ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (3) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

     مەن بۇ يەردە دوكتورلىرىمىز ، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن مىسال ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى چۆكۈرمەكچى ياكى تەنقىد قىلماقچى ئەمەسمەن . ئەكسىچە ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بىر مەسىلە ، دەل تەتقىقاتچىلىرىمىزدىكى ئۆز مەدەنىيىتى ، ئۆز تونۇشىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىيالماسلىق» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى . بۇ ھال تەتقىقاتىمىزنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن تولا تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى .

         مەن چەت ئەللەردىكى ئالىم - مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان كىتابلىرىنى ۋاراقلىغىنىمدا بىر ئىشنى ئازاب ئىچىدە بايقايمەن . يەنى چەت ئەللەرنىڭ ئالىملىرى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يازغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن پايدىلانمايدىكەن . مىسالەن ، گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسى ئىلدىكو بېللىرخان (Ildiko Beller-Han) «جامائەتچىلىكنىڭ كۈچى : شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىنسانشۇناسلىقى - 1949- 1884» دېگەن ئىلمىي ئەسىرىدە ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇرشۇناسى راچېل خاررىس (Rachel Harris) «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ھەققىدىكى ئەسىرىدە شۇ ساھەدە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە يازمىلارنىڭ تولا بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئالمىغان . كېيىن بىلسەم ، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى «سەۋىيىسى تۆۋەن ، ھېسسىياتقا بېرىلىدۇ» دەپ قاراپ ھېسابقا ئېلىپ كەتمەيدىكەن . بۇ نۇقتىنى ئەسەد سۇلايمانمۇ دەلىللەيدۇ . مىسالەن ، 2007 - يىل 31 - دېكابىردا يالقۇن روزى ، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «جام چايخانىسى» دا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان چېغىمىزدا ئەسەد سۇلايمان چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئانچە بەك ھېسابقا ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى قەيىت قىلغانىدى . ئامېرىكىدا ماگىستىرلىقتا ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش داۋامىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار يازغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ چەت ئەل ئالىم - مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم . شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى يوقىرى ئۆلچەم ، جىددىي پوزىتسىيە ، سوغۇققان پىكىر يولى ، ئىلمىي تەپەككۇر ۋە دەلىللىك نۇقتىنەزەرنى تەلەپ قىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سەۋىيىسى بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ خەلقئارالىق ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشىگە ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت بار .

    پاكىت تەھلىلى (2)

    ئىلىم ھايانكەشلىكى ، ماغزاپ بىلىم ، ساختا تەتقىقات

          2008 - يىلى مارتتا «ئىنتىل» تورىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررى پۇلغا ئىلم ماقالىسى بېسىش ھەققىدىكى تېمىسىنى ئېلان قىلدى . بۇ مېنىڭ ماگىستېرلىق ماقالەمگە ناھايىتى جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان ، تازا جاپا چېكىۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ، بۇ خەۋەردىن بەكلا چۆچۈدۈم ھەم غەزەبلەندىم . بۇ تېمىنىڭ مۇنبەردە پەيدا بولۇشى قارىماققا ئاددىي ئىشتەك قىلغىنى بىلەن كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن - ئىلىم ھايانكەشلىكىدىن ئىبارەت جىنايەتلىك ، نومۇسلۇق بىر ئىشنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىدىن ؛ مۇشۇنداق چاكىنىلىق ۋە پۈچەكلىكنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ، مەتبۇئاتلاردا مەلۇم دەرىجىدە يىلتىز تارتىشقا ئۈلگۈرگەنلىكىدىن ، ئەڭ مۇھىمى كرىزىس ، خارابىلىك ئىچىدە قالغان ئىلم تەتقىقاتى ساھەيىمىزدىن دېرەك بېرەتتى . نېمىدەپ چۈشەندۈرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇنداق ھادىسىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايىتتى . بىر نەچچە ئىنكاستا ئۇ تېمىنى چىقارغان تورداش قاتتىق تەنقىدلەندى . مەن ھەرھالدا ئىلمىي ، ئاكادېمىيە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ يەنىلا كۆپلۈكىگە چىنپۈتتۈم .

        ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايىتتىم . يۇقىرىقى ئىش بەك تەسىر قىلغاچقىمۇ ، ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ ، مۇھەررىرلەرنىڭ ، ئىلمىي ئەسەر ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئىگىلىدىم . ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ سەۋىيىسى ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەن ئىدى . بولۇپمۇ ، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى بىر قانچە نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال پاخال يازما بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى . كۆپ قىسىم ماقالىدە يا بىر مۇستەقىل نۇقتىنەزەر ، يا بىر دەلىل - ئىسپات يوق ئىدى ، نەقىل - ئىزاھات قىسىمى بېرىلمىگەنىدى . ئىنتېر تورىدىن ، باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلەر كۆپمۇ ، قانداق دېگەن ئوي بىلەن تەكشۈرۈپ كۆردۈم . ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى ماڭا ئۇنۋان ئۈچۈن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن پۈتكەن ماقالىلەرنىڭ ژۇرنالنى ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئەمما ماقالىلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش ھوقۇقى ئۆزىدە بولمىغاچقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئېغىر خۇرسىندى .

    - بىر تونۇشۇمنىڭ ئۇنۋان ئالىدىغان ئىشى بار ئىدى ، پۇل بەرسە چىقىرىپ بېرەمسىلەر ؟ - دەپ سورىدىم مەلۇم بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ تەھرىرىدىن . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلەش نىيىتىم بار ئىدى .

    - چاتاق يوق ، - دېدى مۇھەررىر كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ ، - سىزنىڭ تونۇشىڭىز بولغاندىكىن ئەرزانراق چىقىرىپ بەرسەك بولىدۇ . باشقىلارغا 400 يۈەن دەيتتۇق . بوپتۇ ، سىزنىڭ تونۇشىڭىز بولغاندىكىن 200 يۈەن ئېلىپ كەلسە بولىدۇ .

        مەن ئىلمىي ژۇرناللارغا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان مۇھەررىرلەرنى كۆپلەپ ئۇچراتتىم . بەش ژۇرنالنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى ئۈچ يىللىق سانلىرىدا ماغزاپ بىلىم ، ساختا بىلىم ، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىملەرنى تەتقىقات دەپ كۆتۈرۈپ چىققان يازمىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بايقىدىم . بىر نەچچە كىتابخۇمار ، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئوقۇرمەن بىلەن ئىلم تەتقىقاتى ژۇرناللىرىدا چىقىۋاتقان ماقالىلەرنى ئوقۇيدىغان- ئوقۇمايدىغانلىقىنى سورىدىم .

    - ئوقۇغۇدەك بىر نېمە يوق ، - دېدى ئۇلار كېلىشىۋالغاندەكلا ، - ھازىر ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا چىقىۋاتقان ماقالىلەردە تۈزۈك تەم قالمىدى . پۈچەك - پاخال . ئوقۇغىنىمىز بىكار .

         ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە خۇسۇسىي كىتابخانىنى ئايلاندىم . بىر كىتابخانىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىنى ئۇچراتقىنىمدىن باشقا ، باشقا كىتابخانىلاردا تۈزۈك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىنى ئۇچراتمىدىم . ئەھۋال ئىگىلىشىمگە قارىغاندا ، ئوقۇرمەنلەر كۆپىنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىكەن . ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىنى كىتابخانىغا سالغان بىلەنمۇ ئالىدىغان ئادەم ئاز ئىكەن . ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئەسەد سۇلايماننىڭ كىتابلىرى تېزراق ئۆتىدىكەن .

         ئۇيغۇرلاردا «تارىم» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» . . . قاتارلىق بىرقانچە مەتبۇئاتتىن باشقا ژۇرناللار ئاساسەن 1978 - يىلىدىن كېيىن بارلىققا كەلدى . بايا تىلغا ئېلىنغاندەك ، تەتقىقات ساھەسىدە 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1990 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە نىسبتەن گۈللىنىش مەنزىرىسى پەيدا بولدى . ئۇ چاغلاردا چوڭ ھاجى باش مۇھەررىرلىكىدىكى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، ئەكبەر ھۈسەيىن باش مۇھەررىرلىكىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، قۇربان مامۇت باش مۇھەررىرلىكىدىكى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا بىرقەدەر سۈپەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىناتتى ، ژۇرناللارنىڭ تەسىرىمۇ كۈچلۈك ئىدى . 1990 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مەتبۇئاتلارغا بىر مۇنچە سەلبىي تەسىرنى تاڭدى . بەزى مەتبۇئاتلار ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە قېلىپ ھەرخىل چارە - ئامالنى ئويلاشقا مەجبۇر بولدى . ئەنە شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋاللاردا بارلىققا كەلگەن غەلىتە تۆرەلمە - پۇلغا ماقالە ئېلان قىلىش ھادىسىسى مانا ئەمدىلىكتە يامراپ ، جەمئىيەتلىشىپ ، كۆپ قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ نەزەرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تەبىئىي ھادىسىگە ئايلاندى . بۇ ھال ئىلىم ھايانكەشلىكى ، ساختا بىلىم ، ماغزاپ بىلىم ، نەشرىيات بىدىكلىكى ۋە تىكىپ - سۆكۈپ قۇراشتۇرۇۋېتىلگەن ساختا تەتقىقاتلارنىڭ ، توغرىراقى ئىلىم خارابىسىنىڭ بىر ئېچىنىشلىق ھادىسە سۈپىتىدە رېئاللىقىمىزدا بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، پۈتكۈل ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان ، بەزى يازارمەنلەر ئارىسىدا تەتقىقاتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغان بىنورمال ۋەزىيەت شەكىللەندى . ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەپچان مۇھەررىرلىرىمىز ، تەتقىقاتچىلرىمىز ، مىللەتنىڭ ئەقلىي مىراسىنىڭ داۋاملىشىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم ھوشيار ئوقۇرمەنلىرىمىز بولسا بۇ ھالدىن ئەپسۇسلاندى ، خۇرسىندى . ئەمما ، بۇ بىر جەمئىيەتلەشكەن ھادىسە بولغاچقا ، بىرەر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇنداق بىنورمال ۋەزىيەتنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە .

         ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلى دېگەن نېمە ؟ ئىلمىي تەتقىقات دېگەنچۇ ؟ ئىلىم ساختىپەزلىكىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىغا كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرى نېمە ؟ مۇشۇ سوئاللار مېنى ئازاب ئىچىدە ئويلاندۇرىدۇ . ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلى بىر مىللەتنىڭ ، بىر قوۋمنىڭ ئەقل خەزىنىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ ؛ ئىلىم ئاشىنالىرىغا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن راسلانغان مەيدان ؛ ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۇلايدىغان رېلىس . ئىلىم تەتقىقاتى بولسا - بىر مىللەتنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى ، ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئىنكاسى . ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىي تەتقىقات قۇرۇق گەپ سېتىش ئەمەس ، بەلكى بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەستايىدىل دىئالوگنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ، مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى ئىلمىي بىلىشىنىڭ نەتىجىسى . ئىلىم ساختىپەزلىكىگە يول قويۇۋاتقان ، سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر مىللەت ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولاۋاتقان ؛ ئەۋلادلىرىغا ئىلىم خارابىسىنى ، دات باسقان ئەقلىنى مىراس قالدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان مەغلۇبىيەتچى مىللەتتۇر . بۇنداق ئېچىنىشلىق ھادىسىدە پۈچەكلىك ئەۋج ئالغان ئىلىم مۇھىتىنىڭمۇ ، ئېڭى ماددىيلىشىپ كەتكەن – مەسئۇلىيەتسىز ، جانباقتى مۇھەررىرنىڭمۇ ، بىخۇد ، ئىجتىمائىي گاس ئوقۇرمەننىڭمۇ ، ئىلىمنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشنىڭ نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر گۇمراھ يازارمەننىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ، ئەلۋەتتە .

          يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئېچىنىشلىق سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمىدى . تەتقىقات ساھەيىمىزدىكى ئىلىم ساختىپەزلىكى ؛ ساختا بىلىم ، ماغزاپ بىلىم ھادىسىسى نۇرغۇن ئوقۇرمەننى ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايدىغان ، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان ھالەتكە مۇپتىلا قىلدى . مىسالەن ، بىزنىڭ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىمىز ساھەسىدىكى تالانت ئىگىلىرىدىن داۋۇدجان ئوبۇلقاسىم پەلسەپە تارىخىنى رومان ، ۋەقەلىك شەكلىدە ناھايىتى چۈشىنىشلىك يورۇتۇپ بەرگەن «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ناملىق داڭلىق كىتابنى ۋە «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشردىن چىقارغاندا ، تاھىر ھامۇت «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى» ناملىق كىتابنى مىڭ تەستە تۈزۈپ ئۆزى پۇل خەجلەپ يورۇقلۇققا چىقارغاندا ، بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىدىغان ئوقۇرمەنلەر ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ «كاككۇك قونغان تال» ناملىق مۇھەببەت ھېكايىلىرى توپلىمىنى ، ھۈسەنجان ئابدۇۋەلىنىڭ «كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» ناملىق مۇھەببەت تېمىسىدىكى رومانىنى سېتىۋالىدىغانلاردىن ئاز بولۇپ چىقتى . [4] تاھىر ھامۇت ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ نەشردىن چىقارغان كىتابىدىن زىيان تارتتى . [5] مەمتېلى ئەخەت يازغان «ياشىق پەلسەپىسى» مۇ تۈزۈك بازار تاپالمىدى . بىزنىڭ ياراملىق زىيالىيلىرىمىزمۇ ياشىشى ، ئۆز ئەجرىگە تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ، ئەجرىگە تۇشلۇق تۈزۈك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن بۇ بىلىم ئىگىلىرى ئەمدى تىجارەت قاينىمىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى . مەن ئويلايمەنكى ، داۋۇدجان ئوبۇلقاسىمدەك ، تاھىر ھامۇتتەك يېڭى ئىدىيە ، يېڭى پىكىر ئىگىلىرى – پىچاق ئۇچى زىيالىيلىرىمىزنىڭ ياشاش ئۈچۈن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى بىزدىكى ئوقۇرمەن كرىزىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ھالبۇكى ، بىزدىكى ئوقۇرمەن كرىزىسى دەل مەن بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىلىم كرىزىسىنىڭ ئەكس تەسىرىدە پەيدا بولغانىدى . ئەمدىلىكتە ئوقۇرمەن كرىزىسى نەشرىياتچى ، مۇھەررىر ، ئاپتورلارنىڭ ئوخشاشلا مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ، غېمىگە غەم قوشىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى . دېمەك ، ئىلىم تەتقىقاتىغا ساختىلىق ئىشلەتكەن تەتقىقاتچىلار ، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى چىقىرىشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرگەن ئاز بىر قىسىم مۇھەررىرلەر ئاۋۋال ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولىدى ، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاڭسىز ۋە ئاڭلىق يوسۇندا زىيان سالدى . مانا ئەمدىلىكتە بىز بىر قىسىم مۇھەررىر نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىپ پۇلغا «ماقالە» چىقىرىدىغان ، نوپۇزلۇق ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى مۇشتەرىلىرىنىڭ نەچچە يۈزگە ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1000 غىمۇ يەتمەيدىغان بىر بىنورمال ۋەزىيەتكە شاھىت بولماقتىمىز . بۇنى ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزدىكى بىر كرىزىس ، بىر ئېغىر مەسىلە دېمەي ئامال يوق .

    - داۋامى بار

    分享到: