ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (6) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

     ئىلىم تەتقىقاتى ، ئىلمىي بىلىش ساھەيىمىزدىكى يەنە بىر چوڭ ، ئېغىر مەسىلە شۇكى ، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ئادىمىيەت پەنلىرى باشلانغۇچ شەكىلدە بىخلانغان بولسىمۇ ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە ، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى ھەقىقىي مەنىدە بارلىققا كەلمىدى . بۇ ساھەدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان بىر قانچە ئاسپىرانتىنىڭ بولۇشى بۇ پەنلەرنىڭ بارلىققا كەلگىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . بىزدە كارل ماركس چالا - پۇلا ئۆگىنىلگەن بولدى ؛ ئەمما ئۇنىڭ نۇرغۇن قاراشنى ئاغدۇرىدىغان باشقا ئىككى مۇتەپەككۇر - ئېمىل دۇركىم ، ماكس ۋېبىر تېخىچە تونۇشتۇرۇلمىدى [16] . بۇ ھەقتە ئويلانغىنىمدا ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن . بىز زامانىۋى دۇنيانى ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلىقىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بۇ زامانىۋى پەنلەردىن خەۋەرسىز ھالدا 21 - ئەسىرگە قەدەم قويدۇق ، ھېچقانداق ئىلىم سىستېمىمىز قېلىپلاشمىدى . جەمئىيەتشۇناسلىق كافېدراسى بەش - ئالتە يىل بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا قۇرۇلدى ؛ ئەمما تارىخ كافېدراسى بىلەن قېتىۋېتىلدى . 2007 - يىلىغا كەلگەندە بولسا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مائارىپ پىسىخولوگىيىسى كەسىپلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە پەنلىرى بارلىققا كەلمىدى .

       ئەمما ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەلىرىدىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى ، كونتېكستتىن ئايرىلغان بىرمۇ ئىجتىمائىي مەسىلە بولمايدۇ . بۇ ئىككى ساھەيىمىزدىكى مەسىلىلەر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىنكاسىدۇر . مىسالەن ، 1914 - يىلى شاڭخەي لۇجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بارلىققا كەلگەن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە «غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى» دەپ قارىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ؛ 1989 - يىلىغا كەلگەندىلا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى بارلىققا كەلدى [17] . باشقا ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى بولمىدى . بۈگۈن قارايدىغان بولساق ، ئىچكىرىدىكى نەشرىياتلار غەربتە بارلىققا كەلگەن مەشھۇر ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ئەسلى تىلىدا ياكى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ نەشر قىلىۋاتىدۇ . بىز بولساق بۇ ساھەلەردىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرايلى دېسەكمۇ ، سىياسەت چەكلىمىسىگە ئۇچرايمىز . سەۋەبى ، 2007 - يىلى ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب نەشر قىلىدىغان نەشرىياتلارغا «چەت ئەللەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاپتورلىرى ۋاپات بولغىنىغا 50 يىلدىن ئاشقان بولسىلا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇشقا بولىدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلدى . دېمەك ، كېچىكىپ بايقاش ، كېچىكىپ ئويغىنىش توسالغۇغا دۇچ كېلىشتىن ، زىياندىن دېرەك بېرىدۇ . شۇ تاپتا بىز ئارانلا 1960 - يىلىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ، چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە . بەش - ئالتە يىل بۇرۇن ئىمكانىيەتلەر خېلى كەڭرى ئىدى ، ئەمما ئوقۇرمەن كرىزىسى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش تىرىشچانلىقىغا بەرھەم بەرگەنىدى . دېمەك ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلمىي ئەسەر ئوقۇشقا قىزىقماسلىقىمۇ ، بىرەر مۇھەررىرنىڭ بىخۇدلۇقىمۇ ، نەشرىياتلارنىڭ نوقۇل پايدىنى كۆزلىشىمۇ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سەلبىي نەتىجىلەر بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۇلاشتا بىز ئويلاپمۇ باقمىغان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى . شۇڭا مەن ئېيتىمەنكى ، ئىلىم ھايانكەشلىكى ، كۆچۈرمىكەشلىك ، ساختا بىلىم ، ماغزاپ بىلىم تەتقىقاتى ، يازما ئاپىتى ، نەشرىيات چۆپقەتچىلىكى ۋە بىدىكلىكى ئۆزى بىلەن كەتمەيدۇ . ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىگە چۈشكەن مىتە . بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىدە ئۆزىنى تەتقىقاتچى ، نەشرىياتچى ، مۇھەررىر دەپ ئاتاپ يۈرگەن ھەر بىر زىيالىينىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى بار .

         يۇقىرىدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى پەن كونتېكستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ، پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن سوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويدۇم . ئەمدى ماقالەمنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە مەسىلىنى نەزەرىيىۋى چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشقا تىرىشىمەن ۋە پاكىت كۆرسىتىش باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا تاشلىغان بەزى دېتاللارنى تەھلىل قىلىمەن . ماقالەمنىڭ تۆتىنچى باسقۇچىدا ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە بەزى ئىزدىنىشلىرىمنى سۇنىمەن . ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھەلىرى ھەققىدە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خۇلاسىگە ئۆتىمەن .

    3 . نەزەرىيىۋى مۇھاكىمە : مەسىلىدىن ماھىيەتكە

         جەمئىيەتشۇناسلىقتا مەۋجۇد پاكىتلاردىن ، ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن نەزەرىيىۋى مودېل تۇرغۇزۇشقا تىرىشىلىدۇ . تۇرغۇزۇلغان نەزەرىيە يەنە بېرىپ تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ . بىلىم ، پىكىر ۋە ئىلمىي ئەخلاقنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېما بولۇپ ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئايرىم پەن بولۇپ شەكىللەنگەن 150 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن نەزەرىيىۋى قاراشقا پىلتە بولدى ، ئانالىز قىلىندى . بۇ ھەقتىكى قاراشلارمۇ يېڭىلىنىپ ، بېيىپ ، تولۇقلىنىپ كەلدى . بىز ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە تىلغا ئېلىنغان بەزى دېتاللارنى بىر - بىرلەپ مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزۈپ باقايلى . بايا ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تېخى بارلىققا كەلمىگەنلىكى ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ ئومۇملاشمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق . نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە سۆزى ئۇيغۇرلاردا بىزارلىق ئوبيېكتىغا ، خاتا چۈشىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ ؟ بىرىنچى سوئالغا جەمئىيەتشۇناسلىق ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پېشىۋاسى ، فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ئاۋگۇست كومت (August Comte , 1798 - 1857) نىڭ نەزەرىيىۋى قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ جاۋاب بېرىش مۇمكىن . كومتنىڭ قارىشىچە ، «ھەر قانداق بىر تونۇش جەريانى ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ . ئۇلار دىنىي تونۇش باسقۇچى ، مېتافىزىكىلىق (ئابستراكىت پىكىر قىلىش) تونۇش باسقۇچى ۋە ئىلمىي تونۇش باسقۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . دىنىي تونۇش باسقۇچىدا ھادىسىلەر ئىلاھ قاتارلىق غايىۋى ئوبرازلارغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشىنىلىدۇ . مېتافىزىكىلىق تونۇش باسقۇچىدا ھادىسىلەر سەۋەب - نەتىجىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئابستراكىت ، ھېسسىي پىكىرلەرنىڭ ياردىمىدە چۈشىنىلىدۇ . ئۈچىنچى باسقۇچ ئىلمىي بىلىش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا ئېرىشىلگەن تونۇش تەجرىبىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ ؛ دەلىللەش ، پاكىت كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇمكىنچىلىكلەر ، ئېھتىماللىقلار ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىلمىي پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ . . . ئىلمىي مېتودلار بىلەن كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش بۇ ئۈچىنچى باسقۇچتىكى مۇھىم ئامىللاردۇر»(ئاۋگۇست كومت ، 1970 : 1 - 2) . ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ، بىلىش تارىخىدا ھازىرغا قەدەر دىنىي تونۇش مۇھىم رول ئويناپ كەلدى ۋە كەلمەكتە . مېتافىزىكىلىق تونۇشنىڭ بىخلىرى ئاۋۋال ئوتتۇرا ئەسىر سوپىزم پەلسەپىسىدە ، ئاندىن 20 - ئەسىردە كۆرۈلدى . بىز ئابدۇقادىر داموللا ، ئۇيغۇر بالىسى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ بىر قىسىم يازمىسىدىن بۇ يۈزلىنىشنى كۆرەلەيمىز . ئۇنىڭدىن باشقا ، 1947 - يىلى ئۈرۈمچىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىي قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ تۇرغان دەرنەكلەر (ئىلىم مۇھاكىمىسى سورۇنلىرى) دا بۇ خىل بىلىشنىڭ تەسىرى كۆرۈلدى . مەرھۇم شۆھرەتلىك يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلغان «دەرنەك» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بار . 20 - ئەسىردە مېتافىزىك تونۇشنى بىر قەدەر سىستېمىلاشتۇرۇپ ئىلمىي يوسۇندا ئانالىز قىلىشقا تىرىشىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولدى . ئاندىن ئابدۇقادىر جالالىددىن ، داۋۇدجان ئوبۇلقاسىم قاتارلىق زىيالىيلار يازمىلىرىدا مېتافىزىك پىكىر ئېلېمېنتلىرىنى نامايان قىلدى . ئەمما بىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيانى چۈشىنىشتە مېتافىزىك تونۇش باسقۇچىدا توختاپ قالساق ، ئۇرۇنۇشلىرىمىز بىزنى ئابستراكىت پىكىرگە ئېلىپ بېرىپ ، رېئاللىق ھەققىدە ئىلمىي بىلىشكە ئىگە بولالمايدۇ . ھازىرغىچە مېتافىزىك تونۇش باسقۇچىنىمۇ تېخى ھەقدادىغا يەتكۈزمىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تونۇشتىكى ئۈچىنچى باسقۇچ - ئىلمىي باسقۇچقا ، يەنى ئەمەلىي پاكىت ، خام ماتېرىياللار ئاساسىدا لوگىكىلىق قىياس قىلىپ تۇرۇپ تونۇش باسقۇچىغا ئۆرلىيەلمىدى ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى بولغان ئىلمىي بىلىش قوراللىرى ، كونكرېتراق قىلىپ ئېيىتقاندا سىياسىيشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كەلمىدى . ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھازىر يېزىۋاتقىنى بىر بولسا ھېسسىي يازمىدۇر ، بىر بولسا ئابستراكىت پىكىردىن نېرىغا ئۆتەلمىگەن تونۇشنىڭ مەھسۇلىدۇر . بۇ ھال شېئىر يېزىش ، ئىنتېر تورىغا تېما يوللاش بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان ، ئەمما خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ياش ۋە ئاسپىرانتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان زامانىۋى پەنلەر قەسىرىگە يۈرۈش قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ .

          ئۇيغۇرلاردا نەزەرىيىنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ۋە بىزارلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا سەۋەب بار . مەملىكەت مىقياسىدا قوزغالغان كۆپ قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتتە نەزەرىيە سىياسىي كۈرەشنىڭ دەسمايىسى قىلىندى ، سۇيىئىستېمال قىلىندى . خەلق ماركسنىڭ ئىسىمىنى ئاڭلىدى ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيادىكى تالاي ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەن سىنىپىي زىددىيەت ھەققىدىكى ، بۇرژۇئازىيە ، كاپىتال ، ئۈستىقۇرۇلما ھەققىدىكى ئەينەن نەزەرىيىۋى قاراشلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى . توغرىراقى ، ماركس نەزەرىيىسى بۇ تۇپراققا كەينىچىلەپ كىردى . ئەمەلىيەتتە كارل ماركس ھازىرقى زامان ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزىگە سەۋەب بولغان ۋە ئەڭ جىق سۇيىئىستېمال قىلىنغان بىر مۇتەپەككۇر ئىدى . جۇڭگو شارائىتىدا ماكرولۇق كونترولنىڭ ، شوئار مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى نەزەرىيە سۆزى جىق تىلغا ئېلىنىدۇ ، پاخال قىلىنىدۇ ؛ سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىدۇ . يەنە كېلىپ شوئارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ھەرقانداق نەزەرىيىنى پاخال قىلىۋېتىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىيەگە ئۆچ بولۇشىنى ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ ، ماكرولۇق كونترولنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . كارل ماركسنىڭ قارىشىچە ، «بىر جەمئىيەتتە يېتەكچى ئىدىيە ھەرۋاقىت كونتروللۇق ھوقۇقىغا ئىگە توپنىڭ ئىدىيىسىدۇر . بۇ ئىدىيىلەر ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە شەكىللىنىپ تۆۋەن ئورۇندىكى توپنىڭ ئۆز رېئاللىقىنى توغرا تونۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ساختا ئاڭ پەيدا قىلىدۇ . . . ماددىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىدىغان سىنىپ بىر جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىيەت قۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆز كونتروللۇقىغا ئالىدۇ . شۇڭا ئۆز ئالدىغا مەنىۋى مەھسۇلات يارىتىش پۇرسىتى كەم بولغان بىر توپ ھەمىشە قارشى تەرەپنىڭ ئىدىيىسىگە بېقىنىدۇ»(كارل ماركس ، 43 : 1971) .

          ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ باش قىسىمىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 20 - ئەسىردە ئابستراكت پىكىر ئەنئەنىسىنى باشلاپ بەرگەن مۇنەۋۋەر بىر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇشىغا قارىماي ، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كلاسسىكىنىڭ ئىدىيىسىنى ماركسىزم ، تارىخىي ماتېرىيالىزم نۇقتىسىدىن باھالاپ چىقىدۇ . ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ، ماركسزم ئۇنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىدىكى بىردىنبىر نەزەرىيىۋى قورالىغا ئايلىنىدۇ . ھالبۇكى ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ئەسىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئاشۇ يىللار خەلقئارا ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ماركسزمدىن باشقا كېيىنكى ماركسزم (Post Marxism) ، قۇرۇلمىچىلىق ، كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق ، فۇنكىسىيىزم ، توقۇنۇش نەزەرىيىسى قاتارلىق بىر قاتار نەزەرىيە ئېقىملىرى تەڭ ھۆكۈم سۈرگەن چاغلار ئىدى . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ماركسزمدىن باشقا نەزەرىيەلەردىن خەۋەرسىز قېلىشى ۋە ماركسىزمنى شەيئىلەرنى ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشىنىشتىكى بىردىنبىر ۋاسىتە قىلىۋېلىشىنى ئالىم ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىت ۋە سىياسىي ، ئىجتىمائىي ھاۋادىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئالىم «ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش» ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتكە شاھىت بولدى ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىدا نەزەربەند ئاستىدا ياشىدى ؛ تالاي شوئارنى ئاڭلىدى . ئالىم خەنزۇچىغا پۇختا ئىدى . ئەمما ، ئالىم «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن كېيىنكى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا قەلەم تەۋرەتكەن ئاشۇ يىللاردا جۇڭگو شارائىتىدا ماركسزملىق ئەسەرلەردىن باشقا ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايتتى . مەملىكەت مىقياسىدىن ئېيىتقاندىمۇ ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى چەت ئەلنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرى 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرى ، 1990 - يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندىلا تەرجىمە شەكلىدە تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى . شۇ ۋەجىدىن ، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ، تونۇشى ۋە ئىدىيىسى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ ، خىلمۇخىل ئىدىئولوگىيىلىك چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىدى . بۇ خىل ھادىسىنى بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى ، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس كارل مەنخېيىم (1893 - 1947) نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ چۈشىنىش مۇمكىن . كارل مەنخېيىمنىڭ قارىشىچە ، «بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقى - ئوينىڭ مەۋجۇدلۇق ، ئىجتىمائىيەت شارائىتلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى سىستېما . . . ھەرقانداق بىلىم ۋە ئىدىيە مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى ئالاھىدە بىر كونتېكست ۋە تارىخىي جەريان بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ»(كارل مەنخېيىم ، 1952) . ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بىلىمگە مۇراجىئەت قىلىدۇ . ئەگەر ھەربىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى بولسا ، بىلىم ئىگىسىنىڭ ئىدىيىسى ئاشۇ ئىدىيىگە بېقىنماي قالمايدۇ . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىققا كەلگەن ۋە ھازىرغىچە تەسىرىنى يوقاتمىغان «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى»نى ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىر ئىدىيە ۋە بىلىش تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ . سەۋەبى ، يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى سەركەردىلىرى ۋە ھىمايىچىلىرى قاراشلىرىنىڭ قانچىلىك پىشقان - پىشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ بىلىش چەمبىرىدىن ۋە دەۋرنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك توساقلىرىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنغانىدى . بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى نەچچە ئەسىرلىك ئىدىيە تارىخىدا يېڭى بىر پەللە ياراتقان ، ئەمما ئاخىرىدا ئۆز تونۇشى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي كونتېكستنىڭ تەسىرىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ماركسزمدىن ئىبارەت ئىدىيە يولىغا مەھكەم يېپىشىشىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جەريان دەپ تونۇشقا بولىدۇ .

         ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن كېيىنكى تەتقىقات رېلىسىنى ئۇلىغان ياش ئالىم ئەسەد سۇلايماننىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»(ژۇرنىلىمىزنىڭ 1997 - يىل 5 - سانىغا بېسىلغانىدى . – مەسئۇل مۇھەررىردىن) ، «بۈگۈنكى ئۇيغۇر روھىيەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدە پسىخىك دىئاگنوز»(ژۇرنىلىمىزنىڭ 1999 - يىل 5 - ، 6 – (قوشما) سانىغا بېسىلغانىدى . – مەسئۇل مۇھەررىردىن) قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىسىنى ئۆز دەۋرىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى نەتىجىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر سۈپەتلىك ئەسەرلەر دېيىشكە بولاتتى . ئەمما ، ئاپتور ماقالىلىرىدا مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ئۇيغۇرلار ياشىغان ناچار جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى پسىخىك چۆكمىلەرگە باغلاپ چۈشەنگەن بولۇپ ، تەتقىقاتتىكى قارارچىلىق ، يەككە ئامىلچىلىق خاھىشىدىن خالىي بولالمىغانىدى ؛ ئەگەر ئاپتور ماكس ۋېبىردىن مىچىل فۇكاۋغىچە بولغان جەمئىيەت نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنگەن بولسا ئىدى ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى باشقا نۇقتىدىن ، خىلمۇ خىل ئامىلنىڭ تەسىرى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولاتتى . سەۋەبى ، بېلىق داستا يايرىيالمايدۇ ، ئىجتىمائىي كونترولنىڭ ئىسكەنجىسىدىن خالىي بىرمۇ ئىنسان تەقدىرى بولمايدۇ . ۋەھالەنكى ، شۇنى ئېيتىش كېرەككى ، ئەسەد سۇلايماننى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يوسۇندا ياكى بولمىسا مۇئەييەن ئىدېئولوگىيىلىك قېلىپلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلى مەسىلىنى شۇنداق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدا ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى ساھەسىدە ناھايىتى دادىل ئىزدەنگەن - ئۇرۇنغانلىقى ، دادىل قىياس ۋە پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىقىنى بايقايمىز . بۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك قەيسەر ئىلمىي روھ . ئىلمىي بىلىش تارىخىدا خاتا تونۇشتىن ، دوگما تونۇشتىن ۋە نىسبىي تونۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ بىلىش تارىخىدىكى مۇقەررەر بىر جەريان . ئاۋسترىيىلىك ئىجتىمائىيەت پەيلاسوپى كارل پوپپېر (Karl Popper , 1902 - 1994) نىڭ قارىشىچە ، «پەن ۋە بىلىش جەريانى ھەمىشە ئىلگىرىلەش ھالىتىدە بولىدۇ . بۇ جەرياندا خاتا ، چالا ، بىر تەرەپلىمە تونۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . بىز ئىلگىرىكىلەرنىڭ خاتا قاراشلىرىنى توغرىلاش ، تېخىمۇ ياخشىراق نەزەرىيىلەرنى بايقاش ئارقىلىق ئوبيېكتىپ پاكىتنىڭ ماھىيىتىگە يېقىنلىشىمىز . شۇ ۋەجىدىن ئىلمىي قىياسلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاشقا ، ئاندىن كۆزىتىشتىن ئېرىشكەن دەلىللەر ئارقىلىق ئاشۇ قىياسلارنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم . دەمال ئوتتۇرىغا قويغان قىياسلىرىمىزدا ئوبيېكتىپ پاكىتنىڭ خۇرۇچلىرى بولۇشى مۇمكىن . ئاشۇ خۇرۇچلار بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى يېتەكلەيدۇ ۋە بىزنى قاراشلىرىمىزنى تەجرىبە قىلىشقا ئۈندەيدۇ . قاراشلىرىمىزنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىياس ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك . كۈتمىگەن پاكىتلار كېيىنچە ھامان بىزنى ئىلگىرىكى ئىدىيىلىرىمىزنىڭ پىشمىغان ، خاتا تەرەپلىرىنى بايقاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ»(كارل پوپپېر ، 1959) . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭمۇ ، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئاننىڭمۇ دادىللىقىغا ئىلھام بېرىش كېرەك . ئەمما ، ئۇلار ئۆز ئىدىيىلىرىدىن گۇمانلىنىشقا تىرىشىشى ، تونۇشىنىڭ ۋە بىلىش چەمبىرىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ، پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش بىلەنلا قالماي ئۇنى تەجرىبىدىن ، سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشى كېرەك .

    - داۋامى بار

    分享到: