نىڭ قارىشىچە ، «ئەدەبىيات ئاۋامنى ئىنسانىيلىققا ، مېھىرگە باشلايدۇ . ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش ئادەم يالغۇز تۇرۇپ ، ئويلىنىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا ، ئوقۇرمەن ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىدۇ . . . ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدىكى گادايلىشىشقا يۈزلەنگەن بۇلۇڭلار ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش ئارقىلىق ئارام تاپىدۇ» (تېررىي ئىگلتون ، 17 : 2008) .

        ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ، تەتقىقات ئوبيېكتى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ . كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئىجتىمائىي پەنلەر جەمئىيەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ . جەمئىيەتشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە ، ئىنسانشۇناسلىق ، ئىقىسادشۇناسلىق ، سىياسىيشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر ئىجتىمائىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە كىرىدۇ . ھالبۇكى ، بۇ پەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە دېگۈدەك گىرەلىشىش ، كېسىشىش مۇناسىۋىتى كۆرۈلىدۇ . ۋاقتى كەلگەندە ، جەمئىيەتشۇناسلىق تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان بىر ئىلىم ئەھلى ئۆز نۇقتىنەزىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ باشقا ساھەلىرىدىن ئۆزىگە نەزەرىيىۋى قورال ئىزدىشى مۇمكىن . يېقىنقى 20 - 30 يىل مابەينىدە خەلقئارا ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە كېسىشمە پەنلەر (Interdisciplinary Sciences , 边缘科学) تەتقىقاتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاساسسىز ئەمەس . مىسالەن ، مەن تاكى يېقىنقى مەزگىلگىچە كىملىك تېمىسىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ ، دەپ ئويلايىتتىم . يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مىللىي كىملىك ھەققىدىكى دەرسىگە قاتنىشىش داۋامىدا ، ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئىقتىساشۇناس ، 2001 - يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ساھىبى جورجىي ئاكېرلوف (George Akerlof , 1940 - ) نىڭ مىللىي كىملىكنى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مېتودلىرى بىلەن فورمۇلالاشتۇرۇپ تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلىپ ھەم قاتتىق ھەيران قالدىم ھەم شەيئىلەر ، ھادىسىلەرنى تونۇشتىكى مېتودنىڭ ، پىكىر يولىنىڭ ھەرگىزمۇ بىر خىل تۈر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ، بىر ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئۆز تونۇشى ۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىلگىرىكى يازمىلىرىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىپ تۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھېس قىلدىم .

    ئىجتىمائىي پەنلەر ياۋروپا بىلىش تارىخىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، 19 - ئەسىردە تەبىئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى ۋە تەبىئىي پەنلەردىكى ھەربىر بايقاشنى پاكىت ئارقىلىق دەلىللەشتىن ئىبارەت تەجرىبىچىلىك (Empricism , 经验主义) مېتودىنى قۇبۇل قىلدى . تاكى 1945 - يىلىغىچە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاساسلىقى فرانسىيە ، ئەنگلىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلاندى . ھەتتا بۈگۈنمۇ بىز ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە باش كۆتۈرگەن دۇنياۋى ئالىملارنىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنى كۆرمەكتىمىز . بۇ ھال ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىككى ئەسىرلىك ئىلمىي بىلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ غەربكە چوقۇنغانلىق ياكى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسىنى ئۆگەنگەنلىك ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىي ، پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش ، بۇ ساھەدىكى ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاش يولىدا ، ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش مەقسىتىدە ھامان بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان . بىز غەربنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئىلمىي بايقاشلىرىنى ئاۋۋال ئۆگىنىشىمىز ، ئاندىن ئۇيغۇرغا خاس ئەقىل سەمەرىسىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇنتۇپ ، ئۆزىمىزگە خاس بىر يولدا ئىزدىنىشىمىز شەرت . ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمىزگە قۇل بولۇپ كەتسەك تېخىمۇ بولمايدۇ .

         ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ، «ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئاز دېگەندە مۇنداق ئۈچ خىل بىلىم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ . بىرىنچى ، جەمئىيەتنىڭ ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى قانۇنىيەتلەرنى يېشىپ بېرىدىغان سىستېمىلىق نۇقتىنەزەرلەر ؛ ئىككىنچى ، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ، ئادەملەرنىڭ ، مۇئەييەن بىر جامائەتچىلىكنىڭ ياشاش شەكلى ، دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇلى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە بايان ؛ ئۈچىنچى ، مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي كونتېكىستقا تەدبىقلىغىلى بولىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مودېللار» (پائۇل دېسىڭ ، 325 : 1991) . بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئىجتىمائىي پەنلەردە بىزنىڭ مېتودولوگىيە ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىدىن خەۋەردار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . سەۋەبى ، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى زىيارەت قىلىش ، ياندىن كۆزىتىش ، راي سىناش ، ئېيتىم ئانالىزى ، ئەھۋال تەھلىلى ، مەزمۇن ئانالىزى ، ئوبراز - ئىماگ ئانالىزى ، تەجرىبە ئىشلەش قاتارلىق سۈپەت تەتقىقاتى مېتودلىرى ۋە دىئاگراممىلىق تەھلىل ، ئېھتىماللىق ئانالىزى قاتارلىق سان - مىقدارلىق تەتقىقات مېتودلىرى تەتقىقاتچىغا دەلىل - پاكىتنى نەدىن تېپىش ، پاكىتنى قانداق تەكشۈرۈش ، پاكىت بىلەن يالغاننى قانداق ئايرىش ، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئالاھىدىلىكلەرنى قانداق بايقاش ئۇسۇللىرىنى دەپ بېرىدۇ . نەزەرىيە بولسا بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ھەققىدىكى ئادەتلەنگەن تونۇشتىن ۋە تەييار بىلىم (Commonsense and immediate knowledge) دىن ھالقىغان شەرھ ۋە نۇقتىنەزەرلەر سىستېمىسى بولۇپ ، بىزنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى سىستېمىلىق يوسۇندا چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر باغلىنىش ۋە تەبىرلەرنى بېرىدۇ . ئەمما ، ئىجتىمائىي پەنلەردە بىزنىڭ بىر نەزەرىيىنى تۇرغۇزۇشىمىز ئۈچۈن باشقا نۇرغۇنلىغان نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن تونۇشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . مىسالەن ، بىز نامراتلىق بىلەن جىنايەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېشىپ بەرمەكچى بولساق ، كىشىلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەۋاتقان سەۋەب ، ھەرىكەتكە يۈكلەنگەن ئىجتىمائىي مەنە ۋە بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي توپنى نامراتلىق يولىغا سىقىپ چىقارغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك چەكلىمىلىكلەر ھەققىدىكى بىر قاتار نەزەرىيىنى تەتبىقلىشىمىز كېرەك . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، مېنىڭ ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجتىمائىي پەن بارلىققا كەلمىدى دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، بۇ ساھەدىكى ئىلىم ئىگىلىرى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسى ، مېتودولوگىيىسىنى مۇكەممەل ئۆگەنمىگەن . بۇ ئىشقا تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن سەل قارىماسلىقى كېرەك .

         ئادەتتە ، تۇرمۇشتىكى بىلىش جەريانى بىلەن ئىجتىمائىي پەندىكى بىلىش جەريانى پەرقلىنىدۇ . ئادەتتە تۇرمۇشتا بىز ئەنئەنە ۋە مەدەنىيىتىمىز ئاساسىدا بىلىشكە ئىگە بولىمىز . ھالبۇكى ، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بىزگە ياشاشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇئەييەن بىر قىممەت قارىشىنى ئاتا قىلسىمۇ ، كۆپ ھالدا ھادىسىلەر ۋە شەيئىلەرنى ئىلمىي يوسۇندا بىلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ . مىسالەن ، بىر قىسىم خىرستىئان مېدىيەلەردىكى تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە بىر مۇنچە خاتا تونۇشقا ئىگە . ئۇ تونۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس . چۈنكى ، مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە ئەتراپتىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ، ئادەتكە ئايلانغان تونۇش ئۇلارنىڭ مەسىلىگە ئىلمىي نۇقتىدىن قارايدىغان كۆزىنى توسۇپ قويغان . ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئىلمىي بىلىش جەريانىدا بولسا كۈندىلىك تونۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسىلىققا تىرىشىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇشى خاتا بولۇپ چىقىدۇ ، شۇڭا ئادەتلەنگەن تونۇش بىلەن يېزىلغان يازما ھېسسىي بولىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - 30 يىللىق ئېيتىم تارىخىدا ، بۇنداق ھېسسىي يازما ھەقىقەتەن كۆپ يېزىلدى . ھېسسىي يازما بىر مىللەتنىڭ پىكىر قۇۋۋىتىگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .

    -داۋامى بار

    分享到: