ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (2) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

     

    2 . مەسىلىنىڭ ئىپادىلىرى

         بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ئىپتىداسى ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشلانغان . گەپ بۇنداق ئېيتىلغاندا ، تەبىئىي يوسۇندا ھەرخىل سوئال ، گۇمان ۋە ھەتتا رەددىيە تۇغۇلىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدىن 20 - ئەسىردە تۇنجى بولۇپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان «ئۇيغۇر بالىسى» نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىرىگىچە ، نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىدىن مۆجىزىينىڭ «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىگىچە بولغان تالاي ئەسەر ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە كىرمەمدۇ ؟ سوئال بۇنداق قويۇلغاندا ، تەبىئىي ھالدا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ تەبىرى ، ئىجادىي ئەسەر بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنىڭ پەرقىنى ئېنىقلاش تەقەززاسى تۇغۇلىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ، نەۋائىينىڭ ، مۆجىزىينىڭ ۋە «ئۇيغۇر بالىسى» نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ، ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر خېمىرتۇرۇچى بولغان پىكىر ۋە ئىدىيە تېپىلىدۇ . ئەمما قالغان خېمىرتۇرۇچلىرىدىن بولغان لوگىكىلىك ئانالىز ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر تېپىلمايدۇ ؛ ھەم ئۇ ئەسەرلەردە ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىنچىكە شەرھلەنمىگەن . يىغىپ ئېيىتقاندا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي ئەسەر . ئىجادىي ئەسەر ، جۈملىدىن دىداكتىك داستانلار ، رومانلار ، شېئىر - قەسىدىلەر ، قىسسە - رىۋايەتلەر ، ساياھەت خاتىرىلىرى قاتارلىقلار ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىغا كىرىدۇ . بۇ دېگەنلىك ئىجادىي ئەسەر ئىلمىي ئەسەر ئەمەس ، بەلكى ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ بىر ئوبيېكتى دېگەنلىكتۇر . شۇڭا ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1956 - يىل 3 - سانىغا ، خەنزۇچە 4 - سانىغا بېسىلغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى» ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ تۇنجى ئۇلىنى سالدى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن باشلاپ بەرگەن ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى باشلانغۇچ شەكىلدە 1978 - يىلىدىن كېيىن باشلاندى . مەرھۇم ئالىمنىڭ «قاتلاملىق ئېستېتىكا» ، «فارابىينىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچىمىگە توشۇپ كەتمەيىتتى . ئەمما ، ھەر ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن سىياسىي بوران - چاپقۇنلارنى ، ياشىغان دەۋردىكى چەكلىمىلىكنى نەزەرگە ئالغاندا ، ئۇلارنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن ئىلمىي ئەسەرلەر دېيىشكە بولاتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ، كلاسسىك ئەدەبىيات ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، تىلشۇناسلىق ، تارىخ ، فولكلور ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى بىر يۈرۈش تەتقىقات                                             يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى قىسمەن دائىرىدە تولدۇردى . 1980 - يىللارنىڭ بېشىدىن 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشقا كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئەھمەد زىيائىي ، ئابدۇشۈكۈر تۇردى ، مەھمۇد زەيدىي ، شەرىپىددىن ئۆمەر ، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ؛ ھازىرقى ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم ، نۇرمۇھەممەت زامان قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز ؛ فولكلوردا ئابدۇكېرىم رەھمان ، ئوسمان ئىسمايىل تارىم قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز ؛ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە مۇھەممەت پولات ، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ، ماخمۇتجان ئىسلام ، يالقۇن روزى ، ئەكبەر قادىر قاتارلىقلار ؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف ، خەمىت تۆمۈر ، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ، ئابلىمىت ئەھەت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ؛ قەدەمكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىدا تۇرسۇن ئايۇپ ، ئىسراپىل يۈسۈپ ، ئابدۇقەييۇم خوجا ، مۇھەممەترېھىم سايىت ، دىلدار مەمتىمىن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە روياپقا چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 1985 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىدىكى باشلامچىلاردىن مەرھۇم باتۇر روزى «نەۋائىيدىن كېيىنكى 500 يىللىق پاجىئە» قاتارلىق ماقالىلىرى ، ئابدۇقادىر جالالىددىن «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» قاتارلىق ماقالىلىرى ، ئادىل تۇنىياز «شېئىر كۈلۈمسىرىمەكتە» قاتارلىق ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا بەزىبىر يېڭى چۈشەنچىلەرنى ، يېڭى ئۇقۇملارنى ئېلىپ كىردى . ئۇلارنىڭ غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەردىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا زەرەتلەنگەن يازمىلىرى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئاز - تولا بولسىمۇ ھەسسىسىنى قوشتى .

         ھالبۇكى ، 1980 - يىللاردىن 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەردە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان نۇقتىلارنى نەقىل شەكلىدە بەرمەسلىك ياكى كەمدىن - كەم بېرىش ؛ قىزىققان ھۆكۈملەرگە ئالدىراش ، ئىزاھ ۋە نەزەرىيە قىسىمى بولماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلە ساقلاندى . مىسالەن ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق ، ئالىمنىڭ ئۆزى تەھلىل قىلىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئىدىيىسىنى پەقەتلا فېييىرباخ پەلسەپىسى ۋە ماركسزم نۇقتىسىدىن باھالاپ ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز . ئەمەلىيەتتە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قەلەم تەۋرەتكەن ئاشۇ يىللاردا خەلقئارادا ماركسزمدىن باشقا ئامېرىكىلىق ئالىم تالكوت پارسونىس ئۇلىنى سالغان فۇنكىسىيىزم (Functionalism , 功能主义) ، فرانسىيىلىك ئىنسانشۇناس لېۋ سىتراۋس ئۇلىنى سالغان قۇرۇلمىچىلىق (Structuralism , 结构主义) ، فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن دېررىدا ، مىچىل فۇكاۋ ئۇلىنى سالغان كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق (Post-structuralism , 后结构主义) ، فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن لىئوتارد ، بوردىليارد قاتارلىقلار راۋاجلاندۇرغان كېيىنكى مودېرنىزم (Postmodernism , 后现代主义) قاتارلىق ھەرخىل پىكىر ئېقىمى ماركسزملىق پىكىر ئېقىمىدىن ئۆزگىچە يېڭى نۇقتىنەزەر - قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، خەلقئارالىق ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن بىر چاغلار ئىدى . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ ئىككى ساھەدە ماركسىزملىق پىكىر يولى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان ، يۇقىرىدا ئىسىمى ئاتالغان باشقا پىكىر يوللىرىدىن خەۋەرسىز قېلىشى ، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماركستىن ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ ئىدىيىلىرىنىمۇ ماركسزم نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشى بىر گۆدەكلىك ئىدى . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن كېيىن ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تەتقىقات رېلىسىنى ياش دوكتورلاردىن ئەسەد سۇلايمان ، ئىقبال تۇرسۇن ، ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت ، راھىلە داۋۇت ، ئەنۋەر سەمەد قورغان قاتارلىقلار ئۇلىدى . بۇنىڭ ئىچىدە ئەسەد سۇلايمان ئوقۇرمەنلەر بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئەمما گاڭگىراپ قالغان نۇقتىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»نى مەركىزىي ئىدىيە قىلغان بىر يۈرۈش ماقالە ئېلان قىلدى ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى ؛ ئۇنىڭ يازمىلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى . ئەمما ، قىزىق يېرى ، خەنزۇ تىلى ۋە چەت ئەل تىللىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار بۇ دوكتورلارنىڭ ھېچقايسىسى يازمىلىرىدا خەلقئارا ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقات مېتودلىرىنى ۋە شۇ پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىنى تەتبىقلىمىغان ، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆز تونۇشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگەنىدى . ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدىكى ئەقەللىي ئۆلچەملەردىن بولغان تەتقىقات سوئالى بولۇش ، ئېنىق نۇقتىنەزەر بولۇش ، نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ۋە نەزەرىيە بولۇش ۋە ئاخىرىدا لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا ئۆزىنىڭ خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق نۇقتىلارنى بۇ ياش دوكتورلارنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن تاپقىلى بولمايتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ، نوپۇزى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئەسەد سۇلايماننىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» دېگەن داڭلىق ماقالىسىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدا ئېنىق بىر تەتقىقات سوئالى يوق ، نۇقتىنەزەرلەر ئىزچىللىققا ئىگە خام ماتېرىيال ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەر ئاساسىدا يورۇتۇلمىغان . ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەب نۇقتىلىق ھالدا ئۇلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا باغلاپ قويۇلغان ۋە مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا ئاچقۇچلۇق نۇقتىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغانىدى ياكى مۇھاكىمە قىلىنمىغانىدى . ئەلۋەتتە ، بۇنىڭدا تەتقىقاتچى دۇچ كېلىۋاتقان چەكلىمىلىكلەر ۋە ئوبىيېكتىپ شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكىنى نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ، مەلۇم بىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ . تەتقىقاتتا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى بىرلا نۇقتىغا باغلاپ قويۇش قارارچىلىق (Determinism , 决定论) ياكى يەككە ئامىلچىلىق (Reductionism , 简化论) دەپ ئاتىلىدۇ ۋە قارشى ئېلىنمايدۇ . بايا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلاردىن يەنە ئىقبال تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم ئېڭى» ، ئەنۋەر سەمەد قورغاننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئەدەب ۋە ئەخلاق» ، «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىق ئەسەرلەر مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن يېزىلغىنىغا قارىماي ، بۇ ساھەدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان نەزەرىيىلەردىن قىلچىلىكمۇ پايدىلانمىغان . توغرىراقى ، بۇ ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق بوپقالغان . مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدا لېۋ سىتراۋس (Levi-strauss , 2006-1908) ، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس كلىفورد گېرتىس (Clifford Geertz , 1926 -) ۋە مارشال ساخلىنىس (Marshal Sahlins , 1930 - ) نىڭ نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى تەتبىقلىماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق ئېڭى ، ئۆلۈم ئېڭى ۋە مازار تاۋاپ قىلىش ئېڭى ھەققىدە ئىلمىي بىر مۇھاكىمە يۈرگۈزگىلى بولمايىتتى . گەپ بۇنداق ئېيتىلغاندا ، ئېھتىمال «ئۇلار غەربنىڭ ئىنسانشۇناسلىرى تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنېمە يازمىغان تۇرسا ، ئۇنى ئۆگىنىپ ۋە تەتقىقاتتا تەتبىقلاپ نېمە كەپتۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە ، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن چىقماي تۇرۇپ تونۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ، ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە نەزەرىيىۋى قورالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ غەرب ئىدىيىلىرىگە قارىغۇلارچە باھا بېرىدىغان خاھىش مەۋجۇد . مەيلى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بولسۇن ۋە مەيلى جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بولسۇن ، ئاۋۋال غەربتە راۋاجلانغان ؛ جۇڭگوغا بولسا ئۇ پەنلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى ساقىندى ئېلېمېنتلىرى (ئۆزى ئەمەس) 1980 - يىللاردىن كېيىن سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان . توغرا ، بايا ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرى ھېچقاچان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان ؛ ئەمما ئۇلار ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە ، ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ، تەرەققىي قىلمىغان جەمئىيەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ، بىر يۈرۈش كۈچلۈك نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئاشۇ نەزەرىيە سىستېمىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدە تەسىرىنى يوقاتماي ، بۇ پەننىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى . مەن بۇ ئارقىلىق ھەرگىزمۇ بىرنەچچە غەربلىك ئالىمنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەتبىقلىمسا ئىلم تەتقىقاتى بولمايدۇ ، دېمەكچى ئەمەسمەن . ئەكسىچە بۇ ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان دوكتورلىرىمىزنىڭ ئۆز ساھەسىدە خەلقئارادا نېمە بەھىس - مۇنازىرە ۋە يېڭى گەپلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى زۆرۈر ئىدى ، دېمەكچىمەن . ئەگەر ياش دوكتورلىرىمىزمۇ بۇ ئىشتا تىرىشمىسا ۋە تەتقىقاتنى ، پەقەت بولمىغاندا خەلقئارا تەتقىقات ئۆلچىمى مېتودلىرىنى ئاز - تولا بولسىمۇ ئىشلىتىپ ئېلىپ بارمىسا ، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىمىزنىڭ ئىزچىل دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىشى تۇرغان گەپ .

    - داۋامى بار

    分享到: