ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (4) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    پاكىت تەھلىلى (3)

    بىر قۇتۇپقا ئېغىش كېسىلى : «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟»

         2007 - يىلى «ئىزدىنىش» تورىدا «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن تېمىدا ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشقان ، ئەمما نەتىجىسى كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشقان بىر مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى . تېما يوللىغۇچى بىر پەلسەپە ھەۋەسكارى بولۇپ ، پەلسەپىدىن يېڭىچە بىلىملەرنى ئۆگىنىش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە تورغا بۇ تېمىنى يوللىغائىكەن . ئارىلىقتا بۇ تېمىغا مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە غەربتە پەلسەپە ۋە باشقا ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى . مەن بۇ تېمىدىن ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىمنىڭ دەۋىتى ئارقىلىق كېچىكىپ خەۋەر تېپىپ تورغا كىرگىنىمدە ، مۇنازىرە كۆڭۈلسىز تۈس ئېلىشقا باشلىغانىكەن . سەۋەبى ، بۇ مۇنازىرىگە ئىككى تەقۋادار تورداش ئىشتىراك قىلىپ ، «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەك» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى مۇناپىقتىن خائىنغا چىقىرىپ ، «ئۇيغۇرلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام پرىنسىپلىرىمىز يېتىپ ئاشىدۇ» دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەنىكەن . نەتىجىدە بۇ تېمىدا ناھايىتى ئىلمىي ، سوغۇققان پىكىر يۈرگۈزۈپ ، پەلسەپە ھەققىدە خېلى قايىل قىلارلىق ئىنكاسلارنى يېزىۋاتقان بىر - ئىككى تورداش بۇ تېمىدىن چېكىنىپ چىقىپتۇ ، تېما كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىپتۇ .

         بۇ ھال مېنى ئۇزۇنغىچە ئويلاندۇرۇپ قويدى . مېنىڭچە ، ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنى يارىتىشقا تىرىشىشى ھەم مەۋجۇدلۇقى ، ئەقلىي قۇۋۋىتى ، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پەلسەپە ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى . ئەقىدىدىن ، تۈپكى ، روھىي پرىنسىپلاردىن چەتنىمىگەن ھالدا يېڭىچە بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق ئىدى . ئەنە شۇنداق ئويلارنىڭ ئىلىكىدە يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئىلگىرى ئاچقان «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» سىنىپىمدا ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچى مەن ھەققىدە قىسقا بىر تېما يېزىپ «ھاۋايدىكى ئۇيغۇر ياش» تېمىسىدا تورلاردا ئېلان قىلىپتۇ . بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدا مېنىڭ ھاۋايدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقانلىقىمغا ئائىت ئۇچۇر بار ئىكەن . تېمىدىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىپ ، تېما يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىمسىز مەن توغرىسىدا بىر نەرسە يازغىنىدىن ئەپسۇسلاندىم . بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىككى ئىنكاس مېنىڭ يېرىمدىن چىقىپ ، ئەپسۇسلۇق خىياللىرىمنى كۈچەيتىۋەتتى . بىر ئىنكاستا : «بۇ بالا غەربنىڭ زەھەرلىك ئىدىيىلىرىنى ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ - دە ! نېمە قىلارىدى گۇناھقا شېرىك بولۇپ !» دەپ يېزىلغان ؛ يەنە بىر ئىنكاستا : «بىزگە جەمئىيەتشۇناسلىق ، يەنە بىر نېمەشۇناسلىق كېرەك ئەمەس ، ئىسلام ئەقىدىسىلا كېرەك!» دەپ يېزىلغانىدى . بۇ مېنىڭ مۇشۇ خىل كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ توردا خېلىلا ئاۋۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغان چاغلىرىم بولغاچقا ، ھەيران قېلىپمۇ كەتمىدىم . مەن ئادەتتە توردىكى ئىنكاسلاردىن راي سىناش مېتودى سۈپىتىدە قىسمەن پايدىلىنىمەن ، ئەمما توردىكى ئىنكاسلارنىڭ مەن توغرىسىدا ۋە باشقا يەنە بىر ئادەم توغرىسىدا يېزىلغان قىسىملىرىغا بەك چىنپۈتۈپ كەتمەيمەن . ئەمما ، بايىقى ئىككى ئىنكاس مېنىڭ كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ، ھەم مەن «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن تېمىنى ئوقۇپ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا ، مېنى ئويغا سالدى .

         مەن ئۆز تونۇشۇمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر ھالدا بۇ ئىنكاسلارغا جىددىي قاراپ پەلسەپە ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ماتېرىيال ئاختۇردۇم . بايقىغىنىم شۇ بولدىكى ، ھېچقانداق بىر قورال كىتابتا ، ھېچقانداق بىر يەردە «پەلسەپە ، جەمئىيەتشۇناسلىق زەھەرلىك» دېگەن پەتىۋا بېرىلمەپتۇ . ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ، ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن فارابىي ، ئىبىن رۇشىد قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى سىستېمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ئۆز دەۋرىدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن گرېك پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەنىكەن . ئەڭ قىزىق يېرى ، جەمئىيەتشۇناسلىق 19 - ئەسىردە پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىقىپ ، ئايرىم پەن بولۇپ شەكىللەنگەن بولسىمۇ ، تۇنجى جەمئىيەت نەزەرىيىچىسى غەربتىن ئەمەس ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن چىققانىكەن . يەنى ، 14 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئىبىن خالدون (Ibn Khaldun , 1332 - 1406) جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش پرىنسىپلىرى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ فرانسىيىلىك ئاۋگۇسىت كومىت ، ئېمىل دۇركىملاردىن تۆت - بەش يۈز يىل بۇرۇن جەمئىيەتچىلىك نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغان ۋە «مۇقەددىمە» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن . ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1958 - يىلى نيۇيوركتا ئۈچ توملۇق كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىپتۇ (ئالېكىس كاللىنكوس ، 1999 11) . يېقىنقى يۈز نەچچە يىل مابەينىدىكى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن مىسال كەلتۈرىدىغان بولساق ، تۈركىيىلىك ئىسلام مۇتەپەككۇرى ھېلىم زىيا ئۈلكەن ئىسلام ئالىمى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يېتىشكەن جەمئىيەتشۇناس ئىكەن ، «جەمئىيەتشۇناسلىق پرىنسىپلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپتىكەن [6] . بۈگۈنكى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ قەرداۋىي جەمئىيەتشۇناسلىق ، پەلسەپە ساھەسىدىكى ئىدىيىلەردىن چوڭقۇر خەۋەردار ئىكەن . ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى نۇرغۇن پەتىۋاسىنىڭ تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپتۇ [7] . بوسنىيە - ھىرتسىگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاتىسى ، داڭلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئىززەتبېگوۋىچ ئۆزىنىڭ «شەرق ۋە غەرب ئارىلىقىدا ئىسلام» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ زامانىۋى بىلىملەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىپتۇ [8] . بۈگۈنكى زاماندىكى داڭلىق ئىسلام ئالىمى ، تۈرك مۇتەپەككۇرى فەتقۇللا گۈلەن غەربتىكى ئاكادېمىك سورۇنلاردا غەرب ئالىملىرى بىلەن ئىلمىي يوسۇندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن[9] . ئەمما ، مەن ھېچقايسى ئالىمنىڭ پەلسەپە ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىملىرىنى چۆكۈرگىنىنى ئاڭلىمىدىم ياكى كۆرمىدىم .

         ئۇيغۇرلاردا «ئۆزۈڭ چۈشەنمىگەن ھەقىقەتنى كەمسىتمە» دېگەن ماقال بار . پەلسەپە ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇتلەق ھەقىقەت ھېسابلانمىسىمۇ ، ئەمما بۇ خىلدىكى پەنلەردە بىز ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن تەرەپ تېپىلىدۇ . مىسالەن ، پەلسەپە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇدلىقىمىز ھەققىدە بىزنى پىكىرگە ئۈندەيدۇ ؛ جەمئىيەتشۇناسلار ئىجتىمائىي سىستېمىلار بىلەن ئىنسان ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ . ئىقتىسادشۇناسلىق كاپىتال ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىلارنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتى ھەققىدە ئاز جىق بىلىمنى دەپ بېرىدۇ . پسىخولوگىيە ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك خاراكتېر ، ئادەت ، پوزىتسىيە ، تونۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇتلەق بولمىسىمۇ بىزنى ئويلاندۇرغۇدەك پىكىرلەرنى ئاتا قىلىدۇ . بىز تۈپكى ئەقىدە - پرىنسىپلاردىن چەتنىمەسلىكىمىز ، ئەمما بىز بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆز تونۇشىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ قارىغۇلارچە قۇربانىغا ئايلىنىپ قەلب دەرۋازىلىرىمىزنى تاقاپ قويماسلىقىمىز ، توختاۋسىز پىكىر قىلىشىمىز كېرەك . ئەلۋەتتە ، نوقۇل پىكىر قىلىشمۇ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس .

        ئەمما ، بىزنىڭ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان ، يۇقىرىقى ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر نۇقتا شۇكى ، بىر قۇتۇپقا سەكرەش - يەنى ئۆزى ئۆگەنگەن نەرسىنىڭ قۇلى بولۇش خاھىشى ئۇيغۇرلاردا ئېغىر . مەن رېئال تۇرمۇشۇمدا پات - پات تەتقىقاتچىنىڭ شائىرنى ، ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئەدەبىياتچىنى چۆكۈرىدىغىنىنى ، غەربنىڭ ئىدىيىلىرىدىن خەۋەردار بولغانلار بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئىدىيە تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئورۇنسىز سۈركىلىشكە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاڭلاپ تۇرىمەن . 1995 - يىلى يازدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدىكى بىر تىلشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ماڭا «گەپنىڭ تەتۈرى شېئىر بولىدۇ ، ئادەمنىڭ سارىڭى شائىر بولىدۇ» دېگەنىدى . مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى چۈشەنمىگەن ساھەنى تىللاش ، چۆكۈرۈش ھادىسىسى ؛ ئۆزى بىلگەن ، ئۆگەنگەن نەرسىنىڭ ، ئىدىيەنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىش ھادىسىسى بىزدە ئېغىر . بۇنداق ئەھۋال ئوخشاشلا بىزنىڭ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز . مودېرنىزىمنى ئۆگەنگەن بىر تەتقىقاتچى ئارۇز ۋەزنىنى چەتكە قاقسا ، ئىسلام پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن بىرى غەرب پەلسەپىسىنى چۆكۈرسە ؛ جەمئىيەتشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق زامانىۋى پەنلەر قارا - قويۇق ھالدا غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى دەپ چەتكە قېقىلسا ، ئۇنداقتا بۇ ھال دۇنيا 21 - ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ئەقلى ، پىكىر قۇۋۋىتىگە قىلىنغان مەسخىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .

         ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزدىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر پاكىت شۇكى ، بۇ ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان زىيالىيلار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماسلىق ، ھەمكارلاشماسلىق ، ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش خاھىشى ئېغىر ؛ تەنقىد ، بەھس - مۇنازىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزدە ئېغىر مەسىلە بار . ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئەخلاق پېنى ، ۋىجدان پېنى بولۇشىغا قارىماي ، تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارىسىدا ماددىي پاراغەتكە چوقۇنۇش ، پۇل - تاۋارغا چوقۇنۇش ھادىسىسى مەۋجۇد . بۇ ھال ئىلىم ئەخلاقى ، تەتقىقات سۈپىتى ، ئىلمىي بىلىشنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرمۇنچىلىغان پايدىسىز ئامىلنى روياپقا چىقاردى . بىر ئىجتىمائىي پەن زىيالىيسى پۇل - مالنى چوڭ بىلگەن كۈنى ئۆزىنىڭ تالانتىنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن بىر قەدەم تاشلىغان بولىدۇ . سەۋەبى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى مەسئۇلىيەتچان ، تىرەن پىكىر قىلىشنى ، ئەستايىدىل ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ ؛ پۇلنىلا تونۇش ئىلىم ئىگىسىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىنى كۆرۈشتە لازىم بولىدىغان يەنە بىر كۆزىنى توسۇپ قويىدۇ ؛ تەسەۋۋۇرىنى ماددىيەتكە باغلايدۇ ؛ نوپۇز ۋە تاۋار ئالدىدا قەددىنى باش ئەگدۈرىدۇ . فرانسىيە مۇتەپەككۇرى ، قۇرۇلمىچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ مەشھۇر پېشىۋالىرىدىن بىرى لۇئىس ئالسۇسېر (Louis Althusser , 1918 - 1990) نىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ، ئىجتىمائىي پەنلەردە «قىلىۋاتقان پىكىرنى ئاخىرى چىقىپ ھەقدادىغا يەتكۈچە قوغلاش كېرەك»(لۇئىس ئالسۇسېر ، 1984) . پىكىرنىڭ ئالىي ماقامىنى يارىتىش ، ئۆزى ئىزدىنىۋاتقان تېمىدا يېڭى پىكىر - بايقاشنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ئۈچۈن بىر تەتقىقاتچى ھايات غەۋغالىرىنى ، ماددىي مەئىشەت ۋەسۋەسىسىنى ، ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئورۇنسىز سېلىقلىرىنى تەرك ئېتىشى كېرەك . بولمىسا ئۇنىڭدىن تۈزۈك بىر نەرسە چىقمايدۇ . ئەمما ، بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز بىر بولسا تەتقىقات ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ، ساختا بىلىم ، ماغزاپ بىلىم بىلەن توشۇپ كەتكەن يازما خارابىلىقى ؛ بىر بولسا خەلقىمىزنىڭ پىكىر قۇۋۋىتى ، ئەقلىي مىراسلىرىغا ھېچقانچە پايدىسى تەگمەيدىغان ، ئەمما ئىقتىسادىي پايدىسى بولغان ئاتالمىش «تەتقىقات تۈرلىرى» . مىسال ئۈچۈن ئالايلى ، ھازىر ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر ئاسپرانت تەربىيىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بىر قانچىلا ساھە بار . ئۇنىڭ ئىچىدە فولكلور تەتقىقاتى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىر قەدەر راۋاجلانغان بولسىمۇ ، مۇشۇ دەۋردە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تېمىلار ۋۇجۇدقا چىقمىدى . مەسىلەن ، فولكلور نۇقتىسىدىن تامامەن ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى بولغان «ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تارىخى» ، «ئۇيغۇرلاردا نومۇس مەدەنىيىتى» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىش تارىخى» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى» ، «زامانىۋىلىققا ئۇچراشتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى» ، «ئۇيغۇر ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنىڭ گېن قۇرۇلمىسى» ، «ئۇيغۇر قىممەت قارىشى» ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر تارىخى» قاتارلىق تالاي تېمىلار تېخى روياپقا چىقمىدى . ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالساق ، «ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك شېئىرىيىتى نەزەرىيىسى» ، «يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، راۋاجى ، تەسىرى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى» ، «ئەدەبىيات تەنقىدى نەزەرىيىسى» ، «خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە ، ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە ئەدەبىي تەرجىمە نەزەرىيىسى» ، «ئەدەبىي تەرجىمە تارىخى» ، «ۋەزىنشۇناسلىق» ، «شېئىرىيەت تىلى گرامماتىكىسى» ، «بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەمگەكلەر ئىشلىنىشنى كۈتۈپ ياتىدۇ . بىز «ھەر يىلى بۇ ساھەلەردە ئوقۇش پۈتتۈرۈۋاتقان ئاسپرانتلىرىمىز نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟» دەپ سوئال قويۇشقا مەجبۇرمىز . «نېمە ئۈچۈن 1990 - يىللاردا ، 2000 - يىللاردا ئىشلەشكە تامامەن ئىمكانىيەت بولغان يۇقىرىقىغا ئوخشاش تالاي تېمىلار ئەۋلادلىرىمىزغا ياكى كېيىنكى دەۋرگە مىراس قېلىشى كېرەك؟» دەپ سوئال قويۇشقا مەجبۇرمىز . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئىبراھىم مۇتىئىي ، خەمىت تۆمۈر ، ئۇيغۇر سايرانىي ، ھاجى نۇرھاجى ، شەرىپىددىن ئۆمەر قاتارلىق مەرھۇم ، مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىز ئۆز ساھەلىرىدە ئۆز دەۋرىگە ئائىت ئاكادېمىك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئارتقۇزۇپ ئالەمدىن ئۆتتى . مىرسۇلتان ئوسمانوف ، ئابدۇكېرىم رەھمان ، ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان قاتارلىق پېشقەدەم ئالىم - مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئۆز ساھەلىرىدە چامىسىنىڭ يېتىشىچە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ؛ ئەجىر - مېھنەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقاردى . ئەمدى ياش ، ئوتتۇرا ياش ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىگە تۇشلۇق ئاكادېمىك ۋەزىپىلەرنى ئارتقۇزۇش ، بۇ دەۋردە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك ئەمگەكلەرنى كېيىنكى دەۋرگە تاشلاپ قويماسلىق مەجبۇرىيىتى بار . بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دەۋرىدىكى تەتقىقات ئۆلچىمىنى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى تەتقىقات ئىشلىرىمىزغا قويساق بولمايدۇ . تەلەپنى تېخىمۇ قاتتىق قويۇش ، خەلقئارادىكى تەتقىقات ئۆلچەملىرىگە يەتكۈزۈپ بولالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىمىزە خەلقئارادا ئېقىۋاتقان تەتقىقات يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز كېرەك . ھالبۇكى ، بۇنداق بىر يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىزدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىشىش ئېڭى ، ئۆزىمىزنىڭ بىلىش ئوربىتىسىدىن تاشقىرىغىمۇ نەزەر سالالايدىغان جاسارەت ۋە داۋاملىق ھالقىش روھى بولۇشى زۆرۈر .

         تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر پاكىت شۇكى ، نۆۋەتتە بىزنىڭ ئاكادېمىك ئىشلىرىمىزدا ھەتتا ئەقەللىي تەلەپ بولغان نەقىل ، ئىزاھات قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، مۇناسىۋەتلىك تېرمىن - ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، تەتقىقات مېتودلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىمۇ ئىشلەنمىدى . مەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق ئىلمىي ژۇرناللارنى مۇشۇ نۇقتا بويىچە كۆزىتىپ چىقتىم . بايقىغىنىم شۇ بولدىكى ، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى ؛ نەقىل ، ئىزاھاتلىرىمۇ تاشلىماي بېرىلگەن . ئەمما ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا نەقىل ، ئىزاھاتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بىرقەدەر ئېغىر ؛ نەقىل ، ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك بەزى يەرلەردە بېرىلمىگەن . كېيىن خەۋەر تېپىشىمچە ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» نىڭ تەھرىرلىرى بەزىدە بەت ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن سىتاتا ، ئىزاھاتلارنى قىسقارتىۋېتىدىكەن [10] . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاپتورلىرىمىزنىڭ يازمىلىرىدا مۇئەييەن بىر نۇقتىنەزەرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالغان نەقىللەردە ھەمىشە يەڭگىلتەكلىك بىلەن مەنبەسىنى كۆرسەتمەيدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر . بۇ مەسىلە نۆۋەتتىكى ئەدىبلىرىمىزدىن ئەختەم ئۆمەر ، يالقۇن روزى ، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىيلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىۋاتىدۇ . مىسالەن ، ئوبزورچى يالقۇن روزى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2009 - يىل 5 - ساندا ئېلان قىلغان «بىر پارچە خىشنىڭ سىرى» ناملىق ماقالىسىدە مۇسابايېفلار جەمەتىنىڭ ئۇيغۇر زامانىۋى مىللىي كارخانىچىلىقىدىكى باشلامچىلىق تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كېلىپ ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىدا مىللىي كارخانىچىلارنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەندە ، نۇقتىنەزەرىنى دەلىللەش ئۈچۈن ياپونلارنىڭ «100 پروفېسسور يېتىشتۈرگەندىن بىر كارخانىچى يېتىشتۈرگەن ئەلا»[11] دېگەن گېپىنى نەقىل ئالىدۇ ، ئەمما نەقىل مەنبەسىنى بەرمەيدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى» ، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ «كۆز ئىچىدىكى كۆز ، سۆز ئىچىدىكى سۆز» قاتارلىق ماقالىلەر توپلىمىدىمۇ ئۇچرايدۇ . مەنبەسى بېرىلمىگەن نەقىل گۇمان تۇغدۇرىدۇ ھەم ئىشەنچىلىك دەلىل بولالمايدۇ . يا نەقىل ئالماسلىق ، يا بولمىسا نەقىل ئالغاندىن كېيىن مەنبەسىنى كۆرسىتىش كېرەك . مەن بۇ يەردە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئاپتورلارنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن ، پەقەتلا ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدا سەل قارالغان بىر نۇقتىنى سەمىگە سېلىپ قويماقچىمەن . بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، ئۇلار دىققەت مەركىزىدىكى يازغۇچىلار بولغىنى ئۈچۈن ، ھەۋەسكارلار ئۇلارنىڭ يېزىش ئۇسۇلىنى دورايدۇ . غوللۇق – سەپ ئالدىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئاڭلىق - ئاڭسىز يوسۇندا سادىر قىلغان كىچىككىنە سەۋەنلىكلىرى ئۆزلىرى ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر مۇنچە كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ .

    داۋامى بار

    分享到: