ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى (1) - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش

    - بىر مىللەتنىڭ ئىستېمالىدىكى ئۇقۇملار ئەگەر شۇ مىللەتنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ، پەلسەپە ، تارىخ ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەلىرى تەرىپىدىن خاس مەۋقەدە يورۇتۇلمىغان ئىكەن ، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان بولىدۇ . ئىجتىمائىي پېنى بولمىغان مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي جېنى يوق بولغان بولىدۇ.

    - ئابدۇقادىر جالالىددىن : «توقۇنۇشمۇ ياكى تونۇشتۇرۇشمۇ - مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز» دىن [1]

    - بىز بىر مەسىلىنى پەيدا قىلغان ئېڭىمىزنى ئۆزگەرتمەي ، يېڭىلىماي تۇرۇپ ، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايمىز .

                      - مارگارت ۋېتلېي («يېتەكچىلىك ۋە يېڭى پەن»ناملىق ئەسىرىدىن)[2]

    - قاراڭلار ئاۋۇ ئادەمگە ! ئۇھەمىشە ئۆزى جاۋاب تاپالايدىغان سوئاللارنى سوراشقىلا ئامراق .

                          - فرىدىرىخ نىچىشې («سەرخۇش ئىلىم»ناملىق ئەسىرىدىن)[3]

    1 . مۇقەددىمە : تېمىغا كىرىش

    پاكىت تەھلىلى (1)

    مەن كۆرگەن دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى

         2009 - يىلى ماينىڭ ئاخىرى ، ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا ئانا يۇرتۇمدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلاش يىغىنىغا قاتناشتىم . بۇ يىغىن يازلىق كانىكول پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمگە ئىككى ھەپتىچە ۋاقىت بولغاندا ئۆتكۈزۈلدى . دەسلىپىدە دوستلىرىمدىن ۋە دىسسېرتاتسىيە ياقلىماقچى بولغان بىر - ئىككى ئاسپىرانتتىن بۇ ئىلمىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە تەكلىپتىن خەۋەر تاپقىنىمدا ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم . سەۋەبى ، مەن بۇ قېتىمقى دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا ياندىن قاتنىشىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە يۈزلىنىشى ھەققىدە يېڭى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمەن ، دەپ ئويلايىتتىم ؛ يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئانا تىلدا ياقلىغان دىسسېرتاتسىيىلىرى مېنى ھاياجانغا سېلىشى مۇمكىن ئىدى . دېگەندەك ، 20 - 30 چە ئادەم پاتىدىغان چاققانغىنە بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي يىغىن ماڭا نۇرغۇن ھاياجانلىق خىيالنى ئاتا قىلدى . ئەمما مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر قانچە ئىشتىن ھەيران بولماي تۇرالمىدىم . بىرىنچىسى ، دىسسېرتاتسىيە يىغىنى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر نەچچە باھالىغۇچىنىڭ ئاسپىرانتلار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ كىچىككىنە زال ئىچىنى ئىسقا تولدۇرۇۋېتىشى ؛ ئىككىنچىسى ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ؛ ئۈچىنچىسى ، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قانچە خىل سەۋەنلىك .

          دەسلىپىدە يىغىن باشلىنىپ يېرىم سائەت بولار - بولماي بىر باھالىغۇچى تاماكىسىنى چىقاردى . چۆچۈپ كەتتىم . چۈنكى ، نەزەرىمدە دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدەك ئەستايىدىللىق ، ئىلمىي ۋە جىددىي پوزىتسىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر سورۇندا ، شۇنچە جىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايتتى . مەن ھېلىقى باھالىغۇچىنىڭ تاماكا چېكىشىنى ئايرىم ئەھۋال بولسا كېرەك ، دەپ ئويلاپ تۇرغىنىمدا باشقا ئىككى باھالىغۇچىمۇ كېلىشىۋالغاندەك بىرلا ۋاقىتتا تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى . ھايال ئۆتمەي كىچىككىنە زال ئىچى ئاچچىق ئىسقا تولدى . ئارىلىقتا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ، ياغلىق چېگىۋالغان ئىككى قىزغا كۆزۈم چۈشتى . ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىشىدىن بىزار بولغاندەك ، بۇرنىنى ئېتىپ ئولتۇرۇشقانىدى . ئىككى ماقالە ئوقۇلۇپ بولغاندا بىر باھالىغۇچى ماقالە ئوقۇغانلارنىڭ يازمىسىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى ۋە كېسەل جۈملىلەرنىڭ جىقلىقى ھەققىدە بىر ھازا قاقشىدى ؛ بىر ئاسپىرانتنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان يەنە بىر باھالىغۇچى ئۆزىنىڭ يېقىندىن بېرى كوماندىروپكىغا چىقىش ، يىغىنغا قاتنىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بوپقېلىپ ، بۇ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىگە يېتەرلىك ئەجىر سىڭدۈرەلمىگەنلىكىنى ، ماقالىنى ئىككى كۈن ئىلگىرىلا ئازراق كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئەپۇ سورىدى . ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇپ ، باھالار بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈچ ئاسپىرانت ئالدىمغا كېلىپ ، ماقالىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنىڭ ئىنگلىزچە قىسىمىنى كۆرۈپ بېرىشىمنى ئىلتىماس قىلدى . مەن بۇ تەكلىپنى خۇشھاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ، ماقالىلەرنى ئۆيۈمگە ئەكېتىپ ئىنگلىزچە قىسىمىنى كۆردۈم ۋە شۇ پۇرسەتتە باشقا بەتلىرىنىمۇ ۋاراقلاشقا ئۈلگۈردۈم . مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى ، ئۈچ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئىنگلىزچىگە سۆزمۇ  - سۆز ئۆرۈپ قويۇلغان ؛ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىمۇ خاتالىق جىق ؛ تېما تويۇنمىغان ؛ قۇرۇلمىسى پۇختا ئەمەس ئىدى . بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە ماقالىلەرنىڭ ئىنگلىزچە قىسىمىنى تەھرىرلەپ ئىگىلىرىگە ئاپىرىپ بەردىم . ئەمما ، ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ بولغاچقا ، مەزمۇنى ، قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دېمەي ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم .

          بۇ كۆرۈنۈشتە ئىپادە بولۇۋاتقىنى پەقەت ئايرىم بىر ھادىسە ھەم بىر شەكىل . ئەمما ئۇ نۇرغۇن نۇقتا ھەققىدە مېنى تەگسىز خىياللارغا غەرق قىلدى . ئەلۋەتتە ، ئەمدىلەتىن قانات - قۇيرۇقلىرى يېتىلىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقات ساھەيىمىزگە غەربنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئۆلچىمىنى قويغىلى بولمايىتتى . يىگىرمە - ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئىلمىي تەتقىقاتتا بەزىبىر ئىلگىرىلەشمۇ بارلىققا كەلگەنىدى ؛ بۇنى كۆرمەي بولمايىتتى . ئەمما ، دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى جەريانىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەزى ئىشلار مېنى ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش لايىھەلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى .

          بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىلا بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ . يەنى تېمىدا ئادىمىيەت سۆزى ئىجتىمائىيەت سۆزىگە يانداش يېزىلغان . ئەمما ، ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ دائىرىسى ، تەبىرىنى ئېنىق ئايرىپ چۈشەنگەن ئەمەس . ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات ، تارىخ ، پەلسەپە ، ئېستېتىكا پەنلىرىنى ئىجتىمائىي پەن دەپ چۈشىنىدۇ ؛ ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا تەبىئىي پەن ، ئىجتىمائىي پەن دەپ ئايرىلىدۇ . خاتا چۈشىنىش ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئەدەبىيات ، تارىخ ، پەلسەپە ، ئېستېتىكا ، تىلشۇناسلىق ، ئېتىكا پەنلىرى ئادىمىيەت پەنلىرى (Humanities , 人文科学) دائىرىسىگە كىرىدۇ . ئىجتىمائىي پەن (Social Sciences , 社会科学) جەمئىيەتشۇناسلىق ، سىياسىيشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە پەنلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ چېكى ، دائىرىسى ھەققىدىكى ئۇقۇم مۈجمەللىكىدىن باشقا بىر قانچە خاتا تونۇشمۇ مەۋجۇد . بىرىنچىسى ، ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەن تەبىئىي پەنگە قارىغاندا بەكرەك تەرەققىي قىلغان ؛ ئىككىنچىسى ، ئىجتىمائىي پەندە مەلۇم بىر ھەقىقەت ۋە توغرا ئىدىيە بولۇشى كېرەك ؛ ئۈچىنچىسى ، ئىجتىمائىي پەن گەپ سېتىش دېمەكتۇر . . . بۇنداق تونۇشلارنى ساناپ كەلسەك گەپ تۈگىمەيدۇ .

          مەن بۇ ماقالەمدە يۇقىرىقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ دېيىلسە ، نېمە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ ، نېمىشقا ۋە قانداق ساقلىنىۋاتىدۇ ؟ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ ماھىيىتى نېمە ؟ ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش مۇمكىن ؟» دېگەن ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمەن . بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيىتىم جەريانىدا يىغقان بىر قىسىم خام ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرنى تەھلىل قىلىمەن ۋە ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىنەزەرلىرىمنى ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن يورۇتۇشقا تىرىشىمەن . مەن بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن «ياندىن كۆزىتىش»(Participant Observation , 参与性观察) ، «زىيارەت قىلىش»(Interview , 访问) ، «ئېيتىم ئانالىزى»(Discourse Analysis , 话语分析) قاتارلىق سۈپەت تەتقىقاتى مېتودلىرىدىن پايدىلاندىم . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار بويىچە كەڭ كۆلەملىك راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ، مۇناسىۋەتلىك سان - سىپىرلارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا ، سان - مىقدارلىق تەتقىقات مېتودى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدىم . ماقالەمنىڭ پاكىت كۆرسىتىش قىسىمىدا بىر قانچە نۇقتىنى تەھلىل قىلىمەن . مىسالەن ، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى مۇھەررىرىنىڭ 2008 - يىلى مارتتا «ئىنتىل» تورىغا چىقارغان پۇلغا «ئىلمىي ماقالە» بېسىش ھەققىدىكى ئېلانى ؛ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ؛ ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ۋە ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان ھېسسىي يازما كېسىلى ؛ ئىككى يىل بۇرۇن «ئىزدىنىش» تورىدا بولۇنغان «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى ؛ «بەرقىي» تورىدا 2009 - يىلى بولۇنغان يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنۇس يازمىلىرى ۋە ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئاننىڭ «ھېچنېمىزم خىتابنامىسى» نى چۆرىدەپ بولۇنغان تەنقىدىي مۇنازىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرىنى زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ نەتىجىسىنى نۇقتىنەزەر ئاساسى سۈپىتىدە مۇھاكىمىگە قويىمەن .

        ماقالەمنىڭ نەزەرىيىۋى مۇھاكىمە قىسىمىدا بىلىم ، تونۇش ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى ، گېرمانىيىلىك مەشھۇر جەمىئيەتشۇناس كارل مەنخېيىم (Karl Manheim , 1893-1947) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن ؛بىلىم بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن فرانسىيىلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر مىچىل فۇكاۋ (Michel Foucault , 1986- 1924) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن ؛ ماكرولۇق كونترولنىڭ بىلىش جەريانى ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھلەش ئۈچۈن كارل ماركس (Karl Marx , 1818- 1883) نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن ؛ تونۇشنىڭ بىر قانچە باسقۇچىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ، فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ئاۋگۇست كومت (Auguste Comte , 1798-1857) نىڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىچىلەرنىڭ ئىدىيىلىرىدىن ؛ ئىجتىمائىي پەندە خاتا بىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ قىياس ، نەزەرىيىۋى مودېل يارىتىشقا تىرىشىش زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋسترىيىلىك مەشھۇر ئىجتىمائىيەت پەيلاسوپى كارل پوپپېر (Karl Popper , 1902– 1994) نىڭ ئىدىيىلىرىدىن پايدىلىنىمەن . ماقالەمدە ھەربىر نۇقتىنەزەرنى ئەمەلىي پاكىت ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيە بىلەن چېقىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنۇشۇمدىكى سەۋەب شۇكى ، ھازىر خەلقئارا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېسسىي ھۆكۈملەر ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس ؛ ھەربىر نۇقتىنەزەرگە دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس كۆرسىتىش ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىشىمىز زۆرۈر . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇش ئاساسىدا ئېرىشكەن تەسىراتىمىز كۆپىنچە خاتا بولۇپ چىقىدۇ ؛ بىز يازمىلىرىمىزدا ئۆزىمىز بايقىغاندەك ھېس قىلغان تالاي نۇقتىنەزەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن مۇھاكىمە قىلىپ سىستېمىلاشتۇرۇپ بولغان بولىدۇ . ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنمەي ۋە ماقالىلىرىمىزدە تەتبىقلىماي تۇرۇپ ، يازمىلىرىمىزنى ئىلمىيلىك ، تەتقىقات نۇقتىلىرىدىن قويۇلىدىغان ئۆلچەملىرىگە يەتكۈزەلمەيمىز . مېنىڭ بۇ يازمام بۇ خىل ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇلى بولغىنى ۋە تەتقىقاتىم ئوبيېكتىپ ئىجتىمائىي شارائىتىمىزدىكى خىلمۇ خىل چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى ئۈچۈن ، قاراشلىرىمدا يەڭگىللىك ، مۇھاكىمىلىرىمدە چولتىلىق ، دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىمدا يېتەرسىزلىك كۆرۈلۈشى ئېھتىمال . شۇنداقتىمۇ ، مەن ئېغىر مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقان ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى يېزىقچىلىقىمىزدا خەلقئارالىق ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى دادىل سىناقلارنى قىلىشقا مەجبۇرمەن .

        بۇ ماقالىدە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلار ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە بىر قانچە نۇقتىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن .

         بىرىنچى ، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتى ساھەلىرىدە بىر مۇنچىلىغان ئېغىر مەسىلە ساقلانماقتا . بۇ مەسىلىلەرنى پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ، پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن كونتېكستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن . پەن ئوبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ماغزاپ بىلىم تەتقىقاتى ، ساختا بىلىم ۋە ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم ھادىسىسى ؛ ساختا تەتقىقات ۋە كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسىسى ؛ ئوقۇرمەن كرىزىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن . بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار . پەن سۇبيېكتىغا ، يەنى بىلىم ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان بىلىم ئىگىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ماددىغا ، تاۋارغا چوقۇنۇش ؛ مەدەنىيەت ۋە تونۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش ؛ نەزەرىيىدىن ، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق تەتقىقات يۈزلىنىشىدىن ، تەتقىقات ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىدىن خەۋەرسىز بولۇش ؛ ھەممىنى شارائىتقا دۆڭگەپ ئىمكانىيەت ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك ؛ ئىلىم ئەخلاقى كەم بولۇش سەۋەبلىك دىئالوگلاشماسلىق ، ھەمكارلاشماسلىق ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ؛ ئىلمىي ئۆتكەلگە مەسئۇل مەتبۇئاتلار ۋە ژۇرناللاردا چىرىكلىك ، چاكىنىلىق ئەۋج ئېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن . پەننىڭ كونتېكستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ئېلىپ ئېيىتساق ، ئىدېئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كونترولنىڭ چەكلىمىسى ، مەملىكەت مىقياسىدا كەسكىن ، جىددىي ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي ھاۋانىڭ يېتەرسىز بولۇشى ، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 19 - ئەسىردىن باشلاپ ، جۇڭگو مىقياسىدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن پەيدا بولۇشى بۇ ئىككى ساھەدە بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ دۆۋىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى . ئىككىنچى ، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار مەسىلە ئاخىرى بېرىپ ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەن تەتقىقاتلىرىنىڭ ۋە بۇ ساھەلەرنىڭ نېنىنى يەۋاتقان زىيالىيلارنىڭ تەرەققىياتى ، مەنپەئىتىنى توسالغۇغا ئۇچراتتى . ئۈچىنچى ، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ھەقىقىي مەنىدىكى ، خەلقئارادىكى ئىلمىي ئۆلچەمگە ماس كەلگۈدەك ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى بارلىققا كەلمىدى . ھازىرغىچە بۇ ساھەلەردە يېزىلىۋاتقان يازمىلار ھېسسىيلىقتىن خالىي بولالمىدى . تۆتىنچى ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ، سىتراتېگىيە بەلگىلىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشمىدى . بۇنى 21 - ئەسىردىكى زامانىۋى دۇنيادا بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال دېمەي ئامال يوق .    بەشىنچى ، بۇ ساھەلەردە مۇئەييەن بىر قاتتىق ئۆلچەم ۋە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئالىملار بولمىغاچقا ، ھەركىم خىيالىغا كەلگەننى يېزىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان ، تېمىنى ، ماۋزۇنى ۋاشاڭ - پاخال قىلىۋېتىدىغان ، ئەمما ئىلمىي ئۆلچەمگە يەتكۈدەك بىلىم تېپىلمايدىغان ، خېلى كۆپ قىسىم كىشى ، ھەتتا زىيالىيلار ئارىسىدا ئىلمىي ئەسەر ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان غەلىتە ، بىنورمال ھادىسە بارلىققا كەلدى . ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد تەتقىقاتچىلار قوشۇنى كېيىنكى يىگىرمە - ئوتتۇز يىل ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پىلانلىق ، ستراتېگىيىلىك ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ، ھەمكارلىشىشى ؛ ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سېلىشى زۆرۈر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئىزىمىزدىن ئۈنگەن تىكەنلەر ئەۋلادىمىزنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ، ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقلار ۋە مەسىلىلەر شۇ ساھەدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ گۆرىنى كولايدۇ . ئاخىرى بېرىپ بىر پۈتۈن قوۋم ئارىسىدا نادانلىق باش كۆتۈرۈپ ، ساختا بىلىمدانلار ئۆزىنى ئالىم كۆرسىتىدىغان بىنورمال ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ .

    - داۋامى بار

    分享到: