ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (5) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    ئەمدى تېرمىن - ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە كەلسەك ، بۇ ئەسلىدە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىىسنىڭ ئىشى ئىدى . ئەمما بۇ ئورۇننىڭ ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى ئىزچىل تۈردە دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز بۇ ساھەدىكى بەزىبىر بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە يازمىلىرىدا دادىل ئۇرۇندى . مىسالەن ، ئابدۇقادىر جالالىددىن ، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق قاتارلىق زىيالىيلىرىمىز ماقالىلىرىدە مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيلىك سۆزىنى پەرقلەندۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ باردى ۋە «ھەزارەت ، كۈلتۈر» سۆزلىرىنى تىلىمىزغا ئېلىپ كىردى . ئەمما ، مۇھاكىمە مۇھاكىمە پېتى قېلىپ ، قانداق ئەھۋالدا «كۈلتۈر» ، قانداق ئەھۋالدا «ھەزارەت» سۆزلىرىنى ئىشلىتىش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشمىدى [12] . يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىدا ئېلان قىلغان بىر تۈركۈم ماقالىسىدە سىگموند فرۇئىد نەزەرىيىلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان «id , ego , superego» سۆزلىرىگە ماس ھالدا [13] « ئۆگلۈك ، ئۆزلۈك ، ئۆملۈك» ئاتالغۇلىرىنى روياپقا چىقاردى . ئەمما بۇ ئاتالغۇلارنى يۈسۈپ ھۈسەيىندىن باشقا ئادەملەر تېخى ئىشلەتمىدى . مەن يەنە ئاپتورنىڭ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئاللىبۇرۇن قېلىپلىشىپ بولغان «دىئالېكتېكا»نى «ئىلماشكا »(2004 - يىل 4 - سان 27 - بەت ) «مېتافىزىكا» نى «چىمپاركا»(2004 - يىل 4 - سان 27 - بەت) ، «ئىقتىسادشۇناس» نى «ئىكونومىك»(2007 - يىل 6 - سان 45 - بەت) ، «پەلسەپە» سۆزىنى «زىباۋىكا»(2008 - يىل 5 - سان 26 - بەت ) ،  «دۇنياۋىلىشىش» نى «ئىنتىرپاكىزم»(2008 - يىل 5 - سان 21 - بەت ) ، «فولكلور»نى «ئىزناۋىيەت»(2008 - يىل 6 - سان 88 - بەت ) ، «ئەدەبىيات» نى «لىتراتۇرا»(2008 - يىل 6 - سان 91 - بەت ) ، «سېلىشتۇرما تەتقىقات» نى «قۇرئى تەپەككۇر»(2008 - يىل 3 - سان 28 - بەت )، «مورفولوگىيە» نى «شەكلىيەت»(2008 - يىل 5 - سان 16 - بەت ) . . . دەپ ئالغىنىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلاندىم [14] . مېنىڭ قارىشىمچە ، ئۇيغۇر تىلىدا ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ ، ئىستېمالدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى سەۋەبسىز ھالدا ئۆزى بىلگەنچە ئاتاش مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ، تېخىمۇ كەسكىنرەك قىلىپ ئېيىتقاندا ، ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . باشقا تىلدا ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا ناتونۇش بولغان ئىلمىي تېرمىنلار بولسا ئۇ باشقا گەپ . يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى ، بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەڭدېشى تېپىلىدىغان بىر قىسىم ئىلمىي ئاتالغۇلارغا نېمىشقىدۇر ئىنگلىز تىلىدىكى سۆزلەرنى ئېلىۋاتىدۇ . بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس . مىسالەن ، بەزىلەر ئۇيغۇرتىلىدا تەڭدېشى تېپىلىدىغان سۆزلەردىن «جەمئىيەتشۇناسلىق» نى «سوتسىيولوگىيە» دەپ ، «ئىنسانشۇناسلىق» نى «ئانتروپولوگىيە» دەپ ، «سىياسىي» دېگەن سۈپەتنى «پولىتىكىلىق» دەپ ، «ئايالھەقچىلىك» نى «فېمىنىزم» دەپ ئاتىماقتا . ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى تامامەن بار تۇرۇپ ، چەت ئەل تىلىدىكى سۆزلەرنى تىلىمىزغا ئېلىپ كىرىش ساغلام بولمىغان ئىلمىي پوزىتسىيىدۇر . بۇ ھال بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىمۇ ھەمكارلىشالمايۋاتقانلىقىنىڭ ، پىكىر ئالماشتۇرمايۋاتقانلىقىنىڭ ۋە ئاڭلىق - ئاڭسىز ھالدا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ئىلىم ساھەسىدىكى غەلىتە تۆرەلمە ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزنىڭ ئىلىمگە تۇتقان ئەخلاقىمىزغا قويۇلغان سوئالدۇر .

        ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى بىلمەسلىك ھەم ئۆگىنىشكىمۇ قىزىقماسلىق ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە . ئەدەبىيات ، ئېستېتىكا ، تارىخ ، ئېتىكا ، پەلسەپە ، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە ، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقتىن بېرى راۋاجلىنىپ ، بېيىپ ، يېڭىلىنىپ كېلىۋاتقان نەزەرىيىسى ؛ خەلقئارادىكى ئاكادېمىك ئىلىم سورۇنلىرىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان ھەم تالاش - تارتىشقا پىلتە بولىدىغان ئىدىيە سىستېمىلىرى بولىدۇ . ئۇلارنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، بۇ ساھەلەردە خەلقئارالىق تەتقىقات ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەس . مەملىكەت مىقياسىدا ئوخشاشلا نەزەرىيە سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇش ، ئىدېئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كونترول چەكلىمىسىگە ئۇچراش قاتارلىقلار ئانا يۇرتىمىزدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ئاجىز بولۇشىغىمۇ سەۋەب بولدى . ھەر خىل تېمىدا ماقالىلەر يېزىلدى ، ئەمما ئۇلاردا نەزەرىيىۋى چوڭقۇرلۇق يوق دېيەرلىك بولدى ؛ ھېسسىي قاراشلار ، قىزىققان ھۆكۈملەر كۆپ بولدى ؛ مەدەنىيەت ، تونۇش چەمبىرىكىنىڭ سىرتىغا ھالقىيالمايدىغان ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمىز 20 - 30 يىلدىن بېرى ئوخشاش سەۋىيە ، بىر خىل قېلىپتىن ھالقىيالمىدى . بۇ ئەھۋالنى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان «تارىم» ، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق خاس ئەدەبىيات ژۇرناللىرىدا ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىلىرى ئېلان قىلىدىغان مەتبۇئاتلاردىكى يازمىلارنى تەپسىلىيرەك كۆزەتسەك ھېس قىلالايمىز . نەزەرىيە دېگىنىمىز مەلۇم بىر پەندىكى ئوخشىمىغان ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېشىپ بېرىدىغان ؛ لوگىكىلىق ئانالىز ، ئىلمىي قىياس ۋە دەلىللەشنىڭ ياردىمىدە ۋۇجۇدقا چىقىدىغان باياندۇر . ھەر بىر پەندە كەسىپ ئىگىلىرى سىستېمىلاشتۇرغان ، تالاش - تارتىش قىلغان ، پىكىر قىلىپ بېيىتقان نۇقتىنەزەرلەر ، بايانلار سىستېمىسى بولىدۇ . نەزەرىيەدە بىر ئۇقۇم يەنە بىر ئۇقۇم بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ۋە بىر - بىرىنى تەقەززا قىلغان بولىدۇ . مىسالەن ، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدا «ئەنئەنە» سۆزىنى مۇلاھىزە قىلماقچى بولساق ، تەبىئىي رەۋىشتە ئۇنىڭ زامانىۋىلىق ئۇقۇمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىمىز . بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەي تۇرۇپ مۇھاكىمە ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغان تېمىمىزنى يورۇتۇپ بېرەلمەيمىز . مىسالەن ، بىز ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدە ئاۋستىرىيىلىك ئەدەبىياتشۇناس ، مۇتەپەككۇر گېئورگ لۇكاسنىڭ بىر قاتار نەزەرىيىسىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئەدەبىيات بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ، تارىخىي رومانلارنىڭ ماھىيىتى ۋە قىممىتىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيمىز . مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدا لېۋ سىتراۋس ، رولەند بارسېس (Roland Barthes , 1915 - 1980) نىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ بىر مىللەتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىغا ئائىت مەۋھۇم قۇرۇلمىلار ، سىمۋوللۇق كودلارنىڭ ماھىيىتىنى يېشەلمەيمىز . جەمئىيەتشۇناسلىقتا ماكس ۋېبىر (Max Weber , 1864 - 1920) نىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ كاپىتال ، ئەقلىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز . شۇنىڭغا ئوخشاشلا ، فولكلور تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مۇراسىملىرىنىڭ گېن قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ھەر بىر ياش فرانسىيە ئىنسانشۇناسى ھەم جەمئىيەتشۇناسى بولغان ئېمىل دۇركىم (Emile Durkheim , 1858 - 1917) نىڭ ، ئەنگلىيىلىك ئىنسانشۇناس ۋىكتور تۇرنېر (Victor Turner , 1920 - 1983) نىڭ مۇراسىم ھەققىدىكى كلاسسىك نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ . دېمەك ، نەزەرىيە ئۆگىنىش - ئىلىم تەتقىقاتى ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ، بىر ئىلىم ئىگىسى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان . ئەمما ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھاياتىدا نەزەرىيە سۆزى «تالانت ، سىياسەت ، مۇتەخەسسىس» قاتارلىق نۇرغۇن ئېيتىمغا ئوخشاش پاخال قىلىۋېتىلگەن ، سېسىتىلغان ، ھەتتا خاتا چۈشىنىلگەن . ھەتتا ئۇيغۇرلار 1978 - يىللاردىن كېيىن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر نەزەرىيە سىستېمىسى ماركسزممۇ خاتا ئۆتۈلگەن ، پاخال قىلىۋېتىلگەن . نۇرغۇن ئادەم ماركسنىڭ «كومپارتىيە خىتابنامىسى» دا ئېيتىلغان بايانلىرىنىڭ توغرا چىقمىغانلىقىغا ياكى ئىسپاتلانمىغانلىقىغا قاراپلا ياكى دىن ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن نارازى بولۇپلا ئۇنىڭغا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتىدۇ ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماركسزم نەزەرىيىسى ئۇنى تۈزۈك چۈشەنمەي «دەرس» ئۆتىدىغان «ئوقۇتقۇچىلار» نىڭ بىخەستىلىكى ، بىپەرۋالىقى ، ئىقتىدارسىزلىقى تۈپەيلى بىزارلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا تونۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇيغۇرلار نەزەرىيىگە تۇتقان مانا مۇشۇنداق بىنورمال پوزىتسىيىسى بىلەن 21 - ئەسىرگە قەدەم تاشلىدى . يېڭى ئەسىرنىڭ ئون يىلى ئۆتۈپ كەتتى . ھەر ھالدا 2000 - يىللاردىن كېيىن ئىزدىنىشچان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تاھىر ھامۇتنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى نەزەرىيىلىرىدىن ، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەرەب پەلسەپىسى ۋە غەرب پەلسەپىسى ھەققىدىكى ئاممىباب چۈشەنچىلەردىن ، ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھازىرقى ، بۈگۈنكى زامان ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن گېرمانىيە مۇتەپەككۇرى فرېدېرىخ نىچىشىې (Friedrich Nietzsche , 1844 - 1900) نىڭ ئىدىيىلىرىدىن ۋە ماكس ۋېبىر ، ئېدۋارد سەئىد (Edvard Said , 1935 - 2003) ، كارل پولەنىي (Karl Polanyi , 1886 - 1964) قاتارلىق نەزەرىيىچىلەرنىڭ ئاز بىر قىسىم ئىدىيىسىدىن خەۋەردار بولدى . مانا مەن ئۆزۈم ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگۈچە ئاشۇ ئۈچ ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ؛ ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن بىلىمدىن چەتتە قېلىۋاتقانلىقىمنى ياكى مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىمنى ئاشۇ زىيالىيلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بىلگەن . شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە ، ئابدۇقادىر جالالىددىن ، داۋۇدجان ئوبۇلقاسىم ، تاھىر ھامۇت قاتارلىق يېڭى پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئەجىر - مېھنەتلىرى ئۇيغۇر ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ئەقىلنىڭ يېڭىلىنىشى ، ياش ئەۋلادلارنىڭ خەلقئارادىكى يېڭى - يېڭى بەھس - مۇنازىرە ، دەتالاشلاردىن خەۋەر تېپىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى . مەن بۇ نۇقتىنى 2009 - يىلى 1 - يانۋاردا ، 2009 - يىلى 5 - مايدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان «بىلىم ، تونۇش ، ئاكادېمىيە» تېمىسىدىكى جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيىتىمدە روشەن ھېس قىلدىم . يەنى ، ھازىرقى ئاسپرانتلار ئۈچ - تۆت يىل مابەينىدە چەت ئەللەرنىڭ نەزەرىيىلىرى بىلەن ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق بىر قانچە ساھەدە ئۇچرىشىشقا باشلاپتۇ . 2009 - يىلىنىڭ بېشىدا ئابدۇقادىر جالالىددىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلارغا ئاچقان «ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى» دەرسىگە قاتنىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مىخائىل باختىن (Mikhail Bakhtin , 1895 - 1975) ، گىئورگ لۇكاس ، يۈرگېن خابىرماس (Jurgen Habermas , 1929 - ) قاتارلىق نەزەرىيىچىلەرنىڭ ئىدىيىلىرى ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقىدىم . نەزەرىيە دېسە ھۆ بولىدىغان بىنورمال ئىلىم ھاۋاسى يىلتىز تارتقان بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا بۇنى بىر ياخشى باشلىنىش دېيىشكە ھەقلىقمىز .

    پاكىت تەھلىلى (4)

    «ھېچنېمىزم خىتابنامىسى» ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ تەنقىدلىنىشى

           2009 - يىل 2 - ، 3 - ئايلاردا ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان قاتارلىق بىر قانچە يېڭى شېئىرىيەت ھەۋەسكارى يازغان «ھېچنېمىزم خىتابنامىسى» ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس ماقالىلىرى «بەرقىي» تورىدا تەنقىد قىلىندى . بەس - مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن ۋە ئىلمىي يوسۇندا داۋام قىلدى . تەنقىدنىڭ مەزمۇنى « ھېچنېمىزم خىتابنامىسى » دەپ ئات قويۇلغان يازمىنىڭ «گەپ تىزمىسى» ئىكەنلىكى ، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ يېقىنقى يىللاردا «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىۋاتقان ماقالىلىرىنىڭ قەستەن مۈجمەللەشتۈرۈش ، سىرلىقلاشتۇرۇش ، گەپ ئوينىتىش ئۇسۇللىرىدا يېزىلىۋاتقانلىقى ھەم قىممىتىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە بولۇۋاتاتتى . بۇ مېنىڭ تەتقىقات تېمامغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە بولغىنى ئۈچۈن ، چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلارغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم . ئارىلىقتا ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس ئۆزىمۇ مۇنازىرىگە ئارىلاشتى . مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيىسدە ، مەنتىقىلىق يوسۇندا چۈشۈۋاتقان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە ئاجىز كېلىپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى [15] .

        مەن ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بۇ كىچىككىنە كارتىنىنى بۇ يەرگە قىستۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئۈندىمەكچى . بىرىنچى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدە قانداق ئەسەرلەر يېڭى ۋە ئىجادچانلىقى كۈچلۈك ئەسەرلەر بولالايدۇ ؟ ئىككىنچى ، يېڭىلىق يارىتىش قانداق بولۇشى كېرەك ؟ ئۈچىنچى ، ئىلمىي ساھەلەردە دادىل ئۇرۇنۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش مۇمكىن ؟ بۇ نۇقتىلار ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتىن ئاۋۋال شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى ، مەن ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ دادىللىقى ، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن ؛ توختام سۇدەك تىنىچ ، بۇرۇقتۇرما ھالىتىدە كېتىۋاتقان ئىلمىي ئىشلىرىمىزدا مۇنداق مۇنازىرە ۋە تالاش - تارتىشلارنىڭ بولۇشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال ھەم كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىش . 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنى ياقلايدىغان زىيالىيلار بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەتنى ھىمايە قىلىدىغان ياشلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ ، ھەۋەسكارلارنىڭ ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى . ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە باشقا ساھەدىكى ئاكادېمىك ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا . شۇ ۋەجىدىن ، مەن «بەرقىي» تورىدا بولۇنغان مۇنازىرىنىڭ قىممىتىگە يوقىرى باھا بېرىمەن . ئەمما ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى ئىلىم تەتقىقاتى ساھەسىدە يېڭى ، خاسلىقى ۋە ئىجادچانلىقى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كەم دېگەندە مۇنداق تۆت شەرتنى ئورۇنداش ، بىرىنچىدىن ، شۇ ساھەدىكى نەزەرىيەلەرنى مۇستەھكەم ئۆگىنىش ئاساسىدا ئۇنى يېڭىلايدىغان يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ؛ ئىككىنچىدىن ، ئۆزىمىز ئانالىز قىلىۋاتقان تېما شۇ ساھەنىڭ ئىلمىي پرىنسىپلىرى ۋە ئەقەللىي ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىش ؛ ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ناھايىتى مەنتىقىلىق يوسۇندا تەھلىل قىلىپ ، دەلىللەرنىڭ ياردىمىدە شەرھلەش ؛ ئۈچىنچىدىن ، ئىلگىرىكى ئىلمىي بىلىشلەرنىڭ قايسى قىسمىنى ئاغدۇرۇپ ياكى سىناقتىن ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى ، قايسى تۈرىگە يېڭىلىق ئېلىپ كەلگىنىمىزنى ئېنىق دەپ بېرىش ؛ تۆتىنچىدىن ، يازغانلىرىمىز تۈزۈك ماتېرىيال كۆرمەي ھېسسىي بىلىشكە ، ھاياجانغا ، ئۆتكۈنچى تەسىراتقا تايىنىپ يېزىلغان بولماسلىق . ھالبۇكى ، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئانمۇ ، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسمۇ بۇ نۇقتىلارنىڭ ھېچقايسىلىرىنى يازمىلىرىدا ئورۇندىيالمىغان . يەنى ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان «شېئىردىن مەنە ، ئىدىيە ئىزدەش توغرا ئەمەس ؛ شېئىر ھېچنېمە دېمەكتۇر» دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان باياناتىدا : بىرىنچى ، ھېچقانداق نەزەرىيىۋى ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان ؛ ھېچقانداق شېئىرىيەت نەزەرىيىسىدىن پايدىلانمىغان ؛ ئۆزىدىن ئىلگىرى يېڭى شېئىرىيەت ساھەسىدە قەلەم تەۋرەتكەن باتۇر روزى ، ئابدۇقادىر جالالىددىن ، پەرھات ئىلىياس ، ئادىل تۇنىياز قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمىگەن ؛ چەت ئەللەرنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرىنى ئۇچرىتىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس . ئىككىنچى ، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان «ھېچنېمە» ئۇقۇمى بىلەن ئۆزى ئىزدىنىۋاتقان شېئىر تۈرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى دەلىل كەلتۈرۈپ ، مەنتىقىلىق يوسۇندا شەرھلەپ بېرەلمىگەن . ئۈچىنچى ، «خىتابنامە» دەپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان بۇ بايان پەقەتلا ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىراتى ۋە كاللىسىغا كەلگەن ئىلھاملارنىڭ نەتىجىسىدە روياپقا چىققان . دېمەك ، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئاننىڭ يازغانلىرى ئاخىرى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر نەرسە بولۇپ چىققان . ئۇنىڭدىكى بىردىنبىر ئىجادىيەت ئېلېمېنتى «ھېچنېمىزم» دېگەن ئاتالغۇنى ياساپ چىققانلىقىدا بولغان . بىز يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز ، ئەمما ئۇرۇنۇشلىرىمىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەنىڭ ئەقەللىي پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك . ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئاننىڭ بۇ يازمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كارتىنا ئاددىي بولغىنى بىلەن بىر مەسىلىنى ، يەنى بىزنىڭ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزدە بەزى دادىل ئىزدەنگۈچىلەر ئارىسىدا ئىلمىي پرىنسىپلاردىن چەتنىگەن ھالدا قارىغۇلارچە يېڭىلىققا ئىنتىلىش خاھىشىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . بۇ مەسىلە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ يازمىلىرىدىمۇ روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . مەن يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ بىر قىسىم ئەسىرى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇچراشقان ؛ نەپەس ۋەزنىدە يېزىلغان بەزى شېئىرلىرىنى ياقتۇرغان بولساممۇ ، كۆپ قىسىم ماقالىسىنى چۈشىنەلمىگەن ۋە «سەۋىيەم يېتىشمەي چۈشىنىشكە قۇربىتىم يەتمەيۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلىغانىدىم . ئەمما ، ئامېرىكىغا كېلىپ غەرب پەلسەپىسى ، جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە تەتقىقات مېتودى بويىچە ئىزدىنىش ؛ ئىلمىي تەتقىقات پرىنسىپلىرىدىن خەۋەر تېپىش داۋامىدا يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس يازمىلىرىنىڭ ئەقەللىي ئىلمىي يېزىقچىلىق ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس كۆپ ھالدا ئالەم ، مەۋجۇدىيەت ، ئىنسان روھىيىتى ھەققىدە ، چوڭ - چوڭ تېمىلاردا بىر نۇقتىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولىدۇ . ئەمما يازمىلىرىدا بىر گەپنى قىلىۋېتىپ يەنە بىر گەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ ؛ لوگىكىلىق ئىزچىللىق يوق ؛ نۇقتىنەزەرلىرى ئىسپاتلاشتىن ، خام ماتېرىيال ۋە مۇھاكىمە ئاساسى ئارقىلىق دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن . پەلسەپىۋى تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتمەكچى بولغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىسلام پەلسەپىسىدە ئىبىن رۇشىد ، ئەل خارەزمى ، ئىمام غەززالىي قاتارلىق كلاسسىك پەيلاسوپلاردىن تارتىپ سەييىد قۇتۇپ ، مالىك نەبى ، يۈسۈپ قەرداۋىغىچە بولغان بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ؛ غەرب پەلسەپىسىدە سوقرات ، ئەپلاتۇن ، ئارستوتېل قاتارلىق گرېك پەيلاسوپلىرىدىن تارتىپ ، كانت ، ۋىتتىنگىستان ، نىچىشې ، خۇسسېرل ، گېگل قاتارلىق ھازىرقى زامان پەيلاسوپلىرى ۋە ھايدىگېر ، دېررىدا ، مىچىل فۇكاۋغىچە بولغان بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ قانداق پەلسەپىۋى نۇقتىنەزەرلەر ۋە قاراشلانى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ؛ ئاندىن سوپىزم ئىدىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى نەچچە يۈز يىللىق ھاياتىدا تۇتقان رولىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ يازغانلىرىدىن ئەقەللىي ئىلمىي ئۆلچەمگە توشىدىغان ئېلېمېنتلار تېپىلمايدۇ . شۇڭا ، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى بىر مەسىلىنى ئاۋۇتتىكى ، ھەرگىز يېڭىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس دېمەكچى بولغان ، ئەمما مۈجمەللەشتۈرۈپ دېيەلمەي قالغان نۇقتىلار يېڭى گەپ ئەمەس .

    داۋامى بار.

    分享到: